كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
57 | 56 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
58-قىسىم
58 -قىسىم ئاپام ئەۋەتكەن
بۇ بىر نەچچە مىنۇتتىلا ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنىرە نادىرنى ئاپىرىپ ئەكىلىدىغان بولغاچقا، غۇنچەم بىلەن كەچلىك تاماقتىن كېيىن كۆرۈشىدىغانغا كېلىشىپ قويدى. غۇنچەم بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ماشىنىسىغا چىقىۋېلىشتەك ئۇسۇلنى قوللانمىسىمۇ بولغاندىن خۇش بولۇپ، ئىتتىكلا ماقۇل بولدى.
ئادرېسنى قولغا چۈشۈرۋالسا، ھامان بىر كۈنى يالغۇز بارىدىغان پۇرسەت چىقىدۇ.
مۇنىرەمۇ چوقۇم نادىرغا باشقىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغان ئىشىنى دوكلات قىلىدۇ، بىراق ئۇنىڭ كىمنى ئىزدىگەنلىكى مۇھىم ئەمەس.
نادىرنىڭ بۇنىڭغا پىكرى يوق، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ نەچچە مىڭ خىل ئۇسۇلى بار، مەسىلىنى ھەل قىلالىسىلا مۇنىرەگە سىناپ بېقىش پۇرسىتى بېرىدۇ.
- بۇنى ئېلىپ كېتىپ يەڭ. - دېدى مۇنىرەنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ ئۈستىگە چىقىشقا ئالاھىدە بۇيرۇغان نادىر توڭلاتقۇدىن ئىككى دانە سۈزۈك كۇرۇپكىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلەپ:
- ئاغزىڭىزغا تېتىيدۇ، - دېدى.
قارا بۆلجۈرگەن قېقى ۋە كالا گۆشى قېقى ئىدى.
مۇنىرە ئىككى كۇرۇپكىنى قولىغا ئېلىپ، سەل - پەل گاڭگىراپ:
ـ بۇلارنى... - دېدى.
- مەن سېتىۋالمىغان. - دېدى نادىر.
ھىم، ئويلاپ باقسا نادىر ئەپەندى بۇنداق نەرسىلەرنى ھەرگىز سېتىۋالمايدۇ، بىراق قايسى ئەخمەق سوۋغا بېرىشتە قارا بۆلجۈرگەن قېقى بىلەن كالا گۆشى قېقىنى تاللايدۇ..
- ئاپام ئەۋەتكەن. - دېدى نادىر.
ـ ئۆھۈ... ئۆھۈ... ـ تۇيۇقسىز شۆلگىيى بوغۇزىغا كەپلىشىپ، يۆتىلىپ كەتتى. سەت بولدى، لېكىن قەستەن قىلمىدى.
نادىر دۈمبىسىگە يېنىك ئۇرۇپ، نەپىسىنى راۋانلاشتۇرۇشقا ياردەملىشىپ:
- ئاپامنىڭ ھۈنىرى يامان ئەمەس، يېسىڭىز زەھەرلىنىپ قالمايسىز، خاتىرجەم بولۇڭ، - دېدى.
مۇنىرەنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى، قانداقمۇ خاتىرجەم قوبۇل قىلالايدۇ...
- ھاممام ئەۋەتكەن نەرسىنى ماڭا بەرسىڭىز قانداق بولىدۇ... بولمايدۇ، بولمايدۇ. - دېدى مۇنىرە يېيىشكە جۈرئەت قىلالماي.
نادىر ئۇنىڭ يۆتىلىنىڭ يېنىكلەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، دۈمبىسىنى سېرىشنى توختىتىپ بىر شاپىلاق بىلەن بېلىنى رۇسلاپ:
- مەن بۇ نەرسىلەرنى يېيىشنى ياقتۇرمايمەن، تاشلاپ قويساممۇ ئىسراپ بولىدۇ. - دېدى.
مۇنىرە ھەيران قالدى، ئاپىسى نېمىشقا ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەرنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ؟
- ئەمدى كەتسىڭىز بولىدۇ. - دېدى نادىر.
نادىر ئۇنىڭ چۈشىنىشىنى كۈتمەيلا، بويىنىدىن تۇتۇپ ئىتتىرىپ ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزىتىپ قويدى.
مۇنىرە كۇرۇپكىلارنى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا قايتىپ كەلدى، ئىككى كۇرۇپكىنى ياردەمچى شوپۇر ئورنىغا قويدى، يېشىل چىراغنى ساقلىغاندا پات - پات قاراپ قويدى.
قارىماققا يامان ئەمەستەك قىلاتتى.
نادىر ئەپەندىنىڭ ئاپىسى قانداقراق ئايالدۇ؟
كەچلىك تاماققا تەييار چۆپىگە ئۈچ تال كالا گۆشى قېقى ۋە قارا بۆلجۈرگەن قېقى قوشۇپ يەپ، ناھايىتى يېيىشلىق ھېس قىلدى.
غۇنچەم بىلەن كېلىشىپ قويغان ۋاقىت يەتتە يېرىم بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ۋاقىت قارىشى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، سائەت يەتتىدىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە يېتىپ كەلدى.
نەچچە مىنۇت بۇرۇن بېرىپ ساقلاپ تۇرغان مۇنىرە ئىشىك تۈۋىدە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى.
كىيىمىنى ئۇزۇن كۆينەككە ئالماشتۇرۇپ، چاچلىرىنى قويۇۋېتىپ، نەپىس گىرىم قىلىۋالغان غۇنچەم نەپىس سوۋغات قۇتىسى كۆتۈرۋالغان بولۇپ، مۇنىرەنىڭ يانچۇقىدىن ئاچقۇچنى چىقىرىشىغا قاراپ، سەل قېتىپ قېلىپ:
- مۇنىرە ئاچا، نادىر ئەپەندى يوقمۇ؟ - دەپ سورىدى.
مۇنىرە ئىشىكنى ئىتتىك ئېچىپ، ئۆينىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇپ:
- ئۇ بۇ يەردە تۇرمايدۇ، بولمىسا مەن بۇنداق كىرىپ-چىقىشقا جۈرئەت قىلالايتتىممۇ؟ - دېدى.
نادىر ھەممە ئادەمگە باھاردەك ئىللىق مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم ئەمەس، ئۇنىمۇ دائىم ئۆيدىن قوغلاپ تۇرىدىغان تۇرسا، ناتونۇش ئادەمنى باشلاپ كەلگەنلىكىنى دېمەيلا قويايلى.
غۇنچەم ئۈمىدسىزلىنىپ، يەنە تۇيۇقسىز خاتىرجەم بولۇپ قالدى.
ئويلاپ باقسا، ئەگەر نادىر ئۆيىدە مۇنىرەنى مۇشۇنداق ئەركىن-ئازادە كىرىپ - چىقىشىغا رۇخسەت قىلغان بولسا ، ئۇ چاغدا چاتاق بولاتتى.
مۇنىرە ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئىشىكنى يېپىپ:
- ئۇدۇللا كىرىۋېرىڭ، ئايىغىڭىزنى ئالماشتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەينەت بولۇپ كەتسىمۇ ھېچقىسى يوق، ئۆزۈم تازىلىۋېتىمەن، - دېدى.
ئادەم ئولتۇرمايدىغان ئۆيدە دائىم ئاسانلا چاڭ-توزان يىغىلىپ قالىدۇ، مۇنىرە بىر تەرەپتىن گۈل-گىياھلارنى پەرۋىش قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ھەپتىدە بىر قېتىم تازىلاپ قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نادىرنىڭ بەرگەن ئىككى مىڭ يۈەن پۇلىغىمۇ يۈز كېلەلەيدۇ.
بۇنىڭ بىلەن ئۆينى بېزىگەندىن كېيىن زىيانلىق ماددىلارنى تازىلاشمۇ بىللە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەمما فورمالدېھىدنىڭ قويۇقلۇقىنىڭ تۆۋەنلىشى كۆرۈنەرلىك ئەمەس.
- بالكۇنغا چىقايلى، نادىر ئەپەندى ئۆيدە ئۇزاق تۇرۇشقا يول قويمايدۇ. - دېدى مۇنىرە.
غۇنچەم ماقۇل بولۇپ، قولىدىكى نەرسىنى قويۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بالكونغا چىقتى.
يامغۇردا قالغان گۈللەرنىڭ توپىسىنىڭ ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەستەك قىلاتتى، غۇنچەم باغۋەندىن سوراپ بىلىۋالغان بىر قانچە مۇھىم نۇقتىنى ئەسلەپ، مۇنىرەنىڭ كىچىك سايمىنى بىلەن بىر نەچچە تەشتەكنىڭ توپىسىنى ئېلىپ كۆرۈپ چىقىپ:
- ئازراق سۇ يىغىلىپ قاپتۇ. - دېدى.
مۇنىرە قايىل بولغان ھالدا بېشىنى لىڭشىتتى، بىر كۈن ياغقان يامغۇردا چوقۇم سۇ يىغىلىپ قالدى.
غۇنچەم بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، ھۆلچىلىككە چىدىمايدىغان بىر نەچچە تەشتەك گۈلنى كۆرسىتىپ:
- بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەشتىكىنى ئالماشتۇرايلى، - دېدى.
- تەشتەك ئالماشتۇرامدۇق؟ - دېدى مۇنىرە ئىككىلىنىپ، بۇ نازۇك گۈللەرنىڭ بۇنداق قىيناشقا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىدى.
- ھىم، بۇنداق پاتقاق ئىچىدە ئۇزۇن تۇرسا بولمايدۇ، تەشتەكنى ئالماشتۇرۇپ ياخشى پەرۋىش قىلساق ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. - دېدى غۇنچەم . قاراشقا كۆڭلى جايىدا ئەمەستەك قىلاتتى ، ئوتتۇرىدىن باشلاپ سول تەرەپكە سوزۇلغان كۈنلۈك ئاستىدىكى ياغاچ ئىلەڭگۈچ ئورۇندۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئىككى ئادەم ئولتۇرالايتتى.
كىيىن، ئۇ نادىر بىلەن بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئىلەڭگۈچ ئۇچسا...
- ئۇنداقتا شۇنداق قىلايلى، - دېدى مۇنىرە ئاخىرى يەنىلا ئۇنىڭغا ئىشىنىشنى تاللاپ. نېمىلا دېگەن ئۆزىگە قارىغاندا تەجرىبىسى بار، ئىشقىلىپ بۇنداق ھالەتتە قويۇپ قويسا ئۇزۇن ياشىيالمايدۇ، سىناپ باقسا ئوڭشىلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
- توپىنى قانداق تەڭشەيدۇ؟ - دەپ سورىدى مۇنىرە.
ئىلەڭگۈچنىڭ ئۈستىگە ئىككى يۇمشاق تەگلىك قويۇش كېرەكلىكىنى ئويلىغان غۇنچەم ئېھتىياتسىزلىقتىن :
- توپىسىنىمۇ تەڭشەمدۇ؟ - دەپ سالدى.
مۇنىرە تۇرۇپلا قالدى. ئانچە بىلىپ كەتمەمدۇ قانداق.
ئۇ گۈللەرنى تىرىلدۈرۈپ، زىياننى ئازايتىشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئارزۇسىدىن ئويغىنىپ، غۇنچەمدىن ئىبارەت بۇ ئادەمنى تەپسىلىي كۆزىتىشكە باشلىدى. قىزچاق ئۆزىغۇ ياخشى قىز، خىزمەتكە يېڭىدىن كەلگەنلەر سادىر قىلىدىغان بەزى خاتالىقلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا جەھەتلەردە ناھايىتى ياخشى، ۋاقىت قارىشى كۈچلۈك، پوزىتسىيەسىمۇ خېلى ئەستايىدىل، ئازراق ھاكاۋۇر بولۇشىمۇ ئاساسسىز ئەمەس. نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇنىڭ ئەسلى ئائىلىسىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى بىر قەدەر يۇقىرى.
خىزمەتكە كەلگەن ۋاقتىدىكى ياسىنىشىغىمۇ توقسان بەش نومۇر قويغىلى بولاتتى.
بۈگۈن كەچ ئىنچىكىلىك بىلەن ياسىنىپ تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ، يەنە ئالدىنقى قېتىم ياغقان يامغۇر كۈنىدىكىدىنمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ.
مۇنىرە بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئاسماننى قاپلىغان يۇلتۇزلارغا قاراپ، يامغۇر ۋە ئاپتاپتىن ساقلىنىش تورىنىڭ يېرىمىنى ئېچىپ، ئاستىدىكى گۈللەرنى نەپەسلەندۈردى.
لېكىن، نادىر ئەپەندىنى قانداق قىلىپ ياقتۇرۇپ قالغاندۇ؟
يەنە كېلىپ مۇشۇنداق تۈرلۈك ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئۇسۇللار بىلەن يېقىنلاشماقچى بوپتۇ.
غايەت زور ئايروپىلان قانىتى بۇلۇت قاتلىمىنى يېرىپ، ئايلىنىپ ئۇچۇپ، كەڭرى ئايرودۇرۇمغا قوندى، يولۇچىلار بۆلۈمچىسىنىڭ ئىشىكى ئاستا-ئاستا ئېچىلىپ، نەچچە سائەت ئۇچقان يولۇچىلار ئاخىرى يەرگە دەسسىدى.
بويى ئېگىز، ئۆزىنى ياخشى كۈتكەن ئېسىلزادە خانىم بىلەن يېنىدىكى قىز بىر-بىرىگە قارىشىپ قويغاندىن كېيىن، قارا كۆزئەينىكىنى تاقاپ، ياندىشىپ مېڭىشتى.
ئىككى سائەتتىن كېيىن.
نادىر سايرىغان تېلېفوننى ئېلىپ :
- كىم؟ - دېدى.
تېلېفوننىڭ ئۇ چېتىدە كۈلكە ئاۋازى ياڭرىدى، ئاۋاز ناھايىتى يېقىملىق بولسىمۇ، ئادەمنىڭ ئىچىنى بىر خىل قىلىپ قوياتتى.
- كىم؟ پەرەز قىلىپ باققىنە؟ - دېدى.
نادىر ئۈچ سېكۇنت تۇرۇپ قېلىپ، بېشىنى يۆلەشكىمۇ مادارى يەتمەي:
- سىز ھازىر نەدە؟ - دەپ سورىدى.
نادىرنىڭ ھېچنېمە دېمەيلا خىزمىتىنى تاشلاپ كېتىشى تېخى تۇنجى قېتىم، ساھىبجامال ياردەمچىسى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بېشىنى سوزۇپ ئەتراپقا قاراپمۇ، نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلەلمىدى.
ئەلۋەتتە چاتاق چىقتى، تېخى كىچىك ئىش ئەمەس.
نادىر ئاچقۇچ ئىشلەتمەيلا ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئىتتىردى، ئىشىك يېنىدىكى ئاياغ ئىشكاپىغا ئىككى جۈپ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ قويۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جۈپى ئوچۇق قىزىل رەڭلىك، ئۇچى ئۇچلۇق، ئون سانتىمېتىرلىق ئىنچىكە پاشنىلىق ئاياغ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى.
نادىر ئۇدۇل مېھمانخانىغا بېرىپ، ساپادا چاچلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ تۇرغان ئايال بىلەن كۆرۈپ:
- قانداق كىردىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
ئايال كۈلۈپ كەتتى، كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدىكى قۇرۇقلىرى سەل چوڭقۇرلىشىپ:
- بۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. - دېدى.
- ئۇنداقتا مېنىڭ نېمە بىلەن كارىم بولىدۇ؟ - دېدى نادىر.
- ئۆمۈرلۈك ئىشىڭنى بىر تەرەپ قىل، - دېدى.
- ئۇنداق بولسا، سىزنى ئاۋارە قىلماي. -دېدى نادىر.
- سەن ئۆمۈرلۈك ئىشىڭنى بىر تەرەپ قىلىسەن، مەن سېنى باشقۇرىمەن، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا زىددىيەت يوق. - دېدى ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاپئاق قولىنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ، - سىرتتا نەچچە يىل تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ فامىلەڭنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ - دېدى.
نادىرمۇ كۈلۈپ قويۇپ، ئۇنىڭ قولىنى مۈرىسىدىن چۈشۈرۈپ:
- قارىغاندا، يەنىلا سىزنىڭ باشقۇرۇشىڭىزغا يول قويمىسام بولمىغۇدەكتە. - دېدى.
ئايال بىلەن بىللە كەلگەن قىز بۇنى كۆرۈپ، قانداق قىلسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى.
بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرغان ئىككىيلەن بىردەم تىركىشىپ تۇرغاندىن كېيىن، نادىر سەل بوشاپ:
- مېنى يوقلاپ كەلگىنىڭىزگە رەھمەت، ئاپا. - دېدى.
نادىرنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ مەيدىسىگە بىرنى ئۇرۇپ:
‐ ھۇ سولتەك، ھەقىقەتەن قانىتىڭ قېتىپتۇ! - دېدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar