توشقانزەدىكى كىچىك بازىرىدا «مەن قۇملۇققا بېرىپ توشقانزەدىكى

时事   2024-10-31 19:17   新疆  

توشقانزەدىكى كىچىك بازىرىدا «مەن قۇملۇققا بېرىپ توشقانزەدىكى كولايمەن» پائالىيىتى باشلاندى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىر ئابدۇمىجىت) 10 - ئاينىڭ  28 - كۈنى، خوتەن توشقانزەدىكى كىچىك بازىرى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن قولتۇقى رايونى، ئەنخۇي ئۆلكىسى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن كارخانىچىلار بۇ يەردە ئۆزگىچە بىر مەيدان «مەن قۇملۇققا بېرىپ توشقانزەدىكى كولايمەن» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى باشلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، توشقانزەدىكى كىچىك بازىرى يامەن چەكلىك شىركىتى ئۆستۈرگەن توشقانزەدىكى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم ئورگانىك مەھسۇلات ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئېتىراپ قىلىنغان كۆلەم 2000 موغا يەتكەن، توشقانزەدىكى كىچىك بازىرى تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى  «2022 ـ يىللىق جۇڭگودىكى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ئىچىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانا» تىزىملىكىدە 208 ـ ئورۇنغا ئۆتكەن، توشقانزەدىكى تېرىقچىلىق بازىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 2 - تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە 100 تېرىقچىلىق كەسپىدىكى» زىيانسىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى، يېشىل يېمەكلىك، ئورگانىك مەھسۇلات ۋە جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتى «بازىسىغا تاللانغان، «قۇملۇق توشقانزەدىكى» داڭلىق ماركىسى ئۇدا ئۈچ يىل «جۇڭگو يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بويىچە 100 كۈچلۈك بەلگە خاراكتېرلىك داڭلىق ماركا» شەرىپىگە ئېرىشكەن.

پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى، «مەن قۇملۇققا بېرىپ توشقانزەدىكى كولايمەن» بويىچە توشقانزەدىكىنى تونۇش مەخسۇس بازىسىغا ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.بۇ توشقانزەدىكىنى تونۇش مەخسۇس بازىسىنى تەسىس قىلىشتىكى مەقسەت تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشكە قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلىپ، توشقانزەدىكىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى چوڭقۇر قېزىش ئارقىلىق، قۇملۇق مۇھىتىنى ياخشىلاشقا ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ساغلاملىق ئۈنۈمىدە ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

ئەنخۇي سەنيىتاڭ بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خۇاڭ تيەنسى مۇنداق دېدى: «توشقانزەدىكى كىچىك بازىرىغا كېلىپ، تۇتاش كەتكەن توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش بازىسىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قالدىم. بىز توشقانزەدىكىنى چوڭقۇر ئېچىپ، ئۇنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان دورىلارنى ياساپ پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز».

ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سۆھبەت يىغىنى ۋە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن قولتۇقى رايونى، ئەنخۇي ئۆلكىسى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن كارخانىچىلار ۋە ۋىلايىتىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، توشقانزەدىكى كىچىك بازىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ۋە ھەمكارلىق پۇرسىتى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى. سۆھبەتتە، كۆپچىلىك توشقانزەدىكى كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، بازار ئېھتىياجى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. كارخانىچىلارنىڭ توشقانزەدىكى كىچىك بازىرىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە بولغان ئىشەنچىسى تولۇپ تاشقان بولۇپ، مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، توشقانزەدىكى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، توققۇز كارخانا 22 مىليون 600 مىڭ يۈەنلىك سېتىۋېلىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى قانات يايدۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، كارخانىچىلارنىڭ توشقانزەدىكىگە بولغان تونۇشى ئۆستۈرۈلدى، قاتناشقۇچىلار توشقانزەدىكىنى كولاش جەريانىغا بىۋاسىتە قاتنىشىپ، توشقانزەدىكىنىڭ ئۆسۈش مۇھىتى بىلەن قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ كارخانىچىنى توشقانزەدىكى كەسپىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە جەلپ قىلىپ، توشقانزەدىكى كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

تيەنـخۇي سـودا تىجارىتىنى باشقۇرۇش (گۇاڭجوۋ) چـەكلىك شىركىتىنىڭ بـاش مۇدىرى لۇ چىفېڭ مۇنداق دېدى: «توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش بازىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن، يۇقىرى سۈپەتلىك توشقانزەدىكىنىڭ شىنجاڭدىن پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ، بارلىق كىشىلەرگە ساغلاملىق ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يامەن چەكلىك شىركىتى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خوتەننىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا كۈچ قوشىمىز».

(تەرجىمە قىلغۇچى: ئاماننىسا مەتتۇرسۇن)


مەنبە: خوتەن گېزىتى

مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان

بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章