تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 46-قىسىم_ ئېنىق كۆرەلەيدۇ

文摘   小说   2024-12-20 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق 92-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
45
44434241






 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

46-قىسىم

   



 


46-قىسىم  

  چەتتە قاراپ تۇرغۇچىلار ئېنىق كۆرەلەيدۇ...


دوختۇرخانىغا ئالدىراپ يېتىپ كەلگەن مۇنىرە  < كەچۈرۈڭلار> دەپ ۋارقىراپ تۇرۇپ، 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش سۈرئىتى بىلەن دادىسى ئېيتىپ بەرگەن قەۋەتكە قاراپ يۈگۈردى، مۇشۇ پەيتتە نادىرنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇشقا مەجبۇر بولدى.

جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە، سۈكۈتتە تۇرغان دادىسىدىن باشقا يەنە بىر ئەمەتنىڭ سىماسى بار ئىدى.

مۇنىرە كۆزلىرىنى ساڭگىلىتىپ، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا پىسەنت قىلماي دادىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ:

- دادا، قانداق بولدى؟  - دەپ سورىدى.

 دادىسى قىزارغان كۆزلىرى بىلەن بېشىنى چايقاپ:

- ھازىرغىچە ھوشىنى بىلمەيدۇ، مەنمۇ ئەمدىلا كەلدىم، ئەھۋالى تېخى ئېنىق ئەمەس. - دېدى ئاندىن ياندىكى  ئەمەتكە قاراپ،   -  بۇ قېتىم ئەمەتكە رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك، ئەگەر ئۇ ۋاقتىدا بايقىمىغان بولسا، بەلكىم مەن ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن  دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلگەن بولسام قۇتقۇزۇشقا ئۈلگۈرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن ئىدى،  رەھمەت سىزگە. - دېدى. 

ئەمەت بېشىنى چايقاپ:

   -   ھەدەمنىڭ خەتەردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.   - دېدى .

مۇنىرە كۆزىنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە قاراتتى، ئۇنىڭ ئادەتتە قالتىس يامان ئاپىسى ھازىر مۇشۇ ئىشىكنىڭ ئىچىدە ياتىدۇ، ئۇنىڭ ساق - سالامەت چىقالايدىغان-چىقالمايدىغانلىقىنى بىلمىدى.

بۈگۈنكى قورقۇنچقا سېلىشتۇرغاندا، ئىلگىرىكى ئازراق كۆڭۈلسىزلىك بىردىنلا ئەرزىمەس ئىشقا ئايلاندى.

بۈگۈن ئەگەر قۇتقۇزۇش ئوڭۇشلۇق بولمىسا، ئۇ ئەڭ يېقىن ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

- مۇنىرە قورقماڭ، ھەدەمگە ھېچ ئىش بولمايدۇ. - دېدى ئەمەت ئۇنىڭ بىچارە چىرايىغا قاراپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي تەسەللىي بېرىپ، - ھەدەمنىڭ قەيسەرلىكىگە ئىشىنىڭ، - دېدى. 

  -  رەھمەت. - دېدى مۇنىرە. 

مۇنىرە بېلىنى ئېگىپ، پېشانىسىنى تۇتتى.

بۇ خىل ھېچ ئىش قىلالماي، ساقلاپ تۇرۇشتەك كۈچسىزلىك تۇيغۇسى يولدا كېلىۋاتقان ۋاقىتىدىنمۇ بەكرەك  تىت-تىت قىلىۋەتتى.

نادىر ئەپەندىنىڭ دېگىنى توغراكەن، ئۇ راستتىنلا ھېچنېمە قىلالمىدى.

مۇنىرە بۇ يىلنىڭ بېشىدىن تارتىپ يىل ئوتتۇرىغىچە ھەر خىل بېسىمدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئاخىرى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ ئۈستىدىكى قىزىل چىراغقا چۈشۈپ قالغاندەك، ئىچىدىكى قاينامغا بارغانسېرى چۆكۈپ، تۇتقۇدەك بىر تال تايىقىمۇ قالمىغاندەك ھېس قىلدى.

 ئەمدى بۇنداق بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

قانچىلىك ساقلىغىنىنى بىلمىدى، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئاخىرى ئېچىلدى، ئوكسىگېن نەيچىسى تاقالغان  ئاپىسى چىققاندا،  ھوشىغا كەلگەنىدى.

 ئۇ ئەتراپىدىكى ئادەمگە ئاجىز زەئىپ ھالىتىدە قاراپ، مۇنىرەنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچراشقاندا،  يۈزىنى  يانغا بۇرۇۋالدى.

- ئادەتتىكى  كېسەلخانىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەمراھ بولۇپ بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلساڭلار بولىدۇ، لېكىن بىمار  ياخشى ئارام ئېلىشى كېرەك،  شۇڭا ئامال بار بىمارنىڭ كەيپىياتىدا داۋالغۇش بولۇشتىن ساقلىنىڭلار، ئۇ ھازىر بەك ئاجىز. - دېدى دوختۇر  ئادەتتىكىدەك تەلەپپۇزدا، ئەمما مۇنىرەنىڭ قۇلىقىغا ئالايىتەن دېيىلگەندەك ئاڭلاندى. ئۇنىڭ سەۋەبىدىن، ئاپىسىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، سالامەتلىكى ناچارلىشىپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدى.

ئاپىسى ئىتتىرىلىپ مېڭىۋىدى، مۇنىرەمۇ ئۈن-تىنسىز كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.

بۇ راستتىنلا ئۇنىڭ خاتالىقىمۇ؟

كېسەلخانىغا كەلگەندىن كېيىن،  ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ قاراشقا مەجبۇر بولدى، بىر دەمدىن كېيىن دوختۇرنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن بالنىتسىدا يېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرگىلى ماڭدى، پۇلنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،  زالدىكى بىر بوش ئورۇننى تېپىپ ئولتۇرۇپ، ئۇزۇن چاچلىرىنى قامالىدى.

 قانداق قىلىشى كېرەك؟  گەپ ئاڭلاپ ئەمەت بىلەن مۇھەببەتلىشەمدۇ؟

راستتىنلا قىلالامدۇ؟!

مۇنىرە راستتىنلا چۈشەنمىدى، ئۇنىڭ كۆڭلى چۈشمىگەن ئەر بىلەن ئارىلىشىشنى خالىمىغىنىنىڭ نەرى خاتا، نېمىشقا چوقۇم دەرھال بىر ئەرنى تېپىپ مۇھەببەتلىشىدۇ؟

نېمىشقا ئۇنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى ئىزدىگىلى قويمايدۇ، نېمە ئۈچۈن ئالدىراپ-تېنەپ ئادەم تېپىپ ئوي - ئوچاقلىق بولىدۇ، ئەجەبا ئۇ بۇ يىل ياكى كېلەر يىلى  ئوغۇل دوست تاپالمىسا، قېپقالغان نەچچە ئون يىل ھاياتىدا بەختلىك بولالمامدۇ؟

  -   ئا...

مۇنىرە يۈزىنى ئېتىۋېلىپ، ئاۋازىنى پەسەيتىپ كەيپىياتىنى پەسكويغا چۈشۈرمەكچى بولدى.

كېسەلخانىدا  دادىسى بىلەن  ئاپىسىغا يېرىم سائەت ھەمراھ بولغان  ئەمەت چىرايى خېلى ياخشى بولۇپ قالغان بىمارغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

   -  ھەدە، سىز تاغام بىلەن پاراڭلىشىڭ، مەن چىقىپ مۇنىرەنى ئىزدەپ  باقاي، - دېدى. 

مۇنىرەنىڭ ئاپىسى ئاجىز ھالدا بېشىنى لىڭشىتتى،  دادىسى رەھمەت ئېيتىپ:

   -  سىزنى ئاۋارە قىلدىم. - دېدى.

ئەمەت قولىنى پۇلاڭلىتىپ:

 - قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم، - دېدى.

ئەمەت چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئاپىسى تەستە ئېغىز ئېچىپ:

   -  نېمىدېگەن ياخشى بالا ... - دېدى.

 دادىسى ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ بېشىنى چايقاپ:

  -  بولدى، بۇ ئىشنى قويۇپ تۇرۇڭ، مۇنىرە ئەجىرىڭىزنى ھامان بىر كۈنى چۈشىنىدۇ  ... - دېدى.

دوختۇرخانىنىڭ  كارىدورى يىلانسىمان ئەگرى بولۇپ، ئەمەت زالغا خېلى ئۇزۇن قارىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇنىڭ سىماسىنى كۆرۈپ،  كۆڭلى يايراپ كەتتى، دەل مۇشۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ تەسىرلەندۈرمەكچى بولدى، ئەمما دەل مۇشۇ پەيتتە، ئۇنىڭدىن بىر قەدەم بۇرۇن ماڭغان ئەر  تەرىپىدىن قەدىمى توختاپ قالدى.

بۇ ئەرنىڭ بويى ئېگىز، سەل ئورۇق بولۇپ، ئۇچىسىغا  كىيىۋالغان كۆڭلەك، ئىشتان بىلەن تېرىسى تېخىمۇ ئاق كۆرۈنۈپ كەتتى.

ئىلگىرى شىركەتنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۆزىنى توسۇۋالغان ھېلىقى مۇرات ئەمەس.

مۇنىرە ئالدىدىكى ئەتكەن چايغا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، بېشىنى ئاستا كۆتۈردى.

 نادىر بېلىنى ئېگىپ ئەتكەن چاينى قولىغا قويۇپ:

   -  ئىچىڭ، پۇل ئالمايمەن. - دېدى.  

مۇنىرەنىڭ تىزى  ئەتكەن چاينىڭ قىزىقىدا ئىسسىپ قالدى.

نادىر ئەپەندى ھەقىقەتەن غەلىتە ئىكەن، يازدا ئىسسىق ئىچىملىك سېتىۋاپتۇ.

مۇنىرە شۇلارنى ئويلاپ، كۆزلىرىمۇ قىزىرىپ:

 - تېخىچە قايتىپ كەتمىدىڭىز؟ - دەپ سورىدى. 

  -  مېنى ئاپىرىپ قويمامسىز؟  - دېدى نادىر.

مۇنىرە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدى، ئاندىن يەنە كۆزلىرىنى ساڭگىلاتقىنىچە تالاشقۇسى كەلمىدى . كۆكرىكىدىكى  ئېگىز-پەس سوقۇپ تۇرغان يۈرىكى گويا بىردەمدىلا تىنچلىنىپ قالغاندەك، چەكسىز جىمجىتلىققا چۆكۈپ، نەزەر دائىرىسى تۇمان ئىچىدە قالدى، مۇنىرە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئەتكەن چاينى تۇتۇپ تۇرۇپ:

   -  نادىر  ئەپەندى، مېنى بەك نەس باستى،  ئۇۋالچىلىق ھېس قىلسىڭىزمۇ تاكسىغا ئولتۇرۇپ قايتىپ تۇرۇڭ، - دېدى. 

نادىر ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ:

   -  مېنىڭ بۇنداق ئۇۋالچىلىققا قالغۇم يوق. - دېدى. 

 -سىز نېمانچە نازۇك.   -   دېدى مۇنىرە ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ئاققان ياشلىرىنى كۈچىنىڭ بارىچە تۇتۇۋېلىپ،   -  سىرتقا چىقىپ، تاكسىغا ئولتۇرۇشىقىمۇ كۈنەلمەمسىز؟ - دېدى. 

  -   كۆنەلمەيمەن، - دېدى نادىر.

-  ئاپام تېخىچە دوختۇرخانىدا، ھازىرچە بۇ يەردىن ئايرىلالمايمەن، - دېدى مۇنىرە. 

  -  ھازىر سائەت يەتتە بولدى، مەن بايا كەچلىك تاماق يېگىلى باردىم، سىزنى ئۈچ سائەت ساقلىسام بولىدۇ.   - دېدى نادىر.

مۇنىرە ئاخىرى چىداپ تۇرالمىدى، كۆزىدىن تاراملاپ ئاققان ياشلىرىنى سۈرتكەچ:

   -  ماڭا كۆيۈنسىڭىز كۆيۈنمەمسىز، شۇنچە كۆپ باھانە كۆرسەتكۈچە،  مەن يا بىلمىگۈدەك دۆت بولمىسام ، - دېدى. 

يىغلاڭغۇ قىز.

نادىر سەل يۇمشاپ، قولىنى سوزۇپ بېشىغا يېنىك قويۇپ:

  -   ھىم، روھلۇق بولۇڭ.   - دېدى.

مۇنىرە ئۇنىڭ قولىنى چۈشۈرۋېتىپ، يىغلىغان پېتى:

   -  سىز تېخى ھىم...  ئەجەبا مەن راستتىنلا ئەخمەقمۇ...  مېنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىمگە ھۆرمەت قىلىپ قويسىڭىز قانداق.... مېنىڭمۇ غۇرۇرۇم بار... - دېدى. 

  -   شۇنداق، سىزدە بار. - دېدى نادىر.

- سىز نېمىشقا يەنە... ئەجەبا مەن  راستتىنلا ئەخمەقمۇ؟ !   -  دېدى مۇنىرە يىغلاپ تۇرۇپ .

 نادىر ئۇنىڭغا جىممىدە قاراپ تۇرۇپ:

   -  سىز نېمىشقا ئەخمەق دېگەن سۆز بىلەن چىقىشالمايسىز؟ -  دېدى. 

مۇنىرە كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا قاراپ قويدى، يېنىدا ئولتۇرغان نادىرنىڭ چىرايى ناھايىتى ئەستايىدىل بولۇپ، قاش-كۆزلىرى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى، لېكىن بۇ چاغدا ئۇنىڭ قىياپىتى سىنىپتا ئولتۇرۇپ ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئېچىلىشىنى ساقلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدەك سۈرلۈك كۆرۈنەتتى.

نېمىشقىكىن، مۇنىرە تۇيۇقسىز يىغلاشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئەكسىچە قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.

 بەلكىم راستتىنلا كاللىسىدا مەسىلە كۆرۈلۈپ، ئەخمەق دېگەن سۆز بىلەن چىقىشالمىغان بولۇشى مۇمكىن.

مۇنىرە ئەتكەن چاينى تۇتۇپ، كۈلكىسىنى توختىتالماي قالدى.

نادىر دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ:

  -  دوختۇرخانىنىڭ ئۆزىدە بولغاندىكىن، سىزنى روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە كۆرسىتىپ باقاي،  دوختۇر خىراجىتىنى خوجايىنىڭىز بىلەن دېيىشىپ ئاتچوت قىلدۇرۇپ بېرىمەن، - دېدى.

مۇنىرە دەرھال كۈلكىسىنى توختىتىپ قولىنى سوزۇپ بىلىكىدىن تارتىپ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ:

- ھەي، نادىر  ئەپەندى، بولدى، ئولتۇرۇڭ، سىزگە بىر ئىشنى دەي،  ماڭا ياردەملىشىپ تەھلىل قىلىپ بېرىڭ.  - دېدى.

ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولغاچقا، ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ ھەممىسى ھاڭ-تاڭ قېلىپ، ئىچىدە <بۇ قىزنىڭ راستتىنلا كاللىسىنىڭ چاتىقى بار ئوخشايدۇ > دەپ ئويلاپ قالدى.

  -  نادىر  ئەپەندى، سىزنىڭ مەجبۇرىي قىز-يىگىت كۆرۈشۈشىگە چىققان كەچۈرمىشىڭىز بارمۇ؟   -   دەپ سورىدى مۇنىرە.  ئەمما ئۆزى سوراپ، ئۆزى سوئالىنىڭ سەل چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ،   -  مەنمۇ بىلىمەن، سىزنىڭ شارائىتىڭىزدا قىزلار كەم ئەمەس، بىراق مېنىڭچە سىزنىڭ ھېچقانداق ئويىڭىز يوقتەك قىلىدۇ...  شۇڭا ئۆيىڭىزدىكىلەر سىزنى ئالدىرتامدۇ؟  - دەپ سورىدى.

نادىر بۇ سوئالدىن ئۆزىنى قاچۇرماي، تەمكىنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ:

  -  ئالدىرتىدۇ، - دېدى. 

 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章