تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 54-قىسىم_ قىز بالا يەنىلا ئاجىز

文摘   小说   2024-12-28 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق 107-قىسىم توپلام تامام 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
45
44434241
5049484746


535251


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

54-قىسىم

   



 

 

 


54 -  قىسىم 

قىز بالا يەنىلا ئاجىز


ئەزەلدىن ئۆزىگە ئەركىلەپ باقمىغان قىزىنى قۇچاقلىغان ئانا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي :

   -  يىغلىماڭ، زادى نېمە ئىش بولدى، ماڭا دەڭە، سىزنى بىرەرسى بوزەك قىلدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.

مۇنىرە چىشىنى چىشلەپ بېشىنى چايقىدى، كۆز ياشلىرى توختىماي ئاقتى.

يېقىندىن بۇيان ھەممە ئىشلىرى شۇنداق ياخشى كېتىۋاتقان تۇرسا، نېمىشقا بۇنداق يىغلايدۇ...  راستتىنلا نېرۋا كېسىلى بولۇپ قالمىغاندۇ.

 دادىسى شەپىنى ئاڭلاپ، ئالدىراپ-تېنەپ ئاشخانىدىن چىقىپ، قىزىنىڭ بېشىنى قولاشمىغان قوللىرى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ:

   -  نېمە ئىش بولدى، قورقماڭ، نېمە ئىش بولسا بىزگە دەڭ، بىز سىزگە ئامال قىلىشىپ بېرىمىز، - دېدى.

ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆيۈنۈشىگە قاراپ، مۇنىرە ئۆكسۈپ يىغلىدى، كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ،  يۈزىنى ئاپىسىنىڭ باغرىغا باستى.

نادىر ئۇنىڭغا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ.

بەلكىم ئوغۇل دوست تاپالماسلىقى مۇمكىن.  تاپسىمۇ نادىردەك ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىقى مۇمكىن.

ئۇنىڭ قورقۇش ۋەھىمىسى نادىرسىز كەلگۈسىدىن كەلگەندەك قىلاتتى.

بۇ قانداق تۇيغۇ، يۈرەك - بارىنى سۇغۇرۋالغاندەك نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى.

مۇنىرە  ھېچنېمە دېمىدى، ئاپىسى بىلەن دادىسى تاكى ئۇ ئۇخلاپ قالغانغا قەدەر يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئاندىن ئىشىكنى يېپىپ يەڭگىل قەدەم بىلەن چىقىپ كەتتى.

ئىككىيلەن مېھمانخانىغا كېلىپ ئولتۇردى، كەيپىيات ئېغىر ئىدى.

مۇنىرە قارىماققا  چىقىشقاق، قۇلىقى يۇمشاق كۆرۈنسىمۇ،  ئەمەلىيەتتە ئاپىسىغا  ئوخشاش، ئۆز بېشىمچى ھەم جاھىل. قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، ئالدىنقى قېتىم ئاپىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندىن باشقا، ئۇنىڭ بۇنداق ئاجىز ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغان.

 دادىسى ئۇھ تارتىپ:

   -  بۇ بالا، قاتتىقلىق قىلىۋاتىدۇ. - دېدى.

  -  بۇنى دېيىشنىڭ زۆرىيىتى بارمۇ، - دېدى ئاپىسى ئالىيىپ، - بۇ مېنىڭ قىزىم، ئۇنىڭ قانداق مىجەزى بارلىقىنى  بىلمەمدىم؟ كۆڭلىدە بىرەر ئىش بولسىمۇ بىزگە دېمەيدۇ،  ئىچىگە سېلىپ، ھامان بىر كۈنى ئاغرىپ قالىدۇ، - دېدى.

  -   سىزنىڭچە بۈگۈنكىسى قانداق ئىشتۇ؟ - دېدى دادىسى.

  -  مەن بۇنى قانداق پەرەز قىلالايمەن. - دېدى ئاپىسى چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ،  -  بولمىسا پەزىلىيە كېلىپ سۆزلىشىپ باقسۇن، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى، بىزگە دېمىگەن گەپلىرىنى، ئۇنىڭغا دېيىشى مۇمكىن، - دېدى.

دادىسىمۇ بېشىنى لىڭشىتىپ:

   -  بۇمۇ بولىدىغان گەپ، - دېدى.

ئىككىنچى كۈنى مۇنىرە رۇخسەت سورىدى، ئاغرىپ قالغاندىمۇ رۇخسەت سورىمىغان مۇنىرە تۇنجى قېتىم روھى چۈشكىنلىك سەۋەبىدىن رۇخسەت سورىدى.

مۇنىرە  يوتقانغا يۆگىنىپ، نادىرغا تېلېفون قىلىپ:

-  نادىر ئەپەندى، كەچۈرۈڭ، مىجەزىم يوق، بۈگۈن سىزنى ئىشقا ئاپىرىپ قويالمايمەن. - دېدى.

نادىر تۈگرە تۈگۈۋاتقان قولىنى توختىتىپ:

   -  زۇكام بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.

  -   ھىم، بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ، - دېدى.

  -  تۈنۈگۈن ئاخشام ساپادا ئۇخلىغانمۇ؟ - دەپ سورىدى نادىر.

مۇنىرە ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ:

   -  بۇ قېتىم خاتا پەرەز قىلدىڭىز.  - دېدى.

  -   خاتا پەرەز قىلغان بولساممۇ كارايىتى چاغلىق، شۇنچە بالدۇر تۇرۇپ تېلېفون قىلىپ جاپا چەكتىڭىز. - دېدى نادىر.

مۇنىرە يوتقاننىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ غۇدۇراپ:

  -  مېنى مازاق قىلىۋاتامسىز... - دېدى.

  -  كۆپ ئويلاپ كېتىپسىز. - دېدى  نادىر بېشىنى چايقاپ، -  ھاممام  ئۆيدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.

  -   ھەئە. - دېدى مۇنىرە.

- ئەمىسە  داۋاملىق ئۇخلاڭ، تېلېفوننى قويۇۋەتتىم، ياخشى ئارام ئېلىڭ. - دېدى نادىر.

- ھىم، خوش ئەمىسە. - دېدى مۇنىرە.

 تېلېفوننى بىر ياققا تاشلاپ، لاسسىدە بولۇپ قالدى. كۆپرەك ئەھۋال سوراپمۇ قويمىدى،  ئالدىنقى قېتىم ئاغرىپ قالغاندا، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنىڭغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ...  ئەتىگەندە ئادەمنى جىلە قىلدىغۇ... 

ھەي... بولدىلا ئۇخلاي...

نادىر تېلېفوننى قويۇۋېتىپ،  يېرىم تۈگۈلگەن جىلتا  ۋە قىيمىغا قاراپ قويدى. تېلېفوننى قويۇپ ئۈچ مىنۇت ئۆتمەيلا پۈتۈن ئۈستەلنى پاكىز تازىلاپ،  ئوچاقنى ئېسىپ،  بىر ئىستاكان سۈت قايناتتى.

مۇنىرە پۈتۈن كۈن كارىۋاتتا يېتىشقا ئامالسىز قالدى، چۈنكى تېخىچە ئىشسىز يۈرگەن پەزىلىيە يېتىپ كەلدى.

پەزىلىيە  ئۈچ مىنۇتقىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇنى ئۇخلاش كىيىم كىيگەن پىتى يوتقاندىن سۆرەپ چىقتى، تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتكەن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا كىيىم تاللاپ بەردى، ھەتتا لەۋ سۇرۇخنىڭ رەڭگىنىمۇ ماسلاشتۇرۇپ قويدى.

يېرىم سائەتتىن كېيىن، پەزىلىيە مۇنىرەنى ئىشىكتىن ئىتتىرىپ چىقىپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا مۇنىرەنىڭ ئاپىسىغا قاراپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ:

  -  مەن ئۇنى ئوينىغىلى ئېلىپ چىقىپ كەتتىم، خوش ئەمسە~ -  دېدى .

مۇنىرەنىڭ ئاپىسى خاتىرجەم ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ قول پۇلاڭلىتىپ:

   -  كۆڭۈللۈك ئويناپ كېلىڭلار.  - دېدى.  مۇنىرەنىڭ دوستلىرى  ئىچىدە  ھەممىدىن بەك خاتىرجەم قىلىدىغىنى يەنىلا  قىزى بىلەن يەسىلىدىن باشلاپ دوست بولۇشقان پەزىلىيە ئىدى.

ئالدىنقى كۈنى يامغۇر ياغقان بولسىمۇ، ئىككىنچى كۈنى تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىمەي ئەكسىچە ئۆرلەپ، بۇلۇتلار سۈزۈكلىشىپ، قۇياش نۇرى كۆزنى قاماشتۇردى.

مۇنىرە نۇرنى كۆرۈپلا بېشى قېيىپ، ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا تەمشەلدى، ئەمما پەزىلىيە ئۇنى مەجبۇرىي ئاپتاپقا تارتىپ:

  - ئاپتاپسىراپ كېتىپسىز، شۇڭا كاللىڭىزغا مۇشۇنچىۋالا كۆپ سۇ يىغىلىپ قاپتۇ! - دېدى.

مۇنىرە بىر ئاز ئويلىنىپ، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

كۆزىنى قىسىپ بېشىنى چايقاپ، پەزىلىيە قاراپ:

   -  بۈگۈن قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش بار؟  - دەپ سورىدى.

پەزىلىيە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، بىر بارمىقىنى چىقىرىپ، يىراقلارنى كۆرسىتىپ:

   -  يېيىش، ئىچىش، ئويناش، كۆڭۈل ئېچىش!  - دېدى.

بۇ سۆزلەر تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەتىگەنلىك ناشتىدا ئوخشىغان مانتا يېگەندىن كېيىن، مۇنىرە ئۇنى ئۇزۇندىن بېرى بېرىپ باغمىغان شادلىق باغچىسىغا ئاپاردى، شادىمان ياغاچ ئات ئويناشتىن سوقۇلما ماشىنىغا ئولتۇرۇشقىچە، غالتەكلىك ھارۋىدا ئولتۇرۇپ چوڭ ئەگمىدىن چۈشكەندە قاتتىق ۋارقىراپ، ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلىپ، تاس قالدى ياندۇرۋەتكىلى.

پەزىلىيە چىرايى تاتارغان ھالدا چىقىش ئېغىزىدىكى رېشاتكىنى تۇتۇپ، ئوخشاشلا تاتىرىپ كەتكەن مۇنىرەگە قاراپ:

   -  قانداق، قانداقراق؟ - دەپ سورىدى.

مۇنىرە ھاسىراپ ، بارماقلىرىمۇ تىترەپ:

  -  ياخشى... ياخشى ئەمەس. - دېدى.

بەك قورقۇنۇچلۇق ئىكەن، بوشلۇقتىكى چاغدا  بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى بۇزۇلۇپ  ئۇچۇپ چىقىپ كېتىدىغاندەك، بۈگۈنكى ئەڭ نەس باسقان نامزاتلىقىغا تاللىنىپ، تورغا چىقىپ قالىدىغاندەك بىلىنىپ كەتتى.

پەزىلىيە چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋېلىپ:

   -  ئۇنداقتا ئازراق ئارام ئېلىۋالايلى، ئاندىن باشقىسىغا چىقايلى، سىزنىڭ نېمە ئوينىغۇڭىز بار؟ - دەپ سورىدى.

مۇنىرە تۆت ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ، ماروژنى ئۆيى ۋە پەلەك چاقىدىن ئۆتۈپ، ئۇدۇلدىكى ئىنتايىن ئېگىز ئەسلىھەگە  كۆزى چۈشتى.

ئۇ قولىنى سوزۇپ تۇرۇپ:

   -  مۇشۇنى ئوينايلى، - دېدى.

  -  ھە... - پەزىلىيە ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقنى يوقىتىپ ئۇچۇپ چىقىپ كېتىدىغاندەك قورقۇپ چىرقىراپ كەتتى،  تۇتقۇچنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ ھوشىدىن كەتكىلى تاس قالدى.

ئېگىزدىن سەكرەش ئۇيۇنچۇقىدىن  پەسكە سەكرەپ چۈشكەندە، قۇلاقنى يارغۇدەك چىرقىرىغان ئاۋازلار ئەتراپنى بىر ئالدى، بۇ ئويۇندا قورقمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك.

مۇنىرەمۇ قورققىنىدىن  ۋارقىراشنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى.

بۇ دۇنيادا كىممۇ بۇنداق زېرىكىشلىك سۈيلەشلەرگە ئۇچرىمايدۇ، ھەتتا نادىرنىڭمۇ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان چاغلىرى بولىدۇ، ئۇ نېمە ئۈچۈن تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلاردىن ئالدىن ئەندىشە قىلىدۇ.

 ۋاقتى كەلگەندە ھەممە ئىشنىڭ ئامالى چىقىدۇ، نۆۋىتى كەلگەن بولسا ئىشلار ئۆزلۈكىدىن ھەل بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.

كاللىسىدىن ئۆتكەن مۇنىرە بەدىنىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، پەسكە چۈشكەندە قاقاقلاپ كۈلدى.

ئۆتكىلى بولمايدۇ دەپ ئويلىۋالغان ئىشلار ھامىنى ئۆتۈپ كېتىدۇ،  مانا بۇ ھايات.

پەزىلىيە  قىسقىغىنا نەچچە ئون سېكۇنت ئىچىدە ئۇنىڭ كاللىسىدا نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىنى بىلمەيتتى، پەقەت بۇ كۈلكە ئاۋازى باشقىلارنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازىغا ئارىلىشىپ قاتتىق چۆچۈپ كەتتى.

مۇنىرە  ساراڭ بولۇپ قالمىغاندۇ ھە!

يەنە بىر قورقۇنچلۇق ئويۇنى ئويناپ بولغاندىن كېيىن، پەزىلىيە بولالماي قالدى، ئۇنىڭ يېنىدىكى مۇنىرەمۇ تىترەپ،  چىرايى قەغەزدەك تاتىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كۆزلىرى چاقناپ، روھى ھالىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى.

ئەڭ چوڭ نەتىجە كاللىسىدىكى سۈيى قورقۇنۇشتا چىقىپ كەتكەندەك قىلاتتى!

  -   ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالدى، يۈرۈڭ، سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي.  - دېدى مۇنىرە.  ئىككىلىسىنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى ئىدى، ئىشىك بېلىتىنىڭ پۇلىنى پەزىلىيە چىقارغاندىكىن،  تاماق پۇلىنى ئۆزى چىقارماقچى بولدى.

ياخشى ئۆتكەن دوستلارنىڭ ياخشى تەرىپى شۇكى، تاماق يېگەندە قارشى تەرەپنىڭ نېمىنى يېمەسلىكىنى بىلمەسلىكتىن قىلچە ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ، نېمە يېگۈسى كەلسە شۇنى بۇيرۇتالايدۇ، ئىشقىلىپ ۋاقتى كەلگەندە ئىككى جۈپ چوكا تالىشىپ تۇرۇپ يەيدۇ، قالغىنى قانچىلىك كارامىتى بولۇشقا باغلىق.

پەزىلىيە بىر ئىستاكان ئىسسىق چاي  ئىچىپ كۆڭلى ئېلىشقىنى بېسىلىپ:

  -   ساراڭ بوپسىز، راستتىنلا ساراڭ بوپسىز، مەن سىزنىڭ ساراڭلىقىڭىزدىن ئەڭ قورقىمەن، - دېدى.

مۇنىرە كۈلۈپ قويۇپ، بېشىغا بىرنى ئۇرۇپ قويۇپ:

   -  مەنمۇ بېشىمنى ئۇيۇشۇپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن، بىراق كەيپىياتىم خېلى يېنىكلەپ قالدى، بۇنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ تۆھپىڭىز. - دېدى.

- ئۇنداقتا مەن ھاياتىمنى ئىسراپ قىلىپ، سىزگە ھەمراھ بولۇپ ساراڭ بولاي.  ئەمىسە ئۇدۇللا سوراي،  نېمە ئىش بولدى، ھاممامنى بۇنچە ئەنسىرىتىپ قويغۇدەك، - دەپ سورىدى پەزىلىيە.

  -  ئەمەلىيەتتە  ھېچقانچە چوڭ ئىشمۇ ئەمەس، بەخت تۇيۇقسىز كېلىپ قالدى.   ـ  دېدى مۇنىرە كۈلۈپ تۇرۇپ، -  مېنىڭ قانداقلىقىمنى تېخى بىلمەمسىز، شۇ قورسىقىم تويسىلا قۇرۇق خىيال قىلىپ، ئۆزۈمنى ئۆزۈم قىينايمەن خالاس. - دېدى.

پەزىلىيە كۆزلىرىنى ئالايتىپ:

   -  بۇ قېتىم ھاممامنىڭ ئالدىغا بېرىپسىز، بۇنىڭدىن ئىشنىڭ كىچىك ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. - دېدى.

  -  ھېچ ئىش بولمىدى. ـ  دېدى مۇنىرە قولىنى پۇلاڭلىتىپ،  ـ ھازىر مېنىڭ ھاياتىي كۈچۈم ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، مەندە چاتاق يوق. - دېدى.

قورۇمىلار چىقتى، مۇنىرە ئىتتىكلا چوكىنى ئالدى، ئەسلىدە ئۇنىڭ بىلەن تالىشىشىدىغان  پەزىلىيە بۇ قېتىم چوكىسىنى مىدىرلاتماي:

  -  سىز ئىزچىل مۇشۇنداق، پەقەت مەنلا  كۆڭلۈمدىكى ئىشلارنى ھەممىنى دەپ بېرىمەن، سىز ئەزەلدىن دەپ باقمىدىڭىز، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا،  ھېچنېمە دېمەيسىز. - دېدى.

مۇنىرە يېيىشتىن توختاپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ، تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ تۇرغان پەزىلىيەگە قارىدى، بىردەمدىن كېيىن چوكىسىغا قىستۇرۇلغان كالا گۆشىنى ئالدىدىكى كىچىك قاچىغا تاشلاپ:

  - ئەمەلىيەتتە بۇلار مۇھىم ئەمەس، سىز يېنىمدا بولسىڭىزلا، ماڭا ھەمراھ بولىسىزلا بولدى، - دېدى.


 



  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章