بەدەندە قان ئۇيۇپ كۆكىرىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە

文摘   2025-01-07 20:01   新疆  


بەدەندە قان ئۇيۇپ كۆكىرىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە 


راك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى بار ؟ قانداق قىلغاندا بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ ؟

راك كېسىلى جۇڭگودىكى شەھەر ئاھالىلىرىگە نىسبەتەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان قاتىل ، دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى 3 مىليون 370 مىڭ ئادەم راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، تەخمىنەن 10 مىڭ ئادەم بۇ سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىدۇ . راك كېسىلى ئېلىمىزدە ئۆلۈشنىڭ بىرىنچى چوڭ سەۋەبچىسى بولۇپ قالدى ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى دۇنيا بويىچە راك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ .

جۇڭگودا ھەر كۈنى تەخمىنەن 10 مىڭ ئادەمگە راك كېسىلى، دەپ دىياگنوز قويىلىدۇ ، يەنى ھەر مىنۇتتا 8 ئادەمگە راك كېسىلى، دەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ ، 5 ئادەم راك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ .

ھەقىقىي ئەھۋال راستىنلا شۇنداق قورقۇنچلۇق، راك كېسىلى تۈپەيلى قانچىلىغان ئائىلىلەرنىڭ خانىۋەيران بولغانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ بۇ ماقالىنى كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بەدەندە بۇ 3 خىل كېسەللىك كۆرۈلسە، راك كېسىلىنىڭ يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن!

1. قان ئۇيۇپ قېلىش ، ياكى قاناش توختىماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ
بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە ، سىز قان چىرىش كېسىلىدىن ھوشيار بولۇشىڭىز كېرەك . مۇناسىۋەتلىك كىلىنىكىلىق كېسەللىك مىسالىغا ئاساسلانغاندا ، ئادەتتە قان چىرىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا دەسلەپكى مەزگىلدە قان توختىماي ئېقىش ياكى ئۇيۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ . بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بىمارنىڭ بەدىنىدىكى قان ھۈجەيرىسى نورمال ئىشلىيەلمەي ، ئاخىرىدا بەدەندىكى قان ئۇيۇش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .

2. تىرناقتا نورمالسىز ئۆزگىرىش بولۇش
بۇ ۋاقىتتا سىز ئۆپكە راكى ، جىگەر راكى ۋە تېرە راكى قاتارلىقلاردىن ھوشيار بولۇشىڭىز كېرەك. تىرناقتا ئۆزگىرىش بولسا ئاسانلا سەل قارىلىدۇ. گەرچە كۆزگە چېلىقمايدىغان جاي بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ بەدىنىمىزدىكى بىر قىسىم كېسەللىكلەرنىڭ سىگنالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسىلەن : تىرناقتا كىچىك يۇمىلاق چېكىت ياكى يېرىق ، تۇتۇق سىزىقچىلار پەيدا بولىدۇ . سىز ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشىڭىز كېرەك ، تىرناق ئاستىدىكى تېرىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن ؛ سىز تىرنىقىڭىزنىڭ قايرىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسىڭىز ، ئۇنداقتا ئۆپكە راكىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئويلىشىشىڭىز كېرەك؛ تىرناقنىڭ رەڭگى ئۇزۇن مەزگىل تاتىراڭغۇ ئاقۇش تۇرسا، جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىش لازىم .


3. يۈز قىسمى ياكى بوينىدا ئىششىق پەيدا بولۇش
بۇ خىل ئەھۋال ئۇزاق مۇددەت ياخشىلانمىسا ، ئۆپكە راكىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك .
راك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىنىڭ بىرى يۈز قىسمى ئىششىپ قالىدۇ ، بۇنىڭغا كىشىلەر دائىم سەل قارايدۇ . ئادەتتە يۈز قىسمى ئىششىش ، دائىملىق زىيادە سەزگۈرلۈك ، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىقلار بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ . ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر بۇ خىل ئىششىق بىلەن راك كېسىلىنى باغلاپ ئانالىز قىلىدۇ.

راك بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن ئۈچ چوڭ « يامان ئادەت » نى ئۆزگەرتىش كېرەك

بىرىنچى ، ئۇزاق مۇددەت تۈنەش
بۇ كەمنىڭ ئادەملىرى ئىچىدە، بولۇپمۇ ياشلاردا كەچ سائەت 10 دىن بۇرۇن ئۇخلايدىغانلار ساناقلىقلا . ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشتىن باشقا ، تېخىمۇ كۆپ ياشلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈنەيدۇ ، سەھەر سائەت 1 ~ 2 لەردە ئۇخلايدىغانلار ، ئەتىسى جېنى يوق مۇردىدەك دەلدەڭشىپ يۈرىدىغانلار تولا.

تېببىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، تۈن بويى كىرپىك قاقمايدىغانلار ئۇيقۇسى نورمال ئادەملەردىن تېخىمۇ ئاسان راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن . ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بولغانلارنى مىسالغا ئالساق،  دائىم تۈنەيدىغانلارنىڭ سانى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن 3 ھەسسە كۆپ.

ئىككىنچى يامان ئادەت : ئۇزاق مۇددەت تاماكا چېكىش
ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چېكىشنىڭ راك پەيدا قىلىشى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ! تاماكا چېكىش ئۆپكە راكىدىن ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ؛ % 80تى  كېكىردەك ، يۇتقۇنچاق ، ئېغىز بوشلۇقى ۋە كالپۇك راكى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ؛ قىزىلئۆڭگەچ راكى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ؛ % 45 دوۋساق راكىدىن ئۆلۈپ كەتكەن ؛ % 30 بالىياتقۇ بوينى راكى ، ئاشقازان ئاستى بېزى ۋە % 20 ئاشقازان راكىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ .

% 50 ئەرلەردىكى دوۋساق راكى ۋە بۆرەك راكىدىن ئۆلۈشى تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ ، دوۋساق راكى ۋە بۆرەك راكىغا گىرىپتار بولغانلار غەيرىي بۆرەك راكىغا گىرىپتار بولغانلاردىن 2 ~ 3 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ .

ئۈچىنچى يامان ئادەت : ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچىش
ئىسپىرتنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە راك پەيدا قىلمايدۇ . ئەمما، ئەجەللىك يېرى شۇكى ، ئىسپىرتنىڭ بەدەندىكى مېتابولىزمدىن ھاسىل بولىدىغان ئېتىل ئالدېگىدنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاللىقاچان بىرىنچى دەرىجىلىك راك پەيدا قىلغۇچى ماددا قاتارىغا كىرگۈزگەن .

ئېتىل ئالدېگىد ھۈجەيرىنىڭ DNA نەتىجىسىنى بىۋاسىتە بۇزۇپ ، گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ھەتتا ئېغىر بولغان خروموسوملارنىڭ قايتا رەتلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۇ زور مىقداردىكى قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زور مىقداردىكى قان ئازلىق ، ئاسان يۇقۇملىنىش ، ئاسان سەكتە بولۇش ، راكقا گىرىپتار بولۇش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يېڭى زىللاندىيەلىك ئالىمنىڭ 2016-يىلى ئېلان قىلغان تەتقىقات ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم بەدىنىدە ئاز دېگەندە 7 ئورۇندىكى راك كېسىلى بىلەن ئىسپىرتنىڭ ئېنىق باغلىنىشى بار ئىكەن : ئېغىز - يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك ، قىزىلئۆڭگەچ ، جىگەر ، بوغماق ئۈچەي ، تۈز ئۈچەي ۋە سۈت بېزى .

راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، كۆپرەك قايناقسۇ ئىچىش ، چاي ئىچىش
 
1. تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۇ ئىچىش ، ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم سۇ ئىچىش
ئامېرىكا سېئاتل ۋە ۋاشىنگتون قاتارلىق جايلاردىكى ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە :
بىر كۈندە 5 ئىستاكان سۇ ئىچىدىغان ئاياللار كۈنىگە 2 ئىستاكان ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز سۇ ئىچىدىغان ئاياللارغا قارىغاندا بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى % 45 تۆۋەنلەيدۇ ؛
ئەرلەر بىر كۈندە 4 ئىستاكان سۇ ئىچسە بىر ئىستاكان ياكى تېخىمۇ ئاز سۇ ئىچكەن ئەرلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى % 32 تۆۋەنلەيدۇ .

ئەنگلىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە ، ئىچىدىغان سۇ تولۇق بولغان ئاياللارنىڭ ئەمچەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى % 79 تۆۋەنلەيدىكەن .
ئادەم   بەدىنىدىكى   سۇنىڭ   يېتەرلىك   بولۇشىنى   ساقلاش ،   ئۇسساپ   كەتكەندە   ئاندىن   سۇ   ئىچىشتىن، ئۇسساشتىن بۇرۇن سۇ ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك .
بىر قېتىمدا كۆپ مىقداردا ئەمەس ، دائىم ئاز مىقداردىن كۆپ قېتىم سۇ ئىچىش كېرەك .

2. دائىم چاي ئىچىش ، ھەر خىل چاي ئىچىش
ھەر كۈنى 4 - 5 ئىستاكان چاي ئىچكەندە ، راك كېسىلىنىڭ خەتىرىنى % 40 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ .
قىسمەن تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، مەيلى قايسى خىل چاي بولسۇن ، راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بەلگىلىك بولىدۇ .

مامكاپ يىلتىزى چېيىنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە ، ئاشقازاننى ئىللىتىپ مىكروبسىزلاندۇرۇپ ، ئاشقازان كېسىلىنى داۋالايدۇ . چاي بىلەن داۋالاش ئاشقازان كېسىلى جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ، قاننى جانلاندۇرۇپ ، ئاشقازاننى تىنچلاندۇرۇپ ، ئاغرىقنى توختىتىدۇ .

چاي ئىچىپ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش ، ئالدى بىلەن گۈل چۆپ چايلىرى ئىچىش ئاشقازاننىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق . مامكاپ يىلتىزى چېيىنى سۇغا چىلاپ ئىچسە ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىسىنى ئۆلتۈرۈپ ، ئاشقازان ياللۇغىنى ياخشىلايدۇ ، ئاشقازان ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ ، ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە .

مامكاپ蒲公英 ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدىغان ياۋا ئوت ، شۇنداقلا دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈك دورىلىرىنىڭ بىرى . مامكاپ « دورا قامۇسى » غا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ يىلتىزىنى سۇغا چىلاپ ئىچسە ئاشقازاننىڭ ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق .

مامكاپ « تەبىئىي ئانتىبىئوتىك » بولۇپ ، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈپ ياللۇغ قايتۇرىدۇ ، ھەر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغلارغا نىسبەتەن ئۈنۈملۈك ، بولۇپمۇ ئاشقازان ياللۇغىنى ياخشىلايدىغان « ياللۇغ دورىسى » .

ھازىرقى زامان تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە ، مامكاپ ئاشقازان يارىسى ۋە ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ زەخىملىنىشىنى داۋالاش رولىغا ئىگە بولۇپ ، ئاشقازان يارىسىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك يېنىكلىتىدۇ .

يەنە كېلىپ ، مامكاپ ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى ئۆلتۈرەلەيدۇ ، ھەر خىل تىپلىق ئاشقازان كاۋىكى ئاغرىقلىرىغا قارىتا ئىسسىقنى قايتۇرۇپ ، ئاشقازاننى سىلىقلاپ ، ياللۇغنى قايتۇرۇپ ، ئاغرىقنى توختىتىدۇ .
دائىم چاي دەملەپ ئىچىش ئاشقازاننىڭ ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق .

سېرىق كاپۇستا يىلتىزى 黄苦苣根
سېرىق كاپۇستا يىلتىزىنى دەملەپ ئىچسە ، بوغماق ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق .سېرىق كاپۇستا يىلتىزى تەركىبىدە ئاچچىق كاپۇستا پولىساخارىد بولۇپ ، مۇھىتنى ياخشىلايدۇ ، بۇ بوغماق ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا پايدىلىق ، كۈندە دەملەپ ئىچسە ، تۈگۈنچەككە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .

ئۇنىڭ ئۈستىگە ، سېرىق كاپۇستا يىلتىزى جىگەرنىڭ ساغلاملىقىغا ناھايىتى پايدىلىق بولۇپ ، جىگەرنى قوغداپ ، جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، جىگەر راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىمۇ پايدىلىق .

راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ، يەنە مۇنداق بىر قانچە نۇقتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك :

1. كۆپ يول مېڭىپ ، ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق ، ئۇزۇن ئولتۇرۇش راك قاتارلىق 14 خىل ئېغىر كېسەل بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
ئەگەر ھەر كۈنى 6 سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرسا ، ئۇنداقتا بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى ئولتۇرۇشى كۈنىگە 3 سائەتكە يەتمىگەن ئادەمنىڭكىدىن % 19 يۇقىرى بولىدىكەن .

«يول مېڭىش» نى راك كېسىلىنى داۋالايدىغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا دەپ قاراشقا بولىدۇ ! مېڭىش ئاددىي ، ئەمما ئۈنۈملۈك ھەرىكەت ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى .

ھەر كۈنى  40 مىنۇت يولنى تېز مېڭىشنىڭ ، سۈت بېزى ، مەزىبېزى ، ئۈچەي راكىنى داۋالاشقا كۆرۈنەرلىك پايدىسى بار ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا % 50 ئۆلۈم خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ .

2. كۆپرەك كۈلۈڭ ، ئاز ئاچچىقلىنىڭ
ئىلىم - پەندە ناچار كەيپىيات ئۆزگىرىشى راك كېسىلىنىڭ « تىرىك » ى دەپ قارىلىدۇ .

ئەگەر كۈن بويى تىت - تىت بولۇش ، ئاچچىقلىنىش ، جىددىيلىشىش ،  قاتارلىق كەيپىيات ئاستىدا ، بېسىم ھورمونى سەۋىيەسى ئۇزاققىچە تۆۋەنلىمەي ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تورمۇزلىنىپ قالىدۇ ۋە ۋەيران قىلىنىپ ، راك كېسىلىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ .
كۈلۈپ بەرسە، كەيپىياتى ياخشى بولسا ، راك ھۈجەيرىلىرى تىنچ بولۇشى مۇمكىن . ياخشى كەيپىيات ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ ، ئورگانىزمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ .


راكقا قارشى تۇرۇش يولىدا ، چوقۇم جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تەڭ داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك ، دائىم كۈلۈپ تۇرۇش ، « يۈرەك كېسىلى بولمىسا ، بەدەندە ئاسانلىقچە باشقا كېسەلمۇ بولمايدۇ » .

3. كۆپ ئارام ئېلىش ، ئاز تۈنەش
ئامېرىكا سېسترالىرىنىڭ ساغلاملىق تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە ، كېچىدە ئىسمېنا ئالمىشىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 20 يىلدىن ئاشقان سېسترالارنىڭ سۈت بېزى راكى بولۇشى % 79 ئاشقان ، ئىسپاتلىنىشىچە ، ئۇزاق مۇددەت كېچىدە ئىسمېنا ئالمىشىش سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن .

بۇنىڭدىن باشقا ، يەنە تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە ، كۈندۈزلۈك خىزمەتچىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ئىسمېنا ئالمىشىپ ئىشلەيدىغان ئەرلەردە مەزى كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشقان .

خەلقئارا راك كېسىلى تەتقىقات ئورگىنى ( I A R C ) « تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىق » نى 2 A دەرىجىلىك راك پەيدا قىلغۇچى ئامىل دەپ تەبىر بەرگەن . تۇرمۇشتا دىققەت قىلىش ، تۈنىمەسلىك ، كۆپ ئارام ئېلىش ، يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



بەدەن شەكلىڭىز ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىكمۇ؟


سىزنىڭ بەدەن شەكىلىڭىز قايسى خىل بەدەن شەكلىگە تەۋە؟ ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىك؟ بۇ بەدەن شەكىللىرىگە يوشۇرۇنغان سىرنى بىلەمسىز؟ بىلمەكچى بولسىڭىز...

سالونىمىزغا 180 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.





سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55


Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章