گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم71-قىسىم _ قېنى كىم شۇنداق دىيەلەيدۇ

文摘   小说   2025-01-04 13:58   新疆  
 

 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات10-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ



داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  12-بۆلۈم 169 -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  102  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم   第10部

قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65  64  63 6261
 70 69686766










گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29

29282726
3433323130
3938373635
 65  64  63 6261
 44 43 4241 40
494847 46 4 655
54535251
50
5958575655
6463626160
6968676665
7473727170
7978777675
8483828180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
109108107106105


112111110





گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات10-بۆلۈم

71-قىسىم

  



 

 


71-قىسىم

زۇبەيدەنىڭ بالىسىنىڭ يۈز كۈنلۈك بولغان مەرىكە زىياپىتىدە، دىلارە بىلەن ئىليار ئالاھىتەن زۈبەيدە بار شەھەرگە بېرىپ قاتناشتى.

ئىككى ئاچا - سىڭىل كۆرۈشكەندە ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىش تەس.

 چۈنكى ئىككىيلەن كىچىكىدىن تارتىپلا بەدەن شەكلىنى باشقۇرۇشقا باش قاتۇرۇپ كەلگەچكە، شۇڭا ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ئىككىلىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ناھايىتى ياخشى بولغانىدى.

 گەرچە ئىككى ئادەمنىڭ ئادەتتە تېلېفۇن ئالاقىسى كەم بولمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا تۇغۇت ۋاقتى ۋە قىرقى ئىچىدىكى نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆز - ئارا سوراشتى.

 ئەڭ ئاخىرىدا  رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىشتى.

   ئەينى ۋاقىتتا بالا تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن، بىلىمدىكى ئارتۇقچە مايلارنى كۆرۈپ، بىرىنچى ئىنكاسىم مەۋلان كۆرسە يىرگىنىپ بىزار بولىدىغان بولدى دەپ ئويلىغان.  ئەمما ئۇ قىرقىم ئىچىدە يەپ - ئىچىشكە زورلاپ تۇرۇۋالدى، قىرقىمدىن چىققاندا ئاندىن ئورۇقلىدىم...   - دېدى زۇبەيدە.

دىلارە كۈلۈپ تۇرۇپ:

 -ئۇلارمۇ سىزگە ياخشى بولسۇن دەيدۇ. دىەەندەك بەك ياخشى ئەسلىڭىزگە كەپسىز -دېدى دىلارە.

-سىزمۇ شۇ. ۋاي ئانامەي، سىز مەندىنمۇ تېز ئەسلىڭىزگە كەپسىز. ھە راس   نېمىشقا بالىلارنى بىللە ئېلىپ كەلمەيسىلەر، گۆھەر قىزىمنىڭ كەلگۈسىدىكى ئېرىنى كۆرگۈسى كەلمەپتىمۇ! - دېدى زۇبەيدە.

دىلارە سۇس كۈلۈپ قويدى.

دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، بۆشۈكتە ياتقان كىچىك مەۋلان تۇيۇقسىز كۆزىنى ئاچتى، يىغلاپ جېدەلمۇ قىلمىدى، كىچىك يوتقاننى تېپىپ ئېچىپ، ئىككى قولىنى پۇلاڭلىتىپ، ھىم ھىم دەپ ئاۋاز چىقاردى.

 ئىككىيلەن بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ دىلارەگە تىكىلىپ قاراۋاتقانلىقىنى بايقاپ، كۆزىنى چىمچىقلىتىپ، بەك چىرايلىق، ئوماق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

 زۇبەيدە كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنى قۇچىقىغا ئالدى، شاكىچىك بېشىنى بۇراپ، ئىزچىل دىلارەگە قارىدى.

   -   كېلە، ئوماق ئوغلۇم، بۇ سېنىڭ كەلگۈسىدىكى قېيىن ئاناڭ، تېز ئۇنىڭغا ئۆزۈڭنىڭ كېلىشكەن ياكى ئەمەسلىكىڭنى كۆرسىتىپ قوي. ــ دېدى زۇبەيدە.

شۇنداق دېگەچ، ئۇنى كۆتۈرۈپ، دىلارەنىڭ ئالدىغا كەلدى.

دىلارە كۈلۈپ قويۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ، ئىككى قولىنى سوزۇپ:

- ماڭا كېلەمسىز؟ - دېدى.

شاكىچىك ئۇنىڭغا بىردەم تىكىلىپ قارىدى، تۇيۇقسىز ئاغزىنى يوغان ئېچىپ كۈلۈپ كەتتى، كىچىك بىلىكىنى ، ھەتتا ئىككى پۇتىنىمۇ  كۈچەپ پۇلاڭلاتتى.

 زۇبەيدە ھەيران قېلىپ :

   -   بۇ سولتەك ئادەتتە باشقىلارنىڭ ئۆزىنى كۆتۈرۋېلىشىنى يامان كۆرەتتى، بۈگۈن نېمە بولدى... ھە، يىراقنى كۆرەركەن ھە... كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ قېيىنئانىسىغا ياخشىچاق بولۇۋاتقىنى قارا!  - دېدى.

دىلارە بالىنى قۇچىقىغا ئالدى، دەرۋەقە گەپ ئاڭلاپ، يىغلاپ جېدەلمۇ قىلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈلۈپ خۇشال ئوينىدى.

 دىلارە بالىنى ئىچى - ئىچىدىن ياخشى كۆرۈپ:

 ـــ بەك ئوماقكەن، - دېدى.

   -   ھازىرغىچە سىزگە مۇشۇنداق كۈلۈپ بەردى، ئىسىڭىزدە بولسۇن دىلارە، ئوغلۇم  قىزىڭىزنى ئېلىش ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يىراق يوللارنى باسىدۇ! - دېدى.

 دىلارە كۈلۈپ قويۇپ:

   -   ئۇ بۇنچىلىك كىچىك تۇرۇپ نېمىنى بىلەتتى، سىز باشقىلارنىڭ ئورنىدا مەجبۇرىي چۈشەندۈرمەڭ، ناۋادا كېيىن ئوغلىڭىز توي قىلىشنى خالىمىسا، قانداق قىلىسىز؟   -   دېدى.

- بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن! قوشكېزەكلەرنىڭ يۈز كۈنلۈك زىياپىتىدە، مەن ئۇنى ئېلىپ بارىمەن،  ئۇ ئالدى بىلەن  گۆھەر قىزىم بىلەن كۆرۈشسۇن !  - دېدى.

بۇ چاغدا ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، مەۋلان بىر قۇر ئاددىي راھەت كىيىم كىيىپ كىرىپ:

  -   سىرتتا زىياپەت باشلاندى، بىزمۇ چىققايلى، - دېدى.  ئاندىن دىلارەگە كۆز يۈگۈرتتى.

 دىلارە بالىنى مەۋلانغا بەردى.

بالا كۆتۈرۈشكە ئۇستا بولۇپ كەتكەندەك قىلاتتى.

بالىنىڭ يۈز كۈنلۈك بولغان ئائىلە زىياپىتى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلدى، مەۋلاننىڭ كەيپىياتى يامان ئەمەس، پۈتۈن جەرياندا ئوغلىنى كۆتۈرۈپ، مېھمانلارنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتتى.

 ئىليار دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ:

 ـــ كۆتۈرۈشكە خېلى پىششىپ قاپسىز. - دېدى.

 ئەمما، مەۋلان ناھايىتى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ:

   -   نېمە بولدى، شۇنچە ئاسان ئىش تۇرسا، ماڭا  تېخىچە ئۆگىنىپ بولالمىدىم دېمەڭ. - دېدى.

ئىليار ئۇنىڭغا بىر قارىۋېتىپ:

   -   مېنىڭ بالام ئىككى، سىزدىن كۆپ كۆتۈرگەندىمەن.  سىزنىڭچە  ئۆگىنەلمەسلىك مۇمكىنمۇ؟ ــ دېدى.

 مەۋلان بېشىنى لىڭشىتىپ، باش بارمىقىنى چىقىرىپ:

   -   بەك يامانكەنسىز، بالا كۆتۈرۈشتىمۇ ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى تاپالايدىكەنسىز ! - دېدى.

 ئىليار قېېشىنى ئېتىپ:

- نېمىلا دېگەن بىلەن ھەممىلا ئادەمنىڭ قوشكېزەك تۇغۇش ئىقتىدارى بولمايدۇ.  - دېدى.

مەۋلان چىشىنى غۇچۇرلىتىپ:

- تەلىيىڭىز ئوڭدىن كەپتۇ شۇ، نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭىز؟ ئۆزىڭىزنى قالتىس،  ياراملىق دەپ ئويلاپ قالمىغانسىز؟ - دېدى.

 ئىليار بىر يۇتۇم ئىچىملىك ئىچىپ، سۈزۈك ئىستاكاننى يېنىك تەۋرىتىپ:

-  تەلىيىم بولسىلا بولدى ! ھېچ بولمىغاندا سان جەھەتتە يېتىشەلمەيسىز، - دېدى.

مەۋلاننىڭ بالىسىنى قۇچاقلاپ تۇرغان قولى سەل چىڭىدى، ئۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن تىكىلىپ قارىۋېتىپ، پىخىلداپ كۈلۈپ قويۇپ:

- نېمىگە كۆرەڭلەيسىز؟ ھازىر ئىككى بولسا نېمە بوپتۇ؟ قىزىڭىز بەلكىم ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىشى مۇمكىن، ئۇ چاغدا مېنى دادا چاقىرىدۇ... - دېدى.

 ئىليارنىڭ قولىدىكى ئەينەك ئىستاكان  چاكلا قىلىپلا چېقىلىپ كەتتى.


  قېنى كىم شۇنداق دىيەلەيدۇ؟


مەۋلان دەرھال بالىنى قۇچاقلاپ يان تەرەپكە يۆتكەلدى.

 بالىنىڭ كۆزىنى توسۇۋالغان ھالىتى ئىشنى بەك ئاشۇرۋەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.

 دىلارە بىلەن زۇبەيدە ئېسىنى يىغىپ، يانغا قارىغاندا، ئىليارنىڭ قولىدىكى يېرىم ئەينەك ئىستاكاننى يەرگە تاشلاپ، سوغۇق نەزەر بىلەن مەۋلانغا قاراۋاتقان ھەيۋىسىنى كۆرۈپ، چۆچۈپ كەتتى.

بىر قاراپلا بىرەر ئىش بولغانلىقىنى بىلدى، ئەگەر دەرھال كېلىپ ئىشنىڭ ئالدىنى ئالمىسا، كۈتۈلمىگەن بىرەر ئىشنىڭ   چىقىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايتتى.

 ئىككىيلەن دەرھال يېتىپ كەلدى، ھەر قايسىسى ئۆزىنىڭ ئېرىنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ:

 ـــ نېمە بولدى؟ - دەپ سورىدى.

مەۋلان بالىسىنى زۇبەيدەگە سۇندى، چىرايىنى ھېچ ئىش بولمىغاندەك تۇتۇپ:

- ئۇنىڭغا ئەمەلىيەتنى دەپ قويدۇم، ئۆزى رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىدى، بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئانچە ياخشى ئەمەسكەن، - دېدى.

 ئىليارنىڭ چىرايى تېخىمۇ سەتلىشىپ كەتتى، زۇبەيدە خاتىرجەم بولالماي مەۋلاننى سەل يىراققا تارتىپ:

- ئۇنىڭغا زادى نېمە دېدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.

- ئۇنىڭ قىزىنىڭ  كېيىن مېنى دادا دەپ چاقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتسام، ئاچچىقى كېلىپ قالدى، - دېدى.

 زۇبەيدە سەل گۇمانلىنىپ:

- گۆھەر قىزغۇ  كېيىن كېلىنىمىز بولىدۇ، بۇ گەپ خاتا ئەمەس، سىز ئۇنىڭغا پەقەت مۇشۇنىلا دېگەنلىكىڭىزنى جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟ ــ دەپ سورىدى.

 مەۋلان ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ:

 ـــ ئەلۋەتتە، مەن ئۇنىڭ بىلەن يەنە نېمە توغرۇلۇق پاراڭلىشالايمەن؟ - دېدى.

 دىلارە مەۋلاننىڭ گېپىگە تامامەن ئىشىنىدۇ، بۇ مەسىلىگە ئىليار باشتىلا قوشۇلماي كەلگەن.

 بۇ ئۈچ ئايدا بالىلار بىلەن بىللە ياشاش جەريانىدىمۇ دىلارە ناھايىتى ئېنىق كۆرۈپ يەتتى. ئىليار... بولۇپمۇ قىزىغا ئالاھىدە يان باسىدۇ.

 تۇغۇلمىغان ۋاقتىدىمۇ چوڭ بولغاندا ياتلىق بولۇشقا ئۇنىمىغان تۇرسا، ھازىر، بۇ مەسىلە،  تېگىشكە بولمايدىغان ئەڭ تۆۋەن چەكنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

 مەۋلاننىڭ بۇ گېپىگە بۇنداق ئىنكاستا بولۇشىنىڭ ھەقىقەتەن ھەيران قالغۇچىلىكى يوق.

دىلارە ئىليارنىڭ بىلىكىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ:

   -   ئىليار، ئۇ چاقچاق قىلىۋاتىدۇ، كېيىن قىزىمىزنىڭ كىمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى ئېنىق ئەمەس،  ئۇنىڭغا ئۇنداق خاپا بولۇپ نېمە قىلىسىز؟ - دېدى.

 ئىليارنىڭ چىرايى يەنىلا ياخشىلانماي:

-  قىزىمنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ھېچكىم ئېرىشەلمەيدۇ. - دېدى.

 دىلارە بۇ قېتىم ھەقىقەتەن ئامالسىز قالدى.

 ـــ ئۇنداقتا قىزىڭلار  نېمىدېگەن بىچارە ــ ھە؟ كىمنىڭ بىر مەيدان شېرىن مۇھەببەتلەشكۈسى يوق؟ سىز مۇھەببەتلەشكىلىمۇ قويمىسىڭىز،  توي قىلغىلىمۇ قويمامسىز؟ ۋاقتى كەلگەندە باشقىلار تەرىپىدىن ھېچكىم ئالمايدىغان قېرى قىز دەپ تەرىپلىنىپ قېلىشتىن قورقمامسىز؟ بۇ ئىشتا قارار قىلىش ھوقۇقى سىزدە ئەمەس، ئاساسلىقى يەنىلا قىزىڭلارنىڭ پىكىرىگە قارىشىڭلار كېرەك، -  دېدى زۇبەيدە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي.  بۇ مەسىلىنى قانداق قىلغاندا بۇ ئەرگە ئېنىق چۈشەندۈرۈپ قويالالايدۇ؟ ئۆزىمۇ بىلەلمەي قالدى.

ئىليارنىڭ يۈزى تېخىمۇ سوۋۇدى. نېمە ئۇ ھېچكىم ئالمىغان قېرى قىز دېگەن؟

قېنى كىم شۇنداق دىيەلەيدۇ؟

دىلارە زۇبەيدەنىڭ پىكىرىگە قوشۇلدى، ئۇنىڭ قىزى قانداق قىلىپ قېرى قىز بولۇپ قالىدۇ؟

 ئۇ ئەلۋەتتە قىزىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ھەقىقىي بەختنى تېپىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش.

 ‐ زۇبەيدەنىڭ دېگىنى توغرا، بۇ ئىشلاردا بىزنىڭ دېگىنىمىز ھېساب ئەمەس، ھەممە ئىشتا قىزىمىزنىڭ ئارزۇسىغا قارىشىمىز كېرەك، بۇ ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 20 نەچچە يىلدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلار، بىز ھازىر نېمىلا دېسەك بالدۇر. - دېدى دىلارە.

بىر تەرەپتىن ئىليارغا تەسەللى بەردى، ئەگەر ئۇنى يەنە غىدىقلىسا،  بۇ يەردە جېدەل قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىنى راستتىنلا بىلمەيتتى.

 ئەگەر باشقا ئىش بولسا مەيلىتى،  ئۇنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق قىزىنىڭ ئىشىغا كەلگەندە قانداق ئىشلارنى قىلىۋېتىدىغانلىقىنى  ھېچكىم بىلمەيدۇ.

ئەمدى مەۋلانغا قارايدىغان بولسا، ئۇ بالىسىنى بەزلىگىلى تۇرۇپتۇ.

 ئىليار لەۋلىرىنى چىڭ يۇمدى، ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان يولمۇ تاپالمىدى.

 ئەڭ خاپا بولىدىغان ئىشى ئەڭ تايىقى كەم ئادەم ئالدىدا تۇرسىمۇ، ئەدىپىنى بېرىدىغان باھانىسى يوق.

 بۇ ئىش دىلارەنىڭ باش قاتۇرۇپ باستۇرۇشى بىلەن بېسىلىپ قالدى.

مەۋلان ئائىلىسىنىڭ بايۋەچچىسىنىڭ يۈز كۈنلۈك بولغان زىياپىتى، خەتەرسىز ئۆتۈپ كەتتى دېيىشكە بولىدۇ.

 ئىشتىن كېيىن زۇبەيدە دىلارەنى تارتىپ، ئۇزۇن ئۇھ تارتىپ:   -   پەقەت سىزلا  بۇ ئەرنى تەسلىم قىلالايسىز، ئادەمنى قورقۇتىۋەتتىڭلار، ئەگەر سىز بولمىسىڭىز، مەن ئۇنىڭ زىياپەتتىلا مەۋلان بىلەن ئۇرۇشۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپلا قالغانىدىم، - دېدى.

 دىلارە ئوڭايسىزلانغان ھالدا كۈلۈپ قويدى،  خۇددى مۇشۇنداق دېسە خاتا ئەمەستەك ھېس قىلدى.

 زىياپەت ئاياغلاشقان ۋاقىتتا، ئىليار دىلارەنى ئېلىپ قايتىپ كەتتى.

 ئىككى بالىنىڭ ھالىدىن ئۆيدىكى ئىككى موماي ناھايىتى ياخشى خەۋەر ئالغان بولسىمۇ، لېكىن كەچتە  يەنىلا ئۆزى ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا بولمايتتى.

 كېچىدە مۇقىم ئويغىنىدىغان ۋاقىتى يوق، سىيىپ قويسا زاكىسىنى ئالماشتۇرۇپ، قورسىقى ئاچسا قورسىقىنى تويدۇرمىسا بولمايدۇ، كەچتىمۇ يەنە چوڭلارنى ئاۋارە قىلسا بولمايتتى.

 ئۇنىڭ ئۈستىگە، دىلارەمۇ ھەقىقەتەن ئۇلارنى سېغىندى، كۆرمىگىلى يېرىم كۈن بولدى،  كۆرگۈسى كېلىپ تۇرالماي قالدى.

مەۋلاننىڭ ھەشەمەتلىك زىياپىتى ئاخىرلاشتى، بۇ قوشكېزەكلەرنىمۇ يۈز كۈنلۈك زىياپىتىنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 بۇ بىر نەچچە كۈندىن ياقى گۈلباھار دىلنارنى تارتىپ كېلىپ،  زىياپەت ئىشلىرىنى مەسلىھەتلەشكىلى تۇردى.

 بالىلارغا كۆپ قىسىم ۋاقىتتا دىلارە بىلەن ئىليار قارىدى.

 ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارمۇ بەك يۇۋاش ئىدى، ئاكىسى ئادەمنى خاتىرجەم قىلاتتى، قاپقارا نۇرلۇق كۆزلىرى بىلەن تورۇسقا تىكىلىپ ياتمىغان بولسىلا، بېشىنى ئايلاندۇرغاچ، مەلۇم جايدىكى يېڭى شەيئىلەرگە تىكىلىپ بىر ھازا قارايتتى، ئاندىن يەنە باشقا بىر نەرسە دىققىتىنى تارتاتتى.

بەزىدە دىلارەنى كۆرگەندە، كۆرۈش سىزىقى ئىزچىل ئۇنىڭغا ئەگىشەتتى.

 دىلارە بەزىدە  ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى يۇيۇپ ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى، ياكى بەزىدە زاكىسىنى ئالماشتۇرۇپ، تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ - چىقىپ ، ئۇياق - بۇياققا ئالدىراش يۈرگەندە، بالا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاراپ كېتەتتى، بۇنداق چاغدا شاكىچىكنىڭ خۇشاللىقىدىن پۇت-قوللىرى ئويناپ، يېقىملىق كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىناتتى.

 سىڭلىسىمۇ ئاكىسىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى.

بۇنىڭ بىلەن دىلارە قولىدىكى ئىشىنى مەجبۇرى توختىتىپ،   ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر - بىرلەپ سۆيۈپ قويۇپ، ئاندىن داۋاملىق ئىشىنى قىلاتتى.

 ئاكىسىغا قارىغاندا، سىڭلىسىنىڭ كەيپىياتى بىر قەدەر جۇشقۇن، جانلىق بولۇپ، مەيلى قورسىقى ئېچىپ ئۇسسىغان بولسۇن ياكى سىيىپ قويغان بولسۇن، ياكى نېمە ئۈچۈندۇر تۇيۇقسىز خاپا بولۇپ، يىغا-زارە قىلسۇن،  ئاۋازى شۇنچىلىك ياڭراق ئىدى.

 بەزىدە شۇنچىلىك قىلىپمۇ بەزلىگىلىمۇ بولمايدۇ، بۇنداق چاغدا ئاكىسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يىغلاپ كېتەتتى.

 شۇڭا بۇ ئىليارنىڭ قىزىغا تېخىمۇ دىققەت قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

ئىككى بوۋاقنىڭ گەپ ئاڭلاپ يىغلىماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەڭ مۇھىمى يەنىلا قىزىغا  تەسەللى بېرىپ يىغلاتماسلىق مەسىلىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.

چۈنكى سىڭلىسى يىغلىمىسا، يەنە بىر تەرەپتىكى ئاكىسى، ئۆزلىكىدىن يىغلىمايدۇ.


 

 

  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章