كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم 第10部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
67 | 66 | |||
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
68-قىسىم
68-قىسىم
ـ مەن قوشكېزەك ئەۋرىلىرىمنى كۆرگىلى بارىمەن! سىلەر داۋاملىق كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىپ تۇرۇڭلار، - دېدى موماي.
گۈلباھار دەرھال بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ :
- ئاپا، توختاپ تۇرۇڭ، مەنمۇ نەۋرىلىرىمنى كۆرگىلى بارىمەن! - دېدى.
دىگەندەك ئۇلار دىلارەنىڭ ياتىقىغا باردى.
بارغان چاغدا، رەنا خانىم بىلەن دىلنار ياتاقتا بار ئىدى.
ئۇلار دوختۇر بىلەن سۆزلىشىپ، ئەھۋالنى قايتا-قايتا جەزملەشتۈرۈپ، تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئاندىن ياتاقتىن چىقتى.
دوختۇرخانىدا ئەڭ ياخشى تۇغۇتتىن كېيىنكى مۇلازىمەت تۈرى بار ئىدى.
تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ دەم ئېلىشى، كۈتۈنۈشى، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، شۇنىڭدەك بوۋاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە پەرۋىش قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلىرى تولۇق ئىدى.
گەرچە مەخسۇس ئوزۇقشۇناس سەپلەپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن گۈلباھار يەنىلا ئاشپىزىغا بىر نەرسە تەييارلاپ ئەكېلىپ بېرىشنى تاپىلىدى، كېيىن بۇ يەردە دىلارەنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.
شۇنىڭدىن كېيىن موماي، رەنا خانىم، گۈلباھار، دىلنار كۆڭلىدىكى كىچىك گۆھەرلىرىنى كۆرگىلى باردى.
ـ بايا ئاڭلىدىم، ئۇلار مېنىڭ بۇ ئىككى ئەۋرەمنى ئۆزلىرى كۆرگەن ئەڭ چىرايلىق بوۋاق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى! - دېدى موماي ئادەتتىن تاشقىرى پەخىرلىنىپ.
گۈلباھار تېخىمۇ خۇشال بولۇپ:
ـ ئىليار بىلەن دىلارە بىرى كېلىشكەن، يەنە بىرى گۈزەل بولغاچقا، ئەلۋەتتە بالىلىرىمۇ بەك مۇنەۋۋەر بولىدۇ، - دېدى
.
دىلنار ئاپىسى رەنانى يۆلەپ، سۇس كۈلۈمسىرەپ، جىددىيلىشىش ۋە تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشتىن خالىي بولالمىدى.
ئويلىمىغان يەردىن، ئۇنىڭ بۇ ئۆمرىدە قوشكېزەك نەۋرىسى بار بولدى.
گەپكە كەلسەك، ئۆتكۈزگەن بۇ ئۆمرىدىن پۇشايمان قىلمايدىغان بولدى.
رەنا ئۇنىڭ قولىنىڭ دۈمبىسىگە يېنىك ئۇرۇپ:
- مەن سىزنىڭ ئەينى چاغدا دىلارەنى تۇغقان چاغدىكى ھاياجان ۋە بەختىڭىزنى كۆرەلمىگەنلىكىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن. لېكىن بۇ قېتىم، ئۈلگۈرەلىدىم، رەھمەت سىزگە، مېنى دىلارەدەك مۇنەۋۋەر نەۋرىلىك قىلدىڭىز، دىلارەگە رەھمەت، مېنى ئۇلۇغ موما قىلدى، سىلەر مېنىڭ بۇ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەملىرىم، - دېدى.
- ۋىيەي، رەنا خانىم چىرايلىق گەپ قىلدىڭىز، ھەقىقەتەن ئوبدان رەھمەت ئېيتىشىم كېرەك، ئىككى قۇدام، ماڭا مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر بىر نەۋرە كېلىن ئاتا قىلغىنىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن، - دېدى موماي.
ـ شۇنداق، شۇنداق، سىلەرگە كۆپ رەھمەت ... - دېدى گۈلباھارىمۇ ئەگىشىپلا، بىرنەچچە ئادەم ناھايىتى تېزلا مىكروبسىز ئۆيگە يېتىپ كەلدى.
پەرھات بىلەن بوۋاي كۆزىتىش كۆزنىكىگە كېلىپ بولغانىدى.
موماي دەرھال قاپىقىنى تۈرۈپ:
ـ بوۋاي، بولدى قىلمايسىز شۇنداقمۇ؟ - دېدى.
بوۋاي بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قاراپ، لەۋلىرىنى چىڭ يۇمۇپ:
ـ بوۋاقلارنىڭ ئارامىنى بۇزماڭ، - دېدى.
موماي بۇ قېتىم گەپ قىلالماي قالدى.
گۈلباھارنىڭ كۆزلىرى چاقناپ، پەرھاتنىڭ بىلىكىنى تارتىپ قويدى.
پەرھات ئۇنىڭغا قارىدى، گۈلباھار ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ، بېلىنى ئېگىپ پەس ئاۋازدا :
ـ بوۋاي نېمە ئويلاۋاتىدۇ؟ ئۇ مېنىڭ نەۋرىلىرىمنى بۇلاپ كەتمەكچى ئەمەستۇ؟ سىزگە دەپ قوياي، پەرھات، ئەگەر ئۇ راستتىنلا شۇنداق قىلىدىغان بولسا، مەن بۇ جېنىمنى تىكىپ قويىمەن... - دېدى.
ـ بالىنى ئېلىپ كەتسە كىم قارايدۇ؟ بوۋاقلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بار، ئۇ قانداق مەيداندا تۇرۇپ ئېلىپ كېتەلەلەيدۇ؟ - دېدى پەرھات.
گۈلباھار سەل تۇرۇۋېلىپ، پەرھاتنىڭ گېپىنى قوبۇل قىلىپ، يەنە ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
- دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق، بىراق بوۋاي ئورۇنلۇق ئىش قىلىدىغان ئادەم ئەمەستە! ئۇنىڭ بۇنداق ئىشنى قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ! ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ باشقا ئادەم ئەمەس، قوشكېزەكلەر ئۇنىڭ ئۆز ئەۋرىسى، ئۇنىڭ ۋاز كېچىشى مۇمكىنمۇ؟ - دېدى.
گۈلباھار سۆزلىگەنسېرى يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ، ئۆزىنى ئۆزى قورقۇتتى.
پەرھات ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.
گۈلباھار تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلىكىنى بوشىتىپ:
ـ نېمىشقا... نېمىشقا ماڭا بۇنداق قارايسىز؟ - دەپ سورىدى.
پەرھات تۈزلىنىپ تۇرۇپ:
ـ بۇ ئىشنى ھەل قىلىشتىن بۇرۇن، مېنىڭچە تۇغۇت ئۆيىنىڭ سىرتىدىكى پاراڭنى قايتا دېيىشەيلى، - دېدى.
گۈلباھار بىر ئاز جىددىيلىشىپ:
ـ ۋاييەي، بەك خۇش بولدۇم، ئاخىرى نەۋرىلىرىم بار بولدى ... - دېدى.
پەرھات يەنە دەيدىغانلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ گەپ قىلاللماي قالدى.
گۈلباھار ئەنسىرگەن ئىشتىن مۇمايمۇ ئەنسىرەپ قالدى. كەينىگە بۇرۇلۇپ بوۋايغا يەنە بىر قېتىم يۈزلىنىپ، چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ:
ـ دىلارە ئەمدىلا يەڭگىدى، ئۇنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىشى ناھايىتى مۇھىم، سىز ئۇنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزمەڭ! تۇغۇتتىن كېيىن خامۇش بولۇپ قالسا، سىزنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن، - دېدى.
بوۋاي پەس ئاۋازدا دىمىقىنى قېقىپ:
ـ مېنى كۆرسە تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇش بولۇپ قالامدىكەن؟ ئۇ بەك قابىلىيەتلىك ئەمەسمىتى؟ ئەمدىلىكتە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى قالمىدىمۇ؟ - دېدى.
- سىزنى ئەۋلىرىڭىز بىلەن كۆرۈشتۈرگەنلىك سىزگە ئەڭ چوڭ يول قويغانلىق، غېرىچقا ئېرىشىپ، غۇلاچقا تىكىلمەڭ! ئۇنىڭغا سىزنىڭ كەلگەنلىكىڭىزنى، ھەتتا ئۇنىڭ بالىسىنى ئىگەللىۋالغۇڭىز بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچىمۇ؟ - دېدى موماي.
بوۋاي قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
ـ مەن قاچان زورلۇق بىلەن بالىنى ئىگەللىۋالىمەن دېدىم؟ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە مەن شۇنچە ناچار ئادەممۇ - دېدى.
ـ شۇنداق، سىز شۇنداق ئۇچىغا چىققان ئەبلەخ!
موماي ئويلانمايلا، ئۇدۇل گەپ قايتۇردى.
بوۋاي موماينىڭ جان-جەھلى بىلەن جاھىللىق قىلىۋاتقان تۇرقىغا قاراپ، چىرايى قارىداپ:
ـ مەن ئۇلارنى زورلۇق بىلەن ئېلىپ كېتىشنى ئويلاپ باقمىدىم! ئۇلار ئەسلىدىمۇ مېنىڭ ئەۋىلىرىم! - دېدى.
ـ نەۋرىلىرىڭنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردىڭىز، ئەمدى يەنە قايسى يۈزىڭىز بىلەن ئەۋرەم دەۋاتىسىز ؟ - دېدى موماي.
بوۋاي چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ:
ـ بولىدۇ، مەن دىلارەگە مېنىڭ كەلگەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ قويمايمەن، بولامدۇ! ؟ - دېدى.
ـ ئەڭ ياخشىسى ئاز كېلىڭ! - دېدى موماي.
بوۋاي گەپ قىلمىدى.
دىلنار بىلەن رەنا كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئالدىغا كەلدى.
بوۋاي ئۇلارغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، قېتىپ قالغان چىراي ئىپادىسى بىلەن نەزىرىنى باشقا يەرگە يۆتكىدى.
دىلنار ئۇلارغا بىر نەچچە سېكۇنت قاراپ قويۇپ:
ـ بالا بېقىپ باققانمۇ؟ بۇ يەرگە كېلىشىڭىز باشقىلارغا كۆڭۈلسىزلىك تېپىپ بېرىشتىن باشقا، ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچە ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلاش خالاس. كەلمەكچى بولسىڭىز، توسمايمىز، لېكىن ھېچكىمنىڭ سىزنىڭ يۈزىڭىزگە قارايدىغان ۋاقتى يوق، - دېدى.
موماي :
ـ قۇدام خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئۇنىڭ كۈندە كېلىشىگە يول قويمايمەن! - دېدى.
دىلنار كۈلۈپ تۇرۇپ:
ـ بىزنىڭ ئۇنىڭ ئەۋرىسى بىلەن كۆرۈشۈشىنى توسۇش ھوقۇقىمىز يوق،دىلارەگە كەلسەك، ئۇ مېنىڭ قىزىم، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋارە بولمىسىمۇ بولىدۇ ، - دېدى.
موماي يەنە گەپ قىلمىدى.
دىلنار رەنانىڭ قولىدىن تۇتۇپ مىكروبسىز ئۆيگە كىردى.
رەنا ئوغرىلىقچە كۈلۈپ تۇرۇپ:
ـ شۇنچە يىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن ئادەمگە كىممۇ ئۇنداق رەھىمسىزلىك قىلالايدۇ؟ - دېدى.
دىلنار يېنىك دىقىمىنى قېقىپ:
ـ موماينىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچە ئۇزۇن ئويۇن قويۇشىمۇ تەس. - دېدى.
ـ ھىم، ـ دېدى رەنا، ـ بىراق، مېنىڭچە، ئۇنىڭدىمۇ ھەقىقىي مۇھەببەت باركەن، - دېدى.
ـ بولمىسا موماي بىزنى قانداقمۇ ئىشەندۈرەلىسۇن؟ - دېدى دىلنار.
رەنا مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ، ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.
ئىككى بوۋاق ھازىرمۇ قاتتىق ئۇخلاۋاتاتتى.
تۇراقلىق تېمپېراتۇرا ساندۇقىدا جىمجىت، ئوماق يېتىشلىرى ئادەمنىڭ قەلبىنى ئېرىتتى.
يېڭى تۇغۇلغان كىچىك ھاياتلىق كۆز ئالدىدىلا ئىدى.
ھەر ئىككى ئادەم ئۈن-تىنسىز ھالدا ھاياتلىق مۆجىزىسىگە قاراپ:
- بەك چىرايلىق ئىكەن. - دېدى رەنا ئۆزىنى تۇتالماي.
دىلنار سۈزۈك دېرىزىدىن ئۇلارغا قارىدى، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى سۇس سوغۇق چىرايى مېھرىبانلىق ۋە مۇلايىملىققا تولغان بولۇپ:
- شۇنداق، بەك چىرايلىقكەن. - دېدى.
ـ ئىليارنىڭ ئۆيىدىكلەر دىلارەنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئاپتۇ، بالىنىڭ تېرىسىگە قاراڭ، بەك يۇمرانكەن... - دېدى.
دىلنار بېشىنى بۇراپ رەناغا قارىدى، كۆزلىرىدىن سۇس گۇمان چىقىپ تۇراتتى.
رەنا كۈلۈپ قويۇپ، پەس ئاۋازدا:
ـ نەچچە ئون يىل بۇرۇنقى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى پۈرلىشىپ تۇراتتى، بويىمۇ بۇنداق ئېگىز بولمايتتى، بۇ كۆپىنچە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ، - دېدى.
دىلنار چۈشەندى.
ـ سىزچۇ، ئەينى چاغدا دىلارەنى تۇغقاندا، ئۇنىڭ چىرايى قانداق ئىدى؟ - دەپ سورىدى رەنا.
دىلنار بىر نەچچە سېكۇنت جىمىپ قېلىپ:
ـ ئۇلارغا ئوخشايتتى. - دېدى.
رەنا سەل ھەيران بولۇپ:
ـ مەن دولقۇن ئائىلىسىدىكىلەرنى سىزگە ئىزچىل ياخشى مۇئامىلە قىلمىدى دەپ ئويلاپتىمەن. - دېدى.
دىلنار بېشىنى چايقاپ، ئەينەك دېرىزىگە تىكىلىپ قارىدى، لېۋىدىكى تەبەسسۇمى سەل سۇسلىشىپ:
- ياقەي... سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، - دەپ توختاپ قېلىپ، - ئىلگىرىكى يوقاتقانلىرىمغا سېلىشتۇرغاندا، دولقۇننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مېنى خاتىرجەم ھالدا دىلارەنى تۇغقىلى قويدى، مۇشۇ بىر ئىشلار مېنىڭ ئۇلارغا بولغان مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈشۈمگە يېتىدۇ، - دېدى.
شۇڭا،دولقۇن ئائىلىسىدىكىلەر ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولمىغۇر ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ ئائىلىگە چوڭقۇر ئۆچمەنلىكى يوق ئىدى.
ئۇنىڭ دىلارەگە ئىگە بولغانلىقى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ.
رەنا ئۇنى يېنىك قۇچاقلاپ تۇرۇپ:
ـ گەرچە ئەينى چاغدا زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمىسەممۇ، سىزنىڭ ئىلگىرى ھەقىقەتەن ئېغىر ئازابلانغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، لېكىن ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى، قەدىرلىكىم، سىزنىڭ شۇنداق مۇنەۋۋەر قىزىڭىز بار، ھازىر يەنە مۇشۇنداق ئوماق ئىككى نەۋرىڭىز بار بولدى، ھاياتىڭىز مۇكەممەل بولدى. مۇكەممەل كىشىلىك ھاياتتا، پەقەت بەخت ۋە خۇشاللىقلا بولمايدۇ. - دېدى.
مۇكەممەل كىشىلىك ھاياتتا، پەقەت بەخت ۋە خۇشاللىقلا بولمايدۇ. كەلگەن قىيىنچىلىقلار بەلكىم ھاياتىڭىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن سىناق بولىشى مۇمكىن.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar