كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
58 | 57 | 56 | ||
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
59-قىسىم
59-قىسىم
ئاخىرىدا كىم يەڭدى؟
مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئانا-بالا ئىككىسىدىكى مۇز ئېرىپ، بىر - بىرىگە زىخ سانجىشقان كەيپىيات يوقاپ، ئىناق-ئېجىل بولۇپ كەتتى. نادىر بېرىپ چاي قۇيۇپ، ئىككى خانىمغا بىردىن سۇندى.
نادىرنىڭ ئاپىسى سۇ ئىچىۋېتىپ، كېلىش مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ:
- سەن ئۆيگە قايتمىغاندىكىن، مەن سېنى كۆرگىلى كەلدىم، گۈلپەرىمۇ ئارزۇ تولدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، مەن ئۇنى بۇ شەھەرنىڭ چوڭلۇقنى كۆرۈپ باقسۇن دەپ بىللە ئېلىپ كەلدىم. - دېدى.
نادىر يېنىدىكى چىرايىدىن مۇلايىملىق چىقىپ تۇرغان قىزغا قاراپ:
- بەشىنچى تاغامنىڭ قىزىمۇ؟ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ بولدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
گۈلپەرى دەرھال:
- شۇنداق، بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بېرىپ بولدۇم. - دېدى.
نادىرنىڭ ئاپىسى ئالدىراپ گەپ قىستۇرۇپ:
- سەن ئۆزۈڭنى يىراق ئەلدە نەچچە يىل تۇردۇم دەپ قالما، يېشىڭغا قارا، 30 ياشلىق بويتاق، - دېدى.
- ئارتۇقچە ئويلاپ كېتىپسىز، بۇ مېنىڭ دەل گۈللەپ ياشناۋاتقان ياخشى مەزگىلىم، - دېدى نادىر.
نادىرنىڭ ئاپىسى گۈلپەرىنىڭ ئالدىدا كۆزلىرىنى ئالايتىپ:
- يۈزى قېلىن، سەندەك بۇنداق ئادەمنى قېرى يىگىت دەيدۇ. ئەينى يىلى داداڭ بىلەن ئىككىمىز 22 ياش ۋاقتىمىزدا سېنى تۇغۇپ بولغان، - دېدى .
- ئەگەر 22 يېشىمدا بالام بولغان بولسا، يۇرىتقا قايتىپ كەلمەيتتىم، - دېدى نادىر
- نېرى بارغىنە! - دېدى نادىرنىڭ ئاپىسى خاپا بولۇپ، - يامان بولساڭ توي قىلىپ بالىلىق بولۇپ كۆرسىتىپ قويە! يارامسىز ئەبلەخ، مەن سېنى باشقىلاردىن نەچچە يىل بۇرۇن تۇغسام، ھازىر سەن ئارقىغا سۆرەپ، مېنى باشقىلاردىن نەچچە يىل كېيىن قالدۇردۇڭ! - دېدى.
نادىرنىڭ ئاچچىقى كەلمەي، شىرەگە قويغان ئىستاكاننى يەنە ئېلىپ، ئاپىسىنىڭ كۆز ئالدىغا سۇنۇپ:
- قىلىدىغان ئىشىڭىز بولمىسا، سىزگە ئىتتىن بىرنى ئېلىپ بېرەي، شۇنى بېقىڭ... - دېدى.
نادىر ئاپىسىنىڭ شاپلىقىدىن ئۆزىنى ئىتتىكلا قاچۇردى، ئىستاكاندىكى سۇ بىر تامچىمۇ تۆكۈلمەي، ئالدىغا يەنە بىر قېتىم كەلدى.
گۈلپەرى كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ، ھەقىقەتەن كېلىشكەن نەۋرە ئاكىسىغا قاراپ، ئىسمى جىسمىغا لايىقكەن دەپ ئويلىدى!
نادىرنىڭ ئاپىسى ئىستاكاننى قولىغا ئېلىپ، يەنە بىر يۇتۇم ئىچىپ، خۇددى بايا ئۇرماقچى بولغان ئادەم ئۇ ئەمەستەكلا:
- بۇ ئىككى كۈندە بىز مۇشۇ يەردە تۇرىمىز، ئورۇنلاشتۇرۇپ قوي، - دېدى.
نادىرنىڭ تەبىئىيلا باشقىچە پىكرى يوق ئىدى:
- بوش ئۆي بار، خالىغانچە تۇرۇڭ. - دېدى .
- ئاۋۋال گۈلپەرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قوي ئارام ئېلىۋالسۇن، گۈلپەرى، سىز نادىر بىلەن بىللە بېرىڭ، ھېرىپمۇ قالدىڭىز ئازراق ئۇخلىۋېلىڭ، كەچتە سالقىن بولغاندا ئاندىن سىزنى ئويناتقىلى ئېلىپ چىقاي. - دېدى نادىرنىڭ ئاپىسى گېپىنى تۈگىتىپلا ئىستاكاننى ئېلىپ ئاشخانىغا قاراپ ماڭدى، قارىغاندا يەنە بىر ئىستاكان ئىچكۈسى باردەك قىلاتتى.
نادىر ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ، نەۋرە سىڭلىسىنى باشلاپ ماڭدى.
نادىرنىڭ ئاپىسى ئاشخانىغا كىرىپ، چاي قۇيۇشقا ئالدىرىماي، توڭلاتقۇنى ئوغرىلىقچە تەكشۈردى.
ئۇ بۇ قېتىم كېلىشتىن بۇرۇن ئالدىن يۈرەر قىسىم ئەۋەتكەن، ئۇ ئالدىن يۈرەر قىسىم بىلەن ئۇچراشقاندىلا، ئاندىن ئوغلىنىڭ ئۇچۇرىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ئىگىلىيەلەيدۇ.
ئۈچ قېتىم ئىزدىدى، ھەتتا توڭلىتىش ساندۇقىنىمۇ ئاختۇرۇپ چىقتى، ئۇنىڭ ئالدىن يۈرگۈچى قىسمى يەنىلا كۆرۈنمىدى.
- ئەمدى ئىككى كۈن بولغان تۇرسا بۇ سولتەك نەرسىلەرنى تاشلىۋەتمىگەندۇ... - دېدى نادىرنىڭ ئاپىسى ئىنكاس قايتۇرۇپ، كۆزىگە ئىشەنمىگەن ھالدا ئۆزىنىڭ مەڭزىگە شاپىلاقلىدى، ۋاز كەچكىلى تاس قالغان بۇ ئەخمەق بالىسى ئويغانغانمىدۇ؟
نادىر چىققاندا، ئاپىسى ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ كۈچەپ ئىككى قېتىم يۆتىلىپ قويۇپ:
- سەن... مەن ئەۋەتكەن مېۋە قېقى بىلەن كالا گۆشى قېقىنى يەپ بولدىڭمۇ؟ - دەپ سورىدى.
نادىر ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويدى، ئاپىسى كۆزىدىكى ھاياجاننى يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالدى.
- سوۋغا قىلدىم، - دېدى نادىر.
- مەن كۆرۈپ باقاي. - دېدى ئاپىسى.
- تېخى قولغا كەلتۈرۈپ بولالمىدىم، - دېدى نادىر.
نادىرنىڭ ئاپىسى ھەيران قالدى، ئۇ ئۆز ئوغلىنىڭ مىجەزىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ، لېكىن بۇنىڭدىن باشقا شارائىتىنىڭ ياخشىلىقىدا، ئادەتتىكى قىزلارنى ئازدۇرۇپ، قايمۇقتۇرۇپ قويسىلا كۇپايە قىلاتتى، بۇ قاملاشمىغان ئىش بوپتۇغۇ ؟
- نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى ئاپىسى.
- ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بار. - دېدى نادىر.
نادىرنىڭ ئاپىسى چۆچۈپ ئاغزىنى ئېتىۋېلىپ:
- نادىر... نادىر، ئادەتتىكى بىر بويتاق قىزنى قوغلىشساڭ قىيىنغا چۈشمەيتتى، بۇنى ئۆزۈڭگە ئىش تاپقانلىق دەپ قارىمامسەن؟ - دېدى.
نادىر ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ كۈلۈپ قويۇپ، يېپىلمىغان توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ:
- شۇڭا سىز بۇ ئىشقا ئارىلاشماڭ. - دېدى.
ھې ھې.
قانداقسىگە مۇمكىن بولسۇن.
نادىرنىڭ ئاپىسى بۇرنىدىكى قارا جازىلىق كۆزئەينەكنى يۆلەپ قويدى، ئۇنىڭ بۇ يەرگە كېلىشى تەس، قانداقمۇ مۇشۇنداقلا قايتىپ كېتىدۇ! مانا، بىر نەچچە قېتىم تېلېفون ئۇرغاندىن كېيىن، سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ بولدى، ھەممە ئىشلار ئالىقىنىدىن قېچىپ كېتەلمەيدۇ.
ئۇنىڭغۇ باشقا ئىش قىلغۇسى يوق، پەقەت ئوغلى ياخشى كۆرۈپ قالغان قىزىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى.
ئەتىسى؛
- كىچىك ئاپا، قايسى كۈچلۈك شامال سىزنى بۇ يەرگە ئۇچۇرۇپ كەلدى. - دېدى مۇنىرەنىڭ خوجايىنى ئەخمەت كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سالام بېرىپ. 50 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ، يەنىلا ئاچىسىغا ئوخشايدىغان كىچىك ئاپىسىنى ئىشخانىسىغا باشلاپ كىردى.
- مەنمۇ سىزنىڭ بۇ يېرىڭىزگە كېلىپ باقمىغان، ئېسىلكەن، - دېدى نادىرنىڭ ئاپىسى ساپادا ئولتۇرماي، ئۈستەلنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقنى تالىدى، ئەخمەت تەبىئىيلا ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى چوڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماي، ئۇنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرۇپ:
- مېنىڭ كىچىككىنە يېرىم ماختىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ، - دېدى.
نادىرنىڭ ئاپىسى قارا كۆزئەينىكىنى ئېلىپ، بىر قولىنى كۆتۈرۈپ:
- مېنىڭ ئالدىمدا بىچارە بولۇۋالماڭ، مەن كىرگىلىمۇ خېلى ئۇزۇن بولدى، نېمىشقا بىر ئىستاكان سۇمۇ قۇيۇپ بەرمەيسىز؟ - دېدى.
ياخشى ئەر ئاياللار بىلەن تالاشمايدۇ.
ئەخمەت خۇشامەت قىلىپ:
- بىلمىدىم، سىزنىڭ نېمە ئىچكۈڭىز باركىن؟ - دېدى.
- سۇ. - دېدى نادىرنىڭ ئاپىسى.
- بىر ئىستاكان سۇ ئەكېلىڭ. - دېدى ئەخمەت.
- توختاڭ. - دېدى نادىرنىڭ ئاپىسى دەرھال رەت قىلىپ، - ئەرلەر قۇيغان سۇنى ئىچىشكە بولامدۇ؟ قىزچاققا ئالماشتۇرۇڭ، - دېدى .
ئالاھىدە ياردەمچىنىڭ چىرايى بىردەمدىلا تاتىرىپ كەتتى، خوجايىننىڭ قوشۇمىسىنى چىمداپ تۇرغان ئىلاجسىزلىقى قاراپ ئىشىكتىن ئىتتىك چىقىپ، ياندىكى ئىشخانىدىكى مۇنىرەنى چاقىرىپ كەلدى.
ئەخمەتنىڭ ئۆزى ئالاھىدە مېھمان كۈتۈۋاتقان كۆرۈنۈشنى مۇنىرەمۇ كۆردى، ئالاھىدە ياردەمچىنىڭ قارشى تەرەپ ئەرلەر قۇيغان سۇنى ئىچمەيدىكەن، قىز بالىنىڭ قۇيۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ھاياجانلىنىپ كەتتى.
ۋاي ئانامەي، كۈتۈش شۇنچە تەسمۇ، ئىچىدە جىددىيلەشكەن بولسىمۇ، سۇ تۇتقان قوللىرى ناھايىتى مۇقىم بولۇپ، سالاپىتىنى مۇكەممەل ساقلاپ:
- مەرھەمەت ،- دېدى.
ئورۇندۇقتىكى ئايال يان تەرەپكە بىرلا قاراپ، ئۇنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى.
ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەكمۇ قىز ئەمەسكەن، چىرايى شۇنداق مۇلايىم، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، كىچىك بالىدەك ئەمەس، خېلى ئېغىر-بېسىق كۆرۈندى.
ئايالنىڭ چىرايى مۇنىرەگە سەل تونۇشتەك بىلىنشتى، دەماللىققا قەيەردە كۆرگەنلىكىنى ئېسىگە ئالالمىدى، نائىلاج كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭشىتتى. ئاندىن كەينىگە بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى، ئەمما ئايال ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ:
- ھەي، كەتمەي تۇرۇڭ، - دېدى.
- ھى... - ئەزەلدىن ئىتائەتچان بولۇپ كەلگەن مۇنىرەمۇ كۈلۈپ قويۇپ، ئۇنىڭ تارتىشىغا يول قويۇپ:
- بۇ سىزنىڭ ... - دېدى .
نادىرنىڭ ئاپىسى ئۇنى سافاغا تارتىپ كېلىپ، ئىككىيلەن يانمۇيان ئولتۇرۇپ:
- قورقماڭ، مەن بۇ بىر توپ ئەرلەرنى كۆرسەملا كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدۇ، قىزلار بىلەن پاراڭلاشقاچ كۆزۈمنى ئارام ئالدۇراي، - دېدى.
دائىم ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئەخمەتمۇ تۇرۇپلا قالدى... كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، نادىرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى سورىغاندا بۇنداق پوزىتسىيەدە بولمىغانتىغۇ!
مۇنىرە بۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن قاتلامدا تۇرىدىغان بولغاچقا زادىلا گەپ قىستۇرالمىدى، پەقەت ئەخمەقلەرچە كۈلۈپلا قويالىدى.
نادىرنىڭ ئاپىسىنىڭ كۆز قارىچۇقى ئايلىنىپ < بۇ قىز قارىماققا ناھايىتى سالاپەتلىك ئىكەن، لېكىن گەپكە ئانچە ئۇستا ئەمەس ئىكەن> دەپ ئويلىدى.
- قانچە ياشقا كىردىڭىز؟ - دەپ سورىدى نادىرنىڭ ئاپىسى.
- بۇ يىل 25 ياشقا كىردىم.- دېدى مۇنىرە.
- مۇشۇ يەرلىكمۇ؟ - دەپ سورىدى نادىرنىڭ ئاپىسى.
- شۇنداق. - دېدى مۇنىرە.
- ئوغۇل دوستىڭىز بارمۇ؟ - دەپ سورىدى نادىر.
- يوق، يوق... - دېدى مۇنىرە.
نادىرنىڭ ئاپىسى ئېڭىكىنى سىلاپ تۇرۇپ:
- ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىز بارمۇ؟- دەپ سورىدى.
مۇنىرە خىجىل بولدى، ئۇنىڭغا تونۇشمايدىغان ئادەملەرمۇ لايىق تونۇشتۇرۇپ يۈرمەس؟ گەرچە ئالدىدىكى بۇ ئايال قارىماققا بەك ئېسىلزادە كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۆتكەن قېتىم ئەمەتنى تونۇشتۇرغان ھاممىسىغا ئوخشايدىغان تەرىپىنى نامايان قىلدى، راستتىنلا ئۇنىڭغا ئوغۇل دوست تونۇشتۇرۇپ قويامدۇ؟!
- بار ... بار، بار! - دېدى مۇنىرە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، - بار، گەرچە مۇھەببەتلىشىپ قالمىغان بولساقمۇ، ھەقىقەتەن كۆڭلۈمدە ئادىمىم بار، پەقەت ئۇنىڭ يېنىدا بولسام دەيمەن، - دېدى.
نادىرنىڭ ئاپىسى ئۆز ئوغلى ئۈچۈن ئۈچ سېكۇنت سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى. لېكىن قايسى كىچىك ئەبلەخ ئۆز ئوغلىدىنمۇ بەكرەك جەلىپكاردۇ، كۆرۈپ باققۇسى كەلدى.
- ئۇنداقتا بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ، ئەسلىدە ماڭا شۇنداق يېقىپ قالغانتىڭىز، مېنىڭ بىر يارامسىز ئوغلۇم بار، سىلەرنى تونۇشتۇرۇپ قوياي دېگەن ئىدىم... - دېدى نادىرنىڭ ئاپىسى. مۇنىرەنىڭ ئوڭايسىزلىنىپ كۈلۈپ قويغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن گېپىنى ئۆزگەرتىپ، - ئەمىسە ماڭا دەپ بېرىڭە، سىز قانداق ئادەمنى ياخشى كۆرىسىز، ئەگەر مېنىڭ ئوغلۇمدەك ياخشى بولمىسا، ئۇنداقتا ئوغلۇمنى تاللاڭ. - دېدى.
خوجايىن ئەخمەت ئوغرىلىقچە تېلېفوننى چىقىرىپ، نادىرغا خەۋەر يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئويلىدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar