پاچاققا يوشۇرۇنغان 5 مەخپىيەت، پاچىقى ئۇزۇن ۋە توم ئاياللار …

文摘   2025-01-08 20:01   新疆  


پاچاققا يوشۇرۇنغان 5 مەخپىيەت، پاچىقى ئۇزۇن ۋە توم ئاياللار …

پۇت بەدىنىمىزدىكى مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى، ئامېرىكا ئالدىنى ئېلىش تورى پۇتقا ئائىت 5 مەخپىيەتلىكنى يەكۈنلەپ چىققان.


بەل بىلەن پاچاق ئايلانمىسىنىڭ نىسبىتى 1.8 دىن يۇقىرى بولسا، بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ
تەتقىقاتلاردا مەلۇم بولۇشىچە، بەل ئايلانمىسى 90 سانتىمېتىردىن چوڭ، پاچاق ئايلانمىسى 50 سانتىمېتىردىن كىچىك، بويۇن ئايلانمىسى 38 سانتىمېتردىن ئاشسا ياكى بەل بىلەن پاچاق ئايلانما نىسبىتى 1.8 ھەسسىدىن ئاشسا «ئالما بەدەن شەكلى» گە تەۋە بولۇپ، مۇسكۇل گۆش مىقدارى، ئۆستۈرگۈچى ھورمون ۋە ياللۇغلىنىشقا قارشى ئاقسىلنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازىيىپ، ئىنسۇلىننىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ، دىيابېت، بۆرەك كېىسلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدىكەن.

 پاچىقى ئۇزۇن كىشىلەر ھاراق ئىچىشكە ماس كەلمەيدۇ
ئەنگلىيە «تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ۋە مەھەللە ساغلاملىقى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پاچاق ئۇزۇنلىقى 50.8 سانتىمېتىردىن 73.7 سانتىمېتىرغىچە بولغان قىز-ئاياللارنىڭ تۆت خىل جىگەر ئېنزىمىنىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنداق قىز-ئاياللار ھەر كۈنى مىقدارى 142 مىللىلىتىردىن كۆپ قىزىل ھاراق ئىچمەسلىكى، 341 مىللىلىتىردىن كۆپ پىۋا ئىچمەسلىكى كېرەك ئىكەن.

 پاچىقى توم ئاياللارنىڭ تۇغقان بالىسى تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ
ئامېرىكا پىتتسبۇرگ داشۆسىدىكىلەر ئېلىپ بارغان تەتقىقات دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ساغرىسى، پاچىقى چوڭ قىز-ئاياللار تۇغقان بالىلار تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدىكەن. چۈنكى ساغرا بىلەن پاچاقتىكى مايدا چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن مۇھىم بولغان DHA ئىنتايىن مول بولىدىكەن.

  

پاچاقنىڭ كۈچى بولسا، چوڭ مېڭە تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ
ئەنگلىيە لوندون پادىشاھ شۆيۈەنى 10 يىلغا سوزۇلغان بىر تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللارنىڭ پاچىقىنىڭ كۈچى بولسا، مېڭىنىڭ قېرىش ئەھۋالى ئازلايدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ بىلىشى چېكىنىش جەھەتتە، پاچاق مۇسكۇلى مېڭىنىڭ قېرىشىغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

پاچاقنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇرا قىممەتتىن %5 ئۇزۇن بولسا، جەلپ قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ
پولشا پىسخولوگلىرى تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، مەيلى بەدەن شەكلى ياكى چىرايى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، كىشىلەر پاچىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇرا قىممەتتىن %5 ئۇزۇن بولسا تېخىمۇ جەلپكار بولىدۇ، دەپ قارىغان.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



ئەنگىلىيە تالانت سىنىقى: پۇتىڭىز قانداق بولسا تالانتىڭىز شۇنداق 


چىرايلىق پۇتىڭىزغا قاراڭ ، ئاندىن تۆۋەندىكى 4 خىل پۇت شەكلى بىلەن سېلىشتۇرۇڭ ، قايسىغا ئەڭ يېقىنكەن ؟ ئاندىن جاۋابىنى كۆرۈڭ ...

1: رىم پۇت شەكلى
2: چاسا پۇت شەكلى
3: گىرىك پۇت شەكلى
4: مىسىر پۇت شەكلى

سالونىمىزغا 132 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.





سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55


Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章