كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
56 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
57-قىسىم
57 – قىسىم قىلغان ئىشى يارىمىدى
- نادىر دىرېكتور ئۆزى سەل سوغۇققان، ئۇنىڭ قول ئاستىدا خىزمەت قىلىش ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك، - دېدى ياردەمچى.
مۇنىرە كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ تۇرۇپ:
- راستتىنلا كۆڭۈللۈكمۇ؟ - دېدى. نادىرنىڭ مىجەزى بويىچە، ئەڭ ئاددىي بىر جەدۋەلنى 18 قېتىم ئۆزگەرتىشى كېرەكتۇ.
ساھىبجامال ياردەمچى چىراي ئىپادىسىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەسكىن تەلەپپۇزدا:
- خىزمەتتە تېز ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ، - دېدى.
ئىككى ئادەم بىر - بىرىگە قارىشىپ گەپ قىلالماي قالدى.
ئىككىيلەن ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ قالدى، نادىر يىغىندىن قايتىپ كېلىپ ئىشخانىسىدىكى ئادەمنى ياندىكى چايخانىدىن تاپتى. ئىككى ئايال قەھۋە بىلەن پېچىنە-پىرەنىك يەپ، داۋاملىق پاراڭلىشىش ئۈچۈن ئېنېرگىيەنى تولۇقلاۋاتاتتى، قارىماققا كېچىكىپ كۆرۈشۈپ قالغاندەك قىلاتتى.
دوڭ ... دوڭ.
ئىككىيلەن تەڭلا بېشىنى كۆتۈردى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئىشىكنى چېكىۋاتقان ئۇزۇن بارماقلاردىن ئاستا-ئاستا ئاشۇ سوغۇق چىرايىغا چۈشتى.
نادىر ئۆز ئىپادىسىنى يەنىلا نورمال جارى قىلدۇرۇپ، قاش-كۆزلىرى تىنچ، دولقۇنسىز ھالەتتە قاراپ :
- ماڭايلى، - دېدى.
گەرچە ئالدىدا ئىككى ئادەم بولسىمۇ، ئەمما بۇ سۆزنىڭ كىمگە دېيىلگەنلىكىنى ھەممەيلەن ئېنىق بىلەتتى، مۇنىرە دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، يېڭىدىن تونۇشقان دوستىغا قول پۇلاڭلىتىپ، ئىشىك تەرەپكە قاراپ ئىتتىك ماڭدى. ئىشىككە يېقىن كەلگەندە، نادىر كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭدى.
ساھىبجامال ياردەمچى ئېڭىكىنى سىلاپ، بىر ئاز ئويلىنىپ < دەرۋەقە، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەسىلە باركەن> دېدى.
شىركەتتىن چىقىپ نادىر بىلەن يالغۇز قالغان مۇنىرەنىڭ بۇنداق قالايمىقانچىلىقلارنى ئويلاشقا ۋاقتى يوق، ئۇ ماشىنىنى ئاۋايلاپ ھەيدەپ، نادىرنىڭ گۈللەرنىڭ گېپىنى قىلىپ قېلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولۇپ، كۆپ قىينالدى.
نادىر جىم ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈپ، ئاخىر ئېغىز ئېچىپ:
- كاللىڭىز دوستىڭىز بىلەن مۇراتنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچرىدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ھەقىقەتەن ئۇۋال بولدى! بىراق... ئۇۋال قىلغىنىمۇ ياخشى بولدى!
جازادىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، مۇنىرە قاتتىق ئازابلانغان ۋە ئۆزىنى قەيسەر كۆرسەتكەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ:
- سەل بىئارام بولدۇم، لېكىن بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس، كاللامدىن ئۆتكۈزەلەيمەن، - دېدى.
نادىر ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ، سەل-پەل كۈلۈپ قويۇپ:
- مەن بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيمەن، - دېدى.
مۇنىرەنىڭ كۆڭلى ئازراق يېرىم بولدى.
نادىر يەنە:
- يولنى خاتا ماڭدىڭىز، - دېدى.
مۇنىرە ئالدى تەرەپتىكى يول ئەھۋالىغا ئاخىرى دىققەت قىلدى، بەلكىم بەك جىددىيلىشىپ كەتكەچكە، ۋاقتىدا ماشىنا يولىنى ئالماشتۇرالماي، ئالدى-كەينىدىكى ماشىنىلار تەرىپىدىن سولغا بۇرۇلۇش يولىدا توسۇلۇپ قېلىپ، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
- كەچۈرۈڭ نادىر ئەپەندى، كېيىنكى يول ئېغىزىدا ئوڭغا بۇرۇلىمەن. - دېدى.
نادىر كۆڭلى يېرىم بولغان ياش قىزلار بىلەن بۇنچىلىك كىچىك ئىشلادا ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ بولغان ئىكەن، تۈزىتىشكە پۇرسەت بەرسە بولمايدىغان يېرى يوق.
- ئوڭغا بۇرۇلماڭ، ئاۋۋال يېڭى ئۆيگە بارايلى، - دېدى نادىر.
نېمىدىن قورقسا، شۇنى دېگىنى قارا...
مانا بۇ نادىرنىڭ ئىش قىلىش ئۇسلۇبى.
مۇنىر بېشىنى ئاستا بۇراپ، تەستە ئېغىز ئېچىپ:
- سىز ...ئېنىق... جەزىملەشتۈرەلمەمسىز؟ - دېدى.
نادىر بېشىنى لىڭشىتىپ:
- جەزىملەشتۈرىمەن. - دېدى كەسكىن قىلىپ.
قارىغاندا مۇنىرە يەنىلا قېچىپ قۇتۇلالماپتۇ.
نەس باسىدىغان ئىشلار ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدۇ.
مۇنىرە ئىشىكنى تىترىگەن ھالدا ئاچتى، تىترىگەن ھالدا بالكونغا چىقتى، تىترىگەن ھالدا تامنىڭ بۇلۇڭىغا يۆلىنىپ... تەنقىد كۈتتى.
سۇس ئاي نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى، بىر قاراپلا بالكۇندىكى غۇۋا كۈلرەڭ سايەنى كۆردى، شەرق، غەرب، جەنۇب ۋە شىمال ھەممە تەرەپتە بار ئىدى، نادىر تامنى سىيلاپ يۈرۈپ، تاراققىدە قىلىپ چىراغنى ياندۇردى، يېقىملىق، ئەمما يورۇق چىراغ نۇرى ئاستىدا، ھەممە نەرسە ئېنىق كۆرۈندى.
كەترەن گۈلىنى دېمەيلا قويايلى، ھەتتا تىنچلىق دەرىخى، يىڭنە يوپۇرماقلىق قارىغاينىڭمۇ ھالى ياخشى ئەمەسلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.
لېكىن، ئويلىغىنىدىنمۇ سەل ياخشى بولۇپ، ھېچ بولمىغاندا ھازىرچە ئۆلۈپ قالماپتۇ.
نادىر مۇنىرەگە قاراپ قويۇپ:
- ياخشى بېقىپسىز ، - دەپ ماختاپ قويدى.
ھەيرانلىقتا مۇنىرەنىڭ كۆزلىرى يوغىناپ ، چانىقىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى، كۆز بوياپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالماي، شۇ تاپتا خاتالىقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ:
- كەچۈرۈڭ، نادىر ئەپەندى، مېنىڭ خىزمىتىم جايىدا بولماي، بىخەستەلىك قىپتىمەن، ماڭا بىر نەچچە كۈن ۋاقىت بېرىڭ، تىرىشىپ ئۇلارنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ئەگەر پەقەت بولمىسا، ئەسلى باھاسى بويىچە تۆلەم تۆلەشنى خالايمەن! - دېدى.
مەقسىتىنى توغرا چۈشەندۈرەلمىگەن نادىر مۇنىرەنىڭ بېشىغا قاراپ قويۇپ ئارتۇقچە چۈشەندۈرمەيلا ، بىر چۈشتىن كېيىن رەتلەپ چىققان جازىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، قولىنى كۆتۈرۈپ يامغۇرلۇق رەختنى تارتىپ كۆردى.
جازا پۇختا ئورنىتىلغان بولۇپ، يامغۇر، ئاپتاپتىن ساقلىنىش رەختمۇ شۇنچىلىك چىڭ تارتىلغانىدى، قارىماققا ئانچە ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغاندەك كۆرۈنەتتى.
كۆڭۈل قويۇپ كۆرۈپ چىقىپ، <ياخشى بېقىپسىز> دېگەننى ئويلىغان نادىر كۈلۈپ تۇرۇپ:
- غەيرەت قىلىڭ. - دېدى.
مۇنىرە قاتتىق خۇش بولۇپ، دەرھال قولىنى كۆتۈرۈپ، ۋەدە بېرىپ:
- دېگىنىمنى قىلىمەن، قىلالمىسام بىر ئۆمۈر نەس باسسۇن، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرغىچە تەنھا ئۆتۈپ كېتەي، - دېدى.
نادىرنىڭ قۇشۇمىسى مىدىرلىدى، مۇنىرەنىڭ بېشىنى سىيلاپ كۈلۈپ تۇرغانلىقىغا قاراپ، كەينىگە داجىپ:
- ئەڭ ئاخىرقى بىر نۇقتىنى چىقىرىۋېتىڭ، - دېدى.
گېپىنى تۈگىتىپلا بالكۇندىن چىقتى، مۇنىرە چىراغنى ئۆچۈرۈپ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى، ئىككىسىنىڭ كۆلەڭگىسى بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە قاتلاندى.
< نېمە ئۈچۈن ؟ ئاقكۆڭۈل بولغاچقىمۇ؟> دېگەنلەرنى ئويلىغان مۇنىرە ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، كۆڭلىدە يوشۇرۇنچە كۈلۈپ قويدى، چوقۇم ئۇنىڭ ئوماقلىقىدىن شۇنداق دېدى.
ئۆزىنى قايسى جەھەتتىن ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بىلمىگەن نادىر ئەپەندى بۇنىڭغا چىدىماي:
- كېلەر ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كاماندىروپكىغا چىقىمەن، قايتىپ كەلگەندە ئۇلارنىڭ ھايات بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. - دېدى.
- ئۇنىسى چوقۇم ! كۆڭۈل قويۇپ باقىمەن، كاماندىروپكىغا چىقامسىز؟ نەگە بارىسىز، قانچە ئۇزۇن تۇرىسىز؟ - دەپ سورىدى مۇنىرە.
- R رايونغا بارىمەن، بىر ئاي ئەتراپىدا تۇرۇپ قېلىشىم مۇمكىن.
- ھە...ھىم... ئا... - دەپ گەپ باشلىماقچى بولغاندا نادىر بىر قەدەم بۇرۇن چىقىپ:
- سوۋغات ئالغاچ كېلىدىغان ئىشنى رەت قىلىمەن، - دېدى.
- مەن تېخى دېمىگەن تۇرسام، قانداق پەرەز قىلدىڭىز! نادىر ئەپەندى، مېنىڭچە بىز مەسلىھەتلىشىپ باقساق بولىدۇ ... - دېدى مۇنىرە.
- خىيالمۇ قىلىپ قالماڭ، يەنە بار، ئەگەر كېلەر قېتىم كەلگەندە، بىرەر تەشتەك گۈل ئۆلۈپ قالسا، ئىشتىن بوشىتىلىسىز. - دېدى نادىر.
- ياق، ياق، مەن ئۇلارنى ھاياتىم بىلەن قوغدايمەن، - دېدى مۇنىرە.
ئۆينىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلۈپ، ئىشىك تارققىدە ئىتىلدى.
بۇ شەھىرىنىڭ ياز پەسلىدە ئادەم ئۆزىنى قاسقانغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ، قاڭالتىر ماشىنىلارمۇ ئېرىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئىسسىيدۇ . كىشىلەر پولات چىۋىقلىق بېتوندىن سېلىنغان ئىمارەتلەرگە كىرىۋېلىپ جان تالىشىدۇ، كۆپلىگەن ھاۋا تەڭشىگۈچلەرنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، سوغۇق شامال پۈۋلەپ، سىرتقا ئىسسىق ھاۋىنى چىقىرىپ، ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىشكە تىرىشىدۇ.
مۇنىرە قولىدىكى ئىشنى تۈگىتىپ، ئومۇمنىڭ مۈلكىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلەتتى.
گۈل بېقىشنى تەس دېسە، دەرسلىكنى چۈشىنىش تېخىمۇ تەسكەن.
مائۇس توختىماي تۆۋەنگە تارتىلغاندا، مۇنىرە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يېنىك ئۇھ تارتىپ:
- زادى قانداق قىلغاندا ئۆلۈپ قالاي دېگەن گۈلنى تىرىلدۈرگىلى بولىدۇ ... - دېدى.
- مۇنىرە ئاچا، نېمە بولدى؟ - دەپ سورىدى غۇنچەم قىزىقىپ.
بىر، ئىككى، ئۈچ.
مۇنىرە ئىشخانىدىكى ئادەم سانىنى قايتا ساناپ چىقتى، ئۈچ باش بىر يەرگە كەلسە ئىچىدىن بىر ئاقىل چىقىدۇ دېيىشىدۇ.
قانداقلا قىلىپ بولسۇن ئامال قىلىپ بېقىشى كېرەك.
- سىلەر ئادەتتە گۈل باقامسىلەر؟ - دەپ سورىدى مۇنىرە.
- باقمايمەن، - دېدى ئاينۇر ئىتتىكلا جاۋاب بېرىپ، - ئىككى بالىنى ئاران باقالايمەن، باشقا جانلىقلارغا مۇلازىمەت قىلغۇدەك كۈچۈم يوق... ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى يىلدىن كېيىن چوڭ بالام كۆزىتىش خاتىرىسى يازىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە تەبىئىيلا گۈل بېقىشقا پۇرسەت چىقىدۇ. - دېدى.
ئاينۇردىن سورىمىسىمۇ بولغۇدەك. مۇنىرە كۆڭلىدە ئۇنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈۋېتىپ، غۇنچەمگە قاراپ:
- سىزچۇ، گۈل باقامسىز؟ - دەپ سورىدى.
غۇنچەممۇ گۈل بېقىشقا قىزىقىپ كەتمەيتتى، ئەمما ئۆيىدە نۇرغۇن گۈل-گىياھلار بار، شۇڭا ئۇنى پۈتۈنلەي بىلمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ.
- بىزنىڭ ئۆيدە نۇرغۇن گۈل باقىمىز، نېمە بولدى؟ - دەپ سورىدى.
مۇنىرەنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ، ئۈمىدكە ئېرىشكەندەك بولۇپ:
ـ مۇنداق ئىش، نادىر ئەپەندى مېنى گۈل بېقىپ بېرىشكە ياردەملىشىشنى ئېيتتى دەپ گېپىنى قىلىپ بەرگەنتىمغۇ. ئالدىنقى كۈنى يامغۇر ياغقاندا گۈللەرگە قاراپ بېقىش يادىمغا كەلمەپتۇ، گەرچە توردىن تەكشۈرگىنىم بويىچە بىر تەرەپ قىلغان بولساممۇ، لېكىن تۈنۈگۈن كەچتە بېرىپ قارىسام ھالى ياخشى ئەمەس، ئەگەر بىلسىڭىز، بېرىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بوپتىكەن... بىلمىسىڭىز ھېچقىسى يوق، مەن كەسپىي باغۋەنلەرنى ئىزدىسەممۇ بولىدۇ. - دېدى.
ۋاقتى كەلگەندە گۈل بازىرىغا بېرىپ ساتقۇچى تەرەپنىڭ ياردەم قىلىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى سوراپ كۆرۈپ، يەنە بولمىسا پۇل خەجلىسىمۇ بولىدۇ.
نادىرنىڭ ئۆيىدىكى گۈل... ئۇنداق نادىرنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ... نادىر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ گۈلنى قۇتقۇزۇش جەريانىدا ئۇنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپ قالسا، ئەجەب ئەمەس.
غۇنچەم بىر دەمنىڭ ئىچىدە قارار چىقىرىپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
- گەرچە بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلالمىساممۇ، مەن ئالدى بىلەن كۆرۈپ باقسام بولىدۇ، - دېدى.
- بەك ياخشى بولدى! - دېدى مۇنىرە خۇشال بولۇپ، ئەگەر غۇنچەمنىڭ گۈل بېقىشتىن خەۋىرى بولسا، پات-پات ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىيالايدۇ، بۇنداق بولغاندا پايپېتەك بولۇپمۇ كەتمەيتتى.
ھەقىقەتەن بىر ئادەمنىڭ چىرايىغا قاراپ باھا بەرگىلى بولمايدىكەن، مۇنىرە غۇنچەمگە قايىل بولغان ھالدا قارىدى، ئۇ تېخى غۇنچەمگە ئوخشاش بۇنداق قىزلار مۈشۈك، ئىتلارنى ئوينىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، گۈل بېقىشتەك بۇنداق نازۇك ئىشقا قىزىقمايدۇ، دەپ ئويلايتتى.
قارىغاندا، ئۇ نادىر ئەپەندى ئىلگىرى ئېيتقاندەك، چىرايىغا قاراپ باھا بېرىپ، ھەقىقەتەن خاتا قىپتۇ.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar