كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم 第10部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
66-قىسىم
66-قىسىم
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن دىلارەنىڭ مۇمىسى رەنا خانىممۇ ئىككى دوختۇرنى باشلاپ دىلارەنىڭ ياتىقىدا پەيدا بولدى.
دىلارە بۇنداق ئەتىۋارلىنىشتىن چۆچۈپ كەتتى.
شۇ تاپتا ئۆي ئىچى ئادەم بىلەن توشۇپ كەتتى.
مومىسى، قېيىنئانىسى، قېيىنئاتىسى، ئىليار، ئەكبەر، ئىلزات، پەرىدە، پەرغانە، رەنا خانىم، زەرىفە ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئىككى دوختۇر ....
دىلارە كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا ئاغزىنى يۇمالماي قالدى.
يەنە ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن دوختۇرلارمۇ بار....
ئىليار كېلىشىپ قويغان، ئەكبەر تېپىپ كەلگەن، ئاپىسى ئېلىپ كەلگەن، ھازىر ئەمدى مومىسى ئىككى دوختۇر ئېلىپ كەپتۇ!
دىلارە تۇغىدىغان چاغدىكى مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلدى، ئون نەچچە دوختۇر ئۇنى ئورىۋېلىپ، ئۇنىڭ تۇغۇشىغا قاراپ تۇرامدۇ؟
قولىنى سوزۇپ پېشانىسىنى سىلىدى.
ھەقىقەتەن تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى.
رەنا خانىمنىڭ ئۆزى مەركىزى شەھەرگە كېلىپ نەۋرىسىنى يوقلىغانلىق خەۋىرى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ھەممە يەرگە تارقالدى.
دىلارەنىڭ تۇغۇتى بىر مەھەل ھەممە ئادەم كۆز تىككەن بىر ئىشقا ئايلاندى.
مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە، دىلارەنىڭ قورسىقىدا بىر خىل سېزىم پەيدا بولدى.
ئاتىكەم دىلارەنى تۇغۇت ئۆيىگە ئېلىپ كىرىشكە تەرتىپلىك يېتەكچىلىك قىلدى.
ئىليارمۇ ئەگىشىپ كىردى.
دىلارەنىڭ قايتا-قايتا تەلەپ قىلىشى بىلەن داڭلىق ئون نەچچە تۇغۇت بۆلۈمى دوختۇرىنىڭ ھەممىسى كىرمىدى، ئۇلار ياندىكى كۆزىتىش ئۆيىگە يىغىلىپ تۇغۇت جەريانىنى كۆرۈپ، ھەر ۋاقىت تۇغۇت ئۆيىگە كىرىشكە تەييارلىنىپ تۇرۇشتى.
موماي ، دىلنار، گۈلباھار، ئىليار، ئىلزات، پەرىدە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۇغۇت ئۆيىنىڭ سىرتىدا جىددىيلەشكىنىچە ساقلىشىۋاتاتتى..
دىلارە تۇغۇت ئۆيىگە كىرىپ ئون نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، كارىدورنىڭ ئۇ تەرىپىدىن دەلدەڭشىپ تېز سۈرئەتتە مېڭىپ بوۋاي يەنى ئىلىيارنىڭ بوۋىسى كەلدى.
ئۇ ئاستا-ئاستا يېقىنلاشقاندا نەق مەيداندىكى ھەممە ئادەمنىڭ چىرايى بىردىنلا سوۋۇدى.
موماي قوشۇمىسىنى چىڭ تۈرۈپ:
ـ نېمە قىلغىلى كەلدىڭىز؟ ! - دەپ سورىدى.
بىر نەچچە ئادەم كەلگەن ئادەمگە قاراپ چىرايىدا مۇرەككەپ ئىپادىلەر پەيدا بولدى.
گۈلباھار ئىختىيارسىز ھالدا دىلنارغا قارىدى، ئەمما دىلنار ئۇ كىشىگە سۇس قاراپ قويدى، ئاندىن قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى بىلەلمەي، نەزىرىنى قايتۇرۇۋالدى.
بۇ ۋاقىتتا بۇ يەردە پەيدا بولغىنى باشقا ئادەم ئەمەس، دەل ئىليارنىڭ بوۋىسى ئىدى.
ئۇنىڭ ئالدىدا، مومايدىن باشقا ھەممىسى ياش ئەۋلادلار.
ئۇنىڭدىن نارازى بولىدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى ئۆزىنى قاچۇرۇشنى تاللىدى.
بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن كۆپ سۆزلىشىشنى ئويلاشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت مومايلا بولسا بولدى.
- بۇ يەر سىزنى قارشى ئالمايدۇ، دەرھال كېتىڭ! - دېدى موماي.
بوۋاي ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ:
ـ مېنىڭ ھازىر سىز بىلەن بۇ يەردە يولسىزلىق قىلىپ تالىشىشقا رايىم يوق. تۇغۇلغان بالىلار سىزنىڭ ئەۋرىڭىز، شۇنداقلا مېنىڭمۇ ئەۋرەم! - دېدى.
موماينىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆڭۈپ:
ـ ئۇ يەردە مېنىڭ ئەۋرەم يوق، پەقەت مېنىڭ نەۋرە كېلىنىم بار! سىزگە ئەۋرە كېرەك بولسا، باشقا يەرگە بېرىپ ئىزدەڭ! ئەڭ ياخشىسى يەردىكى يېرىق، تاشلارغا دىققەت قىلىپ، ئەۋلىرىڭىزنىڭ يەردىكى يېرىقتىن، تاشلارنىڭ ئىچىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ قالارمىكىن! - دېدى.
بوۋاينىڭ شۇ ھامان ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، ئارتۇقچە ھاياجانلىنىپ كەتمىدى، روھىي جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈپ قويغان ئىدى، مەيلى قانداق بولسۇن، ھەرگىز ئاچچىقلانماي، ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماسلىقىنى ئويلىغانىدى.
ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ئەۋرىسى كۆرۈشنىلا ئويلىدى.
تۇغۇلغان بالا ئۇنىڭ ئەۋلادى، ئائىلىسىنىڭ ۋارىسى.
ئۇ ئەڭ سالاھىيىتى بار ھەم چوقۇم نەق مەيدانغا كېلىشى كېرەك بولغان ئادەم.
- قانداق؟ خاپا بولدىڭىزمۇ؟ يەنە بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئائىلىڭىزنىڭ خوجايىنى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھەيۋىڭىزنى كۆتۈرىسىز شۇنداقمۇ؟ سىزگە دەپ قوياي، بۇ يەردە ھېچكىم سىزنىڭ بۇ دېپىڭىزغا ئۇسسۇل ئوينىمايدۇ! بالىنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقىنى بۇ ئائىلىنىڭ قېنى بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئىليارنىڭ بالىسى!
ـ ئىليارمۇ مېنىڭ نەۋرەم! - دېدى بوۋاي ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، ئۇدۇللا كارىدوردا موماي بىلەن قاتتىق تالىشىپ قالدى.
موماي ھېچقانچە ئىنكاس قايتۇرمىدى، پەقەت سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ :
ـ پەقەت ئىليار قارشى تۇرمىسىلا، مەن ئىككى بالىنىڭ فامىلىسى دىلارەنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇشىغا قارشى تۇرمايمەن... - دېدى.
بوۋاينىڭ كۆكرىكى ھەش-پەش دېگۈچە كۆتۈرۈلدى، خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.
ـ سىز زادى قاچانغىچە مەن بىلەن تالاشماقچى؟ كۆرۈشسەكلا مەن بىلەن قارشىلىشىسىز، ئېغىزىڭىزنى ئۇپراتقاننىڭ نېمە پايدىسى؟ - دېدى بوۋاي.
ـ ئەجەب ياخشى بولدى! ـ دېدى موماي سوغۇق تەلەپپۇزدا، ـ مەن سىز بىلەن قاچانغىچە سوقۇشىمەن؟ ئەمدى ئالدىمدا پەيدا بولمىسىڭىزلا، مەنمۇ ئالدىراپ سىزگە خاپىلىق تېپىپ بەرمەيمەن! - دېدى .
بوۋاي چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋېلىپ:
ـ ھازىردىن باشلاپ، ھېچنېمە دېيەلمەيمەن، ئاۋاز چىقارمىساملا بولامدۇ؟ ھەرقانچە ئاچچىقلانسىڭىزمۇ، دىلارەنىڭ قورسىقىدىكى بالىلار جەمەتىمىزنىڭ ۋارىسى! ئۇلارنىڭ فامىلىسى نېمە بولۇشى مۇھىم ئەمەس. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى ئەركىن، خۇشال تۇتماقچى بولسىڭىز، قانداق قىلغىڭىز كەلسە شۇنداق قىلىڭ! - دېدى.
گېپىنى تۈگىتىپ، تۇغۇت ئۆيىنىڭ سىرتىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى، پۈتۈنلەي مۇتتەھەملىك قىلىۋاتاتتى.
موماي ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ:
ـ سىزگە يۈز كېرەك ئەمەسمۇ؟ - دېدى.
بوۋاي ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلىماي، بېشىنى بىر تەرەپكە بۇرىدى.
ئىلزات پەرغانەنى كۆتۈرگىنىچە بىر چەتتە تۇرۇپ، يېنىدىكى پەرىدەگە پەس ئاۋازدا:
ـ بۇ قېتىم كۆرگەنسىز؟ بوۋامنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدا كوچا لۈكچەكلىرىدىن پەرقى يوق ئىدى! - دېدى.
پەرىدە سۇس كۈلۈپ قويدى، بۇ چاغدا ئۆزىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنىمۇ بىلمەيتتى.
بۇ چاغدا پەرىدەنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكىنىگە خېلى ئۇزۇن بولۇپ قالغانىدى، گۈلباھار ئۇلارنىڭ پەس ئاۋازدا گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىلزاتقا قاراپ:
ـ پەرىدەنى بەك ئۇزۇن تۇرغۇزماي، ئۇنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قوي. - دېدى.
ئىلزات گەپ قىلماي، پەرىدەنى باشقا بىر ئورۇندۇققا ئېلىپ بېرىپ:
- ئۇسسىدىڭىزمۇ، سۇ ئىچەمسىز؟ - دەپ سورىدى.
‐ ياقەي، ئۇسسىمىدىم، ‐ دېدى پەرىدە بېشىنى چايقاپ.
بۇ ئىككى ئورۇندۇقنىڭ ئارىلىقى يىراق بولمىغاچقا، ئىلزاتنىڭ مىجەزىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، شۇنداق مۇلايىم ۋە كۆيۈمچان بولۇپ كەتكەنلىكىگە بوۋاينىڭ كۆزى چۈشۈپ قالدى.
ئىلزات بوۋاينىڭ دىققەت قىلغانلىقىنى بايقاپ، بىر نېمە دېمەكچى بولغاندا، بىر چەتتە تۇرغان موماي ئالدىراپلا:
- ئىلزات، پەرىدە ھازىر ھامىلىدار، بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرمىسىمۇ بولىدۇ، دوختۇرخانىنىڭ ھاۋاسى ياخشى ئەمەس، ئاۋۋال ئۇنى ئېلىپ قايتىپ كېتىڭلار، - دېدى.
پەرىدەنىڭ يۈزى شۇ ھامان قىزىرىپ كەتتى.
ئۇلارنىڭ مەقسىتى بەك ئېنىق بولدى.
قەستەن بوۋاينى ھەيران قالدۇرماقچى ئەمەسمۇ؟
- ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى ... - دېدى پەرىدە.
پەرىدە ئۇنىڭ قورسىقىغا تىكىلىپ قاراپ، قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ:
ـ پەرىدە دوختۇرخانىدا تۇرسا كىچىك ئىنىم ئۈچۈن ياخشى ئەمەسمۇ؟ - دېدى.
پەرىدە ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:
ـ ھېچقىسى يوق، پەرغانە، گەپ ئاڭلاڭ، دىلارە ھاممىڭىز ھازىرلا سىزگە چىرايلىق، ئوماق ئىنى-سىڭىللىرىڭىزنى تۇغۇپ بېرىدۇ... - دېدى .
پەرغانەنىڭ بىر جۈپ كۆزى يۇمۇپ ئاچقۇچە چاقناپ:
ـ ھەئە، ھىم! بولىدۇ، ئىلزات، ۋاقتى كەلگەندە سىز مېنى ئىنى-سىڭىللىرىم بىلەن بىللە ماروژنى يېگىلى ئاپارامسىز؟ يەنە ھامبۇرگ بولكىسىمۇ بار ... - دېدى.
ئىلزات ئالدىراپ-تېنەپ قولىنى سوزۇپ پەرغانەنىڭ ئاغزىنى تۇتۇۋېلىپ:
ـ كىچىك خانئاچا بۇ بىزنىڭ مەخپىيەتلىكىمىز... - دېدى.
پەرغانە كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ،بىردىنلا چۈشەنگەندەك بولۇپ قالدى.
ئىلزات پەرغانەنى قويۇپ بەردى، ئەمما ئۇ ئۆزى قولىنى كۆتۈرۈپ ئاغزىنى ئىتىۋېلىپ، پەرىدەگە ئوغرىلىقچە قارىدى.
لېكىن، بۇ چاغدا بېشى يېنىك سېلىنىپ:
- پەرغانە، سىرتتا ئىلزات بىلەن پەرىدە دەپ چاقىرسىڭىز بولمايدۇ، ئۇلار سىزنىڭ دادىڭىز - ئاپىڭىز.
بۇ موماينىڭ ئاۋازى بولۇپ، پەرغانە ياۋاشلىق بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ:
ـ ھىم، دادام، ئاپام. - دېدى.
ئىلزات تەسىرلەنگىنىدىن يىغلاپ كەتكۈدەك بولۇپ:
ـ موما، گېپىڭىزنىڭ بۇنداق ئەسقاتىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام، بۇ بىر نەچچە كۈندە ئۇنىڭ چاقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىدىن ئەنسىرىمەيتتىم. - دېدى.
بوۋاي تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاستا-ئاستا ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، پەرغانەگە قاراپ، يەنە پەرىدە قارىدى، ئاخىر ئىلزاتنىڭ كۆزىگى تىكىلىپ:
ـ بۇ نېمە دېگىنىڭلار؟ پەرىدە ھامىلىدار بولۇپ قالدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئىلزات مومىسىنىڭ گېپىنىڭ رول ئوينىغانلىقىنى تولۇق ھېس قىلىپ، بېشىنى لىڭشىتىپ:
ـ ھىم! مېنىڭ بالام! - دېدى.
ـ ئۇنداقتا پەرغانەچۇ؟ ئۇ پەرىدەنىڭ سىڭلىسى ئەمەسمۇ؟ - دېدى بوۋاي.
ئىلزات بېشىنى چايقاپ:
ـ ئۇنداق ئەمەس، پەرغانە مېنىڭ قىزىم، ئۆز قىزىم. بۇ مەن نەچچە يىل بۇرۇن سىرتتا قالدۇرۇپ قويغان رومانتىك ئۇرۇق، نەچچە يىلدىن كېيىن بىخلىنىپ مۇشۇنداق چوڭ بولۇپ كېتىشىنى ئويلىماپتىمەن! - دېدى .
بۇ گەپتىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۇنىڭ ئەدىپىنى بەرگۈسى كېلەتتى، لېكىن بوۋاي يەنىلا لېۋىنى چىڭ يۇمۇپ، نەزىرىنى يەنە بىر قېتىم پەرغانەگە تىكتى،چىرايىدىكى ھاياجانلىق كەيپىياتىنى يوشۇرالماي قالدى.
ئۇ قولىنى سوزۇپ پەرغانەنى تۇتماقچى بولدى، ئەمما پەرغانە ئۇنىڭدىن سەل قورقۇپ ئىلزاتنىڭ قوينىغا يۈگۈرۈپ كېلىۋالدى.
بايا ئۇنىڭ ئۇلۇغ مومىسى بىلەن ئۇرۇشقاندا سۈرلۈك ھەيۋىسىدىن بىر ئاز قورقۇپ قالغانىدى.
بۇرۇن كۆرگەن ۋاقتىدا ناھايىتى مۇلايىم ئىدى.
ئەمما بۇ قېتىم ياۋۇزلۇق قىلدى... ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە ئادەم ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغاندەك قىلاتتى.
بوۋاي ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭ كۆزى پەرغانەغا تىكىلىپ، چىرايى مۇرەككەپلىشىپ كەتتى.
ئاۋازىنى ئىمكانقەدەر يۇمشىتىپ، پەس ئاۋازدا:
ـ پەرغانە، مەن ...مەن ... سىزنىڭ ئۇلۇغ بوۋىڭىز ... - دېدى.
پەرغانە كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىلزاتقا قارىدى، ئاندىن بۇرۇلۇپ پەرىدەگە قارىدى.
پەرىدە ئۇنىڭغا قاراپ يېنىك كۈلۈپ قويدى، ئاندىن بېشىنى لىڭشىتىپ:
- ئۇلۇغ بوۋا، دەپ چاقىرىڭ، - دېدى.
بۇ نېمىلا دېگەن بىلەن ئەمەلىيەت، ئۇ مومىسى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا پەرغانەنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى.
پەرغانە بىر ئاز ئىككىلىنىپ، ئىلزاتنىڭ قۇچىقىدىن چىقىپ، بوۋايغا بىر نەچچە قەدەم يېقىنلىشىپ:
- ئۇلۇغ بوۋا. - دېدى.
بوۋاينىڭ ھاياجانلانغان لەۋلىرى تىترەپ كەتتى، ئۇ ھاسىسىغا تايىنىپ ئاستا-ئاستا ئېڭىشىپ، پەرغانەنى ئېھتىيات بىلەن قۇچىقىغا ئالدى.
موماينىڭ چىرايى سوغۇق بولسىمۇ،دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ، بېشىنى يان تەرەپكە بۇرىۋالدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar