كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
66 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
67-قىسىم
67 - قىسىم ئۇيقۇسىز كېچە
پەزىلىيەنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتكار ناھايىتى تېزلا چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى، گەرچە ئۇ بۇ يەرگە كەلمىگىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، لېكىن خىزمەتكار ئۇنىڭ چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ قارشى ئېلىپ:
- مۇنىرە پەزىلىيە بىلەن ئوينىغىلى كەلدىڭىزمۇ، تېز كىرىڭ، ئۇ ئۆزى يالغۇز كىنو كۆرۈش ئۆيىدە كىنو كۆرۈۋاتىدۇ. - دېدى.
مۇنىرە ئېلىپ كەلگەن تورتنى ئۇنىڭغا بېرىپ:
- ئەمىسە مەن ئۇنىڭ يېنىغا كىرەي، - دېدى.
- بولىدۇ، سەل تۇرۇپ تورتنى ئاپىرىپ بېرەي. - دېدى خىزمەتكار.
مۇنىرە بۇنىڭغا جاۋابەن ساپما كەشىنى ئالماشتۇرۇپ ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ پەزىلىيەنى ئىزدىدى. ئۇ كېلىشتىن بۇرۇن تېلېفوندا ئالاقىلەشكەندە، پەزىلىيە پەقەت ئىككى ئېغىزلا جاۋاب قايتۇرغان، روشەنكى، ئۇنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ئىدى، مۇنىرە بۈگۈن بۇ يەرگە كېلىپ، نادىرنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، ئۆزىگە ئۆزى جاپا سالدى.
- پەزىلىيە؟ - دېدى مۇنىرە.
قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يالغۇز ئولتۇرغان پەزىلىيە بېشىنى بۇراپ، ئورنىدىن تۇرۇپ چىراغنى ياندۇردى.
چىراغ يېقىشى بىلەنلا، پەزىلىيەنىڭ قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرى كۆرۈنۈپ قالدى، ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشنى ئويلاشماي، ئېرىنچەكلىك بىلەن قول پۇلاڭلىتىپ:
- خالىغانچە ئولتۇرۇڭ، - دېدى.
مۇنىرە ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرماي، سەل نېرىدىكى ساپادا ئولتۇرۇپ:
- بىر كېچە ئۇخلىمىدىڭىزمۇ؟- دەپ سورىدى.
پەزىلىيە چېكىسىنى ئۇۋۇلاپ:
- ئۇخلىيالمىدىم.- دېدى.
قانداقمۇ ئۇخلىيالىسۇن، كۆزىنى يۇمسىلا يېقىن دوستى بىلەن ئوغۇل دوستى قۇچاقلىشىپ تۇرغان كۆرۈنۈش كېلىۋالغان تۇرسا.
- ئەكسىچە مەن ناھايىتى ياخشى ئۇخلىدىم.- دېدى مۇنىرە. بۇ راست گەپ ئىدى، مۇنىرە نادىردىن ئەدىپىنى يېگەندىن كېيىن، قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى، چۈشمۇ كۆرمىدى.
پەزىلىيەنىڭ كۆزى ئېكراندا توختاپ قېلىپ:
- شۇنداقمۇ، قانداقلا بولمىسۇن ئۈچىمىزدىن بىرىمىز خاتىرجەم ئۇخلاپتىمىز، - دېدى.
بۇ گەپ چىقىشى بىلەن مۇنىرە تېڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىپلا قالماي، ھەتتا پەزىلىيەمۇ تېڭىرقاپ قالدى-دە، ئوڭايسىزلانغان ھالدا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ:
- كەچۈرۈڭ مۇنىرە، قەستەن قىلمىدىم، - دېدى.
بۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن مۇنىرەنىڭ يۈرىكى ئەينى چاغدا ئاپىسى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغاندەك قاتتىق ئاغرىپ، كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا:
- رەت قىلىمەن، - دېدى .
خىزمەتكار ئىشىكنى چېكىپ كىرىپ، تورتنى ئەكېلىپ بەردى، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىككى تەرەپتە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ:
- نېمىشقا شۇنچە يىراق ئولتۇرىسىلەر، چوڭ بولۇۋېلىپ، يېقىنلىشالماي قالدىڭلارمۇ؟ - دېدى.
كەيپىيات ناھايىتى ئوسال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، ھەر ئىككىلىسى تەڭلا كۈلۈپ قويدى، پەزىلىيە تورتنى ئېلىپ :
- بىز رەسمىي ئىش توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتىمىز، ئاچا، چىقىپ تۇرۇڭ. - دېدى.
خىزمەتكار ئۇلارغا قاراپ قويۇپ، كۆڭلىدە نېمىلەرنى دەپ پىچىرلىدى، ئەمما كۆپ سورىمايلا چىقىپ كەتتى، ئىشىك يېپىلغاندىن كېيىن ئۆيدە پەقەت كىنودىكى ئايال باش قەھرىماننىڭ قاتتىق يىغلىغان ئاۋازىلا قالدى.
- سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مەندىن ئايرىلىپ كەتمەڭ!
پەزىلىيە قاتتىق ئازابلانغان ھالدا پرويېكسىيەنى ئېتىۋېتىپ:
ـ ھېچقىسى يوق مۇنىرە، ئەينى چاغدا مەن شەخسىيەتچىلىك قىلىپ سىزنى چېكىنىپ چىقىڭ دېگەنتىم، ئەمدىلىكتە مۇرات مېنى رەت قىلدى، ئۆزىڭىزگە بېسىم قىلىۋالماڭ. - دېدى.
مۇنىرە بېشىنى چايقاپ:
- مەندە بېسىم يوق، كۆپ ئويلىۋالغان ئادەم سىز، سىز قايتىپ كەلگىلى نەچچە ئاي بولدى، مەنمۇ مۇشۇ بىر نەچچە ئايدا باشقىلارنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. - دېدى.
پەزىلىيە ئاچچىق كۈلۈپ تۇرۇپ:
- نېمىشقا مەن ئۈچۈن بۇنداق يالغان سۆزلەيسىز؟ - دېدى.
- يالغان سۆزلىمىدىم، يالغان سۆزلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز، ئۇ كاماندۇرۇپكىدىن قايتىپ كەلگەندە سىز بىلەن كۆرۈشتۈرسەم بولىدۇ. - دېدى مۇنىرە ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، - مەن ئەزەلدىن سىزگە يالغان گەپ قىلىپ باقمىغان، مېنىڭ مۇرات دىرېكتور بىلەن بولغان ھېسسىيات ئاساسىم ھەقىقەتەن بەك ئاجىز، سىز پەيدا بولغاندا بىز ئەڭ كۆپ بولغاندا مۈجمەل ھالەتتىكى قىزىقىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان، تېخى ھېچنېمە باشلىمىغان، مېنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىشىم قىچىشقان يەرنى تاتىلىغاندەك ئاددىي ئىش، - دېدى.
- بىراق مۇرات ئۇنداق ئويلىمايدۇ! - دېدى پەزىلىيە.
مۇنىرە پاكىتنى بايان قىلغاندا، پەزىلىيە كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىختىيارسىز ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ:
- ئۇ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ! ئەگەر راستتىنلا ھېچ ئىش باشلانمىغان بولسا، ئۇ نېمىشقا مەندىن شۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن كەچۈرۈم سوراپ، مەن بىلەن بىللە ئۆتۈشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ؟
مۇنىرە، ماڭا كۆڭۈل بۆلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەجەبا مەن بىر ئەر كىشى ئۈچۈن ئۆزۈمنى تاشلىۋېتەمدىم؟ ئۇنداق بولمايدۇ، سىز بۇنداق قىلسىڭىز مېنى خۇش قىلالمايسىز، ئەكسىچە تېخىمۇ بىئارام قىلىپ، ئۆزۈمنى سىزنىڭ سەدىقىڭىزنى قوبۇل قىلىدىغان ھېچقانداق توغرا ئىش يوق ئادەمگە ئوخشىتىپ قويىسىز، - دېدى.
مۇنىرە ئۇنىڭ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىگەنلىكىدىن خاپا بولۇپ كۈلۈپ كېتىپ:
- مەن بۇ ئىشتا يالغان سۆزلىشىمنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ئەسكەرتتىم، - دېدى .
پەزىلىيە ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاشنى خالىماي:
- مەنمۇ ياخشى كۆرۈپ باققان، ھېسسىياتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، يالغان سۆزلىگەن- سۆزلىمىگەنلىكىڭىزنى بىلەلەيمەن، كۆرۈپ يېتەلەيمەن، - دېدى.
- نېمىنى كۆردىڭىز؟ - دەپ سورىدى مۇنىرە.
- ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭىزنى، مەن ئۈچۈن قىلغان كۆيۈمچانلىقىڭىزنى ۋە مۇلايىملىقىڭىزنى ... ئەمدى رازى بولدىڭىزمۇ؟ - دېدى پەزىلىيە. ئۆزىنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، بىراق ئۆزىنى تۇتالمىدى، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلدى، ئۇنىڭ يىگىتى يېقىن دوستىنى ياخشى كۆرۈپ قالدى.
نادىر ئەپەندىنىڭ دېگىنى توغرا ئىكەن.
مۇنىرە چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ، ئاچچىقىدا تىترىگەن بارماقلىرىمۇ چىڭىپ، كۆزلىرى قىزىرىپ:
- گەپنى مۇشۇ دەرىجىدە دېگەن ئىكەنسىز، سىز مېنىڭ قانداق قىلىشىمنى خالايسىز؟ - دەپ سورىدى.
پەزىلىيە كۆزلىرىدىن تاراملاپ ئاققان ياشلىرىنى بېسىپ، ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ:
- ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، بىر ئۆمۈر بەختلىك ياشاڭ، مەندىن ئەنسىرىمەڭ، ياخشى بولۇپ كېتىمەن، - دېدى.
- قېيىداپ قاپسىز، مېنىڭمۇ دەيدىغان گېپىم يوق. - دېدى مۇنىرە ئورنىدىن تۇرۇپ، ـ پەزىلىيە، مەندىن ئاغرىنىدىغان ئاساسىڭىز يوق.
ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، سىز مۇرات بىلەن ئارىلاشقىلى ئاران نەچچە يىل بولدى... بىز دوست بولغىلى قانچە يىل بولدى... قارىغاندا ئۇ مەندىن مۇھىمكەن، - دېدى.
پەزىلىيەنىڭ كۆز چاناقلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى، ئۇ يەنىلا بوينىنى تۈگۈۋېلىپ:
- شۇنداق، مېنىڭ كۆزۈم كىچىك، دوستۇم ئۈچۈن مۇھەببەتتىن ۋاز كېچەلمەيمەن، مېنىڭ چېكىنىشىم ۋە بەخت تىلىشىم چىن كۆڭلۈمدىن چىقمايدۇ، مەن سىزدەك ئۇلۇغ ئەمەس، ئەمدى رازى بولدىڭىزمۇ؟ - دېدى.
مۇنىرەنىڭ كۆز ئالدى خىرەلەشتى، ئەمما پەزىلىيەنىڭ چىراي ئىپادىسى يۈرىكىگە چوڭقۇر ئويۇلۇپ، :
- بولىدۇ. - دېدى.
ئۇ بېشىنى لىڭشىتتى، ئەمما پەزىلىيە قاتتىق يىغلاپ :
- نېمىشقا سىز بولىسىز، كىملا بولسا بولىۋېرەتتى، نېمىشقا قېرىشقاندەك سىز بولىسىز ... - دېدى.
مۇنىرە ئۆرە تۇرغان پېتى ئۇنىڭ ھالى خاراب ھالدا يىغلاۋاتقانلىقىغا قاراپ ، تېلېفون قوڭغۇرىقىنىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپمۇ ئېلىشقىمۇ رايى بولمىسىمۇ يەنىلا ئېلىپ:
- ۋەي. - دېدى.
- چۈش سائەت 12 دە ئايرودۇرۇمغا مېنى ئالغىلى كېلىڭ. - دېدى نادىر.
كۆپ ئويلاشمايلا ماقۇل بولغان مۇنىرە تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، بايا كىمنىڭ ئۆزىگە گەپ قىلغانلىقىنى ھېس قىلدى.
نادىر قايتىپ كېلىدىغان بوپتۇ.
مۇنىرەنىڭ بۇرۇنى ئېچىشىپ، كۆزلىرىدىكى ياش چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى،
ئۇ يانفونىنى سومكىسىغا سېلىپ، يەنىلا يىغلاۋاتقان پەزىلىيەگە ئاخىرقى قېتىم قاراپ قويۇپ، بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى.
ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى مەغلۇپ بولدى.
H شەھەر ئايرودۇرۇمى.
بىر ئاي تۇرۇپ قالىمەن دېمىگەنمىتى، نېمانداق بالدۇر قايتىپ كېلىپ ئادەمنى ئاۋارە قىلىدۇ...
مۇنىرە كېلىپ-كېتىپ تۇرغان كىشىلەر توپى ئارىسىدا توپتوغرا ئۈچ سائەت ساقلىدى، ئالدىراش كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.
ۋاقىت نېمانچە ئۇزۇن، ئادەمنى قېرىتىۋېتىدىغان بولدى.
تۇيۇقسىز نادىرنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن چاغدىكى مەنزىرە ئېسىگگە كېلىپ قالدى. شۇ چاغدا نادىر تۈۋرۈككە يۆلىنىپ، بىر قاراشقىلا ئاسانلىقچە يېقىنلىشىشقا پېتىنغىلى بولمايدىغان ھالىتىدە ئۇنى ساقلىغانىدى.
ھازىرقى ئەھۋال بىلەن دەل ئەكسىچە.
ئەگەر كىشىلىك ھايات خۇددى تۇنجى كۆرگەندەك بولسا، ئۆزىنىڭ بۇنداق سوغۇققان ئادەم بىلەن يېقىن بولۇپ كېتىشىنى خىيالغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى.
سائەت 12 دىن 42 مىنۇت ئۆتتى، ئايروپىلان دەل 10 مىنۇت كېچىكتى.
مۇنىرە بېشىنى كۆتۈرۈپ، بويلىرى ئېگىز، پۇتلىرى ئۇزۇن، سالاپەتلىك ئەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ئىككى جۈپ كۆز ئۇچرىشىپ، بەش مېتىر يىراقلىقتا قەدىمىنى توختىتىپ، ئىككى بىلىكىنى ئاستا ئېچىپ:
- بۇ ياققا كېلىڭ. - دېدى.
قانداقسىگە بۇنداق ئاقكۆڭۈل ئادەم بولىدۇ.
مۇنىرەنىڭ كۆزلىرى قىزىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدى، قارشى تەرەپ ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالدى. مۇنىرە يۈزىنى مەيدىسىگە قويۇپ، كۆڭلىكىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، چىشىنى چىشلەپ يىغلاپ كېتىشتىن ساقلاندى.
نادىر ئەپەندى دەرۋەقە ئۇنىڭ ئۈچۈن كاماندىرۇپكىدىن بالدۇر قايتىپ كەلدى.
نادىر ئۇنى ياخشى كۆرىدىكەن.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar