گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم63-قىسىم _نەگە بارىدىكەن

文摘   小说   2024-12-27 13:59   新疆  
 

 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات10-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ




داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  12-بۆلۈم 156 -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  102  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم   第10部

قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
    6261






گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29

29282726
3433323130
3938373635
 44 43 4241 40
494847 46 45
54535251
50
5958575655
6463626160
6968676665
7473727170
7978777675
8483828180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
109108107106105


112111110





گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات10-بۆلۈم

63-قىسىم

 




63-قىسىم



ئىككىنچى كۈنى سەھەردە، گۈلباھار پەرىدە بىلەن ئىلزاتنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارماقچى بولدى.

بىر نەچچە ئادەم ئەمدىلا ئىشىكتىن چىقىشىغا، ئىشىك ئالدىدا ماشىنا ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.

ئەكرەم ماشىنىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، بىر نەچچە ئادەمنى كۆرۈپ سالام بەردى.

ئىلزات ئىككى قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ،  ئىشىك ئالدىنى  توسۇۋالغان ماشىنىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرۇپ:

  -  نېمانداق بالدۇر كەلدىڭىز؟ ئاكام نەگە بارىدىكەن؟ -دەپ سورىدى.  

ئەكرەم كۈلۈپ تۇرۇپ:

  -   ئەپەندىم، سىلەرنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشىمنى تاپىلىدى. - دېدى. 

ئىلزات مەسخىرە قىلىپ پىخىلداپ كۈلۈپ قويۇپ:

 -  ئاۋارە بولماڭ،  ئۆزۈمنىڭ ماشىنىسى بار، ماشىنا ھەيدەش ماھارىتىممۇ ياخشى ... - دېدى.

  -  ئەپەندىم ئۆز جىيەنىنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ماڭا پۈتۈن جەرياندا ھەمراھ بولۇشۇمنى ئېيتتى، ھەمدە دوختۇرخانا بىلەن  ئالدىن كېلىشىپ قويدۇم... - دېدى ئەكرەم. 

ئىلزات كۆزىنى ئالايتىپ قويدى.

پەرىدەنىڭ قورسىقىدىكى بالىنىڭ نەچچە ئىكەنلىكىنى بىرىنچى  بولۇپ بىلمەكچىغۇ؟

شۇنچە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ  چوڭ-كىچىك تەپسىلاتلارغىچە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلغىنىنى قارا...

ئىلزات باشقا گەپ قىلمىدى، بىر نەچچەيلەن ئەكرەمنىڭ ماشىنىسىغا چىقتى.

دوختۇرخانىغا ساق-سالامەت يېتىپ باردى، دەرۋەقە پۈتۈن جەرياندا ھېچقانداق توسالغۇ بولمىدى، ئەكرەم بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرگە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى، ئەگەر ئەر-ئايال پەرقى بولمىغان بولسا،  راستتىنلا B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئۆيىگىمۇ بىللە كىرگەن بولاتتى.

ئۇلار تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان ئەكرەم دەرھال ئالدىغا بېرىپ:

 -  قانداق؟ قانچە كېزەككەن؟  - دەپ سورىدى.

ئىلزات چىشىنى چىشلىدى.

قارا مەقسەتلىك كەپتۇ، مۇشۇنداق ئېنىق سورامدۇ؟ !

 -  بىركەن، بىر بولسىمۇ مەيلى! دىلارەدەك جاپا تارتىپ كەتمەيدۇ... - دېدى گۈلباھار خۇشال كۈلۈپ تۇرۇپ.

گۈلباھارنىڭ كەينىدىكى گەپلىرىنى ئەكرەم زادىلا ئاڭلىمىدى، بالىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇدۇل بىر چەتكە ئۆتۈپ تېلېفون ئۇردى!

ئىلزاتنىڭ خويمۇ خۇيى تۇتتى.

قوشكېزەكنىڭ نېمىسى قالتىس، نېمىلا قىلغىنى بىلەن ئۇنىڭ قىزى ئۇلارنىڭ تېخى تۇغۇلمىغان ئىككى بالىسىدىن چوڭ!

ئىككىسى بىللە بولۇپ، ئۇنىڭ قىزىنى ئاچا دەپ چاقىرىدۇ!

ئەكرەم تېلېفوندا ناھايىتى تېزلا چۈشەندۈرۈپ يەتكۈزۈپ بولدى.

ئىلزات دىمىقىنى قېقىپ، پەرىدەنى يۆلەپ:

-  بىر بالا بولسا  نېمىدېگەن ياخشى، ئاپام توغرا دەيدۇ، جاپا تارتىپ قالمايسىز! - دېدى. 

پەرىدە يېنىك كۈلۈمسىرەپ،  ئۇنچىۋالا كۆپ ئويلاپ كەتمىدى.

ئېنىق نەتىجىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىليار ئاندىن سۇس كۈلۈپ قويدى، ئىككى قېشى ئارىسىغا يىغىلىپ قالغان غەمكىنلىك بىردەمدىلا غايىب بولدى.

قوشكېزەككە ھامىلىدار بولۇش شۇنچە ئاسانمۇ؟

ئەمدى گەپنى دىلارەدىن ئاڭلايلى،

دىلارە زۇبەيدەگە تېلېفون قىلدى.

زۇبەيدە پەرىدەنىڭمۇ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئىنتايىن خۇشال بولۇپ:

-   ھامىلىدار بولۇشمۇ يۇقامدۇ ياكى قانداق بولىدۇ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ داۋاملاشتۇرغىلى تۇردىغۇ. - دېدى . 

دىلارە كۈلۈپ تۇرۇپ:

 -  ئىلزات بەك خۇشال بولۇپ كەتتى. ئاكىسىنىڭ ئالدىدا كۆرەڭلەپ قىلمىغىنى قالمىدى. ھە، يەنە پەرغانەنىڭ ئۇنىڭ قىزى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى...  پەرغانە پەرىدە ئىككىسىنىڭ قىزى .... - دېدى.

زۇبەيدە بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاخىرى كۈلۈپ تۇرۇپ:

  -  بۇ ئەبلەخكىمۇ ئاسان ئەمەس،  كۆز ئالدىدا شۇنچە ئۇزۇن تۇرۇپمۇ بىلەلمىگىنى قارا؟ - دېدى.  

 -  ئاخشام  بۇ ياققا كېلىپ، ئۇدۇل ئىلياردىن  گۇمان قىلدى، كېيىن يەنە دادامنىڭ   قىزىمۇ دەپ گۇمان قىلدى...  

دىلارە زۇبەيدەگە تۈنۈگۈن كەچتە يۈز بەرگەن ئىشلارنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى، بۇ ۋاقىتتا  ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كەتتى.

 زۇبەيدەنىڭ كۈلكە ئاۋازىمۇ ئۈزۈلمىدى.

 -  ئۇنىڭدىن ئەخمەق، قىزىقچى ئادەم بارمۇ؟  - دېدى زۇبەيدە.

دىلارە چوڭقۇر نەپەس ئالدى، كۈلكىسىنى بارا-بارا بېسىلىۋېلىپ:

  -  بەلكىم ئۇمۇ قورقىۋاتقاندۇ...  بەك چوڭ ئۈمىد كۈتۈشكە جۈرئەت قىلالمىغاندۇ... - دېدى. 

 زۇبەيدە بېشىنى لىڭشىتىپ :

- شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. بىكاردىن-بىكار بىر قىزى پەيدا بولۇپ قالسا... قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ ئادەم... دىلارە، مەن ھازىر سەل جىددىيلىشىۋاتىمەن، يەنە ئىككى كۈن بار...  مېنىڭ مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىم كېلەي دەپ قالدى ...  ھازىر ھەم ئالدىراۋاتىمەن ھەم قورقۇۋاتىمەن، - دېدى. 

دىلارەنىڭ چىرايىمۇ سەل جىددىيلىشىپ:

  -  مەۋلان يېنىڭىزدا سىزگە ھەمراھ بولامدۇ؟ - دەپ سورىدى.

زۇبەيدە بېشىنى لىڭشىتىپ:

  -  ئۇ مەن بىلەن بىللە كىرىمەن دەيدۇ...  لېكىن بالا تۇغىدىغان ئادەم ئۇ ئەمەس! !  - دېدى.

ئۇ ھازىر دوختۇرخانىدا تۇغۇتنى كۈتۈپ تۇرغان بولۇپ، مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىغا يېقىنلاشقانسېرى، كەيپىياتى تېخىمۇ سەزگۈرلىشىپ كېتىۋاتاتتى.

 ئىختىيارسىز خۇرسىنىشى، ئەمدىلا ئىشىكتىن كىرگەن مەۋلاننى كۆرۈپلا توختاپ قالدى.

  ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ:

 -  ئەگەر مۇمكىن بولسا، مەن سىز ئۈچۈن تۇغۇشنى خالايمەن.  - دېدى .

زۇبەيدە ئۇنىڭغا ھومىيىپ قاراپ تۇرۇپ:

 -  مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدىڭىزغۇ دەيمەن!  ئەر كىشىنىڭ ئاغزىنىڭ تاتلىقىقىغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ... - دېدى. 

  

مەۋلاننىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرگەندىن كىيىن دىلارە خوشلىشىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

  قويۇۋېتىپ ئىختىيارسىز قورسىقىنى سىيلاپ قويدى. قارىماققا ئۇمۇ زۈبەيدەگە ئوخشاشلا جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.ئارقىدىن ئىلىيار ناشلىقنى كۆتۈرۈپ كىردى.

دىلارە ئەمدى يان تېلېفونىنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ، يوتقاننى ئېچىپ، يانچە بولۇپ كارىۋاتتىن چۈشۈپ:

- قورسىقىم بەك ئاچتى... - دېدى.

ئىليار ناشتىلىقنى ياندىكى ئىشكاپنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ساپما كەشىنى پۇتىغا كىيدۈرۈپ قويماقچى بولۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ:

- بايا نېمىنى كۆردىڭىز؟  - دەپ سورىدى.

دىلارە كۈلۈپ تۇرۇپ:

  -  مەن بايا زۇبەيدە بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتىم، ئۇنىڭ مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىغا يەنە ئىككى كۈن قالدى، شۇڭا جىددىيلىشىپ قاپتۇ... - دېدى.

 ئىلىيار گەپ قىلمىدى. ئۇنىڭغا ساپما كەشنى كىيدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئېڭىشىپ دىلارەنىڭ ئىششىپ سەل سەمرىپ قالغاندەك كۆرۈپ قالغان پۇتىغا قاراپ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قالدى.بىراق چاندۇرماي دىلارەگە ساپما كەشنى كىيدۈرۈپ ناشتا قىلدۇردى..

-  گېپىمىزگە كەلسەك،  زۇبەيدە ئىككىمىزنىڭ مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىمىز ئانچە پەرقلەنمەيدۇ... - دېدى دىلارە ناشتا قىلىۋېتىپ. 

زۇبەيدەنىڭ قورقۇنچاقلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، دىلارە ئۇنىڭدىن  كۆپ ياخشى ئىدى.

ئەمما قوش كېزەك تۇرسا،  بىرەر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەلۋەتتە قورقىدۇ .

كۆڭلىدە نۇرغۇن ناچار خىياللار بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەممىنى بېسىپ قويدى، ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى.

ئىليار لېۋىنى چىڭ يۇمۇپ، لۆڭگە بىلەن ئۇنىڭ قولىنى سۈرتۈپ:

-  ئەڭ ياخشى دوختۇرنى ئورۇنلاشتۇرىمەن... - دېدى. 

دىلارە كۈلۈپ تۇرۇپ:

  -   قورقمايمەن. پەقەت...  سەل ئەنسىرەپ قالدىم...  بالىلارنىڭ سالامەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن... - دېدى. 

 -  شۇنداق بولىدۇ. - دېدى ئىليار. 


ناشتىدىن كېيىن، دىلارە پەسكە چۈشتى، بىنانىڭ ئاستىدا موماي بىلەن پەرغانە بار ئىدى، ئىليار ئۇنىڭغا بىردەم ھەمراھ بولۇپ، ئاندىن ئۈستىگە چىقىپ كەتتى.

موماي ئىليارنىڭ كەينىدىن بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، بېشىنى بۇراپ پەس ئاۋازدا دىلارەدىن :

 -  ئىليارغا نېمە بولدى؟  ئەتىگەندە كۆڭلى جايىدا ئەمەسقۇ. - دەپ سورىدى.

دىلارەمۇ ئۇنىڭ نورمال ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلدى، سەۋەبىگە كەلسەك... 

بۈگۈن ئەتىگەن ئۇنىڭ دىققىتىنى يىغالمايدىغان ئىش يوقتەك قىلغان.

پەرىدەنىڭ قورسىقىدىكى بالا بىركەن،  يەنە كېلىپ، ئانا - بالا ئىككىلىسى ناھايىتى ساغلام ئىكەن.


تەپسىلىي ئويلاپ باقسا، ئۇلار بىلەن ئانچە كۆپ پاراڭلىشىپمۇ كەتمىگەن تۇرسا،  شۇنچىكىن پاراڭلىشىپ قويغانغا بۇنداق دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتمەس...

 قاش-كۆزلىرى توساتتىن مىدىرلىدى، بىرەر نەرسە ئېسىگە كەلدىمۇ-يوق، بىلمىدى، تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە قاراپ، كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.

موماي بۇ جەرياندا ئاندا-ساندا پەرغانەگە قاراپ تۇرغاچقا، دىلارەنىڭ كىچىككىنە ئىنكاسلىرىغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىدى.

 لېكىن، ھازىرقى كەيپىياتىنىڭ  بىنورماللىقنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

 -  نېمە ئىش بولدى؟  - دەپ سورىدى موماي.

دىلارە كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى چايقاپ:

  -  ھېچ ئىش يوق. - دېدى.

ئۇزاق ئۆتمەي، گۈلباھار پەرىدەنى ئېلىپ قايتىپ كېلىپ، خۇشاللىقىنى يوشۇرالمىدى.

دىلارە پەرىدەگە قاراپ كۈلۈپ قويۇپ، مۇبارەك بولسۇن دېدى.

پەرىدەنىڭ كۈلكىسى تاتلىق بولۇپ، ناھايىتى بەختلىك ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.

گۈلباھار دىلارەگە كۈلۈمسىرەپ قاراپ:

  - دىلارە، پەرىدەگە ئەمدىلا ھامىلىدار دەپ دىياگنوز قويۇلدى، سىزنىڭ تۇغۇت ۋاقتىڭىزمۇ يېتىپ كېلەي دەپ قالدى، مەن ئىككىلا تەرەپتىن خاتىرجەم بولالمايمەن. بولمىسا پەرىدە  ئاۋۋال مۇشۇ يەردە تۇرسۇن،  ئەگەر كۆڭلىڭىزگە كېلىدىغان ئىش بولسا، سىلەر بىللە بىزنىڭ ئۆيگە بارساڭلارمۇ بولىدۇ... - دېدى. 

 -   ئاپا،  ھاجىتى يوق، ئۆزۈمنىڭ ھالىدىن ئۆزۈم خەۋەر ئالالايمەن،  -   دېدى پەرىدە ئالدىراپ .

-  قانداقمۇ كۆڭلۈمگە كەلسۇن، مۇشۇ يەردە تۇرۇڭلار، بۇ بىر نەچچە كۈندە ماڭىمۇ ھەمراھ بولىدىغان ئادەم چىقىدۇ. پەرىدە، ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى ئىنتايىن مۇھىم، يېنىڭىزدا ئاپام بولسا ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالالايدۇ، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرمۇ خاتىرجەم بولىمىز، ھامىلىدار بولۇش كىچىك ئىش ئەمەس، سەل قارىماڭ... - دېدى.  

 گۈلباھار بېشىنى قايتا-قايتا لىڭشىتىپ:

- قاراڭ، بۇ كىچىك ئاغزىڭىز ھەقىقەتەن گەپكە ئۇستا ئىكەنسىز، بىلىدىغان ئىشىڭىزمۇ كۆپ، خۇددى ئۆز ۋاقتىدا شۇنداق ياۋاش بولغاندەك گەپ قىلىپ كەتتىڭىز! - دېدى. 

دىلارە بىر پەس گەپ قىلالماي، پەرىدەگە قارىدى، ئىككىيلەن كېلىشىۋالغاندەكلا كۈلۈشۈپ كەتتى.

قارىغاندا، ھەقىقەتەن شۇنداق ئوخشايدۇ!

ئەينى ۋاقىتتا دىلارە  كۆپچىلىكنى ئاز قىينىمىغان.

 -  بولىدۇ، سىلەر ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ئاشخانىغا كىرىپ ئورۇنلاشتۇراي  ... - دېدى گۈلباھار.

  -  ئاپا، سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم،  -  دېدى پەرىدە   مۇلايىم ئاۋازدا. 

-

بىر نەچچەيلەن پەرغانەنى ئويناتقاچ، مېھمانخانىدا بىردەم پاراڭلىشىپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇق تامىقى مەسىلىسى ئۈستىدە پاراڭلاشقاندىن كېيىن، دىلارە ئورنىدىن تۇرۇپ :

-  مەن  قاراپ باقاي، ئىليار ئىلگىرى تەكلىپ قىلغان ئوزۇقلۇقشۇناس خېلى  يامان ئەمەس ئىدى، مەن ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم تەكلىپ قىلىشنى ئېيتاي، - دېدى.

پەرىدە رەت قىلاي دەپ تۇرۇشىغا، موماي بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇل بولدى.

دىلارە ئانچە كۆپ ھەرىكەت قىلماي، بېلىنى تۇتۇپ ئاستا-ئاستا ئىككىنچى قەۋەتكە چىقتى، ئادىتى بويىچە ئۇدۇل كۇتۇپخانىغا باردى.

يەرگە گىلەم سېلىنغان ئىدى، ئۇنىڭ قورسىقى ئەمدىلا چىقىشقا باشلىغان ۋاقتىلا  ئىليار ئالايىتەن  گىلەم سالغۇزغانىدى، ھەتتا ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنىڭ ھەرقانداق قىرلىق جايلارنى ئورىۋەتتى.

دىلارە ئاۋايلاپ ئولتۇرغاچ

 بايا سىرتتا ئاڭلىغان گەپلەرنى ئويلاپ :

 -  پەرىدە قايتىپ كەلدى، ئاپام ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆيى قولايسىز، مەن ئۇلارنى مۇشۇ يەردە تۇرۇڭلار دېدىم، - دېدى . 

 ئىليار  بېشىنى لىڭشىتىپ :

- ماقۇل بولغان بولسىڭىز، ئەمىسە تۇرسۇن. ئىككى كۈندىن كېيىن بىز بىۋاسىتە دوختۇرخانىغا كىرىمىز. - دېدى ئىلىيار. 

دىلارە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

  -  يەنە 20 نەچچە كۈن بار. شۇنچە بالدۇر كىرىۋالامدۇق؟ - دېدى.

- سىز مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىغا تولۇق ئىشىنەمسىز؟ - دېدى ئىليار.

دىلارە لېۋىنى چىڭ يۇمۇپ:

 -   پۈتۈنلەي ئىشەنگىلى بولمايدۇ... - دېدى. 

- شۇڭىچۇ؟ - دېدى ئىليار.

دىلارە ياۋاشلىق بىلەن ماقۇل بولدى.

-  سىز بۇرۇن ئىزدىگەن ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسىگە پەرىدە ئېھتىياجلىق بولۇشى مۇمكىن، قايتىدىن تەكلىپ قىلىپ بەرسىڭىز بولامدىكىن، - دېدى دىلارە. 

 - ھىم، بولىدۇ، - دېدى ئىليار. 

ئارىلىقتا ئىلىيارغا يەنە تېلېفون كېلىپ چىقىپ كېتىپ قالدى. بۇ ۋاقىتتا ياندىكى فاكس ئاپپاراتى  تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى.


دىلارە    جىمجىت ياتقان قەغەزگە تىكىلىپ قاراپ، بىر ئاز ئىككىلەنگەندىن كېيىن يەنىلا ئالدى.

ئون ۋاراق كەلگۈدەك  تۇغۇتنىڭ ئالدى كەينىدىكى پىسخىكىلىق مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى  ئىدى.


دىلارە بۇ قائىدىلەرنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئوڭ قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ بوغۇمىنى چىشلىگىنىچە، چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

ئۇمۇ مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

 ھامىلىدار ئايالنىڭ تۇغۇتتىن ئىلگىرى بەزى پاسسىپ كەيپىيات ۋە ئوي-پىكىرلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلمەي قالمايدۇ، بۇلاردىن ئۆزىنى قاچۇرالايتتى، ئەمما ھاياتىدىكى مۇھىم تۇنجى قېتىم بولغاچقا،  ھەرقانچە پىسخىكىلىق تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ، قىلچىمۇ پەرۋا  قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.

بۈگۈن ئەتىگەن زۇبەيدە تۇيۇقسىز بۇ ئىشنى تىلغا ئالغاچقا، ئۇمۇ جىددىيلىشىپ قالدى، ئىليارغا تايىنىۋېلىش ئادەتكە ئايلىنىپ قالغاچقا، مۇنداق دەپ قويغان، ئۇنىڭ بۇنداق چوڭ ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدى. 

 ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە دىلارە ئىللىق كۈلۈمسىرىدى.

 

 

  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章