كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
51 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
52-قىسىم
52-قىسىم تەپسەم تەۋرىمەس
- نادىر دىرېكتور، سىزگە لازىملىق پىلان جەدۋىلى. - دېدى ياردەمچى قولىدىكى ھۆججەتنى ئالدىغا قويۇپ. نادىر سول قول تەرەپتىكى ھۆججەت دۆۋىسىدىن بىر پارچىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇنۇپ:
- بۇنى سەل تۇرۇپ كۆرىمەن، بۇ بىر يۈرۈش يېڭى ماتېرىيال ، ھەر بىر بۆلۈمگە بىر نۇسخىدىن يەتكۈزۈپ بېرىڭ، چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە يىغىن ئېچىلىدۇ. - دېدى.
- بولىدۇ.- دېدى ياردەمچى ماتېرىيالنى ئېلىپ، ماڭىدىغان چاغدا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كەينىگە بۇرۇلۇپ، - چىرايىڭىز ئانچە ياخشى ئەمەسقۇ، چارچاپ قالدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
نادىر گەپنى ئاڭلىغاچ، مەلۇمات جەدۋىلىگە ئىمزا قويدى، ئاندىن قولىنى كۆتۈرۈپ پېشانىسىنى ئۇۋۇلاپ:
- ئاخشام ياخشى ئۇخلىيالمىدىم، ھېچ ئىش يوق. - دېدى.
بىر كېچە ئەخلەت دۆۋىسىدە ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈشتەك قاباھەتلىك چۈش كۆرۈپ، پەقەت ياخشى ئۇخلىيالمىغانىدى.
ھەتتا كۆرگەن چۈشىنى قايتا ئويلاشنىمۇ خالىمىدى.
كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە يەنە قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتتى، كىچىك سۇ ئازگىلى پەيدا بولۇپ، تۈز پاشنىلىق ئاياغنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ھۆل قىلىۋەتتى.
مۇنىرە قىستا-قىستاڭ ئادەملەر توپى ئىچىدە يەر ئاستى قەۋەتنى بېسىپ، ناھايىتى يېنىكلەپ قالدى.
يامغۇر ياغقان كۈنى ماشىنا بولسا بەك قولايلىق بولىدۇ.
لىفىتتىن چىققاندىن كىيىن كىچىك قەدەملەر بىلەن نادىرنىڭ ماشىنىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى، ماشىنىغا چىقاي دېگەندە تېلېفونى سايرىدى. غۇنچەمدىن كەلگەنىدى.
- غۇنچەم، نېمە بولدى؟ - دېدى مۇنىرە تېلېفوننى ئېلىپ.
غۇنچەمنىڭ مەيۈسلەنگەن ئاۋازى تېلېفوننىڭ ئۇ تەرىپىدىن ئاڭلىنىپ:
- مۇنىرە ئاچا، يولغا چىقىپ بولدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- ياق، نېمە بولدى؟ - دېدى مۇنىرە.
- ھەممە يەرنى ئاختۇرۇپ ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى تاپالمىدىم، بۈگۈن يەنە قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتتى، مېنى بىللە ئالغاچ كەتسىڭىز بولامدۇ؟ ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇنداق قاتتىق يامغۇردا كىيىمىمنى ھۆل قىلغۇم يوق. - دېدى غۇنچەم.
مۇنىرە ئىككىلىنىپ قالدى، ئەسلىدە ئېلىۋالسىمۇ مەسىلە يوق ئىدى، بىراق نادىرنى ئالغىلى بارىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە بىر ئادەمنى ئارتۇق ئېلىۋالسا، سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالاتتى.
- مۇنىرە ئاچا، تەڭلىكتە قالغىنىڭىزنى بىلىمەن، بىراق مەن سەل تۇرۇپ نادىر ئەپەندىگە ئۆزۈم چۈشەندۈرۈپ قويىمەن، ئاينۇر ئاچاممۇ كېتىپ قالدى، شىركەتتە باشقىلار بىلەن تونۇشمايمەن، تونۇشمايدىغان ئادەمنىڭ ماشىنىسىغا چىقىشتىن خىجىل بولىمەن ، - دېدى غۇنچەم.
مۇنىرە نائىلاج ماقۇل بولۇپ:
- بولىدۇ، تېز چۈشۈڭ ساقلاپ تۇراي، - دېدى.
كۆڭلىدە نادىر ئەپەندى بۇنداق ئاقكۆڭۈل تۇرسا، كۆڭلىگە ئالماسلىقى مۇمكىن.دەپ ئويلىدى.
ئەسلىدە ھەمىشە ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن خاتىرە دەپتەرنى ئارقا ئورۇندۇققا تاشلاپ قويىدىغان نادىر سەل تۇرۇپ قېلىپ، تىزىغا قويۇشقا ئۆزگەرتتى. ماشىنىغا چىققاندىن باشلاپ گەپمۇ قىلماي، سەككىز بال بوراندىمۇ مىدىرلاپمۇ قويمايدىغان تاشتەك ئولتۇردى.
مۇنىرەنىڭ رول تۇتقان قوللىرى تەرلەپ كەتتى.
بۇنداق تۇرسا غۇنچەم گەپ قىلالامتى!
ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن، نادىر ئۆتكۈر كۆز بىلەن ئەتراپقا بىر قارىۋېتىپ:
- نېمىشقا ماشىنىنى قوزغاتمايسىز؟ - دېدى.
مۇنىرە ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىپ:
- سىز تېخى بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىمىدىڭىز. - دېدى.
نادىر بىخەتەرلىك تاسمىسىنى ئۈن-تىنسىز تارتىپ، تاقىۋالدى.
ھايات قىممەتلىك، خۇش بولمىسىمۇ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاش كېرەك.
سۈكۈت بۇزۇلدى، خېلى ئۇزاق دەككە-دۈككىدە چۈشۈپ قالغان غۇنچەم ئاخىرى ئېغىز ئېچىپ:
- نادىر ئەپەندى، مېنىڭ ئىسمىم غۇنچەم، بۈگۈن يامغۇر يېغىپ كەتكەچكە ماشىنىڭىزغا چىقىۋالدىم، كەچۈرۈڭ. - دېدى.
- ھېچقىسى يوق. - دېدى نادىر.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ غۇنچەمنىڭ ئاغزى تۈرۈلۈپ قالدى.
مۇنىرە يوشۇرۇنچە بېشىنى چايقىدى، مانا بۇ نادىر ئەپەندىنىڭ كىشىنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويىدىغان كارامىتى، نورمال پاراڭلىشىش مۇمكىن ئەمەس، بۇ ئۆمرىدە مۇمكىن ئەمەس.
غۇنچەم بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، قايتىدىن غەيرەتكە كېلىپ:
- نادىر ئەپەندى، سىزمۇ پورسىچنى ياخشى كۆرەمسىز؟ مەنمۇ... - دېدى.
- شىركەت سەپلەپ بەرگەن. - دېدى نادىر.
- ئەمىسە نادىر ئەپەندى، سىز قانداق ماشىنىنى بەكرەك ياخشى كۆرىسىز؟ يېقىندا ماشىنا ئالماشتۇرماقچى بولۇۋاتىمەن، كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقاي دېگەن. - دېدى غۇنچەم.
- ماشىنا تەتقىق قىلىپ باقمىغان، - دېدى نادىر.
- ھە، مۇنداق دەڭ، ھى... - دېدى غۇنچەم.
مۇنىرە ئۇدۇل قاراشقا تاقەت قىلالمىدى.
ئۇ خۇددى ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلىگەندەك بولدى.
- غۇنچەم، ماشىنا ئالماشتۇرامسىز؟ - دېدى مۇنىرە ئۆزىنىڭ تىراگېدىيەسىنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن، يەنىلا مۇۋاپىق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقىشنى توغرا تاپتى.
غۇنچەم ئاخىرى قۇرۇق كۈلكە بىلەن خىجىللىقىنى يوشۇرۇشتىن قۇتۇلدى، شۇڭا ئالدىراپ بېشىنى لىڭشىتىپ:
- مېنىڭچە M 3 نى ھەيدەش ئانچە راھەت ئەمەسكەن، شۇڭا باشقا ماشىنىغا ئالماشتۇرۇپ كۆرۈپ باقاي دەيمەن، ئاساسلىقى ماشىنا راھەت بولسا بولىدۇ. - دېدى.
ئادەتتىكى ئاممىباب ماشىنىسىمۇ يوق مۇنىرە بايلارنىڭ دۇنياسىنىڭ قانداقلىقىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ.. ،ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا M 3 نىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ، ئۇ پەقەت غۇنچەمنىڭ ھازىر ھەيدەۋاتقان ماشىنىسىنىڭمۇ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان يېڭىدىن بازارغا سېلىغان ماشىنا ئىكەنلىكىنى، ماشىنا گەۋدىسىنىڭ ھەيۋەت كۆرىنىدىغانلىقىنىلا بىلىدۇ، ئېسىل ماشىنا ئىكەنلىكىدە مەسىلە يوق.
- بۇ قېتىم ياخشى تاللاپ ئېلىڭ، - دېدى مۇنىرە بېشىنى قاتۇرۇپ ئاخىرى مۇشۇ گەپنى قىلالىدى، ئۇنىڭدەك ماشىنىلارنى چۈشەنمەيدىغان ئادەم ئۈچۈن ياخشى پىكىر بېرىش ھەقىقەتەن تەس.
غۇنچەم بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ياسىتىۋالغان تىرنىقىنى ئوينىتىپ، بېشىنى لىڭشىتىپ:
- ھىم. - دېدى.
كەيپىيات يەنە بىر قېتىم جىمىپ قالدى، پەقەت ئۈچ ئادەمنىڭ چوڭقۇر-تېيىزلىقى ئوخشاش بولمىغان نەپەس ئاۋازىلا ئاڭلىنىپ، سەل ئوڭايسىز ھالەت شەكىللەندى.
نادىر تۇيۇقسىز:
- ئاۋۋال خىزمەتدىشىڭىزنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇڭ، - دېدى.
- ئۇنىڭ ئۆيى سىزنىڭكىدىن يىراق. - دېدى مۇنىرە.
غۇنچەم ئالدىراپ-تېنەپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ:
- بولدى، نادىر ئەپەندىنىڭ ياخشى كۆڭلىگە رەھمەت، ماشىنىڭىزغا چىقىۋالغىنىمدىن خىجىل بولۇۋاتىمەن، يەنە مېنى ئالدىدا ئاپىرىپ قويسا ئوڭايسىزلىنىپ قالىمەن، - دېدى.
- ھېچقىسى يوق، مۇنىرە، مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلىڭ . - دېدى نادىر ئېغىر-بېسىق ئاۋازدا، بارماقلىرى بىلەن بۇرۇنىنىڭ ئۇچىنى يېنىك سىيپاپ، قوشۇمىسىنى چىمدىپ قويدى.
غۇنچەم ئالدىغا ئېڭىشىپ، سەل تارتىنىپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
- رەھمەت، نادىر ئەپەندىنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. - دېدى.
ئۇ يەنە بىر نېمىلەرنى دېمەكچى بولۇپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كەلگەندە، ئالدىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان نادىرنىڭ كۆزى يۇمۇلۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، نائىلاج ۋاز كەچتى.
مۇنىرە نادىرغا ئوغرىلىقچە قاراپ قويدى، بۈگۈن ھېرىپ قالغان ئوخشىمامدۇ...
ئۇ پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ، ئادەتتىن تاشقىرى ئېھتىيات بىلەن ماشىنا ھەيدەش ماھارىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، يول بويى پۇختا قەدەم بىلەن، تورمۇزنى ناھايىتى سىلىق دەسسىدى.
نادىر كۆزىنى يۇمۇپ، تاكى غۇنچەم ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتكۈچە ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدى.
غۇنچەم خوشلىشىپ كېتىپ قالدى، مۇنىرە ھەشەمەتلىك داچا رايونىغا قاراپ قويۇپ، رولنى كەينىگە بۇرۇلغاندا، قايتىش يولىدا تېزراق ھەيدەپ ئۆيگە بالدۇرراق ئاپىرىپ قويسا ئارام ئالغىنى ياخشىمۇ، ياكى ئاستىراق ھەيدىسە، ماشىنىدا مۈگىدىۋالغىنى ياخشىمۇ دەپ ئويلاپ تۇرۇشىغا نادىر كۆزىنى ئېچىپ:
- تاللا بازىرىغا بېرىپ كېلەيلى، - دېدى.
مۇنىرە دەرھال يانغا بۇرۇلۇپ:
- ھە، ئۇخلاۋاتقانتىڭىزغۇ؟ - دېدى.
- سىزنىڭچە مەن بايا ئۇخلاپ قاپتىمەندە ؟ - دېدى نادىر.
بۇ گەپتىن مۇنىرەنىڭ توخۇ ئەتلىرى ئۆرلەپ كەتتى.
بۇ ئەپەندىنىڭ چىشىغا دەرۋەقە تەگكىلى بولمايدىكەن!
- ياق، ياقەي... - دېدى مۇنىرە.
- نېمىشقا ئۇنى ماشىنىغا چىقىرىسىز؟ - دېدى نادىر.
غۇنچەم شۇنچە چىرايلىق تۇرسىمۇ ئۆتكۈزۋەتمەمدۇ؟ مۇنىرە بىر تەرەپتىن نادىرنىڭ كۆزى كور، مىجەزى ئوسال، جىنسىي قارىشى نورمال ئەمەس دەپ گۇمان قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ:
- يامغۇر بەك قاتتىق يېغىپ كەتتى، ماشىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى تاپالماي قالدى، ئادەتتە ئىككىمىز يېقىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، ماشىنىغا چىقىۋېلىشنى ئۆتۈنۈپ تۇرۇۋالدى ... - دېدى مۇنىرە.
- ئۆزى ماشىنا چاقىرىپ قايتسا بولمامدۇ؟ - دېدى نادىر.
- يامغۇرلۇق كۈنلەردە ئادەم بەك كۆپ، بەلكىم ماشىنا چاقىرىيالماي قالغان بولۇشى مۇمكىن ، - دېدى مۇنىرە.
- بۇ ئۇنىڭ سىزدىن ماشىنىغا چىقىرۋېلىشىنى ئۆتۈنۈشىنىڭ سەۋەبىمۇ؟ - دەپ سورىدى نادىر.
- كەينىدىكى جۈملىنى ئۆزۈم پەرەز قىلدىم... - دېدى مۇنىرە.
- بوينىڭىزنىڭ ئۈستىدىكىسىنىڭ نېمىلىكىنى راستتىنلا بىلمىدىم. - دېدى نادىر تېخىمۇ خاپا بولۇپ.
- نادىر ئەپەندى، ئۆز بېشىمچىلىق قىلغانلىقىم ئۈچۈن خاپا بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى مۇنىرە.
نادىر ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ :
- ياق، مەن ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئەتىر پۇرىقىدىن بىزار. - دېدى . يەنە ئۇنىڭ ئادەمنى يەيدىغاندەك تىكىلىپ تۇرغان ئوتلۇق كۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى باشقا غەرىزىگە تېخىمۇ ئۆچ.
ھەرنېمە بولسا... قالايمىقان ئادەم ئېلىۋالغانلىقىدىن خاپا بولماپتۇ...
مۇنىرە ئاخىرى ئۇھ دېدى ۋە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
- بىراق، غۇنچەمنىڭ ئەتىرىنىڭ پۇرىقى بەك سۇس، مېنىڭچە ناھايىتى نەپىس پۇرايدىكەن، ئادەمنى ئازراقمۇ بىزار قىلمايدۇ، سۇس پۇراق ۋاقىت ئۇزارغانچە يەنە ئازراق تاتلىق تۇيغۇ بېرىدىكەن... - دېدى.
- مەن ياقتۇرمىدىم، - دېدى نادىر كەسكىنلىك بىلەن، - بۇندىن كېيىن ئۇنى ماشىنامغا چىقارماڭ، مەن بۇ ماشىنىغا نۇرغۇن يۈرەك قېنىمنى سەرپ قىلدىم، يەنە بىر نەچچە يىل ئارتۇق ھەيدىسەم دەيمەن. - دېدى .
- شىركەت سەپلەپ بەرگەن ئەمەسمۇ؟ - دېدى مۇنىرە.
- بۇ گەپكىمۇ ئىشىنەمسىز؟ - دېدى نادىر.
نادىرنىڭ مەنسىتمەسلىك نەزىرى خۇددى كۆرۈنمەس قول بىلەن ئۇنىڭ كانىيىدىن سىققاندەك تۇيۇلدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar