كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
56-قىسىم
56- قىسىم كېلىدىغان ئادەم ھامان كېلىدۇ
پەزىلىيە قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇ بۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئادەمنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ.
- مۇنىرە، مەن سىلەرنى ئاپىرىپ قوياي... - دېدى مۇرات.
ئۈچەيلەن بىللە ماڭسا، ئىككى ئاشىقنىڭ ئارىسىدا قىسىلىپ قالىدىغىنى ئۆزى بولىدۇ.
مۇنىرە قولىنى پۇلاڭلىتىپ، سومكىسىنى ئېلىپلا قاچتى، ئۇنىڭ سىماسى ياخشى ئىش قىلغاندا ئىسمىنى قالدۇرمىغان قەھرىمانغا ئوخشاپ قالدى.
ئاشخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، ساپ ھاۋادىن چوڭقۇر نەپەس ئالدى، يۈرىكى بوشىشىپ، پۈتۈن بەدىنى شۇ ھامان چۈشكۈنلىشىپ كەتتى، بۈگۈن ھەقىقەتەن ھاياجانلىق بىر كۈن بولدى...
تېلېفوندىن قوڭغۇراق ئاۋازى ياڭرىدى.
نادىرنىڭ تېلېفونى!
مۇنىرە ئالدىراپ-تېنەپ تېلېفونىنى چىقىرىپ، يالغاندىن ھالسىزلىنىپ:
- ۋەي ... - دېدى.
- زۇكامىڭىز ياخشى بولۇپ قالدىمۇ؟- دەپ سورىدى نادىر.
- ھىم، يەنە بىردەم ياتسام ئوڭلىشىپ قالىمەن... - دېدى مۇنىرە.
ئۇ سۆزلەۋاتقاندا، بىر يېڭى شوپۇر ماشىنىسىنى قالايمىقان كەينىگە ياندۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، يولدا گۈدۈك ئاۋازى كۆتۈرۈلۈپ، ئەتراپنى بىر ئالدى.
نادىر گەپ قىلماي تۇرۇپ قالدى.
- مەن بايا دوختۇرخانىدىن چىقتىم دېسەم ئىشىنەمسىز؟ - دېدى مۇنىرە.
- سىزنىڭچىچۇ؟ - نادىرنىڭ مەسخىرىلىك ئاۋازى قۇلىقىدىن كىرىپ يۈرىكىگە سانجىلدى.
ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش.
بۇ بىر جۈملە سۆز ناھايىتى تېزلا مۇنىرەنىڭ كاللىسىدىن ئۆتۈپ يۈرىكى قارتلا قىلىپ قالدى، راست گەپنى دەپ ئىقرار قىلىشنى ئويلاپ:
- ھۈ... نادىر ئەپەندى، گېپىمنى ئاڭلاڭ، بۈگۈن كۆپ زىيان تارتىم، ھازىر كۆڭلۈم بەك يېرىم ... - دېدى.
نادىرنىڭ ئالدىدا، ئۇ ئاخىرى يۈزى تۆكۈلۈشىدىن قورقمايدىغان بولدى.
يالغاندىن كېسەل بولۇۋېلىش ئەمەلىيەتتە ھېچقانچە ئىش ئەمەس، بۇ يىللاردا ھەممە ئادەم دېگۈدەك ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يالغاندىن كېسەل بولۇۋېلىپ، بەزى ئىشلاردىن ئۆزىنى قاچۇردى.
ئەلۋەتتە، يالغاندىن كېسەل بولۇۋېلىپ تۇتۇلۇپ قالغانلار ئاز ئەمەس.
ئەمما مۇنىرەدەك يالغاندىن كېسەل بولۇۋېلىپ تۇتۇلۇپ قېلىپ قاقشاپ يۈرىدىغانلار ساناقلىقلا .
- باشقا ئىشلار ھەر ھالدا ياخشى، شۇ پۇلغا ئىچىم بەك ئاغرىدى، يۈرىكىم يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالدى،- دېدى مۇنىرە .
نادىر كۈلۈپ قويۇپ، قىلچە ھېسداشلىق قىلماي:
- سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن باش كۆتۈرۈپ چىققىنىڭىز بىلەن، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا سىزگە تايانمىدى. - دېدى.
بىر ئېغىز گەپ بىلەن ھەممىنى ئېنىق كۆرسىتىپ قويدى.
مۇنىرە قولىنى سوزۇپ سول تەرەپ كۆكرىكىنى تۇتۇۋالدى، كۆڭۈل يارىسى خېلى ئېغىردەك قىلاتتى:
- ئۇنداق بولسىمۇ ئامال يوق، مېنىڭ كۆڭۈل - كۆكسۈم ئۇنداق كەڭ ئەمەس .. . - دېدى مۇنىرە. پەزىلىيەنىڭ مۇراتقا تايانلىقىنىڭ ھېچقانداق خاتاسى يوق، ئەڭ ئاخىرىدا ئىشنى بىر تەرەپ قىلغان ئادەممۇ دەل مۇرات .
بۇ ناھايىتى نورمال ئىش، خۇددى نۇرغۇن گەپلەرنى ئۇ نادىرغىلا دىيەلىگەندەك، پەزىلىيەمۇ بىرەر ئىشقا يولۇققاندا مۇراتنى ئىزدەيدۇ.
ھەتتا قاچاندىن باشلاپ، پەقەت مۇشۇ ئادەمنىڭ ئالدىدا، ئادەتتىن تاشقىرى كالاڭپايلىشىپ، قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالدى، پەزىلىيەت ئىلگىرى ئەزەلدىن مۇستەقىل ئىدى، ھازىرقىدەك بۇنداق ئەمەستى.
- ئەمدى بىلگەندىكىن، بۇندىن كېيىن بۇنداق ئىشقا يولۇققاندا باش كۆتۈرۈپ چىقماڭ، بۇنداق ئەھۋالدا نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. - دېدى نادىر.
مۇنىرە قاپىقىنى تۈرۈپ:
- مەن ئۆزۈمنى باش كۆتۈرۈپ چىقتىم دەپ قارىمايمەن، شۇ چاغدا ياردەم قىلمىسام، پەزىلىيە قانداق قىلىدۇ؟ - دېدى .
نادىرنىڭ ئاۋازى بارا-بارا سوۋۇپ:
- ئۇ بىر قەدەم كەينىگە يېنىپ ياردەم تەلەپ قىلىشنى بىلىدىكەن، سىز نېمىشقا بىلمەيسىز؟ - دېدى.
- مەن... - مۇنىرە گەپ قىلالماي قالدى، بۇنداق ئىشلارنى ھەل قىلالايمەن دەپ قارايتتى.
نادىر ئۇنىڭ قايىل بولمىغانلىقىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ ئۇچۇق قىلىپ:
- ئىككىڭلارنى ئوپمۇ-ئوخشاش دېدىڭىز، مېنىڭچە، ئەگەر سىز ئۇنىڭ يېرىمچىلىك ئەقىللىك بولغان بولسىڭىز خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالاتتىم، - دېدى.
ھەقىقەتەن غەرەز ئۇقمايدىكەن.
مۇنىرە ئۆزىچە پۇلنىڭ ئىشىنى بىر چەتكە قايرىپ قويغاندا، بۈگۈن ئۆزىنى يەنىلا قالتىس ئىش قىلدىم، پىرىنسىپقا چېتىلىدىغان ئىشلاردا ئوتتۇرىغا چىقىشىم كېرەك دەپ قارايتتى.
- بىراق، مەن نېمىنى خاتا قىلدىم؟ - دەپ سورىدى مۇنىرە.
گەرچە ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەينى چاغدىكى ئەھۋالدا، بۇنداق قىلىشىنىمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئۇنداقتا نەدە خاتالاشتى؟
نادىر بىر دەم سۈكۈتتە تۇرۇۋېتىپ:
- توغرا قىلدىڭىز، - دېدى.
- شۇنداق تۇرۇقلۇق، نادىر ئەپەندى، سىز نېمىشقا مېنى ئەقىلسىز، ئادەمنى خاتىرجەم قىلمايسىز دەيسىز؟ - دېدى مۇنىرە كۆڭلى يېرىم بولۇپ. ئۇ ئېنىقلا نادىردىن تەسەللى سورىماقچى ئىدى، تەسەللىنىڭ ئورنىغا دەككە ئىشتىدىغانلىقىنى كىم بىلسۇن، ئۇ يا بىرەر ئىشنى خاتا قىلمىسا!
تېلېفوننىڭ يەنە بىر ئۇچى يېرىم مىنۇت جىمىپ قالدى، مۇنىرە چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، سەۋرچانلىق بىلەن ساقلىدى.
- سىز ئەقىللىك، ھەم ئادەمنى خاتىرجەم قىلىسىز، - دېدى نادىر.
مۇنىرە چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق ھالەتتە تېلېفوننى قويۇۋەتمەكچى بولدى.
يەنىلا مۇناسىۋەتنى ئۈزگىنى ياخشىكەن.
نادىر بۇ ئىشنى ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتكەندىن كېيىن، قايتا تىلغا ئالماي:
- ئەمدى ياخشى بولۇپ قالغاندىكىن، كەچقۇرۇن ئادەتتىكىدەك مېنى ئالغىلى كېلىڭ، قويۇۋەتتىم، - دېدى.
قويۇۋەتتىم دەپلا قويۇۋەتكىنى قارا، ئۇنىڭغا گەپ قايتۇرغۇدەكمۇ پۇرسەت بەرمىدى.
يانفونىنى سومكىسىغا تىقىپ، نېمىلەرنىدۇر غۇدۇراپ كېتىپ قالدى.
نادىر ھەرگىزمۇ ئاقكۆڭۈل ئەمەس، ھەممىسى ساختا.... ھەممىسى يالغان.
مۇنىرە ۋاقىت تېخى بالدۇر بولسىمۇ، ئىشقا بېرىشنى ئويلاشماي، ئۆيگە قايتىپ ماشىنىنى ھەيدەپ، نادىرنىڭ يېڭى ئۆيىگە بېرىپ گۈللەرنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولدى. تۈنۈگۈن ئۇدۇل ئۆيگە قايتىپ، گۈللەرنى سۇغىرىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن، بۈگۈن بارمىسا بولمايدۇ.
ئىشىك ئېچىلغاندا ئۆي ئىچى جىمجىت بولۇپ، قۇياش نۇرى ئۆينى يورۇتۇپ، بىر خىل دىمىق ئىسسىق ئىدى.
مۇنىرە سومكىسىنى قويۇپ، بالكوننىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ تۇرۇپ قالدى.
تۈنۈگۈن كۈندۈزى قاتتىق يامغۇر ياغدى.
تۈنۈگۈن كەچتىمۇ قاتتىق يامغۇر ياغدى.
بۈگۈن چىرايلىق كۈن چىقتى.
كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، قارا بوران-چاپقۇنغا ئۇچرىغان گۈللەرنى كۆرۈپ، ئىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.
6 - ئاينىڭ ئىسسىق ئاپتىپىغا ھەر قانداق گۈلنىڭ بەرداشلىق بېرەلەلىشى ناتايىن. ئاۋۋال ئاپتاپتا تۇرۇشقا ماس كەلمەيدىغان گۈللەرنى لەمپە ئاستىغا يۆتكىدى، تۈنۈگۈنكى يامغۇر ۋە بۈگۈنكى ئاپتاپتا قېلىپ، قارىماققا ھالى سەل ئوسال كۆرۈنەتتى.
مۇنىرە چېچىنى تۈگۈپ، بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىقىپ قۇتقۇزماقچى بولدى.
ئىككى يۈز كويغا جازىلىق ئاپتاپتىن، يامغۇردىن ساقلىنىش تورى سېتىۋېلىپ، ئاندىن تەشتەكنى يۆتكەپ بولغۇچە، نادىرنى ئالغىلى بارىدىغان ۋاقىت بولدى.
مۇنىرە دەككە-دۈككىدە سۈرەتكە تارتىپ، نادىرنىڭ بۇ ئىشقا كىرىشىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى.
يۈرىكى پوك-پوك بولغاچقا، شىركەت ئالدىغا بېرىپ بولغاندا نادىردىن تېلېفون كېلىپ، يىغىن ئاچىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندا، قىلچە ۋايسىمىدى.
- كەچۈرۈڭ، قايتىپ تۇرۇڭ، بۈگۈن مېنى ئالغىلى كەلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. - دېدى نادىر.
مۇنىرە ئىشنى خاتا قىلىپ قويغاندىكىن چوقۇم ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ئويلاپ، دەرھاللا:
- ھېچقىسى يوق نادىر ئەپەندى، مەن سىزنى ساقلىسام بولىدۇ. - دېدى.
- قايتىپ كېتىڭ، بۇ يىغىن ئەمدى باشلىنىدۇ، ئاز دېگەندىمۇ بىر سائەت كېتىدۇ. - دېدى نادىر قوشۇمىسىنى چىمدىپ. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئاندىن يىغىن بارلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى، يىغىن ۋاقتىنى ھەقىقەتەن كەينىگە سۈرگىلى بولمايدۇ، 20 مىنۇت بۇرۇن بىلگەن بولسىمۇ، مۇنىرەنى بىكاردىن-بىكار ئاۋارە قىلمىغان بولاتتى.
- ھېچقىسى يوق، ماشىنا بولمىسا قولايسىز بوپقالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭمۇ ئىشىم يوق. - دېدى مۇنىرە.
نادىر بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، رەت قىلماي:
- ئەمىسە، كېلىپ ئۈستىگە چىقىڭ، ئالدى سۇپىغا ياردەمچىمنى ئەۋەتەي. - دېدى.
نادىر ئەپەندىنىڭ خىزمەت مۇھىتىنى كۆرەلەمدۇ... مۇنىرە كۆڭلىدە چوت سوقتى، بىنانىڭ سىرتىدىن قاراپلا نادىرنىڭ خىزمەت مۇھىتىغا تېخىمۇ قىزىقىپ قالدى.
ماشىنىنى توختىتىپ كىرگەندە، ئالدى سۇپىدا بىرەيلەن ساقلاپ تۇرغانىدى.
ئۇ ئۇششاق قەدەملىرى بىلەن يۈگۈرۈپ كەلگەندە، كەسپىي كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن، ھەممە يېرىدىن نازاكەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن ھەيرانلىق چىقىپ تۇراتتى، لېكىن دەرھال ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ، سەل-پەل كۈلۈپ قويۇپ:
- مۇنىرە خانقىز بولامسىز، نادىر دىرېكتور مېنى سىزنى كۈتۈۋېلىشقا ئەۋەتتى، سىزنى ئىشخانىغا باشلاپ باراي، - دېدى.
مۇنىرە چىرايلىق كاتىپنى بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالدى.
لېكىن، ئوخشاش بىر كەسىپنى قىلىۋاتقان مۇنىرە ئىختىيارى ئەمەس كەسىپتىكى سۇس كۈلۈمسىرىشىنى نامايان قىلىپ:
- رەھمەت. - دېدى.
لېفىتقا ئولتۇرۇپ 20-قەۋەتكە چىققاندا، ياردەمچى ئۇنى ئەڭ شەرق تەرەپتىكى ئىشخانىغا باشلاپ بېرىپ:
- مۇشۇ يەر شۇ، ساپادا ئولتۇرۇپ ساقلاپ تۇرۇڭ، - دېدى.
- بولىدۇ، رەھمەت. - دېدى مۇنىرە.
ياردەمچى كۈلۈمسىرەپ قويۇپ، بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.
مۇنىرە ئۇياق-بۇياققا ماڭماي، ساپادا ئولتۇردى، ئەمما ئىشخانىدا ئادەم يوق بولغاچقا، نادىرغا بولغان قىزىقىشىنى باسالماي، ئەتراپقا سەپسېلىپ قاراپ چىقتى.
مۇستەقىل ئىشخانا قارىماققا ئىللىق كۆرۈنمەيدۇ، نادىرنىڭ ئىشخانىسىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئىدى. ئاق-قارا ئىككى رەڭ ئاساس قىلىنىپ، خېلىلا سوغۇق كۆرۈنۈپ قالغانىدى.
مۇنىرە يوغان ئىش ئۈستىلىگە قاراپ، نادىرنىڭ بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئىش بېجىرىگەن ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلدى، چوقۇم چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق، سوغۇق كېلىشكەن چىرايى بىلەن باشقىلارنى ئاسانلىقچە يېقىنلاشتۇرمايدۇ دەپ ئويلىدى.
ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەتۋاتقان ھېلىقى ئاچاشقا ئىچى ئاغرىدى.
مۇنىرە ھەممە يەرگە بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن، يانفونىنى چىقىرىپ، بىر يۈرۈش گۈل ئۆستۈرۈش ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەرنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ، بىرەر ئىش يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئاشۇ بىچارە گۈللەرنى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ باقماقچى بولدى.
ئىشىك چېكىلىپ، ساھىبجامال ياردەمچى بىر ئىستاكان قەھۋە ئېلىپ كىرىپ:
- مۇنىرە خانقىز، مەرھەمەت. - دېدى.
قەھۋەنىڭ خۇش پۇرىقىنى پۇرىغان مۇنىرە سەل تارتىنىپ:
- ئاۋارە بولماڭ، - دېدى. ئويلىمىغان يەردىن، ئۇنىڭدەك بىر شوپۇرنىمۇ قەھۋە بىلەن كۈتۈۋالدى.
- بۇ يەردىكى WiFi نىڭ مەخپىي نومۇرى XXXXXXXX، زېرىكىپ قالسىڭىز، تېلېفون كۆرەرسىز، - دېدى ياردەمچى.
ھەقىقەتەن ئەتراپلىق ئويلاپتۇ. مۇنىرە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
- رەھمەت. - دېدى.
ساھىبجامال ياردەمچى كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى چايقىدى، مېڭىشقا ئالدىرىماي، ئەكسىچە ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ:
- ئەدەپسىزلىك قىلدىم، لېكىن مەن نادىر دىرېكتورنىڭ دوستىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، ھەمىشە بىر ئاز سىرلىق ھېس قىلاتتىم، - دېدى.
ياردەمچىنىڭ مىجەزىنى تۈز دېيىشكە بولاتتى، لېكىن مۇنىرە بۇ خىل تۈز مىجەزلىك ئادەملەرنى ياخشى كۆرىدۇ.
- مەن نادىر ئەپەندىنىڭ دوستى ھېسابلىنامدىم-يوق، بۇنى بىلمەيمەن، دەسلەپتە ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندا، مەنمۇ سەل سىرلىق ھېس قىلغانتىم. - دېدى مۇنىرە. دەسلەپتە ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھازىرقىدەك دە - تالاش قىلىشىپ ئۆتەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar