تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 37-قىسىم_ ئەمەلگە ئاشمىغان ئىشلار

文摘   小说   2024-12-16 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ





ئەپچىدە ئاۋازلىق 87-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231




36


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

37-قىسىم

   



37-قىسىم ئاتالمىش ئەمەلگە ئاشمىغان ئىشلار


دادىسى ئاپىسى بار بولۇپلا قالماي، يەنە بىر ئادەم كۆپىيىپ قالغانىدى.

ئەمەت مېھمانخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا قاراپ تۇرغاچقا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن كۆزى ئۇچرىشىپ، سەمىمىيلىك ۋە مەردلىك بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ:

   -  مۇنىرە، بىز يەنە كۆرۈشتۇق.  - دېدى.

ئاپىسى بېشىنى بۇراپ يېنىككىنە دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ:

   -  ئەمدى قايتىپ كەلدىڭىزمۇ، سىزنى ساقلىغىلى خېلى بولدى!  - دېدى.

مۇنىرە كۆز ئالدىدىكى ئادەملەرگە قاراپ، ئۆزىنىڭ ھازىر قانداق چىراي ئىپادىسىدە بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمىدى، ھەتتا چىراي ئىپادىسىنى قانداق باشقۇرۇشنى ئويلاشقىمۇ رايى بارمىدى.

ئۇ ھەمىشە ئاتا-ئانىسىنى ئوڭايسىزلاندۇرۇشنى خالىمايدۇ، ئەمما نېمىشقا ئاپىسى ھەمىشە ئۇنى مۇشۇنداق قىينايدۇ؟

 دادىسى قىزىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ، نېمە قىلىشىنى بىلەلمىدى، ئۇنىڭ بۇنى ھەل قىلىدىغان ئامال چارىسى يوق، ھەم ھەل قىلالمايدۇ.

مۇنىرەمۇ دادىسىدەك خوتۇنىدىن قورقىدىغان ئادەمنىڭ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشىنى ئويلاپ باقمىغانىدى، ئۇ پەقەت پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىپ ئۆزىنىڭ قاتتىق غەزەپلىنىش ھېسسىياتىنى كونترول قىلىپ، ئۆزىنى ھازازۇل ئايالدەك ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ كېتىشدىن ساقلاپ:

   -  ياخشىمۇسىز، مەن ئاۋۋال قولۇمدىكى نەرسىلەرنى ئۆيگە ئەپكىرىپ قويۇپ  چىقاي.  - دېدى.

ئەمەت قولىنى <قېنى مەرھەمەت> دېگەندەك قىلىپ:

  -  ئالدىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، - دېدى.

مۇنىرە ئىتتىك مېڭىپلا ئالدىن ئۆتۈپ كەتتى، ئارتۇقچە قاراپمۇ قويمىدى.

بۇ ئادەم ئۇنىڭدىن شۇنچە رازى بولغانمىدۇ؟ تۈنۈگۈن گەپنى شۇنچىلىك ئېنىق دېسىمۇ، يەنە نېمىشقا بۇ يەرگە كېلىدۇ؟ كاللىسىدا چاتاق بارمۇ قانداق!

مۇنىرە خالتىلارنى كارىۋاتقا تاشلاپ، گىرىم تازىلاش سۈيىنى ئېلىپ گىرىمىنى يۇيىشقا باشلىدى.

شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا گىرىمسىز ھالىتى بىلەن چىقىپ، ئۇنى قورقۇتۇپ چېكىندۈرسۇن!

مۇنىرە يۈزىنى يۇيۇپ سۇ تولۇقلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شالاڭ قاشلىرى،  قارىداپ كەتكەن كۆز ئەتراپى، ياداڭغۇ چىرايى ۋە ئاغزىنىڭ بۇرجىكىدىكى دانىخورەك ئىزىغا قاراپ، ئىنتايىن رازى بولدى.

ئۇ ھەتتا كىيىملىرىنىمۇ ئالماشتۇرۇپ، نەچچە يىل بۇرۇن سېتىۋالغان تەنھەرىكەت كىيىمىنى  تېپىپ كىيىپ، ساپما كەشىنى سۆرەپ   مەيدانغا چىقتى.

ئۇ سافاغا كېلىپ، پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ، توختىماي پۇلاڭلىتىپ:

  -  ھەيي، يەنىلا ئۆي راھەت ئىكەن. - دېدى.

ئاپىسىنىڭ ئاچچىقى كەلسىمۇ، دېيەلمەي، مۇنىرەنى ئوغرىلىقچە نۇقىدى.

  -  ئاغرىدى، ئاغرىدى، ئاغرىپ كەتتى! - دېدى مۇنىرە قەستەن ئۈنلۈك ئاۋازدا، مۇبالىغە قىلىنغان چىراي ئىپادىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ قولىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، قولىدىن كېلىشىچە قوپاللىق قىلىپ، - نېمە قىلىۋاتىسىز، چىمداپ ئاغرىتىۋەتتىڭىز!  - دېدى.

 كىچىك ئەبلەخ! ئاپىسى قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇرماقچى بولدى، ئەمما ئەمەت كۈلۈپ كېتىپ:

- بۇ مۇنىرەنىڭ ھەقىقىي مىجەزى، ئۇنىڭدىن ئاغرىنماڭ. ئەمەلىيەتتە ئۆيدە  مۇشۇنداق  ئازادە يۈرگىنى ياخشى، بۇمۇ مۇنىرەنىڭ مېنى يات كۆرمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.  - دېدى.

مۇنىرە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى،  ئەمەت قەستەن شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن بولسا، ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە نېمىشقا مەجبۇرلايدۇ؟ ئەگەر كۆرۈپ بىلەلمىگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ مۇشۇنداق بولۇمسىز ئادەمنى ياقتۇرامدۇ؟

ياكى  قەستەن ئۆزىنى مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن يىرگەندۈرۋاتامدۇ؟

ئاپىسى كۈلۈپ تۇرۇپ:

   -  ئۇ بەزىدە مۇشۇنداق قوپاللىق قىلىپ قالىدۇ، لېكىن ئانچە - مۇنچە جىدەل قىلىپلا قويىدۇ، ئالدىڭىزدا سەت بولدى، - دېدى.

ئەمەت قولىنى قايتا-قايتا پۇلاڭلىتىپ، مۇنىرەگە قاراپ:

   -  ھېچقىسى يوق، بۈگۈن مەنمۇ تۇيۇقسىزلا يوقلاپ كېلىپ، سىلەرنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم، - دېدى. 

  -  ئەمەت، بۇنداق دېسىڭىز يات كۆرگەن بولىسىز، ۋاقىتىڭىز يار بەرسە داۋاملىق كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.  - دېدى ئاپىسى.

  -   دائىم كېلىپ تۇرامدۇ؟ - دېدى مۇنىرە  كۆزلىرى چاقنىتىپ، - ئۇ بۇ ئۆيگە نېمە قىلغىلى كېلىدۇ؟ - دېدى . 

ئاپىسى چىداپ بولالماي، كەينىگە ئۆرۈلۈپ، بىرنى ئۇرماقچى بولۇپ:

- مۇنىرە ئەدەپلىك بولۇڭ! سىز زادى نېمە قىلماقچى؟ ! - دېدى.

مۇنىرە ئۆزىنى ئىتتىكلا دالدىغا ئالدى، ئاپىسىنىڭ شاپلىقى يۈزىگە ئەمەس، مۈرىسىگە تەگدى . لېكىن، يەنىلا ناھايىتى ئېغىر كەلدى. ناھايىتى روشەنكى ئاپىسى غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ، قىلچە رەھىم قىلماي قاتتىق سالغانىدى.

مۇنىرە سۇس كۈلۈپ قويۇپ:

   -  مەن نېمە ئىش قىلدىم؟ مېنىڭچە سىزنىڭ يېنىڭىزدا ئازراق ھۆرمەتكە ئېرىشىش شۇنچىلىك تەسكەن.  بولىدۇ، مەنمۇ گەپنى ئوچۇق قىلاي،  ئەمەت ئەپەندى بەك مۇنەۋۋەر، بىراق مەن ئەمەت ئەپەندىگە ئازراقمۇ قىزىقمايمەن،  ئۈچ خىل قارىشىمىز ئوخشىمىغان ئادەمنى چوڭقۇر چۈشەنگۈم كەلمەيدۇ، چۈشەندىڭىزمۇ؟ - دېدى. 

  -  بىر نەچچە قېتىم ئۇچراشماي  تۇرۇپ، كۆز قارىشىمىز ئوخشىمايدۇ دەمسىز؟ سىزنىڭ كۆزىڭىزگە زادى كىم سىغىدۇ؟ - دېدى ئاپىسى.  

ئانا-بالا ئىككىيلەن ھاياجانلىنىپ قالدى،  دادىسى دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىپ، ئەمەتكە قاراپ كۈلۈپ قويۇپ:

- كەچۈرۈڭ، ئەمەت.  مۇنىرەنى بىز يامان ئۆگىتىپ قويدۇق، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ. - دېدى.

ئەمەت كۈلۈپ قويدى، ئەمما مۇنىرەنىڭ يۈزىنى ئۇچۇقتىن ئوچۇق ئۆرىيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى:

   -  ھېچقىسى يوق تاغا، مۇنىرەنىڭ ھازىر بۇنداق خىيالدا بولماسلىقىمۇ نورمال ئىش، سىلەرمۇ ئۇنى مەجبۇرلىماڭلار، بۇنداق ئىش يەنىلا تەبىئىي بولغىنى ياخشى، - دېدى. 

مۇنىرە كەينىگە بۇرۇلۇپ، سوغۇققىنە كۈلۈپ قويۇپ:

   -  رەھمەت سىزگە.  - دېدى.

بۇ بىر جۈملە سۆز ئاپىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئاچچىقىنى كەلتۈرۋەتتى، ئىككىيلەن كونا-يېڭى ئاداۋەتلەرنى ئويلاپ، ئۆزلىرىنى كونترول قىلالماي قالدى.

  -    نېمىلەرنى دەۋاتىسىز، ئەمەتنىڭ دېگەن گەپلىرى خاتا ئەمەسقۇ؟ ! - دېدى ئاپىسى.  

  - بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ مېنى ئالداپ ئاپىرىپ كۆرۈشتۈرۈپ، كۆڭلۈمنى ئىلەشتۈرگەنلىكىڭىزدىن بولدى، - دېدى مۇنىرە. 

- مەن سىزنىڭ ئاپىڭىز، مەنمۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىزگە ياخشى بولسۇن دەپ قىلدىم، ئەجەبا چىرايلىق گەپ قىلسام ئاڭلامتىڭىز؟ - دېدى ئاپىسى. 

  -  ماڭا ياخشى بولسۇن دەمسىز؟ ئۇنداقتا راستتىنلا مەن ئۈچۈن ياخشى بولدىمۇ؟ - دېدى مۇنىرە.  

- چۈنكى سىز  دېگىنىم بويىچە قىلمىدىڭىز! كەچكىچە مەن بىلەن قېرىشىسىز! مۇنىرە، قانىتىڭىز  قاتتى شۇنداقمۇ!  - دېدى ئاپىسى.

  - سىز نېمىشقا قايتا ئويلىنىپ باقمايسىز؟  نېمىشقا مەڭگۈ خاتالىقىڭىزنى تونۇشنى ئۆگىنەلمەيسىز!  - دېدى مۇنىرە.

ئاپىسى  ئاچچىقتىن تىترەپ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈپ:

   -  بولىدۇ، مۇنىرە، سىز بەك قالتىس، تۈنۈگۈن ئاخشام  ئەنسىرەپ بىر كېچە ئۇخلىمىغانلىقىمغا ، كىچىكىڭىزدىن كىيمىگەننى كەيكۈزۈپ، يېمىگەننى يېگۈزۈپ چوڭ قىلغىنىمغا  مۇشۇنداقلا جاۋاب قايتۇرامسىز؟ 

كۆزۈمدىن يوقىلىڭ، مەنمۇ سىزدەك ۋىجدانسىزنى تۇغمىغان بولاي! - دېدى. 

قاراڭ، يەنە باشلىدى.

  -   ھەر قېتىم خاپا بولغاندا مېنى تاشلىۋېتىمەن دەپ قورقىتىسىز.  - دېدى مۇنىرە كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ،    -  بولىدۇ، ئەمىسە شۇنداق بولسۇن.  - دېدى.

  -  مۇنىرە! - دەپ ۋارقىرىدى دادىسى تىت-تىت بولۇپ، - ئاپىڭىز ئاچچىقىغا پايلىماي قالدى، بۇنداق گەپ قىلسىڭىز قانداق بولىدۇ!  - دېدى.

- چۈنكى مېنىڭمۇ ئاچچىقىم كەلدى. - دېدى مۇنىرە. 

ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ئاچچىقى بار.

مۇنىرە ئەمدى گەپنى قويۇپ، ئۆيگە كىرىپ كىيىملىرىنى ئېلىپ چامادانغا قالايمىقان تىقىپ ماڭدى،  دادىسى ئۇنى توسىماقچى بولغاندا، ئاپىسى بىلىكىدىن تۇتۇۋېلىپ:

  -  يوقالسۇن! ۋىجدانى يوق ئەبلەخ!  - دېدى.

چاماداننىڭ تۇتقۇچىنى چىڭ تۇتۇپ  بارماقلىرى  ئاقارغان مۇنىرە چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئىشىكتىن چىقتى.

- تاغا، ھەدە، ئالدىرىماڭلار، مەن بېرىپ قاراپ باقاي. - دېدى ئەمەت ئورنىدىن تۇرۇپ.

 ئاپىسى كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، ئەپۇ سوراپ:

   -   ئالدىڭىزدا سەت بولدى، ئۇ ئۆلگۈر قىز سىزگە ماس كەلمەيدۇ،  ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلدى. - دېدى.

- ھېچ ۋەقەسى يوق، مۇنىرەنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوي-پىكرى بار، مەن يەنىلا ئۇنىڭغا قايىل. تاغا، ھەدە، مەن بېرىپ ئۇنىڭغا قاراپ باقاي، ۋاقتى كەلگەندە سىلەرگە تېلېفون قىلىمەن، سىلەرمۇ بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭلار.   - دېدى ئەمەت قولىنى پۇلاڭلىتىپ.

ئۇ كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى، دادىسى ۋارقىرىماقچى بولۇپ يەنە توختاپ قالدى، ئاخىرىدا ئېغىر ئۇھ تارتىپ:

  -   مۇشۇنداق جېدەل قىلىۋېرىپ، ھامان بىر كۈنى مۇشۇ ئۆينى ۋەيران قىلىدىغان بولدىڭىز، - دېدى.  

ئاپىسى قاتتىق ئازابلىنىپ:

   -  مەن قايسى ئىشتا ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيمەن؟ پۈتۈن ئوي - خىيالىم ئۇنىڭدا،  ئۇنىڭ جاپا تارتىپ، ئۇۋالچىلىق تارتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرىمەن، ئەمەتنىڭ تېگى-تەكتىنى بىلىمىز، ھەر جەھەتتىكى شارائىتىمۇ بوپقالىدۇ، ئۇنىڭغا قەيەرى يارىمايدىكەن؟ ئۇ مېنى ئالدىدىڭىز دەيدۇ، ئەگەر مەن ئۇنىڭغا راست گەپنى قىلسام، كۆرۈشكىلى بارامتى؟  - دېدى.

  -  ئۇنىڭ كۆرۈشكۈسى بولمىسا بولدى قىلايلى، سىزمۇ نېمانچە زورلايسىز؟ - دېدى دادىسى. 

  -  قىزىڭىز بۇ يىل 25 ياشقا كىردى، ھازىرچە ئۇ قارشى تەرەپنى تاللىيالايدۇ، يەنە بىر-ئىككى يىلدىن كېيىن باشقىلار ئۇنى تاللايدۇ، چۈشەندىڭىزمۇ؟ قاراڭ، ھازىر ئۇنىڭ نەزىرى ئۈستۈن، ئەمەتتەك بۇنداق ياخشى شارائىتى بار بالىنىمۇ ياراتمايۋاتىدۇ،  - دېدى ئاپىسى. 

 دادىسى يوتىسىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ:

   -  يامىنى كەلسە ئۇنى بىر ئۆمۈر باقارمىز، بۇنىڭغا نېمە بولاتتى، - دېدى. 

  -  بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ ھە؟ ! ياق، توي قىلمىسا قانداق بولىدۇ؟ ئۇ 30 ياشقا كىرگەندە   توي قىلماقچى بولسا، ئەجەبا ئاشۇ ئەرلەر ئۇنى-بۇنى دەپ تاللاپ يۈرسە،  ياتلىق بولۇپ ئېرىنىڭ ئۆيىگە بارسىمۇ ياخشى ئۆتەمدۇ؟ - دېدى ئاپىسى. 

  -  ھەي...  بۇ گېپىڭىزگە قاراڭ، سىزنىڭ بۇ ئىدىيىڭىز... - دېدى دادىسى.

  -   ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ!  - دېدى ئاپىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئاڭلاشنى خالىماي، ياتاق ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئىشىكنى قاتتىق پايتى.

بىر ئۆمۈر ئۆز بېشىمچىلىق قىلغان ھازازۇل خوتۇن... دادىسىنىڭ بېشى يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالدى، قارىغاندا بۇ قېتىم يەنە مۇنىرەگە ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەشكە توغرا كېلىدىغاندەك قىلىدۇ.

مۇنىرە ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىغا چىققاندا ئەمەت كەينىدىن قوغلاپ يېتىشىۋالدى، يەنە ئاشۇ ئاددىي خۇشخۇي چىرايى بىلەن:

  -   مېنى قەتئىي ياراتمىدىڭىزمۇ؟  - دەپ سورىدى .

مۇنىرە بىر ياققا مېڭىپ، چامادان بىلەن  ئىككىيلەننىڭ ئارىلىقنى يىراقلاشتۇرۇپ:

  -  بۇ سىزنىڭ مەسىلىڭىز ئەمەس، مەن پۇلغا ئامراق، يەنە چىرايىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىمەن، باينىڭ ئوغلىنى تاپماقچى. - دېدى.

ئەمەت بېشىنى چايقاپ:

   -  ئۆزىڭىزنى ئۇنداق دېمەڭ، مەن سىزنىڭ پۇلنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، كېلىشكەن بولۇشقا كەلسە، مەن  ھېچبولمىسام ئوتتۇرا ھالغا كىرىمەن ، سەتمۇ ئەمەس، سىز چوقۇم بۇ مەسىلىدىمۇ چىڭ تۇرۇۋالمايسىز. راست گەپ قىلىڭا، سىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىز بارمۇ؟ - دەپ سورىدى. 

ئەسلىدە بار ئىدى.

 لېكىن ھازىر ئۇ ئادەمنى كۆرسىلا غەزەپكە تولىدۇ.

بىراق مۇنىرە ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا بۇ گەپلەرنى دېمەيدۇ، ئەمەتنىڭ چاپلىشىۋېلىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بېشىنى لىڭشىتىپ:

   -  شۇنداق، شۇڭا مېنىڭ باشقا يىگىتلەر بىلەن پەقەتلا ئۇچراشقۇم يوق.  - دېدى.

مۇنىرە چاماداننى  تارتىپ ماڭالماي كەينىگە بۇرۇلدى، ئەمەت تۇتقۇچنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى چىڭ تۇتۇۋالغانىدى.

نېمە قىلماقچىدۇ؟

  -   مەن قارىسام، سىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەم سىزنى ياخشى كۆرمەيدىكەن، ئۇنداقتا سىز نېمىشقا ئۆزىڭىزنى بۇنچە قىينايسىز؟ نېمىشقا يېڭى مۇناسىۋەتنى باشلىمايسىز؟ - دېدى ئەمەت.

مۇنىرە ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ:

  -   مەن پەقەت چۈشىنەلمىدىم، ئىككىمىز بىر قېتىملا كۆرۈشتۇق، پوزىتسىيەم  شۇنداق ئېنىق تۇرسا،  نېمىشقا ماڭا ئېسىلىۋالىسىز؟ - دېدى .

ئەمەت ئەستايىدىللىق بىلەن مۇنداق جاۋاب بېرىپ:

  -  مەن سىزنى تۇنجى كۆرۈپلا  ياقتۇرۇپ قالدىم،  سىزنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىمايدىغانلىقىڭىزنىمۇ بىلىمەن، لېكىن سىزنىڭ پوزىتسىيىڭىزمۇ ياخشى، ئاچچىقلىنىشىڭىزمۇ مۇۋاپىق ،ناھايىتى سىياپە،قائىدىلىك رەت قىلدىڭىز.  ھازىرقىدەك ۋاقىتتىمۇ، گەپ قىلىشلىرىڭىز ئادەمنى راھەت ھېس قىلدۇرىدۇ، مەن بۇرۇن تونۇشقان بارلىق قىزلارغا ئوخشىمايدىكەنسىز. سىزنىڭ بۇ تەرىپىڭىز مېنى جەلپ قىلىۋالدى، شۇڭا باشقا ئىشلار بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايمەن، سىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىزنى ئۇنتۇپ كېتىشىڭىزنى ساقلايمەن. - دېدى. 

  - نىرۋا كېسەل!   - دېدى   مۇنىرە چاماداننىڭ تۇتقۇچىنى سىلكىپ تارتىپ،   -   ئەمدى رازى بولدىڭىزمۇ؟ - دېدى.

ئەمەت كۈلۈپ تۇرۇپ:

   -  قەستەن قىلىۋاتىسىز.  - دېدى.

كاللىسىغا ئات تېپىۋەتكەن كاج

 مۇنىرە ئاچچىقىدا تىرەپ، ئېڭىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ:

   -  كۆزۈمدىن يوقىلىڭ، يوقالمىسىڭىز، سىز بىلەن تەڭ ھالاك بولىمەن، - دېدى! 

تۇرمۇش دائىم مۇشۇنداق ئادەمنى قاتتىق قىينايدۇ.




 



 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章