كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم 第10部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
81-قىسىم
81-قىسىم
مەن ئەسكى
شۇ كۈنى، دىلنار ئىككىنچى قېتىملىق سامساق مايسىسىنى ئاشخانىغا ئېلىپ كىردى، چۈشتە يەنە بىر قېتىم سامساق مايسىسى تۇخۇم قورۇمىسى يېدى.
ئادەتتىكى ۋاقىتتىن بىر نەچچە خىل قورۇما كۆپىيىپ قالغانىدى.
تاماقتىن كېيىن، ھەممە ئادەمگە بىر پارچىدىن نەپىس تورت تارقىتىلدى.
ئاشخانىدىن كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلدى، بۈگۈن ئايرۇسمۇ بار ئىدى.
دىلنار تورتنى قولىغا ئالدى، ئەنسەر ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، تورتنى پىياز يېگەندەك قىلىپ يېدى.
ناھايىتى ئاز ساندىكى قىزلار تاتلىق تۈرۈم يېيىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
دىلنار شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.
ئايرۇس دىلنارنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ چىرايى ئالاقزەدە بولۇپ كەتكەن بولۇپ، دىلنارغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.
- تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن. - دېدى ئەنسەر.
دىلنار بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كەينىگە بۇرۇلۇپ ئەنسەرگە قاراپ:
- نېمە؟ - دېدى.
ئەنسەر كۈلۈپ تۇرۇپ:
- بۈگۈن سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز، شۇنداقمۇ؟ - دېدى.
ئايرۇس بىر چەتتە تۇرۇپ سەل ھەيران قالدى.
ئەنسەر بىر سۈزۈك ئەينەك بوتۇلكىنى دىلنارغا سۇندى.
- مېنىڭ ھازىر سىزگە ياخشى سوۋغات بەرگۈدەك ئىقتىدارىم يوق، ھەتتا بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدىمۇ بولمايدۇ، شۇڭا سىز ئېرىشمەكچى بولغان سوۋغاتلارنى يېزىپ بوتۇلكىغا سېلىپ قويسىڭىز بولىدۇ، ئۆزۈم يالغۇز بىر تەرەپ قىلالايدىغان ۋاقىتتا، شەرتسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىمەن. - دېدى ئەنسەر.
دىلنار قۇرۇق ئەينەك بوتۇلكىنى ئىككى قولىدا تۇتۇپ، بىر ھازاغىچە خىيالغا پاتتى.
- تۇغۇلغان كۈنۈمدىلا سالامدىم ياكى باشقا ۋاقىتتىمۇ بولامدۇ؟ - دەپ سورىدى دىلنار.
ئەنسەر ئامالسىز قېلىپ:
- مەيلى قانداق ۋاقىتتا ھەرقانداق نەرسىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، بولۇۋېرىدۇ، - دېدى.
دىلنار قېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەينەك بوتۇلكىنى قۇچىقىغا ئالدى.
- ئۇنداقتا مەن ياخشىراق ئويلىنىپ باقاي، داچا، ھەشەمەتلىك ماشىنا كەم بولسا بولمايدۇ، قارىغاندا مەن بۇ ئۆمرۈمدە كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەكتىن غەم قىلمايدىغان ئوخشايمەن. - دېدى.
ئايرۇس يېنىدا ئولتۇرۇپ ئىككى قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى، ئەمما ئاۋازىنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن چىقىرىپ:
- بۇ گەپتىن قارىغاندا، كېيىن ئىككىڭلار توي قىلىسىلەرغۇ دەيمەن؟ - دېدى.
دىلنار بىلەن ئەنسەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىپ، تەڭلا ئۇنىڭغا قاراپ:
- توي؟ - دېدى.
ئايرۇس بۇ ئىككىيلەننىڭ كۆزىدىن قورقۇپ تۈگۈلۈپ قالدى، بۇ خىل گۇمانلىنىپ قاراشتىن بىر مەھەل نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى.
خېلىغىچە جىددىيلەشكەندىن كېيىن، غەيرەتكە كېلىپ:
- تېلېۋىزوردىمۇ مۇشۇنداق كۆرۈنۈشلەر چىقىدىغۇ، بۇنداق گەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوغۇللارنىڭ قىزلارغا بەرگەن ۋەدىسى، ھەممىسى توي قىلىش ئالدىنقى شەرت ئاستىدا دېيىلىدۇ... - دېدى.
دىلنار سەل تېڭىرقاپ قالغاندەك بولۇپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ ئەنسەرگە قاراپ:
- شۇڭىچۇ... - دېدى.
ئەنسەر ئېسىنى يىغدى، ئەمما يەنىلا ئۇنىڭغا قاراپ:
- مەن ئۇنچە كۆپ ئويلاپ كەتمىدىم. - دېدى.
كۆز ئىپادىسى ھەقىقەتەن سەمىمىي ئىدى.
دىلنارمۇ ئازراق كۈلكىلىك ھېس قىلدى.
نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتى؟
كىچىككىنە تۇرۇپ ، كېيىنكى ئىشلارنى ئويلاپ يۈرگىنى نېمىسى.
- ئايرۇس دېمىسە، مەنمۇ ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ئۇنداق بولمىغاندىكىن، سوۋغاتنى خاتىرجەم قوبۇل قىلاي، - دېدى دىلنار.
- ھىم، - دېدى ئەنسەر.
دىلنار سومكىسىنى چىقىرىپ بوتۇلكىنى ئىچىگە سالدى.
بوتۇلكىنى قويۇپ، دىلنار يەنە تورت يېيىشكە باشلىدى.
چىرايىدا ئىزچىل سۇس كۈلكە جىلۋىلىنىپ ئۆچمىدى.
سەبىرە كەلگەندىمۇ ئۇنىڭ چىرايىدىكى كۈلكە پۈتۈنلەي يوقىمىغانىدى.
ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ، قولىدىكى ۋىلكىنى ئاغزىغا قويۇپ، سەبىرەگە قاراپ، بىلىنەر - بىلىنمەس كۈلۈپ قويدى، ئەمما تەشەببۇسكارلىق بىلەن گەپ قىلمىدى.
سەبىرە ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرغان بېشىنىڭ ئازراق ئۇيۇشۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قولىدىكى ئەينەك بوتۇلكىنى دىلنارنىڭ ئالدىغا سۇندى.
دىلنار بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، كۆزلىرى بىردىنلا قاراڭغۇلىشىپ كەتتى.
- بۇ... ئەنسەر ئاكامدىن ئاڭلىسام، بۈگۈن سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز ئىكەن... - دېدى سەبىرە.
دىلنار قاپىقىنى يېنىك تۈرۈپ، نەزىرىنى ئۇنىڭ قولىدىكى ئەينەك بوتۇلكىغا تىكتى.
سەبىرە سەل توختاپ قېلىپ ئوڭايسىزلىنىپ:
- ئالدىنقى قېتىم سىزگە چوڭ ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كەلگەنلىكىمنى بىلىمەن، ئۇ گۈلسامساق سىزنىڭ يۈرەك قېنىڭىز، ۋەيران بولغاندا سىزمۇ بىئارام بولىدىڭىز، بۇلارنى ساقلاپ قويغانىدىم، سىزگە خاتىرە بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. - دېدى.
دىلنار تورتتىن بىر كەسلەم ئېلىپ ئاغزىغا سېلىپ:
- سىز يەنە بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىكەنلىكىنى كىمگە دېدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
بۇ گەپنى ئېنىقلا ئەنسەرگە دېدى.
سەبىرەمۇ كۆزىنى ئەنسەرگە تىكتى، چىرايىدا ئازراق ئەندىشە بار ئىدى.
دىلنارنىڭ مىجەزى ئوسال ھەم تۇراقسىز ئىدى، زادى قايسى بىر ئېغىز گەپنىڭ ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.
ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىلەن قوشۇلۇپ، ھەقىقەتەن ئانچە ياخشى بولمىغان تۇيغۇ پەيدا بولدى.
ئەنسەرنىڭ چىرايى ئۆزگەرمەي:
- پەقەت ئۇنىڭغىلا دېدىم، ئۇ ئىزچىل پۇرسەت تېپىپ سىزدىن كەچۈرۈم سوراشنى ئويلاپ كەلدى، مېنىڭچە بۇ ناھايىتى ياخشى پۇرسەت. مەن تېخى ئۇنداق ئەخمەق ئەمەس، مەمەت تاغام سىزنىڭ ھەقىقىي تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى قەستەن يوشۇرغان ئىكەن، مەنمۇ تەبىئىيلا ھەممە يەردە داۋراڭ سېلىپ يۈرمەيمەن. - دېدى.
شۇنداق، نۇرغۇن بالىلار تۇغۇلغان كۈنى بولسا ھەممىگە دىگۈسى كېلىدۇ، سوۋغات ئالسا خۇشال بولىدۇ. بىراق دىلنار ئۇنداق ئەمەس. ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ئالاھىدە،نەرى ئالاھىدە بىر ئۆزى بىلىدۇ. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ بۇ دارىلئېتامدا ئىكەنلىكى، تۇغۇلغان كۈنى، ئىسمى، ھەممىسى كۆپ داۋراڭ سېلىنسا بولمايدىغان مۇھىم ئىش. ھەتتا باشقىلار ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىڭ زادى قايسى كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالماسلىقى كېرەك. شۇڭا مەمەت تاغا ئالايىتەن ھېچقانداق نام ئاتاقسىز يىلدا ئىككى قېتىم ئۇ ۋە باشقا بالىلارغا تورىت تارقىتىدۇ. نېمە ئۈچۈنلىكىنى ئەزەلدىن تىلغا ئالمايدۇ. ئەمما ھازىر بۇ سەبىرە ئىسىملىك قىز تارتىنماي شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىككەپ ئىش تېرىپ قويغاندەك قىلاتتى.
دىلنار تۇيۇقسىز سوغۇق كۈلۈپ قويدى، قولىدىكى ۋىلكا بىلەن تورتتىكى بۆلجۈرگەننى بىر نەچچە قېتىم چۆرگۈلىتىپ، قايماققا مىلىدى.
- ئەخمەق ئەمەس، شۇڭا بۇ ئىشنى سەبىرەگە دېسىڭىز بولىدۇ. شۇنداقمۇ؟ ئۇ سىزگە قانداق كاپالەتلەرنى بەردى، سىز ئۇنىڭغا شۇنچە ئىشەنگەن ئىكەنسىز، ئۇمۇ داۋراڭ سېلىپ يۈرمەيدۇ دەپ ئىشىنەمسىز؟ - دېدى دىلنار.
سەبىرە بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئاخىرى بىر نەرسىنى چۈشەندى ۋە دەرھال:
- دىلنار ئاچا، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ھەرگىز سىرتلاردا دېمىدىم، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرگىز دېمەيمەن! - دېدى.
- مەن سىزدىن گەپ سورىدىممۇ؟ - دىلنارنىڭ گەپلىرى ناھايىتى سوغۇق ئىدى، بۇ جەرياندا ئۇ ئاخىرى بېشىنى كۆتۈرۈپ سەبىرەگە قارىدى، كۆزلىرى قارىماققا بەك ئۆتكۈر بولۇپ، سەبىرە قورقۇپ جايىدا قېتىپ قالدى.
ئەنسەر قاپىقىنى سۈزۈپ:
- ئۇ سىرتلاردا دەپ يۈرمەيدۇ، - دېدى.
دىلنار بىر نەچچە سېكۇنت سۈكۈتتە تۇرۇپ:
- دېمەك ئۇ سىزگە ۋەدىمۇ بەرمىدى، پەقەت سىز ئۇنىڭغا بىر تەرەپلىمە ئىشەندىڭىز، شۇنداقمۇ؟ - دېدى.
ئەنسەرنىڭ چىراي ئىپادىسى بىر ئاز تۇتۇلۇپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، يەنە ئۇنىڭغا تىكىلدى، خۇددى دىلنار يولسىزلىق قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
- مەن دېدىمغۇ، ئۇ سىزدىن كەچۈرۈم سورىماقچى بولغانتى. - دېدى ئەنسەر.
- مەنمۇ ئېنىق دېدىم، مەن ئۇنىڭغا ئۆچ! سىز كۆڭلىڭىزدە نېمە ئويلاۋاتىسىز، مېنى بىزار بولغان ئادەمنىڭ كەچۈرۈمىنى قوبۇل قىلىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭىزمۇ؟ - دېدى دىلنار.
ئەنسەر قولىدىكى ۋىلكىنى قويۇپ:
- سىز چوقۇم مۇشۇنداق كەسكىن بولامسىز؟ - دەپ سورىدى.
- ئەگەر مەن راست كەسكىن بولغان بولسام، سىزنىڭچە سىزنىڭ ھازىر ماڭا گەپ قىلىش سالاھىيىتىڭىز بولامتى؟ - دېدى دىلنار سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ. ئۇ ئەنسەرگە ئۇزاققىچە تىكىلىپ قارىدى، ئەمما قەلبىدىكى تولۇپ تاشقان غەزەپ ئوتنى ئاستا-ئاستا بېسىۋېلىپ، ـ شۇنداق، مېنىڭمۇ كاللامنىڭمۇ دەردى بار، نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم؟ تېخى سىزگە ئازراق ئۈمىد باغلاپ يۈرۈپتىمەن. راستتىنلا ئۆزۈمگە خاپالىق تېپىۋالدىم. - دېدى.
ئاندىن سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ، بۇرۇلۇپ سەبىرەنىڭ قولىدىكى ئەينەك بوتۇلكىغا قارىدى.
ئىچىدە ئۈچ تال گۈلسامساق بار بولۇپ، شامالدا قۇرۇتۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولغاچقا، شەكلىمۇ يامان ئەمەس چىققانىدى.
- قارىغاندا، ئەنسەر ئاكىڭىزنىڭ ھەقىقىي تەسىرىگە ئۇچراپسىز، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشلىرىڭلار ھەقىقەتەن بىر قېلىپتىن چىققاندەك ئوخشايدىكەن. - دېدى دىلنار.
شۇنداق دېگىنىچە، بوتۇلكىنى ئېلىپ، يېقىن كېلىپ، تەپسىلىي سەپسالدى.
- ئەنسەر. - دېدى دىلنار تۇيۇقسىز ئېغىز ئېچىپ، - مەن سەبىرەنىڭ ئاقكۆڭۈل، مۇلايىم ۋە كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىمەن، لېكىن بۇ ھەممە ئادەمنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، گېپىمىزگە كەلسەك، مەن سىزگە يەتمەيمەن، تېخىمۇ كۈلكىلىك يېرى شۇكى، ئەگەر ئۆزىڭىز ئۈچۈن بولسا مەيلى ئىدى، لېكىن قېرىشقاندەك باشقىلار ئۈچۈن مۇشۇنداق قىپسىز. - دېدى.
ئۇ قايماققا لىققىدە مىلەنگەن بۆلجۈرگەننى ئاغزىغا سالدى، ئانچە تاتلىق ئەمەس ئىدى.
- شۇنداق، سەبىرە بەك چىرايلىق، لېكىن مېڭىسى ياخشى يېتىلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ماڭا تىكىلىپ قاراپ نېمە قىلىسىز، ئەتراپىڭىزغا قاراپ بېقىڭ، سىزنىڭ سىڭلىڭىزغا قانچىلىك ئۇۋال قىلغىنىمنى كۆرۈپ بېقىڭ. - دېدى دىلنار.
ئەنسەر ئىختىيارسىز بېشىنى كۆتۈردى، ئەمما بىر دەمدىلا چىرايى تۇيۇقسىز سوۋۇدى.
- دىلنار ئالدىنقى ئايدا تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەنغۇ؟ سەبىرە بۈگۈن نېمىشقا ئۇنىڭغا تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى بېرىسىز؟
- بۈگۈن ھەممىمىزنىڭ تورت يېيەلىگەنلىكىمىز ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن.
- ئېسىمدە قېلىشىچە ھەر يىلى دىلنار سەۋەبىدىن بىز يىلدا ئىككى قېتىم تورىت يەلەيدىكەنمىز..
- مۇئەللىم، نېمە ئۈچۈن دىلنار ھەر يىلى ئىككى قېتىم تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزىدۇ، لېكىن بىز پەقەت بىرلا قېتىم ئۆتكۈزىمىز؟
دېگەندەك پاراڭلار ئۇزۈلۈپ قالماي چىقىۋاتاتتى.
ياندىكى ئوقۇتقۇچى سەل تىت-تىت بولۇپ:
- ياق، سىلەر خاتالاشتىڭلار، بۈگۈن ھېچكىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئەمەس. - دېدى.
- بىراق سەبىرە بايا دىلنارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى...
- ئۇ... ئۇ پەقەت ساۋاقداش دىلنارنىڭ تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتىنى تولۇقلاپ بەردى... - دېدى مۇئەللىم.
بۇ گەپلەرنى دەپ بولغۇچە مۇئەللىمنىڭ يۈرىكىمۇ پوك-پوك بولۇپ كەتتى.
سەبىرەمۇ ئالاقزەدە بولۇپ، ئامالسىز نەزىرىنى ئەنسەرگە تىكىپ:
- مەن... بىلمەيمەن... - دېدى.
ئەنسەر كۆزىنى قايتۇرۇپ كېلىپ دىلنارغا قاراپ:
- سىزمۇ بىلىسىز، ئۇمۇ مەقسەتسىز مۇشۇنداق قىلىپ قاپتۇ. - دېدى.
دىلنار بېشىنى لىڭشىتىپ:
- ھىم، مەن بىلىمەن. ئۇ تېخى كىچىك بالا تۇرسا، تەبىئىيلا ئۇنچە كۆپ ھىيلە - مىكىرىسى بولمايدۇ، - دېدى.
شۇنداق دېگىنىچە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان سەبىرەگە قاراپ كۈلۈپ قويۇپ:
- مەندىن كەچۈرۈم سورىماقچىمۇ؟ ئاندىن كېيىنچۇ؟ سىز ئاقكۆڭۈل، مۇلايىم، ساددا، ئوماق، ھەممە ئادەم شۇنداق ھېس قىلىدۇ. مېنىڭ بولسا كۆڭلى كۆكسۈم تار، باشقىلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىمەن، بۇنىمۇ ھەممە ئادەم بىلىدۇ. سىزگە ئۆچلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ماڭا يېقىنلىشىشنى ئويلاۋاتامسىز، بىرسى سىزگە ئۆچ بولۇپ قالسىمۇ چىداپ تۇرۇپ بويسۇندۇرماقچى بولۇۋاتامسىز ياكى مەندەك سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئادەم بىلەن بىللە تۇرسىڭىز، سىزنىڭ قانچىلىك گۈزەل ئىكەنلىكىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلەمدىكەنسىز؟ شۇ چاغدا مېنىڭ قانچىلىك ئادەمنى بىزار قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەمسىز؟ - دېدى.
سەبىرە بېشىنى چايقاپ، ئىلاجسىزلىق ئىچىدە:
- مەن پەقەت سىزدىن بەك خىجىل... - دېدى.
دىلنار ئۇنىڭغا بىر ھازا تىكىلىپ قارىدى، ئۇنىڭ ئورۇق، كىچىك بەدىنىدىن بىر خىل سۈرلۈك ھەيۋە چىقىپ تۇراتتى.
ھېچكىم ئۇنىڭ زادى نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى، يەنە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتى.
ئەنسەرمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ:
- بۇ مېنىڭ خاتالىقىم... - دېدى.
دىلنارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي، سەبىرەگە قاراپ قويۇپ، ھېلىقى ئەينەك بوتۇلكىنى ئالدىغا كېلىپ:
ـ گېپىڭىزنى قارىغاندا ھەقىقەتەن ئاقكۆڭۈل ئىكەنسىز. ئەمەلىيەتتە، مەندىن خىجىل بولۇشىڭىز ھاجەتسىز ... - دېدى.
ئاندىن تۇيۇقسىز قولىنى كۆتۈرۈپ، ئەينەك بوتۇلكىنى كۈچەپ يەرگە ئۇردى.
ئەينەكنىڭ چېقىلغان ئاۋازى بىردەمدىلا پۈتۈن ئاشخانىنى جىمجىتلىققا چۆكتۈردى، بالىلار بۇ كۆرۈنۈشتىن قورقۇپ چىرايى تاتىرىپ كەتتى.
سەبىرەنىڭ پۈتۈن بەدىنىمۇ تىترەپ كەتتى.
دىلنار كۈلۈپ قويۇپ، يەردىكى ئەينەك پارچىلىرى ئارىسىدىكى ئاشۇ بىر نەچچە تال گۈلنى دەسسەپ ئېزىپ:
- قاراڭ، مەن مۇشۇنداق ئەسكى. چىن كۆڭلىڭىزنى ئاياغ ئاستىمدا دەسسەپ بەك ئاشۇرۋەتتىمۇ ؟ شۇڭا، سىز يەنە مەندىن كەچۈرۈم سورامسىز؟ - دېدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar