كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم 第10部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
56-قىسىم
56-قىسىم
ئاكام بالامنىڭ دادىسىمۇ
ئىلزات كۈندۈزى شىركەتتە ئادەتتىن تاشقىرى روھلىنىپ، شىركەتتىكى خىزمەتداشلىرىنى توردىكى ئىككى ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ راست-يالغانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتقان كىشىلەرنى بارغانسېرى كەمسىتىدىغان قىلىپ قويدى.
ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، توردىكى كىشىلەر سەكرەپ-تاقلاپ يۈرگەن ھەييارلاردىن پەرقلەنمەيتتى.
ئىلزاتنىڭ بۈگۈن كەيپىياتى ياخشى بولغاچقا، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلىپ، ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتقىچە، تۈنۈگۈن يىغىلىپ قالغان ئىشلارنى، شۇنداقلا بۈگۈن ۋە ئەتىدىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدى.
ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بىردەم ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن، بىر نەرسىنى ئېسىگە ئېلىپ تېلېفوننى ئېلىپ، تېلېفون ئۇردى.
تېلېفون ناھايىتى تېزلا ئۇلاندى، ئۇ ئورۇندۇقتا تۈز ئولتۇرۇپ، قەلەمنى قولىغا ئالدى.
- مەن سىزگە تەكشۈرۈپ بېرىڭ دېگەن ئىش قانداق بولدى؟ - دەپ سورىدى ئىلزات.
ئىشخانا ئىچى ناھايىتى جىمجىت، تېلېفوندىكى ئاۋازنى ئېنىق ئاڭلىغىلى بولاتتى.
- تېخى 24 سائەتمۇ بولمىدى، تەكشۈرمەكچى بولغان ئىش نەچچە يىل بۇرۇنقى ئىش، بۇنداق تېز نەتىجىسى چىقمايدۇ، - دېدى قارشى تەرەپ.
ئىلزات لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ، قەلەمنى ئۈستەلگە تاشلىدى ۋە يەنە ئورۇندۇققا يۆلىنىپ:
- سۈرئىتىڭىزنى تېزلىتىڭ، - دېدى.
- ئەمەلىيەتتە خوجايىن، مېنى بۇ ئىشلارنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇغاندىن كۆرە، بىۋاسىتە ئاتا-بالىلىقنى باھالاش پۇرسىتى تاپسىڭىز ئاسان بولاتتى، نەتىجىدە خاتالىق چىقمايدۇ. - دېدى قارشى تەرەپ.
- سىز نېمىنى بىلسىڭىز ، تەكشۈرۈڭ دېگەندىكىن تەكشۈرۈڭ، باشقا ئىشلارغا ئاز ئارىلىشىڭ. - دېدى ئىلزات.
تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ئىلزاتنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى.
ئاتا ـ بالىلىقنى باھالاش قىلامدۇ؟
ئەگەر پەرىدە بۇ ئىشنى بىلىپ قالسا، ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇپ ھەممە ئىشنى قالايمىقان قىلىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، شىرئەلى شۇنداق چىرايلىق ۋەدىلەرنى بەردى، ئەگەر ھازىرلا پەرغانەنى ئېلىپ بېرىپ ئاتا-بالىلىقنى باھالاتسا، ۋاقتى كەلگەندە ئىلزاتنىڭ بالىسى بولمىسا قانداق قىلىدۇ؟
ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىنىڭ، پەرىدەنىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولىدىغانلىقىنى پۈتۈنلەي تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئۆزىنىڭ بۇرۇن پەرىدە بىلەن زادى قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى پەقەت ئويلاپ يېتەلمىدى، پەرغانەنىڭ كەچۈرمىشىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ.
ئەگەر راستتىنلا مۇناسىۋىتى بار دېيىشكە توغرا كەلسە، بىردىنبىر قېتىم يەنى شۇ يىلى W شەھەردىكى ئاشۇ ئىشتىن كېيىن بويىدا قالغان بولۇشى مۇمكىن، ۋاقىتمۇ پەرغانەنىڭ يېشىغا توغرا كېلىدۇ. لېكىن ھېلىقى ئايالنىڭ پەرىدە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈلمەيدۇ.
قانداقسىگە ئۇنداق ئۇدۇل كېلىپ پەرىدە بولۇپ قالىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى چاغدا ھېلىقى ئايالنىڭ يېشى پەرىدەدىن كىچىكتەك قىلغان.
پەرىدە بىلەن شىرئەلى ئىلگىرى شۇنچە ئۇزۇن ئارىلاشقان تۇرسا... ھېلىقى قىزنىڭ پەرىدە بولۇشى توغرا ئەمەسقۇ...
سەل تىت-تىت بولغان ھالدا بېشىنى تۇتتى، بىر كۈنلۈك ياخشى كەيپىيات مۇشۇ يەردە بۇزۇلدى.
ئۇ ئورۇندۇقتا خېلى ئۇزۇنغىچە ئىرغاڭلاپ يېتىپ، ئاخىر ئورنىدىن تۇرۇپ، قاپاقلىرىنى تۈرۈپ، ئىشخانىدىن چىقتى.
ماشىنىنى ھەيدەپ پەرىدەنىڭ شىركىتىگە باردى، دەل ئۇنىڭ ئىشتىن چۈشىشىگە ئۈلگۈرۈپ كەلگەنىدى.
پەرىدە يۈگۈرۈپ دېگۈدەك پەسكە چۈشتى، ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن يېنىك ھاسىراپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن:
- نېمانچە تېز، مەن تېخى سىزنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن كېلىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، بايا قەھۋە دەملەپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىمەكچى بولۇپ تۇراتتىم، - دېدى.
- نېمىگە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيسىز، كېچىكىپ كېلىش، بالدۇر قايتىش خوجايىننىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى ، - دېدى ئىلزات.
پەرىدە كۈلۈپ قويۇپ:
- خوجايىن خىزمەتچىلەرگە ئۈلگە بولۇشى كېرەك، - دېدى.
- ئۇلار زادى قانچىلىك ئەخمەق، ۋاقتىدا ئىشقا بېرىپ-كېلىشتە بىرى ئۈلگە بولۇشى كېرەكمۇ؟ - دېدى ئىلزات.
پەرىدە بۇ قېتىم گەپ قىلمىدى.
- ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ ئۈلگە، كېچىكىپ بېرىپ بالدۇر قايتىمەن، قابىلىيىتى بولسا تىرىشىپ خوجايىن بولسۇن، - دېدى ئىلزات.
پەرىدە بۇ قېتىم ئۈزۈل-كېسىل گەپ قىلىشنى ئويلىمىدى.
بۇ گەپنى رەت قىلىشقا ئامالسىز.
ئىككىيلەن ئاۋۋال ياتاق بىناسىغا قايتىپ پەرغانەنى ئېلىپ، ئۇدۇل ئىليارنىڭ داچىسىغا باردى.
- ئاكام بىلەن يەڭگەمگە ئالدىن دەپ قويمامسىز؟ - دېدى پەرىدە.
- دەپ قويغاندىن كېيىن يەنە بارالامدۇق؟ - دېدى ئىلزات.
- ئېھتىمال بولمايدۇ. - دېدى پەرىدە.
ئىلزات كۈلۈپ تۇرۇپ:
- خاتىرجەم بولۇڭ، ئۇ يەردە تاماق يېتەرلىك، بىزنىڭ يېيىشىمىزگە يېتىدۇ. - دېدى.
پەرىدە بۇنىڭدىن ئەنسىرىدىمۇ؟
بارغان ئىكەن، ساھىبخان ئۇلارنى تاماقسىز قويمايدۇ.
لېكىن بۇنداق تۇيۇقسىز ئۇ يەرگە بېرىپ نېمە ئىش قىلىدۇ ؟
باشقىلارنىڭ ئىككى كىشىلىك تۇرمۇشىغا دەخلى قىلمامدۇ؟ ئاكىسىنىڭ مىجەزىدە ئىلزاتنى كۆرسە، چىرايىنىڭ قانداق ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن ئوبدان بىلىدۇ.
لېكىن پەرىدەگە نىسبەتەن، خېلى ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئىلزات بەرىبىر دەپ قارىغاندىكىن، ئەمىسە شۇنداق بولسۇن.
دىلارەنىڭ ئاغزى بىر كۈن كەچكىچە بىكار قالمىدى.
ئىليار ئۇنىڭ تاماقنى ئاز يېيىشىدىن ئەنسىرەپ، ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ كۆپرەك نەرسە يىگۈزۈشنىلا ئويلايتتى.
ئاتىكەم بۇ يەرگە چاقىرتىلىپ، ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشقا تەكلىپ قىلىندى.
سىرتتىن بىر نەچچە تال گۈل ئۈزۈپ قايتىپ كېلىپ، ئىليارنىڭ قاچىنى كۆتۈرۈپ دىلارەگە شورپا بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز كۆزلىرىنى ئالايتىپ:
- ئىليار باش مۇدىر، ھەر كۈنى تاماق يېگۈزۈشتىن باشقا ئىشىڭىز يوقمۇ؟ خانىمىڭىز قوشكېزەككە ھامىلىدار، بەدەن ئېغىرلىقىنى چوقۇم كونترول قىلىشى كېرەك، بولمىسا تېخىمۇ جاپا تارتىپ قالىدۇ، ئوزۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشىمۇ ياخشى ئىش ئەمەس ، - دېدى.
ئىليار قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
- ئۇ بۈگۈن ياخشى بىرەر ۋاق تاماق يېمىدى.- دېدى.
ئاتىكەم چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ:
- خوتۇنىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ، ھازىر كەچلىك تاماق يېگۈدەك ئەلپازى بارمىكەن؟ - دېدى.
ئىليار دىلارەگە قارىدى، دىلارە سەل پەرىشان ھالدا:
- ئىچكۈم يوق، قورسىقىم بەك تويۇپ كەتتى، - دېدى.
ئىليار قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
- راستمۇ؟ - دېدى .
- ھە، بىردەمدىن كېيىن كەچلىك تاماقنى يېيەلمەيدىغان بولدۇم ، - دېدى دىلارە.
ئىليار شۇندىلا شورپا قاچىسىنى قويۇپ قويدى.
- بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ، كەچرەك تاماق يەيلى. - دېدى ئىليار.
دىلارە بېشىنى لىڭشىتىپ:
- قورسىقىم بەك ئاسان ئاچىدۇ، سەل تۇرۇپ چوقۇم كۆپ يەيمەن، - دېدى.
ئىليار كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ھە، نېمە يېگىڭىز بولسا شۇنى يەڭ، - دېدى.
ئاتىكەم چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ياندىكى ئىشكاپنىڭ يېنىغا بېرىپ، تەشتەكتىكى گۈللەرنى ئېلىپ، يېڭىسىغا ئالماشتۇردى.
دىلارە چىرايلىق ئېچىلغان گۈلگە قاراپ، كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى.
بۇ بىر نەچچە كۈندىن ياقى بەدىنى ئېغىرلىشىپ، كۆپ يول ماڭالماي قالدى.
سىرتقا ناھايىتى ئاز چىقتى، ھازىر گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى ھەممە يەرنى قاپلايدىغان ياخشى مەزگىل، ئەمما كۆرەلمەي قالدى.
كۆز ئالدىدىكى ئوچۇق رەڭلەرنى، سۇس گۈل ھىدىنى پۇراپ، كەيپىياتى خېلى ياخشى بولۇپ قالدى.
بۇ دىلارەنى ناھايىتى خۇشال قىلغان ئىش بولغاچقا، ئىليار ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەردى.
بۇ چاغدا ھويلىدىن ماشىنا موتورىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
ئىليار قوشۇمىسىنى تۈرۈپلا، ئىشىك سىرتىدىن گۆدەك، سەبىيلەرچە چىققان ئاۋازنى ئاڭلىدى.
- ئاكا، يەڭگەم، مەن كەلدىم، ئۇكىلىرىمنى كۆرگىلى كەلدىم...
پەرغانەنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان دىلارەنىڭ كۆزلىرى شۇئان ئاشۇ گۈل شېخىدىن ئىشىك ئالدىغا يۆتكەلدى.
پەرغانەنىڭ كىچىك بەدىنى مېھمانخانىدا پەيدا بولغاندا، دىلارەنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋىلەندى.
- پەرغانە كەپتۇ...
گەرچە ئىككى كۈن بۇرۇن كۆرۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن پەرغانەنى كۆرۈپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي خۇشال بولدى.
ئىليارنىڭ كۆڭلى باشقىچە بولۇپ قالدى.
يېقىندىن بۇيان نازۇك ئايالىنىڭ بۇنداق خۇشال بولغان ۋاقتىنى بەك ئاز كۆرىدىغان بولۇپ قالدى.
ئەجەبا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن جەلپ قىلىش كۈچى قالمىدىمۇ؟
پەرغانە خۇشال ھالدا دىلارەنىڭ بىلىكىنى قۇچاقلاپ، يوغان كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭ تومپىيىپ چىققان قورسىقىغا تىكىلدى.
- يەنە چوڭلاپتۇ ھە؟ - دېدى.
ئىلزات بىلەن پەرىدەمۇ كىرىپ كەلدى.
ئىليار قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
- يەنە كېلىپ قاپسىلەرغۇ؟ - دېدى .
ئىلزات چىرايىنى ئۆزگەرتمەي:
- پەرغانە يەڭگەم بىلەن ئوينايمەن دەپ تۇرۇۋالدى، - دېدى.
پەرىدە بېشىنى يانغا بۇراپ، ئۇنىڭغا ئەجەبلىنىپ قاراپ قويدى.
يالغان گەپنى قىلغاندا ئازراقمۇ كېكەچلىمەيدىغان، چىرايىنىمۇ ئۆزگەرتمەيدىغان، ھەتتا يۈرىكى پوك-پوك بولمايدىغان يۈزسىز بوپكەتكىنىگە ھەيران قالدى.
يەنە پەرغانەنى باھانە قىلغىنى قارا.
ئىلزات قېشىنى ئېتىپ ئۇنىڭغا قارىدى، پەرىدە لېۋىنى پۈرۈشتۈرۈپ گەپ قىلمىدى.
دىلارە كۈلۈپ تۇرۇپ پەرىدە بىلەن كۆرۈشتى.
ئاياللار پاراڭلاشسا، ئەرلەرنىڭ ئىشى بولمايدۇ.
ئىليار ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۈستۈنكى قەۋەتكە قاراپ ماڭدى.
بۇنى كۆرگەن ئىلزات ئالدىراپ-تېنەپ پەرغانەنى كۆتۈرۈپ، ئىليارگە ئەگىشىپ مېڭىپ:
- ئاكا، ساقلاپ تۇر، ساڭا دەيدىغان گېپىم بار ، - دېدى.
ئىليار ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي، توختىماي ماڭدى.
ئىلزات يەنىلا ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.
- چوڭ ئاكا، چوڭ ئاكا ، - دېدى پەرغانە.
ئىليار بىلەن ئۇزۇن مەزگىل بىللە تۇرغانلىقتىن، گەرچە ئۇنىڭدىن سەل ئەيمەنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆزىگە ھېچ ئىش قىلمايدىغانلىقىنى جەزم قىلىپ، يۈرەكلىك ھالدا چاقىرىدى.
ئىليارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ ۋارقىرىدى.
ئىليارنىڭ پەرۋاسىز چىرايى بىر نەچچە قېتىم تارتىشىپ ، چىڭىدى.
قونچاقتەك ئوماق قىز ھەر كۈنى < چوڭ ئاكا> دەپ توۋلىسا ھەقىقەتەن غەلىتە تۇيۇلدى.
بۇلار ھەممىسسىنىڭ كاللىسىغا ئېشەكتىن تېپىۋەتتىمۇ؟
ئۆزىنىمۇ بىلىشمىگەن.
چوڭ ئاكا - چوڭ ئاكا دەپ چاقىرغان ئاۋازىدىن بېشى ئاغرىدى.
لېكىن، كەينىدىكى ئىككى ئادەم ھېچنېمىنى بىلمەي، ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇدۇل كۇتۇپخانىغا قاراپ ماڭدى.
- ئاكا، ئاكا
- چوڭ ئاكا، چوڭ ئاكا
ئىليار ئۈستەلنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قولى بىلەن ياغاچ ئۈستەلنىڭ گىرۋىكىنى تىرەپ، يەنە بىر قولى بىلەن قېشىنى چىمداپ:
- ئىشىڭ بارمۇ ؟ - دېدى.
ئىلزات پەرغانەنى كۆتۈرۈپ ئېڭىشىپ، بىۋاسىتە ئۈستەلگە قويدى.
ـ ئاكا، راست گەپ قىلە، سەن ئىلگىرى راستتىنلا بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ باقمىغانمۇ؟ - دېدى ئىلزات.
ئىليار ئۇنىڭغا قاراپ:
- نېمە خاتا ئىش؟ - دېدى.
- ئايال كىشىگە يېقىنلىشىپ باققانمۇ، - دېدى ئىلزات ئۈنلۈك ئاۋازدا، - راست گەپ قىلە، سەن بۇرۇن رومانتىك ئىشلارنى بېشىڭدىن ئۆتكۈزگەنمۇ، ماڭا دەپ بەرسەڭ بولىدۇ، خاتىرجەم بول، ھەرگىز يەڭگەمگە دەپ قويمايمەن، - دېدى.
ئىليار ئۇنىڭغا سوغۇققىنە قاراپ، قىمىرلاشقا باشلىغان مۇشتىنى چىڭ تۈگۈپ:
- نېمىشقا تۇيۇقسىز بۇنداق سورايسەن؟ - دېدى.
ئىلزات پەرغانەنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئازراق يۆتكەپ قويدى، ئاندىن ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان پەرغانەنى كۆرسىتىپ، يوغان كۆزلىرىنى ئېچىپ:
- پەرغانەگە قارا، تەپسىلىي قارا، ئاكامغا ئاچچىقلاپ قاراپ قويۇڭە، - دېدى .
پەرغانە ھېچنېمىنى ئېنىق بىلمىگەچكە، يەنىلا گەپ ئاڭلاپ چىراي ئىپادىسىنى كۆرسەتتى، خۇددى تۈنۈگۈن كەچتىكىگە ئوخشاش ئوماق ھومايدى.
- توغرا، توغرا، مۇشۇنداق... - دېدى ئىلزات.
ئاندىن ئىليارغا قاراپ، شۆلگىيىنى يۇتتى، ئۇنىڭ چىرايىدىن ئۈمىد ۋە جىددىيلىك چىقىپ :
- ئاكا، قارىغىنە، پەرغانەگە قارا، بۇ قاش-كۆزلىرى، بۇ تۇرقى ساڭا ئازراق ئوخشامدىكەن، - دېدى.
ئىليار بىر ھازاغىچە پەرغانەگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ئوقيادەك سوغۇق نەزىرى بىلەن يەنە ئىليارغا قاراپ:
- شۇڭا سەن زادى نېمە دېمەكچى ؟ - دېدى.
ئىلزات تېخىمۇ جىددىيلىشىپ قالغاندەك:
- شۇڭا ئەگەر... سەن ئىلگىرى ھەقىقەتەن رومانتىك كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن بولساڭ، ئۇنداقتا پەرغانە سېنىڭ قىزىڭ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ - دېدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar