تىرناقتىكى تىك ياكى توغرىسىغا كەلگەن سىزىقلاربارمۇ؟

文摘   2025-01-11 20:52   新疆  



تىرناقتىكى تىك ياكى توغرىسىغا كەلگەن سىزىقلار بارمۇ؟


نورمال ئادەملەرنىڭ تىرنىقى يۇمران، سىلىق بولىدۇ، بەك كۆپ سىزىقچىلار بولمايدۇ، ئەمما بەزى كىشىلەردە يېشى چوڭايماي تۇرۇپلا ناھايىتى چوڭقۇر تىك سىزىقچىلار پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ ھازىرقى زامان ياشلىرى، دائىم تېز تاماق يەيدىغان كىشىلەرنىڭ تىرنىقىدا تىك سىزىقچىلار تېخىمۇ ئاسان پەيدا بولىدۇ.

بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەك، تىرناقتا تىك سىزىقچىلارنىڭ بولۇشى ئاساسلىقى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، مەسىلەن، كالتسىي كەمچىل، ۋىتامىن كەمچىل بولۇش، شۇنىڭدەك قان ۋە يەل يېتىشمەسلىك، ئاشقازان ـ ئۈچەي ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.


تىرناقتا تىك سىزىقچىلارنىڭ بولۇشى كالتسىي كەملىك بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

كۆپ قىسىم تىرناقتا تىك سىزىقچىلار بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە كالتسىي كەمچىل.
دادام يىل بويى ھاراق ئىچكەچكە، ئىسپىرت بەدەننىڭ كالتسىي قوبۇل قىلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن، شۇڭا يىل بويى ھاراق ئىچىدىغان كىشىلەردە ئادەتتە كالتسىي كەمچىل بولىدۇ.
ئۇنىڭ بىۋاسىتە تىك سىزىقچىلىرى چوڭقۇر بولۇپلا قالماي، يەنە ناھايىتى ماكچىيىپ كەتكەن، ھەتتا ئەسلىدە پولتىيىپ چىقىشقا تېگىشلىك تىرناقلىرىمۇ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ......

مەن سۈت ئىچىشنى ياخشى كۆرىمەن، ياڭاق سۈتى، ساپ سۈت ۋە قېتىق سۈتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بەك ياخشى كۆرىمەن.
كۆپ قىسىم جۇڭگولۇقلاردا كالتسىي كەمچىل بولغان ئەھۋالدا، مەن تەكشۈرتۈپ كالتسىي ئېلېمېنتىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم، شۇڭا تىرنىقىم بەك يۇمىلاق، تىك سىزىقچىلار يوق .

كالتسىي ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولغان كىشىلەرنىڭ تىرنىقىدا يەنە ئاق چېكىتلەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ ،  بۇنى « قورساقتا قۇرت بارلىقىنىڭ بەلگىسى»  دېيىشىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بەدەندە كالتسىي كەمچىل بولسا، تىرناق ئىنكاس قايتۇرىدۇ خالاس.

تىرناقتا تىك سىزىقچىلار بولسا، قان يېتىشمەي قېلىشى مۇمكىن.
قان يېتىشمەسلىك تال زەئىپلىشىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
جۇڭگو تېبابىتىدە تال ئاساسلىق توشۇيدىغان ئەزا بولۇپ، سۇ ۋە دانلىق زىرائەتلەرنى توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
ئۇنىڭ مەنىسى تال ئوزۇقلۇق توشۇيدىغان ئەزا بولۇپ، سۇ پومپىسىغا ئوخشاش پۈتۈن بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

تىرناقنىڭ ئۆسۈشى كۆپ مىقداردا ئوزۇقلۇق ۋە ۋىتامىنغا موھتاج، ئەگەر تال ئاجىزلاپ كەتسە، يەل ۋە قاننىڭ بىيوخىمىيەلىك كېلىش مەنبەسى بولمايدۇ، يەل قاننىڭ تىرناققا يېتىپ بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن تىرناقتا ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇپ، تەبىئىي ھالدا تىك سىزىقچىلار پەيدا بولىدۇ.

ئادەتتە، ياشانغانلاردا تىرناققا تىك سىزىقچىلارنىڭ پەيدا بولۇشى، ھەممىسىنىڭ قان ۋە يەل يېتىشمەسلىك بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بار. ئادەتتە، ياشانغانلاردا تىرناققا تىك سىزىقچىلار پەيدا بولسا، قان ئازلىقتىن ھوشيار بولۇشقا توغرا كېلىدۇ، قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان قان ئازلىق ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا ھوشيار بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

قىسقا مۇددەت تىرناقتا تىك سىزىقچىلار پەيدا بولسا، يېقىندىن بۇيان بەك چارچاپ كەتكەن كەتكەنلىكىنى ئويلىشىش كېرەك

تىرناقتا تىك سىزىقچىلار بارلار، ئەگەر يېقىنقى مەزگىلدە ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىسا، زىيادە چارچاپ كەتسە، ياكى قىسقا مۇددەتلىك ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە، بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.


تىرناقتىكى تىك سىزىقچىلارنىڭ ئىلمىي نامى «تىك تىرناق ئومۇرتقىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق ئۆزگىرىشى ۋە چارچاش بىلەن ناھايىتى چوڭ مۇناسىۋەتلىك.
لېكىن گەپكە كەلسەك، دائىم تۈنەپ خىزمەت قىلىشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى بولسا، ئوخشاشلا تال زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان يېتىشمەسلىك قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا، نۇرغۇن كېسەللىكلەر قان يېتىشمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك، لېكىن قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادىتى.

تىرناقتا تىك سىزىقچىلار بولسا ئەمەلىيەتتە بەك ھوشيار بولۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، كالتسىي ئېلېمېنتى ۋە تۆمۈر ئېلېمېنتىنى تولۇقلاپ، مۇۋاپىق ھالدا كۆپ خىل ۋىتامىنلارنى يەپ بەرسىلا بولىدۇ، تۇرمۇشتا ئاقسىل مىقدارى يۇقىرىراق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ، تۈنىمىسىلا بولىدۇ.

ھوشيار بولۇشقا تېگىشلىكى تىرناقتا توغرا سىزىقچىلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى، بۇ سىزىقچىلار پاراللېل بولىدۇ، بۇ «بوشې سىزىقى博氏线 » دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئادەتتە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، دىيابېت ياكى قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرىنىڭ بېشارىتى بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرتۈشكە توغرا كېلىدۇ.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!





كۆرسەتكۈچ بارماق قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ


تۆۋەندىكى كۆرسەتكۈچ بارماق شەكلىدىن سىزنىڭ بارمىقىڭىزغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغىنىنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن جاۋابىنى كۆرۈڭ.

سالونىمىزغا 130 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章