تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 44-قىسىم_ يولدا ئېھتىيات قىلىڭ

文摘   小说   2024-12-18 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ





ئەپچىدە ئاۋازلىق 88-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736


434241


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

44-قىسىم

   



  


44 -  قىسىم

 يولدا ئېھتىيات قىلىڭ


بىرمۇنچە خىيال ئىچىدىن چىققان مۇنىرە ئۇھ تارتىپ قويۇپ، كىيىمىنى تۈزەشتۈردى.

مۇنچا كىيىمى كىيىۋالغان نادىر قولىدا چاي ئىستاكانىنى تۇتۇپ ئاشخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇراتتى، ئالدىدىكى ئۇزۇن چاچلىرى پېشانىسىنىڭ يېرىمىنى توسۇۋالغان بولۇپ، كۆزلىرى يېرىم ساڭگىلاپ  ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى.

مۇنىرە قاتتىق چۆچۈپ:

- راست دەيمەن،  يولدا ماڭغاندا ئازراق ئاۋاز چىقارسىڭىز قانداق... - دېدى .   

نادىر بېشىنى يانغا بۇراپ،  بىر ئىستاكان سۇ ئېلىپ:

  -  دورا ساندۇقى مېھمانخانىدىكى تېلېۋىزورنىڭ يېنىدىكى ئىشكاپتا، ئىچىدە يود بار. - دېدى. 

مۇنىرە ئىختىيارسىز ھالدا قورسىقىنى سىلاپ قويۇپ، كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى، ھېلىمۇ ياخشى، يېقىندىن بۇيان سەل ئورۇقلاپ قالدى،  ئىلگىرىكى بوغماق گۆشلىرى يوق.

كىچىككىنە سۈركىلىپ كەتكەنگە مەلھەم دورا سۈركەشمۇ ئارتۇقچە، پەقەت يود بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلسىلا كۇپايە. يارا ئېغىزىنى يود بىلەن تازىلىغاندا ئازراق ئاغرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسپىرت ئىشلەتكەندەك ئېچىشمىدى، پۇتىنى ئالماپ يەردە ئولتۇرغان مۇنىرە كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۆزى ئىشلەتكەن پاختىنى ئىككى يېرىم مېتىر يىراقلىقتىكى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىماقچى بولدى.

بىر، ئىككى، ئۈچ!

پاختا پىلتىگۈچ تۈپتۈز ئۇچۇپ ئەخلەت ساندۇقىنىڭ گىرۋىكىگە تېگىپ يەرگە چۈشتى.

تازىمۇبىر، يەر مەركىزىنىڭ تارتىش كۈچىدىن بولدى - دە بولمىسا ئىچىگىلا چۈشەتتى.

مۇنىرە ئاغزىدا بىرمۇنچە گەپلىرىنى قىلىپ، يەردىكى نەرسىلەرنى تېرىپ ئېلىپ، دورا ساندۇققا سېلىپ، جايىغا قويۇپ، كەينىگە بۇرۇلغاندا پاختا پەلكۈچ يەنىلا ئەخلەت ساندۇقىنىڭ يانىدا تۇراتتى، نادىر ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ ئۈستەلنى ئايلىنىپ، ساپادا ئولتۇردى.

مۇنىرە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى، نادىر  پۇتىنى ئالماي ئولتۇرۇپ، تەنتەربىيە ژۇرنىلىنى ۋاراقلىغاچ:

-  ھازىر تۇرۇۋاتقان جايىڭىزدا ماشىنا توختاتقىلى بولامدۇ؟ - دەپ سورىدى.

مۇنىرە خىجىل بولغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ:

  -  راستىنى ئېيتسام، مەن سىزنىڭ يېڭى ئۆيىڭىز بار ئولتۇراق رايونىدىن ئۆي ئىجارىگە ئالدىم. - دېدى. 

- يېڭى ئۆيدە تۇرمىغانسىز؟ - دېدى نادىر. 

  -  تۇرمىدىم!  - دېدى مۇنىرە ئۇنىڭ گۇمانىغا خاپا بولۇپ،   -  سىزنىڭ يېتەكچىلىكىڭىزدە، مەنمۇ ئاستا-ئاستا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم!  - دېدى.

- ياخشى بوپتۇ.  -   نادىر بېشىنى لىڭشىتىپ،  -   ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىڭ، ئەتە ئەتىگەن سائەت 7 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئالغىلى كېلىڭ، - دېدى.

- ھە، بولىدۇ. - دېدى مۇنىرە، ئۆي ئىگىسى كەلگىندىنى قوغلاپ چىقىرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى، مۇنىرە پەم بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ، كارىدورغا كەلگەندە يەنە چاقىرىلدى.

سافادىكى نادىر بېشىنى كۆتۈرۈپ، قاش-كۆزلىرى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرىپ:

- مۇنىرە، يولدا ئېھتىيات قىلىڭ، - دېدى. 

مۇنىرەنىڭ كىچىككىنە يۈرىكى دۈپۈلدەپ، تەسۋىرلىگۈسىز چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كەتكەندەك بولدى.

تۇيۇقسىز كەلگەن كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئەقلى ھەيران قالدى.

نادىر ئارقىدىنلا كۈلۈپ قويدى، ئۇنىڭ چىرايىدىن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان مۇلايىملىق چاقناپ:

   -  سوقۇپ قويسىڭىز تۆلەيسىز.  - دېدى.

  مۇنىرە تامغا يۆلىنىپلا قالدى.

تېخى ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ تەسىرلىنىپ كىتىپتۇ. ماشىنىسىغا كۆڭۈل بۆلۈپتىكەندە .

قايتىپ بارغاندا، سائەت سەككىز يېرىمدىن ئاشقان بولۇپ، مۇنىرە ئىشىكتىن كىرىشىگىلا ئالىيە ئۇنىڭ   قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى-دە، ئىككىلىسى تەڭلا يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى.

  -  ئا... كەچۈرۈڭ، قەستەن قىلمىدىم،  كېلەر قېتىم بۇنداق بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن!  - دېدى ئالىيە.

كەچۈرۈم سورىشى سەمىمىي بولمىدى، مۇنىرە سافادىكى ھېلىقى كۆلەڭگىنى ئويلاپ، ئالىيەنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىنى قوبۇل قىلىپ، يەنىلا بۇ سۆيۈملۈك ياتاقدىشى بىلەن ئۈچ ماددىلىق كېلىشىم تۈزۈشنى قارار قىلدى.

  -  يولداش ئالىيە، مېنىڭ دەيدىغان گېپىم بار.  - دېدى مۇنىرە.

ئالىيە دەرھال ئۇنى قويۇۋېتىپ، قەددىنى تىك تۇتۇپ:

   -  قېنى سۆزلەڭ.  - دېدى.

  -  ئالدى بىلەن، كېلەر قېتىم ئوغۇل دوستىڭىزنى ئېلىپ كەلسىڭىز، ماڭا خەۋەر قىلىڭ، بولۇپمۇ كەچتە.  - دېدى مۇنىرە.

  -  بولىدۇ. - دېدى ئالىيە. 

  -  ئىككىنچىدىن، مېھمانخانا، ئاشخانا   ئورتاق ئىشلىتىدىغان بوشلۇقىمىز بولغاچقا،  ئوغۇل دوستىڭىز كەلسە چوقۇم ياتاق ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كىرىپ كېتىڭ. - دېدى مۇنىرە. 

ئالىيە تىلىنى چىقىرىپ:

   -   ئامال بار. - دېدى. 

بايا مۇنىرەنىڭ كۆرۈپ قالغانلىقىنى پەقەتلا كۆڭلىگە ئالمىغاندەك قىلاتتى.

مۇنىرە ئىچىدە ئاھ ئۇرۇپ، قوشۇمىسىنى مۇجۇپ:

-  ئاخىرىدا شۇنچىلىك چارچاپ كەتتىم، كىرىپ ئۇخلايمەن، كۈندە تىرىشىپ ئىشلەيدىغان ھاممىڭىز بەك جاپا تارتىدۇ، ئوينىسىڭىز بولىدۇ، بىراق بوشراق ئاۋاز چىقىرىڭ،  نېرۋام ئاجىزراق! - دېدى  . بۇ قېتىم مۇنىرە گەپ قىلىشلىرىنىڭ نادىرغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى.

ئالىيە ئەپچىللىك بىلەن قولىنى پۇلاڭلىتىپ:

  -  چاتاق يوق، تېز بېرىپ ئۇخلاڭ، قارىماققا چارچاپ قالغاندەك قىلىسىز، - دېدى. 

مۇنىرە ئاياغ ئىشكاپىغا قويۇپ قويغان ئاچقۇچنى ئېلىپ، قولىنى پۇلاڭلىتىپ، ئۇنىڭغا بىچارە ھالىتى قالدۇرۇپ كىرىپ كەتتى.

زېرىكىشلىك ، سوغۇق كۆرۈنىدىغان ياتاق . كۈندۈزى  كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى ھېچكىم ئويلىمايدۇ.  يات ئادەم بىلەن بىللە تۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا بەزى ئىشلارنى توغرا چۈشىنىش كېرەك.

ئەگەر ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن يەنە بىر ئادەمنى ئاپىرىپ - ئەكېلىشكە توغرا كەلسە، ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە كېچىكمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئادەتتىكىدىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇش كېرەك.

يەنە كېلىپ قارشى تەرەپ ماسلاشقان ئەھۋال ئاستىدا يېرىم سائەت كېتىدۇ.

بۇ قارارنى يېنىكلىك بىلەن چىقىرىپ قويدىمۇ قانداق.

بىر ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن مۇنىرە قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، ئالدىراپ - تېنەپ يۈز - كۆزىنى يۇيۇپ، ئىشىكتىن ئېتىلىپ چىقتى، ھەتتا ناشتا قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى. بولدى يېمەپتۇ، تاماق يەپ ئولتۇرسا ئىشقا دەخلى يېتىدۇ!

بەختكە قارشى كەينى - كەينىدىن قىزىل چىراغقا دۇچ كەلگەن مۇنىرە ماشىنىنى توختىتىپ لىفىتقىچە بولغان ئاشۇ قىسقىغىنا ئارىلىققا 100 مېتىرغا يۈگۈرگەندىكى سۈرئەت بىلەن ئاتلىنىپ، سائەت 7 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە نادىرنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى دەل ۋاقتىدا چەكتى.

ئۇ بىر تەرەپتىن چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، بىر تەرەپتىن كۈلۈپ تۇرۇپ:

   -  نادىر  ئەپەندى، ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن! - دېدى. 

 يەنىلا ئادەتتىكىدەك كىيىم كىيىۋالغان نادىر يانچە تۇرۇپ، ئۇنى ئۆيىگە كىرگۈزدى، ئەمما قىلچە يۈز-خاتىرە قىلماستىن :

- مەن ناھايىتى ياخشى، لېكىن سىز ياخشى ئەمەستەك كۆرۈنسىز، - دېدى. 

مۇنىرە ئۇزۇن چاچلىرىنى سىلاپ قويۇپ، ئامال بار ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ:

   -  بوپقالىدۇ... يامان ئەمەس، - دېدى. 

ئۆيگە كىرىشىگە ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ پۇرىقى كەلدى، بۇرۇنىنى تارتىپ پۇراپ باقتى، تۈگرە، پۇرچاق سۈتىنىڭ پۇرىقى كېلىۋاتاتتى!

ئەلۋەتتە يىراقتىن كەلگەن پۇراق بولماستىن، تاماق ئۈستىلىگە تىزىقلىق بولۇپ، كۆزى ئۆتكۈر ئادەمنىڭ ھەممىسى كۆرەلەيدۇ.

دۈملەپ پىشۇرۇلغان تۈگرىنىڭ جىلتىسى پارقىراق، سۈزۈك بولغاچقا  قىيمىسىنىڭ راك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدى، تەمى تاتلىق، ئۆزگىچە بولسا كېرەك، بۇنىڭغا  قوشۇپ قويۇق پۇرچاق سۈتى ئىچسە... ۋاھ نېمە دېگەن پەيزى...  

مۇنىرە يۈزىگە بىر نەچچىنى شاپىلاقلاپ، تەمكىن، سالماق بولۇشنى ئەسكەرتتى.

شۇنچە چوڭ ئۆيدە ئۆزى يالغۇز تۇرسىمۇ سەھەر تۇرۇپ ناشتا قىلىدىكەن، نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق ئەر بۇ...  مۇنىرە يۈرەك سۆزىنى ئاغزىدىن چىقىرالماي:

   -  نادىر  ئەپەندى   ئاشپەزلىك ھۈنىرىڭىز قالتىس ئىكەن! - دېدى.

  -  يەپ بولغاندىن كېيىن ماختىسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز. - دېدى نادىر. 

مۇنىرە قېتىپ قېلىپ،  ئىختىيارسىز شۆلگىيى ئېقىپ:

  -  مېنىڭمۇ نېسىۋەم بارمۇ؟ - دەپ سورىدى. 

نادىر ۋاقىتقا بىر قاراپ قويۇپ:

 - ۋاقتىم چىققان ۋاقتىدا كۆپرەك ئەتتىم، ئىككى كۈن ئاپىرىپ - ئەكېلىپلا  ئىچىڭىزدە رەھىمسىز دەپ تىللاپ يۈرۈشىڭىزدىن قۇتۇلىمەن، - دېدى . 

مۇنىرە بىر تەرەپتىن قاقاقلاپ كۈلۈپ، بىر تەرەپتىن چوكىنى ئېلىپ تۈگرىنى ئېلىپ ئاغزىغا سېلىپ:

  -  قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن، -  دېدى. گېپىنىڭ ئاخىرى مەززىلىك تەم سەۋەبلىك توختاپ قالدى،  نادىر مۇنىرەگە  بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:

  -  سىزگە تاماق يەپ،  ئاشخانىنى رەتلەشكە 15 مىنۇت ۋاقىت بېرەي، 35 مىنۇت ئۆتكەندە دەل ۋاقتىدا يولغا چىققايلى، - دېدى . 

مۇنىرە ئاغزىغا تۈگرىنى سېلىپ، بولىدۇ دېگەن مەنىدە قول ئىشارىسى قىلدى.

نېمە دېگەن تەملىك ~

نادىر كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئۆيدىن چىققاندا، مۇنىرە ھەممە نەرسىنى  پاكىز يىغىشتۇرۇپ، تاماق ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، كىچىك ئەينەكنى كۆتۈرۈۋېلىپ، لەۋ سۇرۇقىنى تولۇقلاۋاتاتتى.

بۈگۈنكى رەڭگىرويىغا تولۇق نومۇر بەردى!

راست گەپنى قىلغاندا نادىرمۇ بەزىدە ئۇنىڭغا قايىل بولاتتى،  ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋالدىمۇ گىرىم قىلىشقا رايى بارلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.

پاق...

ئۇنىڭ چىققانلىقىنى كۆرگەن مۇنىرە دەرھال ئەينەكنى يېپىپ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ:

  -  يولغا چىققايلى!  - دېدى.

مۇنىرەنىڭ ماشىنا ھەيدەش تېخنىكىسى ئانچە ياخشى ئەمەس، تورمۇزغا دەسسىگەندە ھەمىشە بەك جىددىيلىشىپ كېتىدۇ، باشقا جەھەتتىن ئومۇمەن يامان ئەمەس، ھېچ بولمىغاندا بىخەتەر ئارىلىقنى ياخشى ساقلايدۇ. نادىرنى ساق - سالامەت شىركىتىگە ئاپىرىپ قويدى، مۇنىرە نادىرنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىپ، يەنە بىر يۆنىلىشتىكى ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىغا قاراپ ماڭدى.

ئىشخانا بىنالىرى نەپىس تۇرمۇش كەچۈرىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئاق ياقىلىقلار ۋە ھەقىقىي سەرخىل قابىل بىلەن تولغان تەقدىردىمۇ، پورسچى ماشىنا ھەيدەيدىغانلا يەنىلا ئاز ئۇچرايدۇ، مۇنىرە ماشىنىدىن چۈشۈپلا كۆپچىلىكنىڭ ئورىۋېلىشىغا ئۇچراپ، سەل تارتىنىپ قالدى.


- ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ...

  قايسى بۇلۇڭدىن چىققانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئاچا يوللۇق خىزمەتدىشى   ئاينۇر دەرھال يۈگۈرۈپ كېلىپ:

 - گۈزىلىم بۇ سىزمۇ؟  - دەپ چىرقىراپ كەتتى.

مۇنىرە كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ  قاتتىق ھاياجانلىنىپ:

   -  شۇنداق، بۇ  مەن ... - دېدى. 

ئاينۇر كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ:

   -  ھىم ... سىزكەنسىز ... - دېدى.

- ھە جېنىم، ئۇنداق قىلماڭ، بۇ راستتىنلا ھېچقانچە ئىش ئەمەس... - دېدى مۇنىرە. 


مۇنىرەنىڭ مېھرىبانلىق يېغىپ تۇرغان كۆزلىرى ئالدىدا، ئاينۇر ئۇنىڭ مۈرىسىگە بىرنى ئۇرۇپ قويۇپ، شۇ ھامان چىرايىنى ئۆزگەرتىپ:

- ھازىرلا ئىقرار قىلىڭ! - دېدى. 

مۇنىرە بوينىنى قىسىپ تۇرۇپ:

   -  ئاخشام پۇتبول مۇسابىقىسىگە  دو تىكىپ 5 مىليون ئۇتتۇم.  - دېدى.


 



 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章