كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
47 | 46 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
48-قىسىم
48 - قىسىم
مۇنىرە ئىككىڭلار ماس كەلمەيسىلەر
ئەمەتنىڭ مۈرىسى بىلىپ - بىلمەيلا ساڭگىلىدى، ئوڭايسىزلانغان ھالدا قوشۇمىسىنى ئۇۋۇلاپ:
- مەن ئۇنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىمەن. - دېدى .
- ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ. - دېدى نادىر.
بۇ گەپ يۈرىكىگە نەشتەر بولۇپ سانجىلدى.
ئەمەت نادىرنىڭ چىرايىغا قاراپ، ئۇنىڭ تولىمۇ غەلىتە ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ تەلەپپۇزى تىنچ بولمىغان بولسا، دەرھال بۇ ئەبلەخ بىلەن ئۇرۇشاتتى! بىراق ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىنى تۇتۇۋالدى، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇمۇ بىر زىيالىي، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەمۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنداق ھاياجانلىنىپ كەتسە بولمايدۇ.
ئۇ نادىرنىڭ سالماق تۇرقىنى دوراپ، كۆڭلىدىكى غەزەپنى ئاستا-ئاستا بېسىپ:
- مۇنىرە ئىككىڭلار ماس كەلمەيسىلەر... سىز قارىماققا بايۋەتچچىدەك كۆرۈنىسىز، مۇنىرە ئادەتتىكى ئادەم، ئۇ سىزنى كۈتۈپ بولالمايدۇ، - دېدى.
نادىر قولىدىكى تېلېفوننى يىغىشتۇرۇپ، ئورۇندۇققا يۆلىنىپ دۈمبىسىنى سەل-پەل تۈزلەپ، ھەيۋىسىنى نامايەن قىلىپ، سوغۇققىنە تەللەپپۇزدا:
- بۇنىڭ ئۆزى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىشىلەرنى دەرىجىگە ئايرىش ... مۇنىرە سىزگە ئۇچراپ قېلىپ، ھەقىقەتەن نەس بېسىپتۇ، - دېدى.
مۇنىرە كېسەلخانىغا قايتىپ كەلگەندە، ئاپىسى ئۇخلاپ قالغانىدى، چىرايى كۆكىرىپ كەتكەن ئاپىسىغا بىر پەس قارىۋەتكەندىن كېيىن، دادىسىغا قاراپ پەس ئاۋازدا :
- ئاپام مېنىڭ سەۋەبىمدىن مۇشۇنداق بولۇپ قالدىمۇ؟؟ - دەپ سورىدى.
دادىسى بېشىنى چايقاپ:
- خاتالاشتىڭىز، ھەممىسى سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز ئەمەس. ئاپىڭىز بىر ئۆمۈر باشقىلار تەرىپىدىن بۇنداق ئەيىبلىنىپ باقمىغان، كۆڭلىدە بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىدى، بۇ بىر مەزگىلدە كۈندۈزى تاماق يېيەلمەي، كېچىسى ياخشى ئۇخلىيالمىدى، ئويلىغانسېرى ئاچچىقى كېلىپ، ئاخىرى كېسىلى قوزغىلىپ قالدى، - دېدى.
- ئۇنداقتا مەن قانداق قىلىمەن، مېنىڭ ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن مۇھەببەتلەشكۈم يوق. - دېدى مۇنىرە.
- ئۇنداقتا سىز كىمنى ياخشى كۆرىسىز؟ ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىز بىلەن مۇھەببەتلەشسىڭىز بولىدىغۇ، - دېدى دادىسى.
مۇنىرە ئويلاندى، ئۇ گەرچە مۇراتنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر پۈتۈنلەي قىزىقماس بولدى. بۇ مەزگىلدە، ئاشۇ قالماشمىغان ئىشلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويغاندا، ئەمەلىيەتتە كۈنلىرىنى ناھايىتى ياخشى ئۆتكۈزدى، ھەر كۈنى ئىشقا بارغاندا نېمە سېتىۋېلىشنى ئويلىغان بولسا شۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن كىنو كۆرۈپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئۇششاق-چۈششەك قول - ھۈنەرۋەن بۇيۇملىرىنى ياسىدى، ئاندىن نادىر ئەپەندى ئەتكەن تاماقلاردىن ئانچە - مۇنچە يەپ، دەردىنى تۆكىدۇ، گەرچە ياخشى گەپ قىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ھەمىشە دەل ۋاقتىدا پەيدا بولىدۇ...
ھە، قانداقسىگە نادىر ئەپەندىدەك ياخشى ئادەم ئۇنىڭغا ئۇچراپ قالغاندۇ...
ئۇنى راستتىنلا ياقتۇرۇپ قالدى.
دادىسى ئۇنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىپ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئادەمدەك بىر نۇقتىغا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۈنسىز ئۇھ تارتىپ:
- ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىز بولسا ئاپىڭىزغا توغرا تەللەپپۇزدا ئىپادىلەڭ، سىز راستتىنلا ئۇ ئادەمنى ياخشى كۆرىسىڭىز، قارشى تەرەپ سىزنى ياخشى كۆرمىسىمۇ، ئاپىڭىز سىزنى دەرھال باشقا ئادەمنى تېپىشقا مەجبۇرلامتى... بولىدىلا بۇنىڭغىمۇ بىر نېمە دېمەك تەس. - دېدى.
مۇنىرەمۇ دەل مۇشۇنىڭدىن بىزار.
- غەيرەت قىلىپ بېقىڭ، سىزمۇ ياخشى كۆرىدىغان، سىزنىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بىرسىنى تېپىپ ئاپىڭىزغا كۆرسىتىپ قويۇڭ، ھەمىشە تەليىم يوقكەن، يالغۇز ياشايمەن دەپ يۈرمەڭ، ئاپىڭىز سىزنىڭ بۇ ئويىدا بولۇشىڭىز قاراپ تۇرالمايدۇ، - دېدى دادىسى.
- ئەمەلىيەتتە مېنىڭ بۇ ئويۇممۇ خاتا ئەمەسقۇ... - دېدى مۇنىرە غودۇڭشۇپ،- بۇنىڭ نەرى خاتا، - دېدى.
- خاتا ئەمەس، كونىلار زورمۇ-زور پىچقان قوغۇن تاتلىق چىقمايدۇ دېگەن گەپ بار، لېكىن سىزمۇ بىزنىڭ ئورنىمىزدا تۇرۇپ ئويلىشىپ بېقىڭ، بىزمۇ قېرىدۇق، ياشلارنىڭ ئىدىيەڭلارغا يېتىشەلمەيمىز. كۆڭلىمىزدە، بىرەر ھەمراھىيى بولمىسا كېيىنكى تۇرمۇشىنى قانداق ئۆتكۈزىدۇ؟ ئاغرىپ قالسا، يارىلانسا، كىم ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ؟ ئەگەر سىرتقا چىقىپ ئىش بېجىرمەكچى بولسا، كىم ھەمراھ بولىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قالىدىكەنمىز.
سىز ھازىر تېخى كىچىك، نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشەنمەيسىز، دۇنيادا ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بايقايسىز، ئىككى ئادەم بىر-بىرىنى يۆلىسە، ئىشلار كۆپ ئاسانلىشىدۇ. - دېدى دادىسى.
- مېنىڭ بۇنداق ئالدىراپ - تېنەپ بىرەرسىنى تاپقۇم يوق... - دېدى مۇنىرە.
- ئاپىڭىزنىڭ بۇ ئىشقا سەل ئالدىراپ قالغانلىقى راست، لېكىن سىزمۇ ئاكتىپ بولۇڭ، ئەگەر ئەمەتنى ياقتۇرمىغان بولسىڭىز، ئاپىڭىز باشقا بىرىنى تاپسۇن، ئاپىڭىزمۇ ئەمەت بولمىسا بولمايدۇ دەپ ئېسىلىۋالمايدۇ. ئاساسلىق مەسىلە خاتالىقىڭىزنى رەت قىلىش پوزىتسىيەلىرڭىزدە، سىزمۇ قوپاللىق بىلەن رەت قىلدىڭىز، ئاپىڭىزمۇ جاھىللىق قىلىپ قالدى، ئىككىڭلار بۇنداق تۇتۇشۇپ قالساڭلار، بۇنىڭغا كىم بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ - دېدى دادىسى.
شۇنداقتەك قىلىدۇ.
مۇنىرە بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئاخىرى بىر ئاز بوشىشىپ:
- ئەمىسە ئۆزۈم ئوبدان ئىزدەي، لېكىن مەن ئەمەتنى راستتىنلا ياقتۇرمايمەن، دادا، سىزمۇ ماڭا ياردەملىشىپ ئاپامغا ئوبدانراق گەپ قىلىپ قويۇڭ، كېلەر قېتىم لايىق تونۇشتۇرماقچى بولسا چوقۇم مېنىڭ ماقۇللۇقىمنى ئېلىشى كېرەك، ھېچ بولمىغاندا ئاۋۋال ماڭا بىرىنچى قول ماتېرىيالىنى بەرسۇن، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش-كۆرۈشمەسلىكنى ئۆزۈم قارار قىلاي ياكى باشقا جەھەتلەردە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشەنچىگە ئىگە بولاي. - دېدى مۇنىرە.
دادىسى كۈلۈپ كېتىپ، قىزىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:
- بولىدۇ، سىز ئاپىڭىزغا قارىغاندا ئەقىللىك، ئىش ئۇقىسىز، - دېدى .
مۇنىرە ئاغزىنى ئۇچلاپ:
- ئۇ... - دېدى.
ئەگەر ئازراقمۇ ئىش ئۇقمايدىغان بولسا، بۇرۇنلا ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدىغان ئاپىسى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن بولاتتى.
- بولدىلا، ئەتە يەنە ئىشلەيسىز، قايتىپ بېرىپ ئارام ئېلىڭ، بۇ يەردە مەن بولساملا بولدى. - دېدى دادىسى. بۇ چاغدا تۇيۇقسىز بىر ئىش ئېسىگە كېلىپ، - ھە راست، ئەمەت سىزنى ئىزدەپ چىقىپ كەتكەنغۇ، ئۆزى قېنى؟ - دەپ سورىدى.
- ھە؟ - دېدى مۇنىرە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قېلىپ، - مەن ئۇنى كۆرمىدىم. - دېدى.
دادىسى قاپىقىنى تۈرۈپ:
- بولدى، كېلەر قېتىم ئۇنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ قويارمەن، - دېدى.
- بولىدۇ. - دېدى مۇنىرە، بىر ئاز ئويلىنىپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي گۇمانلىنىپ، - دادا، ئەمەت نېمىشقا بۇنچە بىكار يۈرىدۇ، ئۇ يېزا-بازار مەمۇرى ئىدىغۇ، بىزنىڭ ئۆيگە كېلىشكە شۇنچە كۆپ ۋاقتى بارمۇ؟ - دەپ سورىدى.
دادىسى مۈرىسىنى قىسىپ تۇرۇپ:
- بىلمىدىم، بەزىدە كۈندۈزى كەلسە، بەزىدە كەچتە كېلىدۇ، ئاپىڭىزمۇ بەك ئەخمەق، ئۇنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدى. - دېدى.
كۆڭلىدىكى راست گەپنى قىلغاندا، دادىسى ئەمەتنى ئازراقمۇ ياقتۇرمىدى، ياشلار مۇھەببەتلەشسە بولىدۇ، لېكىن خىزمەتنى بۇنداق كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۆزى بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك.
- تېز قايتىپ ئارام ئېلىڭ، بۇ مەزگىلدە ئاپىڭىزنى بەزلەپ بولغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ تۇرۇڭ، سىرتتا ئۆي ئىجارە ئېلىپ، پۇلىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ، - دېدى دادىسى.
ئۆيگە كۆچۈپ كېتىش ئىشىنى ئوبدان ئويلىنىشى كېرەك، قانداقلا بولمىسۇن ئاران تەستە چىقتى.
ياتاقدىشىنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىنى دېمىگەندەك ، ئۆزى يالغۇز تۇرسىمۇ ئەركىن - ئازادە بولۇپ قالىدىكەن..
- دادا، ئەمىسە مەن ئەتە چۈشتە كېلەي، بۈگۈن كەچ جاپا تارتىدىغان بولدىڭىز. - دېدى مۇنىرە.
دادىسى قولىنى پۇلاڭلىتىپ:
- بېرىڭ، قايتىپ ئارام ئېلىڭ، - دېدى.
ئىشىك يېپىلغاندا، ئايالىغا يوتقاننى يېپىپ قويۇپ، ئۈن-تىنسىز ئۇھ تارتىپ:
- مۇشۇ خوتۇنىزە... - دېدى.
دوختۇرخانىنىڭ كارىدورىدا ئادەملەر ھەمىشە ئالدىراش يۈرۈشىدۇ، ئارىلىقى بەك يېقىن بولغاچقا تورۇس چىرىغى كىشىلەرنىڭ سايىسىنى يورۇتۇپ، ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغاندەك خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قوياتتى.
مۇنىرە تۇيۇقسىز چۈشكۈرۈپ بۇرۇنىنى ئۇۋۇلىدى، دېزىنفېكسىيە سۈيىنىڭ پۇرىقىدا نەچچە سائەت تۇرۇش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.
ئۇ زالغا قاراپ كېتىۋېتىپ، كىشىلەر ئارىسىدىن نادىرنى كۆرۈپ قالدى. بۇ ئادەم ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگىدەك، چىراغ نۇرى ئۈن-تىنسىز يورۇتۇپ تۇراتتى.
مۇنىرە كۆڭلىدە نارازى ئىدى، ئەمما بەدىنى ئىختىيارسىز ئالدىغا سىجىلىپ تاكى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ:
- نادىر ئەپەندى، مەن سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي. - دېدى.
نادىرنىڭ كۆزى يان تېلېفوننىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى بۇرجىكىگە، ئاندىن ئۇنىڭ يۈزىگە يۆتكىلىپ:
- ھاممامنىڭ يېنىدا كۆپرەك تۇرماپسىزغۇ؟ - دېدى.
- ئۇخلاپ قالدى، ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەي دېدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بايا دوختۇردىن سوراپ باقتىم، چوڭ چاتاق يوقكەن، قارىغۇلارچە ئالدىراپ كېتىپتىمەن، - دېدى مۇنىرە ئازادە كەيپىياتتا، - شۇڭا سىزنى ئاپىرىپ قوياي دەپ كەلدىم، - دېدى.
نادىر بېشىنى لىڭشىتىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ:
- ماڭايلى. - دېدى.
مۇنىرە ئۇنىڭ بىلەن بىللە سىرتقا قاراپ ماڭدى، كۆڭلى خاتىرجەم بولغانلىقتىن، گېپىمۇ كۆپىيىپ:
- نادىر ئەپەندى، گېپىمنى ئاڭلاڭ، دادام بايا ماڭا تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم بىر ھەمراھ بولۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى، ئاڭلاپ ناھايىتى توغرىدەكمۇ ھېس قىلدىم، يەنە بىر يەرلىرى توغرا ئەمەستەكمۇ قىلىدۇ، سىز ماڭا ياردەملىشىپ تەھلىل قىلىپ بېرىڭە، - دېدى.
- رەت قىلىمەن، - دېدى نادىر.
- ھەي، ئاۋۋال گېپىمنى ئاڭلاپ بېقىڭ! - دېدى مۇنىرە.
- ئاڭلىمايمەن.، - دېدى نادىر.
- سىز شۇنچە تېزلا ماڭا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ - دېدى مۇنىرە.
- شۇنداق. - دېدى نادىر.
مۇنىرە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قېلىپ:
- نېمە ئۈچۈن؟ - دەپ سورىدى.
نادىر ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەردە ئالىيىپ قويۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىپ:
- كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس. - دېدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar