تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 63-قىسىم_ بىچارە ئاكا

文摘   小说   2025-01-06 13:59   新疆  


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق 107-قىسىم توپلام تامام 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
45
44434241
5049484746
5554535251
 60   59  58 57 56
 60   59  58 57 56



 62  61 


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

63-قىسىم

   



 

  

63-قىسىم  ۋاز كېچىڭ، ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ


 نادىر  ئاپىسىنىڭ ئاچچىق يېسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولغاچقا مۇنىرە ناھايىتى پىرىنسىپال بولدى ھەم نادىرنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاچچىق-چۈچۈك ۋە مۇچ قوشۇلغان تاماقلارنى بۇيرۇتىشىنى قەتئىي رەت قىلدى، بىر ئۈستەلدە سەۋزىدىن باشقا قىزىل چىققان قۇرۇمىنى كۆرگىلىمۇ بولمىدى.

نادىرنىڭ ئاپىسى ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ:

   -  ئاچچىقىمنى كەلتۈرمەكچى شۇنداقمۇ؟ - دېدى.

مۇنىرە دىمىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، بارلىق مەسئۇلىيەتنى نادىرغا ئارتىپ قويۇپ:

- نادىر   ئەپەندى  سىزنىڭ تەن - سالامەتلىكىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ كۆپ قېتىم تاپىلىغان، - دېدى. 

  -   نېمىشقا ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايسىز، مائاشنى ئۇ بەرگەنمۇ؟ - دېدى نادىرنىڭ ئاپىسى قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، -  ئۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن! - دېدى. 

گەرچە مائاشنى ئۇ بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن نادىر   ئەپەندىنىڭ قىلغىنى توغرا . مۇنىرە بۇرۇنىنى سىلاپ قويۇپ، نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى.

گۈلپەرى چېچەن، ئىش ئۇقىدىغان قىز بولۇپ، بۇ ئىشقا قەتئىي ئارىلاشمىدى.

 نادىرنىڭ ئاپىسى مۇنىرەگە قاراپ، كۆزلىرىنى بىر پىرقىرىتىپ:

- مۇنىرە... - دېدى. 

- مۇنىرە؟ ...

 بىر ئىشنى ھەل قىلالمىغاندا، يەنە بىر ئىش كۆپەيدىغۇ، نادىرنىڭ ئاپىسى يېشى تەڭ كېلىپ قالىدىغان بىر ئايالنىڭ تېز قەدەم بىلەن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،  ئالدى بىلەن ئەھۋالنى كۆزەتمەكچى بولدى.

مۇنىرەنىڭ ئاپىسى  دادىسىنى قولىدىن تارتىپ، ئۈچ-ئىككى قەدەمدىلا ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

   -  سىز بۈگۈن ئىشقا بارمىدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى. 

ئويلىمىغان يەردىن مەنزىرە رايونىنىڭ سىرتىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، مۇنىرە دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ:

   -  دادا، ئاپا، ئىشلەۋاتىمەن، بۇياق خوجايىننىڭ مېھمىنى، مەن كۈتۈۋېلىشقا مەسئۇل، سىلەر بۇ يەرگە قانداق قىلىپ كېلىپ قالدىڭلار؟ - دېدى. 

  -   نەۋرە ئاچىڭىز ئاخىرى ھامىلىدار بولدى، ھاممىڭىز خۇشلۇقىدا ئۇلارنى ساياھەت قىلىپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ، دادىڭىز ئىككىمىز ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ،  بىللە كەلدۇق، - دېدى  مۇنىرەنىڭ ئاپىسى،   -  ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ، بۈگۈن كەچتە ئۆيگە كېلىڭ، تەپسىلىي دەپ بېرەي  ... - دېدى.

بىر تەرەپتىن نادىرنىڭ ئاپىسىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭشىتتى، يولدىشىنىڭ قولىنى تارتىپ،  ئولتۇرىدىغان جاي تاپماقچى بولدى.

نادىرنىڭ ئاپىسىنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى،  بۇنداق پۇرسەتنى قانداقمۇ قولدىن بېرىپ قويسۇن:

   -  مۇنىرەنىڭ  ئاپىسىمۇ، بىز بۇيرۇتقان قۇرۇمىلار ھازىرلا چىقتى، كۆڭلۈڭلارغا ئالمىساڭلار بىللە ئولتۇرايلى، بۇ يەردە ئورۇن بار، - دېدى.

ئۇنىڭ مۇنىرەنى  چىرايلىق چاقىرىپ كېتىشىدىن دادىسىنىڭ پۈتۈن بەدىنى تىكەنلىشىپ كەتتى، ئۇلار ئۆيىدىمۇ قىزىنى بۇنداق ئەركىلىتىپ چاقىرمايتتى!

مۇنىرەنىڭ ئاپىسى ئۆيدە ئومۇمىي ۋەزىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغىنى بىلەن، سىرتتا چىققاندا، خېلى يۈز-ئابرۇيىنى قىلاتتى، ئاۋۋال مۇنىرەنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىغا قارىدى.

مۇنىرە ئولتۇرالماي، كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ قويدى، مۇنىرەنىڭ ئاپىسى چۈشەندى، شۇنىڭ بىلەن  چىرايلىقچە رەت قىلىپ:

- ھەي، ياق بولدى، بىز تېخى ئادەم ساقلايمىز ... - دېدى. 

 ئەپسۇسكى، ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ كۆز ئىشارىسى قىلىشى تولىمۇ سىرلىق ئىدى، نادىرنىڭ ئاپىسى بۇنداق سەمىمىيەتسىزلىك بىلەن كۆرسىتىلگەن باھانىسىنى ھەش-پەش دېگۈچە سېزىپ قالدى، ئۇ قولىنى سوزۇپلا مۇنىرەنىڭ ئاپىسىنى تۇتۇۋېلىپ، مېھرىبانلىق بىلەن  يېنىغا تارتىپ ئولتۇرغۇزۇپ:

- ئاچا، ماڭا ھەمراھ بولۇپ بىردەم ئولتۇرۇشۇپ بېرىڭە، بۇ ياش قىزلار بىلەن بىللە تاماق يېيىش بەك مەنىسىزكەن، - دېدى. 

گەرچە ئىككىسىنىڭ يېشى تەڭ بولسىمۇ، لېكىن نادىرنىڭ ئاپىسى بۇ ئۆمرىدە جاپا تارتىپ باقمىغان، تەقى-تۇرقىدىن قارىماققا 40 ياشقا كىرگەندەك كۆرۈنىدۇ، ناھايىتى سالاپەتلىك ياسىنىۋالغان بولغاچقا، مۇنىرەنىڭ ئاپىسىدىن خېلىلا ياش كۆرۈنەتتى،  ئۇنىڭ قىزغىنلىقىغا قاراپ مۇنىرەنىڭ ئاپىسىمۇ دەماللىققا رەت قىلالماي  بىللە ئولتۇردى.

مۇنىرەنىڭ ئاپىسى ئولتۇرسا، دادىسى يەنە قانداق قىلالايتتى، ئامالسىز قىزىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.

مۇنىرە پېشانىسىنى يۆلەپ قويۇپ، مۇلازىمنى چاقىرىپ، ئاتا-ئانىسى ياخشى كۆرىدىغان قورۇمىلاردىن بىر نەچچىنى قوشۇپ قويدى.

بىر ئايال كىشى  يالغۇز بولسا جىم ئولتۇرغان بىلەن، ئىككى ئايال كىشى بىر يەرگە كەلسە بەش يۈز غازنىڭ غەللىۋىسىنى قىلاتتى، نادىرنىڭ ئاپىسى مۇنداقلا بىر گەپنى قىلىپ قويۇۋېدى، ئۈچ مىنۇتقا بارمايلا قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى ھەمدە تەبىئىي ھالدا پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك چوڭ ئىشلىرى توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

دەسلەپتە نادىرنىڭ ئاپىسى ھەسرەت چېكىپ:

   -  ھەي، مېنىڭ ھېلىقى يارىماس ئوغلۇمنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ، قىز دوستى يوق. - دېدى.

مۇنىرەنىڭ ئاپىسىمۇ ئەگىشىپ:

  -  بىزنىڭ ئۆيدىكى قىزمۇ بۇ يىل 25 ياشقا كىردى، تېخى ئوغۇل دوست تۇتمىدى، ئادەمنى ئەنسىرتىپلا يۈرىدۇ! - دېدى. 

  -  بىراق بۇ بالىلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئالدىرىمايدىكەن، ئۇلارغا بىرەرسىنى تېپىپ بېرەيلى دېسەك، جاھىللىق قىلىپ ئۇنىمايدۇ،  پوزىتسىيەسىنىڭ ناچارلىقىنى دېمەيلا قويايلى!  - دېدى نادىرنىڭ ئاپىسى.

بۇ قېتىم مۇنىرەنىڭ ئاپىسىنىڭ نارازىلىقى قوزغىلىپ:

   -  شۇنى دېمەمسىز! بۇ ۋاپاسىز قىز،  ئۇنىڭغا شارائىتى ياخشىراقىنى تېپىپ بەرسەم، ئۆز - ئارا شارائىتى ماس كېلىدىغان بولسۇن، بولمىسا قارشى تەرەپ ياراتمايدۇ دەيدۇ.  شارائىتى بىر قەدەر ياخشىنى تاپسام،  يەنە ئۇنداقكەن - بۇنداقكەن دەيدۇ ... - دېدى.

مۇنىرە قۇلىقىنى يۇپۇرۋېلىپ، ئاڭلىغۇسى كەلمىدى.

دادىسى قىزىنىڭ چىرايىغا قاراپ، يەنە بىر قېتىم قورقماي كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ:

 - ئاپىسى، بۇ يەردە بۇنداق گەپلەرنى قىلماڭ... - دېدى. 

  -   قاراڭ سىڭلىم كۆردىڭىزمۇ،  دادىسى ئىزچىل مۇشۇنداق يامانغا يانتاياق بولىدۇ. - دېدى مۇنىرەنىڭ ئاپىسى يولدىشىغا ئالىيىپ قويۇپ،  - ئۇ بالىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ! - دېدى.

   -  ئەرلەر بۇ ئىشلارنى ئانچە چۈشەنمەيدۇ.  - دېدى نادىرنىڭ ئاپىسى .

ئىككى ئايالنىڭ بۇ گەپلىرى چۈشىنىشلىك بولدى، ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ ، گەپ قىلمىسىڭىز سىزنى ھېچكىم گاچا ئىكەن دېمەيدۇ دېمەكچى.

مۇنىرەنىڭ دادىسىنىڭ  قىزىنى قوتقۇزماقچى بولغان روھى    بىراقلا يوقىتىلىپ، لاسسىدە بولۇپ قېلىپ،  بىر ئىستاكان قايناقسۇ قۇيۇپ ئىچتى.

مۇنىرەنىڭ ئاپىسى نادىرنىڭ ئاپىسىغا قارىدى، ئۇنىڭ بۇنداق تەقدىرداش ئادەمنى ئۇچرىتىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، شۇڭا تېخىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا:

   -  سىزگە قارىسام ئوغلىڭىز مېنىڭ قىزىمدىن كىچىكتەك قىلىدۇ، گەپلىرىمىزمۇ بىر يەردىن چىقتى، بولمىسا ئۆز - ئارا كۆرۈشۈپ باقسۇن... - دېدى.

نادىرنىڭ ئاپىسى دەل مۇشۇ گەپنى كۈتۈپ تۇرغان بولۇپ، دەرھال ئاغزىنى ئېتىپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

   -  ئوغلۇم بۇ يىل 30 ياشقا كىردى، مۇنىرەدىن چوڭ.  - دېدى.

مۇنىرەنىڭ ئاپىسى ھەم ھەيران قالدى، ھەم خۇش بولۇپ:

   -  ئۇنداقتا بولىدىكەن، ئوغلىڭىزنىڭ سۈرىتى بارمۇ... - دېدى. 

- ئۆھۈ!-  مۇنىرەنىڭ ئاڭلىغۇچىلىكى قالمىدى، كۈچەپ يۆتىلىپ ئېغىز ئېچىپ، -  ئاپا، بۇ نادىر   ئەپەندىنىڭ ئاپىسى.  - دېدى.

ئۇلارنىڭ بۇنداق قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا ئۇ راستتىنلا نادىر   ئەپەندى  بىلەن قىز - يىگىتلەر كۆرۈشۈشىگە چىقىدىغان بولۇپ قالىدۇ، جېنىم ئاپا، ئويلىساملا توخۇ ئەتلىرىم ئۆرلەپ كېتىدۇ...

نادىر   ئەپەندى؟؟؟

مۇنىرەنىڭ ئاپىسىنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى، بۇنى كۆرگەن نادىرنىڭ ئاپىسىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، دەرھال:

   -  ئوغلۇم گەرچە سوغۇققان كۆرۈنسىمۇ، لېكىن كۆڭلى ناھايىتى ياخشى، ئۆزىمۇ مۇلايىم، - دېدى.

  -   ياق، بۇنى دېمەكچى ئەمەسمەن، - دېدى مۇنىرەنىڭ ئاپىسى يەنە كۈلۈپ كەتتى، ئەمما تولىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ،  -   ئەسلىدە سىڭلىم سىز نادىر   ئەپەندىنىڭ ئاپىسى ئىكەنسىز، ئوغلىڭىزنى مەنمۇ كۆرگەن، ھەقىقەتەن قابىلىيەت يىگىتكەن، بىراق ئۇلار ئىككىسى ماس كەلمەيدىكەن.  - دېدى.

نادىرنىڭ ئاپىسى تىت-تىت بولۇپ:

  -  نېمىشقا ماس كەلمەيدۇ، ئوغلۇم قارىماققا ئادەمنى بىزار قىلىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ، ئۆزى شۇنچىلىك ئاقكۆڭۈل. - دېدى. تېخىمۇ مۇھىمى  مۇنىرەگە ھەقىقەتەن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ!

نادىرنىڭ ئاپىسىنىڭ شۇنداق دېگۈسى بولسىمۇ لېكىن دېيىشكە پېتىنالمىدى، ئەگەر ئۇ ئوغلىنىڭ ئۆزى بىلەن ئانا-بالالىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىشىدىن قورقمىغان بولسا، بۇ گەپنى دەۋېتىپ، سۈرەتنى تېزلەتكەن بولاتتى!

مۇنىرەنىڭ ئاپىسى كۈلۈپ تۇرۇپ:

 نادىر   ئەپەندىنىڭ تەرقى - تۇرقى كېلىشكەن ھەم شۇنداق ئەدەپلىك، بىزنىڭ قىزىمىز ئۇنىڭغا ماس كەلمەيدۇ. - دېدى.

توغرا، توغرا.

مۇنىرە بېشىنى لىڭشىتتى، مېڭىسى پۈتۈنلەي يۇيۇلۇپ كېتىشتىن بۇرۇن، ئاپىسى ئاخىرى ئۆزىنى بىلدى،  ياخشى بولدى.

  -   سىڭلىم، بۇ ئىككى بالىنىڭ ئىشىنى دېيىشمەيلى، بۇ ھەقىقەتەن مۇمكىن ئەمەس، - دېدى مۇنىرەنىڭ ئاپىسى. 

نادىرنىڭ ئاپىسى كۆڭلىدە <  نېمىشقا بولمايدۇ، بولىدۇ، قىزىڭىز بېشىنى لىڭشىتسىلا نەچچە مىنۇتتىلا پۈتىدۇ> دېگۈسى كەلدى!

مۇنىرەنىڭ ئاپىسى راستتىنلا بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىشنى خالىماي، گەپنى باشقا ياققا بۇرىۋەتتى، ھېلىمۇ ياخشى ئىككى ئادەمنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ئاسمان-زېمىن پەرقلەنسىمۇ، ئورتاق تېمىلارمۇ ئاز ئەمەستى، يەنە قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتىشتى.

مۇنىرە ئۇھ تارتىپ قويۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ گۈلپەرىنىڭ غەمكىن كۆزلىرىگە قاراپ، كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا:

   -  نېمە بولدى؟  - دەپ سورىدى.

گۈلپەرى بېشىنى قاتتىق چايقاپ، بېشىنى ئىچىگە تىقىپ داۋاملىق تامىقىنى يېگەچ ئىچىدە <قارىغاندا مۇنىرە ئاچام ئاكامنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى سېزىپ قالغان ئوخشايدۇ، ئاپىسىغىمۇ گەپلىرىنى قىلىپ بېرىپتۇ، بولمىسا  ئاپىسى ئاكامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا بېشىنى چايقىمىغان بولاتتى...  بىچارە ئاكا... سىزگە ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ> - دېدى.

بۇ خىل ئىچ ئاغرىتىش تاكى نادىر ئۆيگە قايتىپ كەلگەنگە قەدەر داۋاملاشتى.

سافادىكى ئىككى ئايال  روھسىز ئولتۇرغان بولۇپ، كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىگە بىر نېمە دېمەك تەس ئىدى، نادىر مۇشۇنداق تۆۋەن ھاۋا بېسىمىدا يېرىم مىنۇت تۇرۇۋېتىپ ئېغىز ئېچىپ:

  -  نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى.

مۇنىرە ئىشنى بۇزۇپ قويدىمۇ قانداق؟

نادىرنىڭ ئاپىسى بىر قولىنى كۈچسىز كۆتۈرۈپ پۇلاڭلىتىپ:

   -  ۋاز كەچكىن، - دېدى.







 


 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章