كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
49 | 48 | 47 | 46 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
50-قىسىم
50-قىسىم كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇش
ئاينۇر ئىشخانىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇنىرەنىڭ كۆزلىرىگە قارىۋېتىپ، تولىمۇ ئېچىندى.
مۇنىرە ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن قورقۇپ ، كۆزلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇردى، ئەمما ئاينۇر بىر قولى بىلەن تارتىپ ئېلىپ:
- نېمە قاچىسىز، سىزگە قاراپ ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ، - دېدى.
ئاينۇر غۇنچەم كۆرگەن توي قىلىپ بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ قىزىقچى، ئوماق ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ئاياللارنىڭ بىرى.
- كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا تۈز گەپ قىلىڭ! - دېدى مۇنىرە قولى بىلەن توسۇپ، ئۆزىگە چاپلىشىۋېلىشىدىن ساقلىنىپ، - ئۆيگە قايتقاندا قىلىدىغان ئىشلار كۆپ، نېمىگە ئالدىرايسىز... - دېدى.
غۇنچەم كۆڭلىدە مۇنىرە ئاچاممۇ بوش كەلمەيدىكەن دەپ ئويلىدى.
- بۈگۈن كەچ مەن سىزنى... سىلەرنى تاماققا تەكلىپ قىلاي، ئۆزىمىز بىر قويۇۋېتىپ ئارام ئېلىپ كېلەيلى! - دېدى ئاينۇر مۇشتۇمىنى تۈگۈپ، - بالام يوق چاغدا، مەنمۇ سىرتلارغا چىقىپ باقاي، - دېدى.
ھەقسىز كەچلىك تاماققا مۇنىرە ئەلۋەتتە بارىدۇ، دەرھال قولىنى كۆتۈرۈپ:
- بارايلى! - دېدى.
غۇنچەم ئويلىنىپ بېشىنى لىڭشىتىپ:
- ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئاچىلىرىم بىلەن بىللە يىغىلىشقا چىقىپ باقمىدىم، تەقەززا بولۇۋاتىمەن. - دېدى .
- سائەت يەتتىدە دەريا بويىدا كۆرۈشەيلى، ۋاقتى كەلگەندە بىر تازا بىر ئوينايلى! - دېدى ئاينۇر.
مۇنىرە ھاياجانلانغان ھالدا نادىرنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ، كۈندىن-كۈنگە بۈك - باراقسان ئۆسۈۋاتقان گۈل-گىياھلارنى سوغۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال مايكا، كالتە ئىشتانىنى كىيىپ، ئازادە ياسىنىپ، شادلىق ئولتۇرۇشىغا تەييارلىق قىلدى.
ئۇ ئاينۇر بىلەن بىللە دەريا ساھىلىغا ئىككى قېتىم بارغان، ئەمەلىيەتتە مېھمانلار ئۆزلىرى خالىغانچە تاللاپ يەيدىغان كاۋاپخانا .
شۇڭا، قانغۇچە ئېچىلىپ ئوينايلى دېگىنى ئەلۋەتتە بۇ بىر چاقچاق.
غۇنچەم ئىككىسىنىڭ يەڭنى تۈرۈپ تەخسىنى كۈچەپ تۇتقان ھالىتىدىن چۆچۈپ:
- بەك كۆپ ئېلىۋالساق يەپ بولالماي قالارمىزمۇ... - دېدى.
ئىككىيلەن كەينىگە بۇرۇلۇپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
- خاتىرجەم بولۇڭ، ھەممىنى بىزگە تاپشۇرۇڭ، - دېدى.
تاللىغىنىنىڭ ھەممىسى گۆش بولۇپ، بۈگۈن ئەتراپنى بېشىغا كىيگەن، قورسىقىغا بالا پاتقان ئاياللارنىڭ قانچىلىك نەرسە يېيەلىدىغانلىقى كۆرىدىغان بولدى!
غۇنچەم پەقەت ئاندا-ساندا چوكىنى مىدىرلىتىپ قويدى، قالغان ۋاقىتلاردا ئىككىسىنىڭ گۆش يېيىش سۈرئىتىدىن ئەنسىرەپلا قالماي، يەنە دېرىزە سىرتىدىكى ئادەم ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان چوڭ يولغا قاراپ خىيال سۈردى.
نادىر.
ئۇ بۇ ئىسىمنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي تەكرارلاپ، ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتى.
چوقۇم تىرىشىدۇ، پۇرسەت تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشىدۇ!
مۇنىرە بۇ بىر ۋاخ تاماقتا قانچە جىڭ گۆش يېگەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمىدى، يەپ بولغاندىن كېيىن قورسىقىنى كۆتۈرۈپ ماڭالماي قالدى.
ئاينۇر قورسىقىنى سىلاپ تۇرۇپ مۇنىرەگە مەمنۇنلۇق بىلەن قاراپ:
- گۈزىلىم، سىز مېنى ھەرگىز زىيان تارتقۇزمايسىز. - دېدى.
- بۇ... - مۇنىرە ئەسلىدە بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلماقچى بولغان، لېكىن ئۆزىنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن قۇسۇپ چىقىرىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ قالدى.
تاللا تاماقنى دائىم يېيىشكە بولمايدۇ، سالامەتلىككە زىيانلىق.
قورسىقى كۆپۈپ ئاشقازىنى ئاغرىپ كەتتى.
غۇنچەم ئۇنى يۆلەپ:
- مۇنىرە ئاچا قانداقراق تۇرىسىز؟ - دەپ سورىدى.
مۇنىرە بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ، بىر قولىدا يوغان مايكىسىمۇ توسۇپ قالالمىغان قورسىقىنى ئېتىۋالدى، ئاندىن قورسىقىنى سىيلاپ دەڭسەپ باقتى. قارىماققا قورسىقىدا بەش ئايلىق بولغان بالىسى باردەك كۆتۈرلۈپ قالغانىدى.
- ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمىدى! - دېدى ئاينۇر ئۇنىڭ مۈرىسى، بەل قىسىمىغا ئۇرۇپ قويۇپ، - مۇنىرە، راھەتلىنىپ قالدىڭىزمۇ؟ ! - دەپ سورىدى.
- نېمە دېگەن راھەت، - دېدى مۇنىرە.
- خۇشال بولىدىڭىزمۇ؟ ! - دەپ سورىدى ئاينۇر.
مۇنىرە بۈگۈن كەچتە ئادەتتىن تاشقىرى ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئاينۇرگە قاراپ، ئۇنى بىرەر كۆڭۈلسىز ئىشقا يولۇققان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، قورسىقىنىڭ ئاغرىقىغا چىداپ تۇرۇپ:
- خوش بولدۇم! - دېدى.
ئاينۇر رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ، ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ :
- ئۇنداق بولسا، ئەرلەرنىڭ ھەممىسى بېرىپ ئىشىنى قىلسۇن، دۇنيانىڭ ئۇ چېتىگە كەتسە تېخىمۇ ياخشى! بىز ئالدىمىزغا قاراپ، تېخىمۇ يىراق، تېخىمۇ ئېگىز جايغا ماڭايلى! - دېدى.
ھە، مۇنداق ئىش ئىكەندە.
تەسىرلەنگەن مۇنىرە كۆزلىرىگە ياش ئالدى، گەرچە بۇ تەسەللى كېچىكىپ كەلگەن بولسىمۇ، كۆپ ئىشلارغا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىدى.
غۇنچەم نېمە ئىش بولغانلىقىنى غۇۋا ھېس قىلدى، ئەمما ئۇنى ئازابلىغان ئادەمنىڭ سالاھىيىتىگە قىزىقىپ:
- مۇنىرە ئاچا، سىز شۇنچە ياخشى تۇرسىڭىز، قەدىرلەشنى بىلمىگەن كىم ئۇ؟ - دېدى.
- ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى. - دېدى مۇنىرە قولىنى پۇلاڭلىتىپ، - مەن ھازىر تېخىمۇ يىراق، تېخىمۇ ئېگىز جايغا قاراپ ماڭىمەن، - دېدى.
- توغرا! ھە كىمتى، نادىر يامان ئەمەس بولىدىكەن! - دېدى ئاينۇر ھاياجانلىنىپ، - گەرچە سەل ئاچچىقى يامان بولسىمۇ، لېكىن ئالدىنقى قېتىم ئالايىتەن شىركەتكە كېلىپ سىزدىن كەچۈرۈم سورىدى. ئەمەلىيەتتە پەزىلىتى يامان ئەمەسكەن، ئەڭ مۇھىمى چىرايى كېلىشكەنكەن! مۇنىرە قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىڭ! - دېدى.
پۈتۈن دۇنيا ئۇنى تۇيۇق يولغا كىرىشكە دەۋەت قىلىۋاتاتتى.
- ئېگىزگە يامىشالمايمەن، ئېگىزگە ئېسىلسام بولمايدۇ، - دېدى مۇنىرە.
نادىرنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپلا غۇنچەمنىڭ يۈرەكلىرى يايراپ كەتتى، ئۇ مۇنىرەگە قاراپ، تۇيۇقسىز نادىرنىڭ بۇرۇن شىركەتكە كەلگەندە مۇنىرەگە يېقىنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، سەل ھودۇقتى. مۇنىرەنىڭ نادىر بىلەن ئالاقىسى بار، يېقىنلىشىش پۇرسىتى كۆپ...
- مۇنىرە ئاچا، نېمىشقا ئۆزىڭىزنى ئېگىزگە ئېسىلالمايمەن دەيسىز، سىزمۇ شۇنداق ياخشى جۇمۇ، - دېدى بىر پەس ئويلىنىپ.
- ئىككىمىز ھەرگىزمۇ ئوخشىمايمىز، ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغىنىمدا خىجىللىق ھېس قىلىمەن، بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىساملا ھېرىپ قالىمەن. - دېدى مۇنىرە بېشىنى چايقاپ، - نادىر ئەپەندى ئېگىز چوققىدا ئېچىلغان گۈل، كۆرۈپ قويسىڭىز بولدى. - دېدى.
ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن ئازراق ئۇھسىنىش چىقىپ تۇراتتى، لېكىن ئۇنىڭدا تارتىنىش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا كەيپىياتلار ئىپادىلەنمىدى، غۇنچەم ئوغرىلىقچە ئۇھ تارتىپ قويۇپ، خاتىرجەم بولدى.
مۇنىرەنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى ئۆزىنى بىلىش بولسا كېرەك.
مۇشۇلارنى ئويلاپ، ئىختىيارى كۈلۈپ قويۇپ:
- مۇنداق ئىكەندە، مۇنىرە ئاچام نادىر ئەپەندىدەك ئادەمنىمۇ ياخشى كۆرمەيدىكەن ئەمەسمۇ... - دېدى .
- ھەيي... ياخشى كۆرمىگەن ئىش ئەمەس، - دېدى مۇنىرە ئىختىيارسىز تۈزىتىپ، - مەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن. - دېدى.
مۇداپىئەنى ئەمدىلا ئېلىۋەتكەن غۇنچەم تۇرۇپ قالدى. مۇنىرە ئۇنىڭ بىلەن ئوينىشىۋاتامدۇ؟ !
مۇنىرە ئېڭىكىنى سىلاپ تۇرۇپ:
- پەقەت ئۇنىڭ تاجىدارلىقىغا ئېرىشىش ئويۇم يوق خالاس. - دېدى.
ئاينۇر ئۇنىڭ بىلىكىنى سىلاپ قويۇپ، ئۈستىگە چىقىپ قالغان توخۇ ئەتلىرىنى كۆرۈپ:
- ئەجەبا ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا راستتىنلا ساپ دوستلۇق بولامدۇ؟ - دېدى.
مۇنىرە مۈرىسىنى قىسىپ تۇرۇپ:
- كىم بىلىدۇ. - دېدى.
ئىشقىلىپ نادىر ئەپەندى بەك قالتىس. ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئەمما غۇنچەم تۇغما قابىلىيىتى بىلەن ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنىڭ بۇنداق ئاددىي ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. قارىغاندا ئۇ سۈرئەتنى تېزلىتىپ، ئامال قىلىپ نادىر بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش پۇرسىتى ياراتمىسا بولماپتۇ.
- مۇنىرە ئاچا، بۈگۈنمۇ نادىر ئەپەندىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كەلدىڭىزمۇ؟ مېنى ئاپىرىپ قويسىڭىز بولامدۇ؟ مەن ماشىنا ھەيدەپ كەلمىدىم. - دېدى غۇنچەم.
ماشىنا يامان ئەمەس تاللاش ئىدى.
- ئويغىلى چىققاندىكىن، نادىر ئەپەندىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدىمىدىم، تاكسى توسۇپ كەلدىم، نېمىلا دېگەن بىلەن مېنىڭ ماشىنام ئەمەس ، - دېدى. نادىرنىڭ ئالدىدا يۈز تۇرانە پايدا ئالغاندا خىجىل بولمىغىنى بىلەن، نادىر يوق يەردە ماشىنىسىنى ھەيدەپ ھەممە يەردە كۆز-كۆز قىلىشتىن سەل خىجىل بولدى.
بۇ نۇقتا ئۇنىڭ ئەقەلىي ئەخلاق پەزىلىتى ھېسابلىنىدۇ.
غۇنچەم كۆڭلىدە بىرەر ئىش قىلماق نېمانچە تەس دەپ ئويلىدى.
ئاينۇر قولىنى يېنىك سىلكىپ:
- مەن ماشىنا ھەيدەپ كەلدىم، ھەممىڭلار مېنىڭ ماشىنامغا چىقىڭلار، مەن سىلەرنى ئاپىرىپ قوياي ، - دېدى.
- مەن چىقماي، ئاينۇر ئاچا، غۇنچەمنى ئاپىرىپ قويۇڭ، مەن ئايلىنىپ ماڭغاچ تاماق سىڭدۈرەي، ماشىنىدا سىلكىنىپ ياندۇرۇۋېتىشتىن قورقىمەن. - دېدى مۇنىرە دەرھال رەت قىلىپ، ئۇنىڭ قۇسۇۋەتمەسلىككە ھەقىقەتەن ئىشەنچىسى يوق ئىدى، راست گەپنى قىلغاندا، ھازىرلا گېلىغا كەپلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلدى.
ئاينۇر ۋاقىتقا قاراپ قويۇپ، خېلى ئۇزۇن ئولتۇرغانلىقىنى ھېس قىلدى ، سائەت توققۇز بولغانىدى. ئۇ گەرچە بالىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم دېگەن بولسىمۇ، بالا تېخى كىچىك، بەك كەچ قايتىپ كەتسە چاتاق چىقىشى مۇمكىن.
- قايتايلى، بولمىسا بىردەمدىن كېيىن ئالدىرتىدىغان بىر قاتار تېلېفونلار كېلىدۇ. - دېدى مۇنىرە.
ئاينۇرمۇ ئامالسىز قالدى، لېكىن مۇنىرەنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ راست بولغاچقا، ئامالسىز ئۇنى تاشلاپ قويۇپ، غۇنچەمنى ئېلىپ كېتىپ قالدى.
مۇنىرە بولسا بىر قولىدا قورسىقىنى تۇتۇپ، بىر تەرەپتىن كوچىنى بويلاپ نىشانسىز ماڭدى.
يەر يۈزىدە كۈندۈزدىكى قۇياشنىڭ يەر-جاھاننى كۆيدۈرگۈدەك ھارارىتىنىڭ كۈچى بار ئىدى، كوچىلار ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولسىمۇ، مۇنىرەنىڭ كۆڭلى ئەكسىچە جايىغا چۈشتى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar