يانفۇن قۇڭغۇرىقى يۈرەك قان تومۇرى، ئۇيقۇ ھەم كەيپىياتقا تەسىر
مەيلى
خىزمەت ياكى ئۆگىنىش بولسۇن، ياكى دوستلار بىلەن ئۇچرىشىش بولسۇن، سەھەر
تۇرۇشقا توغرا كەلگەندە «قوڭغۇراقلىق سائەت» ئەسقاتىدۇ.
مانا
مۇشۇنداق كەم بولسا بولمايدىغان «قورال» خاتا ئىشلىتىلسە سالامەتلىككە
ناچار تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن:ئۇيقۇ سۈپىتى ناچارلىشىدۇ، تەشۋىشلىنىش
كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ، يۈرەك بېسىمى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق
ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئەگەر قوڭغۇراقلىق سائەت
ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان قوڭغۇراق ئاۋازىنى قانداق
تاللاش كېرەك؟
بېيجىڭ خۇاشىن دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر
بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لۇ چۈنپېڭ؛
شاڭخەي جۇڭيىچە ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىنى داۋالاش ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى مىڭ؛
يېقىندا، جياڭسۇ نەنتۇڭدىكى بىر تورداش ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئۆزىنىڭ يانفون قوڭغۇرىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان
باش قېيىش، قۇسۇش، قىسقا ۋاقىتلىق مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلىقىنى بەھىرلىگەن.
ئىنسانلارنىڭ بەدىنىدە قىسقا مۇددەتلىك
غىدىقلاشقا تاقابىل تۇرىدىغان بىر خىل ئىنكاس مېخانىزمى بار،
مەسىلەن: قوڭغۇراقلىق سائەتتىن «غىدىقلىنىش» پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئادەم
بەدىنى ئادرېنالىن ۋە كورتىزول ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئۇيقۇ دەۋرىنى ئۈزۈپ،
بەدەننى ئويغىتىدۇ.
قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ ئەڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى،
ئۇ ئۇخلاش ھالىتىنى تۇيۇقسىز ئۈزۈۋېتىدۇ. ئەگەر، ھەر كۈنى جىددىي قوڭغۇراق
ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتسە، بەدەنگە كۆپ تەرەپلىمە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
نەپەس تېزلىشىدۇ
جىددىي
قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ ۋەھىمىسى ئىچىدە، نەپەس مىنۇتىغا 16 قېتىمدىن 24
قېتىمغا، مېڭە ئېلېكتر دولقۇنى سېكۇنتىغا 8 قېتىمدىن 30 قېتىمغا ئۆرلەيدۇ.
يۈرەك بېسىمى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ
قان
بېسىمى، يۈرەك رىتىمى تېز ئۆرلەيدۇ، ئەگەر يۈرەك قان تومۇر جەھەتتە ئاستا
خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولسا، ئۇزاق مۇددەت تەكرار غىدىقلىنىش يۈرەك
قان تومۇرلىرىغا بېسىم ئېلىپ كېلىپ، يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك كېسىلى
ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ئاۋازى بىر قەدەر
يۇقىرى بولغان غىدىقلىغۇچى قوڭغۇراقلار ئادەمنى ئاسانلا چۆچۈتۈپ، يۈرەك
كېسىلى، مېڭە ئارتېرىيە قېتىشىش، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق
كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى پەيدا قىلىدۇ
قوڭغۇراقلىق
سائەت ئويغىتىۋەتسە ئادەمنىڭ ئىچى پۇشۇپ، ئىچى تىتىلدايدۇ، ئاسانلا
خامۇشلۇق ۋە تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى،
ئويغانغاندىن كېيىن ئۇزاق ۋاقىت چۈشكۈن ھالەتتىن قېچىپ قۇتۇلالماسلىقنى
كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بەدەن تېخىمۇ ئاسان چارچايدۇ ئۇيقۇ
جىددىي قوڭغۇراق ئاۋازى بىلەن ئۈزۈلگەچكە، پۈتۈن بىر كۈنلۈك روھىي ھالەتكە
تەسىر كۆرسىتىپ، دىققىتىنى يىغىش، ئىنكاسى ئاستىلاش، ئاسان چارچاش، باش
ئاغرىش، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇيقۇ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىش
جىددىي
ئىنكاس ئادرېنالىننىڭ تېز سۈرئەتتە ئاجرىلىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،
يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ
تېخىمۇ كۆپ قاننى تەقسىملەيدۇ، ئۇزاق مۇددەت غىدىقلىغاندا، ئۇيقۇ سۈپىتى
ناچارلىشىدۇ ھەتتا ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
قوڭغۇراقلىق سائەت ئىشلىتىدىغانلار قانداق قىلىشى كېرەك؟
گەرچە
ھەر كۈنى قوڭغۇراقلىق سائەت تەرىپىدىن ئويغىتىلىش جىسمانىي ۋە روھىي
ساغلاملىققا پايدىسىز بولسىمۇ، لېكىن رېئاللىق شۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر
قوڭغۇراقلىق سائەتتىن ئايرىلىپ ۋاقتىدا ئويغىنالمايدۇ. قوڭغۇراقلىق سائەتنى
ئىشلەتكەندە، قانداق قىلغاندا زەخىملىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى
بولىدۇ؟
1. تىنچلاندۇرۇش مۇزىكىسىنى تاللاش
ئاۋازى بىر
قەدەر يۇقىرى بولغان غىدىقلىغۇچى قوڭغۇراقلار ئادەمنى ئاسانلا چۆچۈتىدۇ،
ئۇزاق مۇددەت غىدىقلىنىش جەريانىدا چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتسە، ئىچكى ئاجراتما
سىستېمىسى ئاسانلا قالايمىقانلىشىپ، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ئاسان تەرلەش
قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەڭ ياخشىسى قوڭغۇراقنىڭ رىتىمىنى ئاستا
مۇزىكىغا توغرىلاش، ئاۋاز بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.
ئەسكەرتىشكە
تېگىشلىكى شۇكى، يانفون ياكى قوڭغۇراقنى ياستۇقنىڭ يېنىغا ياكى ئاستىغا
قويماسلىق، ياستۇقتىن بىر مېتىر يىراقلىقتىكى پاكار ئۆي جاھازلىرىغا قويۇش
كېرەك.
2. قوڭغۇراقلىق سائەتنى بىر نەچچە قېتىمغا تەڭشەپ قويماسلىق
قوڭغۇراقلىق
سائەتتىن قايتا-قايتا «چۆچۈپ ئويغىنىپ» كەتسە، ئادەم بەدىنى «ئادېنوزىن»
دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل بىرىكمە ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئادېنوزىننىڭ مىقدارى
ئېشىپ كەتسە، ئادەم تېخىمۇ مۈگدەپ قالىدۇ، ئەكسىچە ئاسانلا
«ئۇيقۇ-ئويغىنىش» دەۋرىگە كىرىپ قېلىپ، پۈتۈنلەي ئويغىنىش قىيىنلىشىدۇ.
خارۋارد
داشۆسى تېببىي داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىمۇ شۇنى ئىسپاتلىدىكى،
قوڭغۇراقلىق سائەتنى كۆپ تەڭشەپ، ئادەمنى قايتا-قايتا چۆچۈتۈپ قويغاندىن
كېيىن ئۇخلىسا، ئاستا خاراكتېرلىك چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
قوڭغۇراقلىق
سائەت جىرىڭلىغاندىن كېيىن، 1 مىنۇت ساقلاپ، ئادەم بەدىنى ۋە چوڭ مېڭە
پوستلاق قەۋىتىنى تەدرىجىي ئويغىتىپ، پەردىنى ئېچىپ ياكى چىراغنى ياندۇرۇپ،
بەدەننى ئويغىتىش تەكلىپىنى بېرىمىز. ئەگەر قوڭغۇراقلىق سائەت سايرىغاندىن
كېيىن ئۇيقۇڭىز كەلسە، ئەڭ ياخشىسى قوڭغۇراقلىق سائەتنى 30~40 مىنۇت
كەينىگە سۈرۈڭ.
3. كەيپىياتقا مۇۋاپىق قوڭغۇراق ئاۋازىنى تاللاش
رۇسىيە
تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، قوڭغۇراق ئاۋازىنى خاتا تاللاش كەيپىياتنى
بۇزۇپلا قالماي، يەنە سالامەتلىككە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن، ئۆزىنىڭ
كەيپىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن «قوڭغۇراق ئاۋازىنى ماسلاشتۇرۇپ» تاللىسا
بولىدۇ.
كەيپىياتى چۈشكۈن ياكى بىئارام بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن
ئېيتقاندا، قوڭغۇراق ئاۋازى بىر قەدەر شوخ ئاھاڭ بولسا بولىدۇ؛ تەشۋىشى
ئېغىرلاشقان كىشىلەر توپى، تىنچ مېلودىيەلىك قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئىشلەتسە
بولىدۇ.
قانداق قىلغاندا ھارغىنلىق ھىس قىلمايلا ئورنىدىن
تۇرغىلى بولىدۇ؟ ئورنىدىن تۇرغاندا ھاياتىي كۈچكە تولۇش ئۈچۈن، ئالدىنقى
شەرت ھەر كۈنى 7~8 سائەت يېتەرلىك يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك
قىلىش كېرەك.
قانداق قىلغاندا بالدۇر ئۇخلىغىلى بولىدۇ؟
بەك
يورۇق، ۋاراڭ- چۇرۇڭ، بەك ئىسسىق، بەك سوغۇق ئۇخلاشقا ماس كەلمەيدۇ.
يوتقان، كىرلىك، ياستۇق قېپى، ئۇخلاش كىيىمىنىڭ ماتېرىيالى قاتارلىقلارنىڭ
ھەممىسى ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا ئۆزىڭىزگە راھەت كارىۋات
تاللاڭ.
بىيولوگىيەلىك رىتىمغا ئاساسەن، ئادەتتە ئادەم بەدىنى
سائەت 21 دىن كېيىن مېلاتونىن ئاجرىتىشقا باشلايدۇ، سائەت 23 تىن سەھەر
سائەت 3 كىچە قاتتىق ئۇيقۇغا كىرىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى دەپ قارىلىدۇ.
ئۇخلاشتىن
بىر سائەت بۇرۇن ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار بىلەن ئۇچراشماسلىق، ئاچ
قورساق ياكى قورسىقى توق ھالەتتە ئۇخلىماسلىق، ئۇخلاشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن
تاماق يېيىش ۋە كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
كۈندۈزى
ئاستا يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش ۋە يوگا ئويناش قاتارلىقلارنى تاللىسا بولىدۇ،
داۋاملىشىش ۋاقتى 60 مىنۇت ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن
ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا چوڭ مېڭە زىيادە
ھاياجانلىنىدۇ.
قانداق قىلغاندا ئورنىدىن بالدۇر تۇرغىلى بولىدۇ؟
ئويغىنىپ
بەدەننى سوزۇپ، ئىككى مىنۇت ئولتۇرغاندا، يوتقاننىڭ سىرتىدىكى سوغۇق ھاۋا
مېڭىنى غىدىقلاپ سەگەكلەشتۈرىدۇ، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلساق
بولىدۇ. ئەتىگەندە ئويغانغاندىن كېيىن بىر ئىستاكان ئىلمان سۇ ئىچسە، بىر
كېچە ئارام ئالغان ئاشقازان ئۈچەينى غىدىقلاپ خىزمەت قىلىشقا باشلايدۇ،
تاماق يېيىش سىگنالى تارقاتقاندا، ئادەم بەدىنىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ
سەگەكلىشىدۇ، سوغۇق سۇ ئىچمەسلىككە دىققەت قىلىش كېرەك.
كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەيدىغان كىشىلەر توپى قانداق قىلىدۇ؟
كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەشكە توغرا كەلسە ياكى دائىم نۆۋەتلىشىپ ئىشلىگەندە، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ باقسا بولىدۇ:
سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە تەتۈر ساناش، مەسىلەن: كۈندۈزلۈك ئىسمېنا (چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 5 كىچە) كېچىلىك ئىسمېنا (چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن كەچ سائەت 10 غىچە) يېرىم كېچىلىك ئىسمېنا (كەچ سائەت 11 دىن ئەتىگەن سائەت 7 گىچە)دىن كۈندۈزلۈك ئىسمېناغىچە.
ئۇيقۇنىڭ
كېچە- كۈندۈز رىتىمى ئۆزگەرگەن ئىكەن، كۈندۈزى ئارام ئېلىش يېتەرلىك بولۇش
تېخىمۇ مۇھىم، ئامال بار 8 سائەت ئۇخلاش كېرەك.
يوپۇرماق
كىسلاتاسى، نىكوتىن كىسلاتاسى، ۋىتامىن B6، ۋىتامىن B12 قاتارلىقلارنى
ئۆز ئىچىگە ئالغان B تۈردىكى ۋىتامىنلارنى تولۇقلاش ماددا ئالمىشىشقا
قاتنىشىپلا قالماي، يەنە نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتىشكىمۇ
پايدىلىق.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان
تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش
بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ
ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان
ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل
قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ
خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش
ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى
روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55