قورساق ۋىژژىدە ئاچقانغا يەنە سەل قارامسىز؟ مانا نەتىجە
ھەقاچان سىزمۇ، قورساق بەك ئېچىپ كەتكەندە، ئالدىراشلىقتىن تاماق يېيىشكە ئۈلگۈرەلمەي، ئىش تۈگىگەندىن كېيىن قورساق ئاچماس بولۇپ قالغانلىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ باققانغۇ دەيمەن؟ بەلكىم سىز بۇنىڭغا پەرۋاسىز قارىشىڭىز، ھەتتا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئورۇقلىغىلى بولىدۇ دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە، قورساق بەك ئېچىپ كېتىش مۇسكۇل ۋە قان شېكىرىنى قوش «نابۇت
قىلىش» ھېسابلىنىدۇ.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى:
«ھاياتلىق
ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، قورساق بەك ئېچىپ كەتكەندە
ئاچ قېلىشتىن قانداق ساقلىنىش توغرىسىدا ئورتاقلاشقان.
جۇڭگونىڭ رويخەتكە ئېلىنغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى چېن خۇاڭلى؛
نېمىشقا قورساق بەك ئېچىپ ئۆتۈپ كەتسە ئاچلىق تۇيغۇسى يوقايدۇ؟
قان
شېكىرى بىزنى ھاياتلىق پائالىيىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ ئاساسلىق
ئېنېرگىيە كاپالىتى. نورمال قان شېكىرى بەلگىلىك دائىرىدە ساقلىنىدۇ، قان
شېكىرى تۆۋەنلەپ مەلۇم قىممەتكە يەتكەندە، ئادەمدە ئاچلىق تۇيغۇسى پەيدا
بولىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا تاماق يېگەندە، يېمەكلىك تەركىبىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى قان شېكىرىنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ، ئاچلىقنى تۈگىتىدۇ. ئەگەر
ۋاقتىدا تاماق يېمىگەندە، بەدەن «جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى» نى
قوزغىتىپ، جىگەردە ساقلانغان جىگەر گلىكوگېنىنى پارچىلاپ، قان شېكىرىنىڭ
قويۇقلۇقىنى ئۆرلىتىدۇ.
ئەمما، بۇ خىل مېخانىزمنىڭمۇ
روشەن كەمچىلىكى بار: جىگەردە گلىكوگېنىنىڭ ساقلىنىشى چەكلىك بولىدۇ،
ئۇنىڭدىن كېيىن شېكەرنىڭ غەيرىي ھاسىل بولۇشىنى پەيدا قىلىپ، مۇسكۇل ۋە
ياغنى پارچىلاش ئارقىلىق قان شېكىرىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلايدۇ. قان شېكىرى نورمال قىممەتكە قايتقاندا، ئورگانىزمنىڭ ئېنېرگىيەسى تولۇقلىنىپ، ئاچلىق تۇيغۇسى يوقايدۇ.
ئاچلىقتىكى ئۈچ «يوشۇرۇن زەخىم»
بەزى
كىشىلەر قورساق ئاچقاندىكى ئاچلىق تۇيغۇسى بىلەن ئانچە كارى بولمايدۇ،
ھەتتا ئورۇقلىسام ياخشى دەپ قارايدۇ؛ يەنە بەزى كىشىلەر قورسىقى بەك ئېچىپ
كەتسە ئاشقازانغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، دائىم ئاچ قېلىش كۆپ ئورۇنغا چېتىلىپ قالىدۇ.
1. مۇسكۇل ئېقىپ كېتىش
ئاچ
قورساق يۈرگەندە بەدەندىكى مۇسكۇل گىلىكوگېنى ۋە مۇسكۇل توقۇلمىلىرىنى
خورىتىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، مۇسكۇل
توقۇلمىلىرى يوقىلىپ، ئاساسىي مېتابولىزم ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت
كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
2. قان شېكىرىدىكى چوڭ داۋالغۇش
دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىدا دائىم روشەن ئاچلىق تۇيغۇسى بولسا، ئاسانلا قان شېكىرىنىڭ داۋالغۇش دائىرىسى بەك چوڭ بولۇپ كېتىدۇ.
جۇڭخۇا
تېببىي پەنلەر جەمئىيىتى ئېلان قىلغان «دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قان
شېكىرىنىڭ داۋالغۇشىنى باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشى» دا
مۇنداق كۆرسىتىلگەن: قان شېكىرىنىڭ داۋالغۇشى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى،
يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەتەرلىك
ئامىلى، شۇنداقلا دىيابېت كېسىلى كۆرۈش تور پەردىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ
خەتەرلىك ئامىلى.
روشەن ئاچلىق تۇيغۇسى پەيدا بولسىمۇ تاماق
يېمەسلىك، يەنە قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
بولۇپمۇ يېشى چوڭراق، كېسەللىك جەريانى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان بەزى شېكەر
ھەۋەسكارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل قان شېكىرى تۆۋەنلەش يەنە
كېسەللىك ئالامىتى بولماسلىقى، ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىشى
مۇمكىن.
3. بەدەن ئېغىرلىقى تېز ئۆرلەش
ئاچ قېلىش
ئەمەلىيەتتە بىر خىل شەكلى ئۆزگەرگەن تاماق تېجەپ ئورۇقلاش بولۇپ، گەرچە
بەدەن ئېغىرلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولسىمۇ، لېكىن كېيىن
ئاسانلا ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ- ئىچىش ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تېز
ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاماق تېجەش مۇسكۇل توقۇلمىلىرىنى زىيانغا
ئۇچرىتىدىغان بولغاچقا، ئورۇقلىغاندىن كېيىن ئاساسىي مېتابولىزم نىسبىتى
تۆۋەنلەپ، مېتابولىزم ئاستىلاپ، ئاسانلا ماي يىغىلىپ قالىدۇ.
نېمىشقا بەزىدە قورسىقى بەك ئېچىپ كەتسە كۆڭلى ئېلىشىدۇ؟
بەزىدە
ئەتىگەندە تاماق ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەندە، چۈشتە قورساق ئاچمايلا
قالماستىن، ھەتتا كۆڭلى ئېلىشىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدا
تۆۋەندىكى سەۋەبلەردىن:
ئاشقازان كىسلاتاسى يىغىلىپ قېلىش
يېمەكلىكلەرنى
ھەزىم قىلىش جەريانىدا، ئاشقازان ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىتىپ چىقىرىپ
يېمەكلىكلەرنى پارچىلايدۇ. ئەگەر تاماق ۋاقتى بولسىمۇ تاماق يېمىسە،
ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ داۋاملىق ئاجرىلىپ چىقىشى ئاشقازاندا زىيادە كۆپ
يىغىلىپ قېلىپ قىزىلئۆڭگەچكە يېتىپ بارىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشقازان
كىسلاتاسىنىڭ تەتۈر ئېقىشى، يۈرەك كۆيۈشۈش ۋە كۆڭلى ئېلىشىشنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدۇ.
ھورمۇننىڭ تەسىرى
ئادەم ئاچ قالغاندا، بەدەندىكى
ھىپوفىز، قالقانسىمان بەز ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان
ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى سىگنال بېرىپ، بەدەننىڭ تاماق يەيدىغان ۋاقتى
بولغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە ئاچلىق ھورمونىنىڭ ئاچلىق
تۇيغۇسى پەيدا قىلىش، ئاشقازان- ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە
ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىتىش قاتارلىق رولى بار، ئورۇق ئاقسىلنىڭ رولى دەل
بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئاچلىق ھورمونى ۋە ئىشتىھانى تورمۇزلايدۇ. ئەگەر
ۋاقتىدا تاماق يېمىسە، بەدەن تېخىمۇ كۆپ ئاچلىق ھورمۇنى ئاجرىتىپ
چىقىرىدۇ. بەزى كىشىلەر ھورمۇنغا تېخىمۇ سەزگۈر بولۇپ، ھەددىدىن زىيادە
ئېچىرقاپ كەتكەندە ئازراق كۆڭلى ئېلىشىدۇ.
ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى
شۇكى، ئەگەر قورساق ئاچقاندا روشەن كۆڭلى ئېلىشىش ياكى ئاشقازان ئاغرىش ھېس
قىلسا، ئەڭ ياخشىسى مېتابولىزم يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنىڭ بار -
يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك، كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاساسلىقى يۇقىرى
قان شېكىرى، يۇقىرى قان بېسىمى ياكى يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىقلارنى ئۆز
ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان
سەۋەبلەردۇر.
قانداق قىلغاندا قورساق بەك ئېچىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ:
بەزىدە
قورساق بەك ئېچىپ كەتسە سالامەتلىككە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، لېكىن
يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىدا تاماق يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەشەببۇس
قىلىمىز. قورساق بەك ئېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قورساقنى
تويغۇزۇشنىڭ بىر قانچە ماھارىتىنى ئۆگىنىش كېرەك:
تاماق يېيىش ۋاقتى مۇقىم بولۇش
بىر
كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ قانۇنىيەتلىك بولۇشى ساغلاملىققا كاپالەتلىك
قىلىشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ئۇزاق ۋاقىت تاماق يېمىسىمۇ، قان شېكىرىنى
ۋاقتىدا تولۇقلىيالماسلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
شېكەر كۆرسەتكۈچى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى تاللاش
مەسىلەن:
قارا ئاشلىق، مېۋە- چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلارنىڭ ھەزىم بولۇش، سۈمۈرۈلۈش
سۈرئىتى ئاستا بولۇپ، تەركىبىدىكى قەنت ماددىسى ئاستا ھەم ئۇزاق ۋاقىت
قانغا كىرىپ، قورساق تويۇش سېزىمىنى ئۇزارتىشقا ياردەم بېرىدۇ.
ساغلام ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈش
مەسىلەن:
مېۋە- چېۋە، سۈت، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، قەنتسىز بولكا قاتارلىقلارنى،
ئاچلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ ۋاقتىدا تاماق يېيەلمىگەندە، ئازراق ئۇششاق-
چۈششەك يېمەكلىك يەپ قۇۋۋەت تولۇقلىسا بولىدۇ.
دائىم ۋاقتىدا تاماق
يېيەلمەيدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، بىر نەچچە پارچە شاكىلاتنى دائىم
تەييارلاپ قويسا بولىدۇ، ئۇ تېز سۈرئەتتە قان شېكىرىنى ئۆرلىتىدۇ.
ئاچ قالغاندىن كېيىن ئاۋۋال گۆش يېيىش
بەدەندىكى
جىگەر گلىكوگېنى پارچىلانغاندىن كېيىن، ياغمۇ پارچىلىنىدۇ، بۇ جەريانىدا
باش قايغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا دەرھال بىر نەرسە يېمىسە،
ئاقسىلمۇ پارچىلىنىشقا باشلايدۇ، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك.
خاربىن
تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 4- دوختۇرخانا ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى دىياگنوز
قويۇش- داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ يۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەگەر قورسىقىڭىز بەك ئېچىپ كەتكەن بولسا، چوڭ مېڭىڭىز ئاچلىق سىگنالىنى
يەتكۈزمىسىمۇ، دەرھال بىر نەرسە يېيىشىڭىز كېرەك، ئەڭ ياخشىسى ئاۋۋال گۆش
ياكى تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، شېكەر بار يېمەكلىكلەر، مەسىلەن:
قاتتىق پوستلۇق مېۋە، بولكا قاتارلىقلار.
ھەرگىز سۇ ئىچىش ئۇسۇلى
بىلەن ئاچلىقنى پەسەيتىمەن دېمەسلىك، گەرچە سۇ ئاشقازاننى تويغۇزسىمۇ،
لېكىن ناھايىتى ئاسانلا قۇرۇقدىلىپ قالىدۇ، ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق قىلغاندا
ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان
تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش
بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ
ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان
ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل
قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ
خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش
ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى
روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55