دۆلەت ئېلېكتىر تورى لوپ ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى

时事   2024-10-31 19:17   新疆  

دۆلەت ئېلېكتىر تورى لوپ ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى

تىرانسفورموتورنى ئالماشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى

سۈرەتتە: 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى لوپ ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى تىرانسفورموتورنى قۇراشتۇرماقتا. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ ئىختىيارىي مۇخبىرى شيۇڭ تىڭ فوتوسى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر شيۇڭ تىڭ) 10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ چارىباغ بازىرى دۆڭمەھەللە كەنتىدىكى 10 كىلوۋولتلۇق ناۋا ــ چارىباغ 1 ـ لىنىيەسىنىڭ 1014 ـ لىنىيە 40 ـ نومۇرلۇق ئاممىۋى تىرانسفورموتور سەپلەش ـ ئالماشتۇرۇش نەق مەيدانىدا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى لوپ ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى تەرتىپ بويىچە چۇۋۇش، ئېسىپ قۇراشتۇرۇش، قۇراشتۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىپ، 200 كىلوۋولت ئامپېرلىق تىرانسفورموتورنى 400 كىلوۋولت ئامپېرلىق تىرانسفورموتورغا ئالماشتۇردى.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى لوپ ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى توك تەقسىملەش، يۈرۈشۈشنى تەكشۈرۈش بەنىنىڭ بەنجاڭى ياۋ شياۋكاڭ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر نەچچە كۈندە ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى، 10 كىلوۋولتلۇق ناۋا ـــ چارىباغ 1 ـ لىنىيەسىدىكى 40 ـ نومۇرلۇق ئاممىۋى تىرانسفورموتور 211 ئائىلىنى توك بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 180 ئائىلىنىڭ توك بىلەن ئىسسىتىش ئۈسكۈنىسى بار، توك ئىشلىتىش يۈكى ئېغىر، بۇ قېتىم ئالماشتۇرۇپ سەپلەنگەن تىرانسفورموتور بۇ رايوننىڭ قىشلىق ئىسسىنىشتا توك ئىشلىتىش يۈكىنىڭ ئېشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ تەۋەلىكتىكى كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىدىغان نۇرغۇن ئاھالىلەر ئارقا - ئارقىدىن توك بىلەن ئىسسىتىش ئۈسكۈنىلىرى ئورناتتى، ئاھالىلەرنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆرۈنەرلىك ئاشتى، قىش پەسلىدىكى توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىسىدە، كونا تىرانسفورموتور دائىم نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىپ، ئاسانلا رۇبىلنىك چۈشۈپ كېتىپ توك توختاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى. ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى لوپ ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئالدىن پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېغىر يۈك، تۆۋەن توك بېسىمىنى تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تۈزەش پىلانىنى تۈزۈپ، توك يوللىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىپ، يېزا ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان ۋە يۈكى بىر قەدەر تېز ئاشقان تىرانسفورموتور قاتارلىق ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاپ، ئاھالىلەرنىڭ قىشنى ئىسسىق، بىخەتەر ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

كەنت ئاھالىسى روزىنىسا ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم چوڭ سىغىملىق تىرانسفورموتور ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن، بىز ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى خاتىرجەم ئىشلىتىپ قىشنى ئۆتكۈزەلەيدىغان بولدۇق، ھەقىقەتەن بەك ياخشى بولدى».

ئىگىلىنىشىچە، 9 - ئايدىن باشلاپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى لوپ ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى جەمئىي ئالتە توك تەقسىملەش تىرانسفورموتورىنى ئالماشتۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا، شىركەت يەنە لىنىيەنى چارلاپ كۆزىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىنفېرا قىزىل نۇرلۇق تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابى ئارقىلىق تەۋەلىكىدىكى سىم يولى،ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ، قىش پەسلىدە ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

(تەرجىمە قىلغۇچى: پاتىگۈل ئوسمان)


مەنبە: خوتەن گېزىتى

مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان

بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章