تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 38-قىسىم_ قوغلاندى

文摘   小说   2024-12-18 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ





ئەپچىدە ئاۋازلىق 88-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231



3736


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

38-قىسىم

   



38-قىسىم

  تۇنجى قېتىم ئۆز يالغۇز تاماققا چىقىش


ئادەم گىرىم قىلىپ سىرتقا چىقىشقا ئادەتلەنگەندىن كېيىن، گىرىمسىز كوچىغا چىققاندا،  ئۆزىنى دۇنيادا تەڭداشسىز سەت ھېس قىلىدۇ، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئالغان كونىراپ كەتكەن تەنھەرىكەت كىيىمىنى كىيىپ، يىغلاپ سەتلىشىپ كەتكەن ھالىتىنى دېمەيلا قويايلى.

بىچارە مۇنىرە كىچىكرەك مېھمانخانىنى تېپىپ ياتاققا كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە بېشىنى كۆتۈرەلمەي قالدى.

 كۆزى ئۆتكۈر ئادەم بولسىلا ئۇنىڭ ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى بىر قاراپلا بىلىپ قالاتتى.

كىچىك مېھمانخانىنىڭ ياتاقلىرىنىڭ ئاۋاز توسۇش ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس، يەنە تېخى ئەرزان باھالىق ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچىنىڭ غەلىتە پۇرىقى بار، مۇنىرە كارىۋاتتا يېتىپلا ياندىكى ياتاقتىن تەييار چۆپنىڭ قېپىنى ئاچقاندىكى ئاۋازىنى ئاڭلىدى.

ئۆزىنىڭ روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىدىن قېچىپ چىققان بىماردەك ئەمەتنى قوغلىۋەتكەنلىكى ئېسىدە بولسىمۇ، كونكرېت نېمە دېگەنلىكىنى ئېنىق ئېسىدە قالمىغانىدى، قىسقىسى، ئۆيدىن  چىققاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، تىنچ-ئامان بولۇشتا پۈتۈنلەي ئىنسانلارنىڭ پايدا-مەنپەئەت قوغلىشىپ، زىياندىن ساقلىنىش ئىقتىدارىغا تاياندى.

ئاتا - ئانىسى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، بۇ ئۆمرىدە ئەمدى مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن.

مۇنىرە ئۆرۈلۈپ يۇيۇلغان-يۇيۇلمىغانلىقىنى بىلمەيدىغان يوتقاننى يىرگەنگەن ھالدا بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، كېيىنكى سېكۇنتتا يەنە تارتىپ يېپىندى.

ئىشقىلىپ كىرلىكمۇ ئوخشاش، ئىشلەتمەي ئامالى يوق.

تۈنۈگۈن ئاخشامقى بىر نەچچە سائەت ئۇيقۇ ۋە بايىقى بىر مەيدان تالاش - تارتىش ئېلىپ كەلگەن چارچاش سەۋەبىدىن پەقەتلا راھەت ھېس قىلمىغان مۇھىتتىمۇ ئاسانلا ئۇيقۇغا كەتتى، ئەمما  ئەسكى چۈش كۆردى.

چۈشىدە يەنىلا ئاپىسىنىڭ يولسىزلىق قىلىپ غەلۋە قىلىشى، ناتونۇش ئەرنىڭ چاپلىشىۋېلىشى، شۇنداقلا بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىۋاتقان ئورۇق، ئېگىز سىماسىنى كۆردى.

كېتىۋاتقان ئادەم مۇراتمۇ؟

 ئارقىسىدىن قاراپ ھاڭۋىقىپ قالدى، نېمىشقا نادىر  ئەپەندىگە ئوخشايدۇ؟

ئارقىسىدىن قارىغاندىكى ئېگىز، ھەم سوغۇققان قىياپىتىدىن قارىغاندا راستتىنلا نادىر  ئەپەندىدەك قىلاتتى.

مۇنىرە چۈشىدىن چۆچۈپ ئويغانغاندا كۈن   ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، سائەت ئالتە يېرىمدىن ئاشقان ئىدى.

يازنىڭ كۈنلىرى كۈن ئۇزۇن، كەچقۇرۇندىمۇ قۇياشنىڭ قالدۇق ھارارىتىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى، ئۆيدىن ئايرىلىپ ئۇنچىۋالا زېرىكىشلىكمۇ بىلىنىشمىدى.

  -  قانداق قالماشمىغان چۈش كۆردۈم... 

ئۇ بىر تەرەپتىن پىچىرلاپ، بىر تەرەپتىن ئاغرىغان بوينى ۋە دۈمبىسىنى ئۇۋۇلاپ، كارىۋاتتىن چۈشۈپ، تار تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ يۈزىنى يۇدى، ئاندىن گىرىم قىلىپ سىرتقا چىقىشقا تەييارلىق قىلدى.

 مۇنىرە چاماداننى قايتا - قايتا ئاختۇردى، گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆيىدە  ئۇنتۇپ قالغانىدى.

بەختكە يارىشا، ئۇ يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان كىچىك سومكىدا ئادەتتە گىرىم قىلىشقا ئىشلىتىدىغان بۇيۇملىرى بار بولۇپ، ئۇ ئەينەككە قاراپ خېلى ئۇزۇن  گىرىم قىلىپ چىرايلىق  بولۇپ، سىرتقا چىقتى.

ھەرقانچە جاپالىق بولسىمۇ، ئوسال ھالىتى باشقىلارغا كۆرسەتكۈسى كەلمىدى.

مۇنىرە غەيرەتكە كېلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى بىر ساماۋار شورپىخانىسىغا قاراپ ماڭدى، باشقا چوڭ ئىشمۇ يوق، پەقەت شۇ تېخى باشلانمىغان مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ، ئۆيدىكىلىرى بىلەن تاكاللىشىپ  قالدىغۇ، بۇ قانچىلىك ئىشتى!

-  ياخشىمۇسىز، قانچە ئادەم؟ - مۇلازىم  تاتلىق كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سورىدى، مۇنىرە قەددىنى رۇسلاپ، سالاپەتلىك قىياپەتتە:

  -  بىر ئادەم، - دېدى. 

 مۇلازىم ئازراق قېتىپ قېلىپ، تۆۋەن ئاۋازدا:

   -  ئۆزىڭىز يالغۇز يەمسىز؟  بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ تاماق مىقدارى خېلى كۆپ.  - دېدى.

مۇنىرە بېشىنى لىڭشىتىپ،  سەمىمىيلىك بىلەن:

  -  مېنىڭ ئەمەلىي كۈچۈمگە ئىشىنىڭ.  - دېدى.

مۇلازىم ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ قويۇپ، ئارتۇق گەپ قىلماي:

   -  بولىدۇ، بۇياققا مەرھەمەت.  - دېدى .   ئاندىن مۇنىرەنى باشلاپ، دېرىزە تۈۋىدىكى ئىككى كىشىلىك ئورۇنغا قاراپ ماڭغاچ،  -   بىراق،  توغرا كېلىپ قالغىنى قاراڭ، بۈگۈن يالغۇز ساماۋار شورپىسى يېگىلى كەلگەن سىزلا ئەمەس، يەنە بىر ئەپەندىمۇ يالغۇز كەلدى. - دېدى.

مۇنىرەنىڭ كۆڭلىگە شۇ ھامان ئازراق تەسەللى تاپتى، قارىغاندا، ھاياتلىقتا ھەركىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى باركەن...

  -  بۇ يەردە ئولتۇرسىڭىز بولامدۇ؟  - دېدى مۇلازىم.

مۇنىرە بۇ جەھەتتە ناھايىتى ئەركىن بولۇپ، بېشىنى لىڭشىتىپ سومكىسىنى ئەمدىلا مۈرىسىدىن چۈشۈرۈشىگە، بېشىنىڭ ئارقىسىمۇ ئاجايىپ كېلىشكەن، خۇددى چۈشتىكىدەك ئېگىز ھەم سوغۇققان  كۆلەڭگىنى كۆرۈپ قالدى. 

ئۇنىڭ تىكىلىپ قاراشلىرىنى سەزگەن بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭغا كەينى قىلىپ ئولتۇرغان كۆلەڭگە بۇرۇلۇپ، ئىككى جۈپ كۆز بىر-بىرىگە قارىشىپ، كەيپىيات مۇرەككەپلىشىپ كەتتى.

مۇنىرە قولىنى چىقىرىپ كىچىك دائىرىدە پۇلاڭلىتىپ:

  -  نادىر  ئەپەندى، نېمىدېگەن توغرا كېلىپ قالغان... -دېدى. 

نادىر ئۇدۇلغا بىر قارىۋېتىپ،  گەپ قىلمايلا كەينىگە ئۆرۈلدى.

مۇنىرە تولىمۇ سەتلەشتى، بۇنداق سوغۇق مۇئامىلە قىلغىنى نېمىسى؟ قانداقلا بولمىسۇن بۈگۈن ئەتىگەندە بىر لەمپە ئاستىدا تۇرغانغۇ. ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سوغۇققان نادىر  ئەپەندىنىڭ ناھايىتى ئەپچىل ھەرىكىتى بىلەن قىزىرىپ پىشقان كالا گۆشىنى سۈزۈپ ئالغانلىقىنى كۆردى.

مۇنىرە چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ پېشانىسىنى يۆلەپ تۇرۇپ قالدى، بۇ ئادەمنى گاھىدا يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكۈسى كېلىدۇ.

-  بۇ ياققا كېلىڭ. - دېدى نادىر دۇفۇنى قازانغا سېلىپ، - سىزگە  قازان پۇلىنى تېجەپ بېرەي.  - دېدى.

 مۇنىرە دەرھاللا كۆڭلىدە بايا ئويلىغانلىرىغا ئەپسۇسلىنىپ، ئۆزىنىڭ شۇ چاغلاردىكى ھۆرمەتسىزلىك قىلغان خىياللىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ،  ئۇدۇلغا كېلىپ ئولتۇردى. نادىر  ئەپەندى يەنىلا نادىر  ئەپەندى - دە، ساماۋار شورپىخانىسىنىڭ تۇمانلىرىدىمۇ يەنىلا شۇنداق كېلىشكەن ھالىتىنى يوقايمايدۇ!

مۇلازىم ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى،  ئىككىيلەن ساماۋار شورپىسى يېيىشتىن بۇرۇن ئۆز ئارا كېلىشىپ قويماستىن بۇ يەردە ئۇچرىشىپ قالغىنى قىزىق بولدى.

- ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، تاماق تىزىملىكىدىن يەنە بىرنى بېرىڭ.  - دېدى نادىر.

مۇلازىم ئېسىگە كېلىپ، ئەسلىدىكى مۇنىرەگە تەييارلاپ قويغان تاماق تىزىملىكىنى دەرھال سۇندى، نادىر ئېلىپ مۇنىرەگە بەردى.

مۇنىرە قەلەمنى بەش-ئالتە قېتىم شىلتىپ ئۆزى ياقتۇرىدىغانلاردىن بۇيرۇتتى، ئاندىن تاماق ئۈستىلىدىكى قالغان سەي كۆكتاتلارغا قاراپ، يېتەرلىك بولدى دەپ ئويلىدى، مۇلازىم  ئۇنىڭغا قاچا-قۇچىلارنى ئەكېلىپ بەرگەندىن كېيىن، تۈزۈت قىلمايلا پىشىپ تەييار بولغانلارنى ئېلىپ يېدى.

 بوغۇلمىغان ئۇزۇن چاچلىرى ئالدىغا سەل-پەل ساڭگىلاپ قالغاندا چاچلىرىنى قۇلىقىنىڭ كەينىگە ئۆتكۈزۈپ قويۇش بىلەن كۇپايىلەندى.

 نادىر قولىنى كۆتۈرۈپ:

-   مۇلازىم، خاپا بولماي ئۇنىڭغا چاچ بۇغقۇچ تېپىپ بەرسىڭىز.  - دېدى.

بۇ گەپنى ئىككىنچى قېتىم ئاڭلىدى...

مۇنىرە بېشىنى يانچە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالدىنقى قېتىمدا ئازابلانغانلىقى ۋە خاتىرجەمسىزلەنگەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى، تارىخ قايتا تەكرارلىنىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، ئۇ نېمىشقىكىن شۇنچە تەمكىن بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا بىر قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ئىككى قېتىم ئوڭايسىزلانغانلىقىدەك ھېسسىياتمۇ پەيدا بولمىدى.

ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش.

  -  نادىر  ئەپەندى، مېنىڭ چېچىمنى قويۇۋېتىپ، ساماۋار شورپىسى يېيەلەيدىغان ماھارىتىم بار.  - دېدى مۇنىرە.

 نادىر ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ:

   -  مەن كىشىلەرنىڭ چاچ قويۇپ بېرىپ تاماق يېيىش ماھارىتى بارلىقىنى كۆرۈپ باقمىدىم، - دېدى.

مۇنىرە كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ، ئەپچىللىك بىلەن چوكىنى  قويدى.

ھى ھى ھى مىجەزى ھەرقانچە ئىنچىكە، ئەستايىدىل بولسىمۇ، نادىر  ئەپەندى يەنىلا بىر ئاشپاقا، ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندىمۇ كۆپ يەيدۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدە، سىنىپى پەرقى يوق ~

نادىرنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن، مۇنىرە ئىختىيارىچە:

  -  نادىر  ئەپەندى،  نېمىشقا ئۆزىڭىز يالغۇز ساماۋار شورپىسى يېگىلى چىقتىڭىز؟  - دەپ سورىدى.

  -  بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشكە ئەرزىگۈدەك ئادەم بولمىسا، يالغۇز يېگەنگە يەتمەيدۇ.  - دېدى نادىر.

تۈز مىجەزىلىك ئادەمنىڭ ئۇدۇل جاۋابى بولدى!

مۇنىرە قايىل بولۇپ نادىرغا قاراپ باش بارمىقىنى چىقاردى، ئۆز ئاغزى بىلەن دوستى يوقلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ھەقىقەتەن قالتىس!  ئەمما ئىتتىكلا باش بارمىقىنى ئاستا چۈشۈرۈپ، يالغاندىن بولسىمۇ:

- ئەمىسە مەن سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇممۇ؟ - دەپ سورىدى. 

 نادىر بېشىنى چايقاپ :

- ھېچقىسى يوق، سىزنىڭ يۈزىڭىز قېلىن.  - دېدى.

ھى... ھى.

ھېلىمۇ ياخشى چاچ بۇغقۇچ دەل ۋاقتىدا يېتىپ كەلدى.

چېچىنى بوغۇۋالغاندىن كېيىن،  كىچىك بۇلۇڭدىكى ساماۋار شورپىسىغا تەۋە بولغان ئاچكۆزلۈك ئاخىرى رەسمىي پەيدا بولدى، مۇنىرە ئەركىن ھالىتىگە قايتىپ،   ئىلگىرىكى غەملەردىن خالاس بولدى.

- نادىر  ئەپەندى، قوي گۆشى سىزگە ماس كەلمەيدۇ! - دېدى مۇنىرە. 

  -  كىم شۇنداق دەيدۇ ؟ - دېدى نادىر. 

- پىلتا قۇيماق بەك تەملىككەن، ھەي نادىر  ئەپەندى، ماڭا ئىككى تالنى ئارتۇق بېرىڭ بولامدۇ!  - دېدى مۇنىرە.

- بولمايدۇ، - دېدى نادىر. 

- يېسسىۋېلەكنى سالغىلى ئۇزۇن بولدى ھە، نادىر  ئەپەندى! - دېدى مۇنىرە. 

- ئۇزاق پىشۇرۇشنى ياخشى كۆرىمەن. - دېدى نادىر. 

  -  ئاچچىق قازاندىن ئېلىپ، ئاندىن سۈزۈك شورپىدا بىر چايقىۋېتىپ يېسە تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ!  - دېدى مۇنىرە.

-  قولىڭىزنى تارتىڭ!  - دېدى نادىر.

بىر سائەتتىن كېيىن، مۇنىرە قورسىقىنى سىيلاپ، رازىمەنلىك بىلەن ئۇھ دېدى.

بۇ ساماۋار شورپىخانىسىنى ياقتۇرۇپ قالدى، تەمى ئاغزىدا قالدى.

تويغۇچە يەپ-ئىچىپ، ئاخىرى باشقا ئىشلارغا دىققەت قىلغۇدەك ماغدۇرغا كەلدى، نادىر بۈگۈن ئازادە، كەڭرى كەلگەن قىسقا يەڭلىك مايكا كىيىۋالغان بولۇپ،  كەڭ مۈرىسىنىڭ ئاستىدىن ئوقۇرەك سۆڭىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.

ئەگەر خىزمەت كۈنىدىكى نادىر  ئەپەندىنى قارىسىمۇ ئادەمنى ئەندىكتۈرۈپ قويىدىغان تىپقا كىرىدۇ دېيىلسە، ھازىرقى نادىر  ئەپەندى كىشىنى نەپسانىيەتچىلىككە ئۈندەپ قويايتتى. چاچلىرى بۇرۇنقىدەك قاتتۇرۇلغان بولماستىن ئەركىن كۆپۆپ تۇراتتى.

يەنە تېخى ئەتىگەندە ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرغان چاغدىكى قىياپىتىمۇ بار، ئەينى چاغدا قورسىقى ئېچىپ كەتكەچكە، ئانچە دىققەت قىلمىغان، ھازىر تەپسىلىي ئويلاپ باقسا، ئەتىگەندىكى نادىر  ئەپەندى ھازىرقىدىن بەكرەك كېلىشكەن كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇزۇنمۇ ئەمەس، قىسقىمۇ ئەمەس قاپقارا چاچلىرىنىڭ گىرۋەكلىرى سەل-پەل ئېگىلگەن، كۆزلىرى يېرىم ساڭگىلاپ تۇرغان بولۇپ، گەرچە تەلەپپۇزى يۇمشاق بولمىسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ناھايىتى مۇلايىم كۆرۈنەتتى.

  





 



 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章