كىندىككە قاراپ كېسەلگە ھۆكۈم قىلىش، سىزنىڭ كىندىكىڭىز قانداق؟
كىندىك بەدەندىكى ئالاھىدە بىر مەۋجۇتلۇق. ئۇ ئەسلى يېڭى بىر ھاياتلىق، تۆرەلمە ئانا بالىياتقۇسىغا پەيدا بولغاندا ئانا بىلەن بالا تېنىنى باغلاپ تۇرىدىغان باغ، ئانىنىڭ تېنىدىن بالىغا ئوزۇقلۇق يەتكۈزىدىغان تونېل بولۇپ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، بۇ باغ كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن قېلىپ قالغان تاتۇقتۇر.
بەزى قاراشلاردا، كىندىككە قاراپمۇ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.
كىندىك يۇمىلاق بولسا، بەدەننىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
كىندىك تومپىيىپ چىقىپ تۇرسا، ئاياللاردا تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى بارلىقىدىن گۇمان قىلىش لازىم.
كىندىك ئولتۇرۇشۇپ تۇرسا، ئۈچەي يولىدا ياللۇغلىنىش بولۇشى مۇمكىن.
كىندىك ئۈچ بۇرجەك شەكىلدە، ئۇچى ئۈستىگە قاراپ تۇرسا، ئاشقازان ئاستى بېزى ۋە ئۆتتە كېسەللىك بارلىقىدىن ھەزەر قىلماق لازىم.
كىندىك ئۈچ بۇرجەك شەكىلدە، ئۇچى ئاستىغا قاراپ تۇرسا، ئاشقازاندا كېسەللىك بارلىقى ياكى گېموروي بارلىقىدىن دالالەت.
كىندىك سولغا قاراپ تۇرسا، تال زەئىپلىشىپ، ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بېشارەت.
كىندىك ئوڭغا قاراپ تۇرسا، خەپرۈك زىيادە ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى.
كىندىكتە توغرىسىغا سىزىقچە بولسا، ئوڭاي قەۋزىيەت بولۇر.
كىندىكتە تىك سىزىقچە بولسا، دائىم ئىچى سۈرەر.
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئەل ئارىسىدا تارقاپ يۈرگەن گەپلەر بولۇپ، تېببىي پەندە ئىسپاتلانمىغان. بەزى ئالاھىدە ئەھۋاللاردا، مەسىلەن قورساققا سۇ چۈشكەندە، ھامىلىدار بولغاندا، قورساقنىڭ بېسىمى ئارتىشى بىلەن كىندىك تومپىيىپ قالىدۇ. جىگەر قېتىشش كېسىلىدە، ۋېنا تومۇرلاردىكى قاننىڭ ئايلىنىشى راۋان بولماي، كىندىك ئەتراپىدىكى قان تومۇرلار ئەگرى بۈگرى بولۇپ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولغۇدەك كۆپۈپ قالىدۇ.
بۇ ئەھۋاللاردىن باشقا، كىندىككە قاراپ كېسەلگە ھۆكۈم قىلىدىغان پاراڭلارنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق دېيىشكە بولىدۇ.
كىندىكنىڭ شەكلىنى بەلگىلەيدىغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل قورساقتىكى ماينىڭ مىقدارى بولۇپ، سېمىز كىشىلەرنىڭ كىندىكى چوڭقۇر ئويمانچە بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، كونىلاردا كىندىكى تېيىز ساپال سالۇر، كىندىكى چوڭقۇر ئاقچە سالۇر دەيدىغان گەپ بار. دېمەكچى، نامراتلار ئورۇق، بايلار سېمىز...
ئەمدى سوئال كەلدى:
1. كىندىكنى كولىساق بولامدۇ؟
كىندىكنىڭ تېرىسى يۇمشاق، تەكشى ئەمەس، تولا كوچىلىساق ئوڭاي ياللۇغلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، كوچىلاۋەرمەي، يۇيۇنغاندا سۇ بىلەن چايقاپ بەرسەك توغرىسى شۇ.
2. كىندىكى ئوچۇق يۈرسە سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ؟
كىندىك ئەتراپى قورساقتىكى تېرە قىسمى نېپىز جاي بولۇپ، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىگە بىرقەدەر سەزگۈر. ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت ئوچۇق تۇرساق، قورساق شامالداپ، ئىچى سۈرۈش ياكى ھەزىم ناچارلىشىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. چوڭلارنىڭ بالىلارنىڭ قورسىقىنى دائىم يېپىپ يۈرگىنى ئورۇنسىز ئەمەس.
3. كىندىككە كارامەت شىپالىق چاپلاقلارنى چاپلىسا راستتىنلا ئۈنۈمى ياخشىمۇ؟
ئالدى بىلەن دورىنىڭ شىپالىق ئۈنۈمى ھەققىدە ئېغىز ئاچماي تۇرۇپ، چاپلاق كىندىككە چاپلانغاندىن كېيىن تېرە ئارقىلىق بەدەنگە قوبۇل قىلىنىش جەريانى ھەققىدە توختالساقمۇ، بۇ خىل قوبۇل قىلىنىش ناھايىتى ئاستا ۋە مىكرو مىقداردا بولىدۇ. شۇڭا، بازاردىكى تۈرلۈك تۈمەن چاپلاقلارنىڭ ئېلانلىرىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمىگۈلۈك.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
بەدەن شەكلىڭىز ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىكمۇ؟
سىزنىڭ بەدەن شەكىلىڭىز قايسى خىل بەدەن شەكلىگە تەۋە؟ ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىك؟ بۇ بەدەن شەكىللىرىگە يوشۇرۇنغان سىرنى بىلەمسىز؟ بىلمەكچى بولسىڭىز...
سالونىمىزغا 180 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
سالون ئىزدەش نامى: eldawa
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55