بۇ يەردىن چاتاق چىقسا چىش چوتكىلىغاندا كۆڭۈل ئېلىشىدۇ

文摘   2025-01-04 19:01   新疆  



بۇ يەردىن چاتاق چىقسا چىش چوتكىلىغاندا كۆڭۈل ئېلىشىدۇ

چىش چوتكىلاش بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىنتايىن ئاددىي ئىش، مەيلى كىچىك بالا ياكى ياشانغانلار بولسۇن، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن چوقۇم چىش چوتكىلايدۇ. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، چىش چوتكىلاش ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىش بولسىمۇ، لېكىن بەزى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇنداق بولۇشى ناتايىن.

بەزى كىشىلەر چىش چوتكىلىغاندا دائىم كۆڭلى ئېلىشىش، قۇرۇق ھۆ تۇتۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، چىش چوتكىلاشتىن بىزار بولۇش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر گەرچە چىش چوتكىلىغاندا دائىم كۆڭلى ئېلىشسىمۇ، كىچىك ئىش دەپ قاراپ ئېتىبارغا ئالماي، سەۋر قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئاسانلا ئادەت خاراكتېرلىك چىش چوتكىلىغاندا كۆڭلى ئېلىشىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك. ئۇنداقتا، نېمە سەۋەبتىن چىش چوتكىلىسا كۆڭۈلنى ئېلىشتۇرىدۇ؟ بۇنى قانداق پەسەيتكىلى بولىدۇ؟

چىش چوتكىلىغاندا كۆڭلى ئېلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر:
1. ئاستا خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى
ئاستا خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى چىش چوتكىلىغاندا كۆڭۈل ئېلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبتۇر. چۈنكى، ئاستا خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئادەمنىڭ يۇتقۇنچاق قىسمى ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ كېتىدۇ، چىش چوتكىسى ۋە چىش پاستىسىنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغان ھامان كۆڭلى ئېلىشىدۇ، يۇتقۇنچاق قىسمىدا غەيرىي نەرسە باردەك تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ، ئېغىز بوشلۇقى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ پاكىز يۇتۇۋېتەلمەيدۇ.

2. ئاشقازان كېسەللىكلىرى
ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارمۇ چىش چوتكىلىغاندا كۆڭلى ئېلىشىدۇ، چۈنكى ئېغىز بوشلۇقى غىدىقلانغاندا، ئاسانلا ئاجىز ئاشقازان ئاجرىتىپ چىقارغان كىسلاتالىق ماددىلار ئۈستىگە ئۆرلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلى ئېلىشىدۇ، قۇسىدۇ، يەنە ئۈستۈنكى قورساق قىسمى بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

3. ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش
ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى ياكى چىش مىلىكى ياللۇغى قاتارلىق ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار چىش چوتكىلاش جەريانىدا ئاسانلا چىش مىلىكى قاناپ كېتىپ، قان پۇرىقى ئاسانلا كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


4. چىش چوتكىسى توغرا تاللانمىغان
ئەگەر چىش چوتكىسىنىڭ چوتكا بېشى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، چىش چوتكىلىغاندا يۇتقۇنچاق ئاسانلا غىدىقلىنىپ، كۆڭلى ئېلىشىدۇ.


5. چىش پاستىسى زىيادە غىدىقلاش
بەزى كىشىلەر چىش چوتكىلىغاندا نۇرغۇن چىش پاستىسىنى سىقىپ چىقىرىپ، ئېغىز بوشلۇقىدا كۆپ مىقداردا كۆپۈك پەيدا قىلىدۇ، كۆپۈك ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە كېكىردەكنى غىدىقلاپ، كۆڭۈلنى ئېلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن چىش پاستىلىرىغا ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن يۇتۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئازراق قۇستۇرغۇچى ماددا قوشۇلىدۇ، شۇڭا چىش چوتكىلىغاندا چىش پاستىسىنى بەك كۆپ سېلىۋەتسە ئاسانلا كۆڭلى ئېلىشىدۇ.

6. سۇ تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولۇش
قىشتا چىش چوتكىلىغاندا ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ئەگەر سوغۇق سۇدا چىش چوتكىلىسا، ئاسانلا ئېغىز بوشلۇقى ۋە كېكىردەكنىڭ غىدىقلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

چىش چوتكىلىغاندا كۆڭۈل ئېلىشىش ئەھۋالىنى قانداق پەسەيتىش كېرەك؟
(1) چىش چوتكىلىغاندا كۆڭۈل ئېلىشىش ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قايسى سەۋەبتىن بۇ خىل ئەھۋال كېلىپ چىققانلىقىنى بىلىش كېرەك، ئەگەر كېسەللىك ئامىلى بولسا، مەسىلەن، ئاشقازان ياللۇغى، ئاستا خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى ۋە ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش، ئالدى بىلەن بۇ كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىش كېرەك.


(2) ئەگەر باشقا تاشقى ئامىللاردىن كېلىپ چىققان ئەھۋال بولسا، چىش چوتكىسىنى ئالماشتۇرۇپ، كىچىكرەك چىش چوتكىسى بىلەن چوتكىلاش، چىش پاستىسىنى بەك كۆپ سىقماسلىق، ئىلمان سۇ بىلەن چىش چوتكىلاپ، ئېغىز بوشلۇقىغا بولغان غىدىقلاشنى ئازايتىش كېرەك.

(3) توغرا بولغان چىش چوتكىلاش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش كېرەك. ۋاقىتنى دەپ خالىغانچە چىش چوتكىلىماسلىق، چىش چوتكىلىغاندا چىش چوتكىسىنى ئېغىز بوشلۇقىغا بەك ئىچكىرى كىرگۈزۈۋەتمەسلىك، بەك كۈچەپ چوتكىلىماسلىق كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىل گېزىنى تازىلىغاندا ئېھتىيات قىلىش، بەك كۈچىۋەتمەسلىك ۋە چوتكىنى ئىچكىرى تىقىۋەتمەسلىك كېرەك.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



كۆرسەتكۈچ بارماق قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ


تۆۋەندىكى كۆرسەتكۈچ بارماق شەكلىدىن سىزنىڭ بارمىقىڭىزغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغىنىنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن جاۋابىنى كۆرۈڭ.

سالونىمىزغا 130 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.





سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章