كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
58 | 57 | 56 | ||
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
60-قىسىم
60 - قىسىم
چىشىغا تېگىشكە بولمايدىغان ئانا-بالىلار
ھېلىقى نەۋرە ئىنىسىنىڭ بۇنداق ئىشقا ئەڭ ئۆچ ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك.
- يان تېلېفونىڭىزنى يىغىشتۇرۋېلىڭ، - دېدى نادىرنىڭ ئاپىسى.
ئەخمەت قېتىپ قالغان پېتى، ئۈندىمەستىن يانفونىنى يانچۇقىغا سېلىپ قويۇپ ئىچىدە < نادىر، ئەگەر كېيىن كىچىك كاتىپىم ساڭا چاپلىشىۋالسا، ھەرگىز ئۇنىڭدىن ئاغرىنما، ئاپاڭ ئۆزى كۈشكۈرتكەن> دېدى.
بېشىنىڭ ئارقا تەرىپىدە كۆزى بار نادىرنىڭ ئاپىسى بۇ گەپنى دەپ بولۇپ، يەنە مۇلايىملىق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ماڭا دەپ بېرىڭە، بۇ يەردە ئولتۇرۇپ زېرىكىپ قالدىم. ئەگەر يات ئادەم بار، قولايسىز دەپ قارىسىڭىز، ئۇلارنى چىقىرىۋېتىمەن. - دېدى.
مۇنىرە سوغۇق تەرگە چۆمدى، لېكىن ئۇ ۋە بۇ ھەدەش بىلەنمۇ تونۇش ھېسابلانمايدىغۇ، باش مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىدا تۇرۇپ، باش مۇدىرنى قوغلاپ چىقىرىۋېتىپ، ئاندىن مۇڭدىشامدۇ؟! كىچىككىنە كاتىپ نەدە يۈرۈپ بۇنداق قىلالايدۇ...
- سىلەر پاراڭلىشىڭلار، مەن چىقىپ كېتەي. ھى... - دېدى ئەخمەت ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇپ، بۇرۇنلا تۇرغۇسى كەلمىگەن ئالاھىدە ياردەمچىسىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
نادىرنىڭ ئاپىسى رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ، مۇنىرەنىڭ قولىنى قايتىدىن تۇتۇپ:
- قېنى دەڭە، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى ئادەم زادى قانچىلىك ياخشى، ئوغلۇمنى ياراتمىغۇدەك. بوي ئېگىزلىكى ۋە تاشقى قىياپىتى ھەممىنى قالدۇرماي دەپ بېرىڭ، - دېدى.
ئوغلىڭىزنىڭ يۇمىلاق ياكى ياپىلاق ئىكەنلىكىنى مەن نەدىن بىلەي... مۇنىرە كۆڭلىدە پىچىرلىدى، ئەگەر يالغاندىن ئالاھىدە مۇنەۋۋەر ئادەمدىن بىرنى تەسۋىرلەپ بەرسە چوقۇم ساختىدەك چىقىپ قالىدۇ، ھېلىمۇ ياخشى نادىر بوپ قاپتۇ، ئۇ چوقۇم بۇ ئايالنى ئۆزلۈكىدىن چېكىندۈرەلەيدۇ.
ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مۇنىرە دەيدىغان گەپلىرىنى كۆڭلىدىن بىر ئۆتكۈزۋېلىپ:
- مېنىڭ كۆڭلۈم چۈشۈپ قالغان ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.85 مېتىر، ئۆزى ئورۇق، تەقى-تۇرقى كېلىشكەن، بەش ئەزاسى سەل سوغۇققان كۆرۈنىدۇ. ئۇ ئەمدىلا يىراق ئەلدىن قايتىپ كەلدى، گەرچە قارىماققا سوغۇققان كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بەك كۆيۈمچان، تاماق ئېتىشنى بىلىدۇ، ئۆينى تېخىمۇ پاكىز تۇتىدۇ، - مۇنىرە سۆزلىگەنسېرى ھاياجانلىنىپ، - بەزىدە سەل قاتتىق قول بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس، ئىشقىلىپ بىرەر ئىش چىقىپ قالسا دەل ۋاقتىدا پەيدا بولىدۇ، تەسەللىي بېرىدۇ، - دېدى.
ئاڭلاۋېرىپ نادىرنىڭ ئاپىسىنىڭمۇ قىزلىق قەلبى جانلىنىپ كەتتى، بۇ قىزچاقنىڭ ياخشى كۆرىدىغان لايىقى ئۆز ئوغلىدىن قېلىشمايدىكەن.
ئۈمىد يوقكەن...
- ئۇنداقتا ئۇ سىزنى ياخشى كۆرەمدۇ؟ - دەپ سورىدى نادىرنىڭ ئاپىسى.
مۇنىرە نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي، تازا ئىشەنچ قىلالماي:
- ئۇ ماڭا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، چوقۇم مېنى ياخشى كۆرىدۇ. - دېدى. لېكىن ئۆزىمۇ قايسى خىل ياخشى كۆرۈش ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.
- ئۇنداقتا سىلەر نېمىشقا تېخىچە مۇھەببەتلىشىپ قالمىدىڭلار، - دەپ سورىدى نادىرنىڭ ئاپىسى.
يۈرەكنى زىدە قىلدىغۇ.
مۇنىرە بۇ ھەدەشنىڭ نادىرغا ئوخشاشلا يۈرەكنى يارا قىلالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، خېلى بىر ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى-دە، زورمۇزور ئۆزىگە ئىشىنىپ:
- بىز... ئارىمىزدا پەقەت بىر قەۋەت دېرىزە قەغىزىلا قالدى، بەلكىم پات ئارىدا ئارىلىشىپ قېلىشىمىز مۇمكىن، - دېدى.
نادىرنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن سەپسېلىپ، ئۇھ تارتىپ:
- بۇنداق بولغاندىكىن، ئەمىسە بولدى قىلاي، - دېدى.
مۇنىرە ئاخىرى ئىزا-ئاھانەتنى قويۇپ، ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلدى.
نادىرنىڭ ئاپىسى ئۇزۇن چاچلىرىنى يېنىك سىلاپ، ئۇنىڭ قولىغا ئۇرۇپ، يالغاندىن:
- بىزنىڭ نادىرنىڭ بۇنداق تەلىيى يوقكەن... - دېدى .
قاتتىق يۆتەلگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ مۇنىرەنىڭ يۈرەك، جىگەر، تال، ئۆپكە، بۆرىكى ھەتتا پۈتۈن بەدىنىدىكى قانلىرى تەتۈر ئېقىپ، نەپەس ئالالماي قالدى.
ئۇ كىم؟ قەيەردە تۇرۇۋاتىدۇ؟ نېمىشقا بۇنداق كونكرېت تەسۋىرلىگەن بولغىيتتى؟
مۇنىرەنىڭ قورققىنىدىن جېنى چىقىپ كېتەيلا دەپ قالغاندا، قاچانلار ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرغانلىقىنىمۇ بىلمىدى، ئېسىنى تاپقان چاغدا، ئالاقىلىشىش تىزىملىكتە بىر ئادەم كۆپىيىپ قالغان ئىدى.
ئۇ كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغاندا، قېتىپ قالغان كاللىسى يەنە قايتىدىن قوزغالدى.
ئانچە توغرا ئەمەسقۇ.
ھازىر ئويلاپ باقسا، نادىرنىڭ ئاپىسى ئۇدۇل ئۇنى نىشان قىلىپ كەلگەندەك قىلىدىغۇ.
نادىر ئەپەندى بىلەن كۆپ ئالاقە قىلغانلىقى ئۈچۈن، كېلىپ ئۆزىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈپ، ئوغلىغا ماس كېلەمدۇ-يوق بىلىپ باقماقچى بولدىمۇ؟
شۇلارنى ئويلاپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، يانفونىنى ئېلىپ نادىرغا تېلېفون قىلدى.
- نېمە ئىش؟ - دېدى نادىر تېلېفوننى ئېلىپلا.
مۇنىرە يانفونىنى تۇتقىنىچە سىرتقا چىقىپ ئاۋازىنى پەسەيتىپ:
- نادىر ئەپەندى ، مېنىڭ دوكلات قىلىدىغان ئىشىم بار... - دېدى.
غۇنچەمنىڭ كۆزى ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ، پۈتۈنلەي كۆرۈنمىگەندىن كېيىن بولدى قىلدى.
خىزمەت ۋاقتىدا، مۇنىرە نادىرغا تېلېفون قىلىپ نېمە قىلماقچىدۇ؟
ئېگىز ئۆسۈپ كەتكەن گۈلنىڭ يېنىغا كەلگەن مۇنىرە قولىنى سوزۇپ بىر تال يوپۇرماقنى تارتىپ، ئۈستىگە تىرناق ئىزىنى چىقىرىپ:
- مەن تەپسىلىي ئويلىنىپ ، يەنىلا بۇ ئىشنى سىزگە دەپ قويۇشنى توغرا تاپتىم، مەن بايا ئاپىڭىزنى شىركەتتە كۈتۈۋالدىم، ئۇنى مېنى ئالايىتەن ئىزدەپ كەلگەندەك ھېس قىلىپ قالدىم، - دېدى.
نادىر پېشانىسىنى يۆلەپ ئولتۇرۇپ قالدى . ئۇ ئاپىسىنىڭ قىزىقىشىنى كونترول قىلالمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلغانىدى، دەرۋەقە شۇنداق قىپتۇ.
مۇنىرە يەنە يوپۇرماقنى چىمداپ تۇرۇپ:
- ئاپىڭىز سىزنى يەنە ئۇ ئىشقا سۈيلەۋاتامدۇ .... قورسىقى ئېچىپ بولالماي تاماق بولسىلا تاللىمايدىغان ھالەتكە يەتكەن ئوخشىمامدۇ؟ - دېدى .
قورسىقى ئېچىپ بولالماي دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ، نادىر قوشۇمىسىنى سىيلاپ:
- ئۇ پەقەت ئالدىن كېلىپ سالاملىشىپ قويدى، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ. - دېدى نادىر.
- ھە. - دېدى مۇنىرە بېشىنى لىڭشىتىپ، ئىشقىلىپ ئۇمۇ دوكلات قىلىپ بولدى، ۋاقتى كەلگەندە ئاپىسى ئىككىسىنى قالايمىقان چېتىپ قويسا، ئۇنىڭ ھېچقانداق مەسئۇلىيىتى يوق، - سەل تۇرۇپ ئىشتىن چۈشكەندە سىزنى يەنىلا ئالغىلى بارامدىم؟ - دەپ سورىدى.
- ھەممە ئىشلار ئادەتتىكىدەك بولسۇن، - دېدى نادىر.
بۇ گەپ خۇددى يۈرەك دورىسىدەك مۇنىرەنىڭ ئەنسىز قەلبىنى دەرھال تىنچلاندۇردى، بۇنىڭدىن ئىللىق كۈلۈمسىرەپ:
- بولىدۇ، - دېدى
مۇنىرە ئۇششاق قەدەملەر بىلەن ئىشخانىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، راھەتلىنىپ يېنىك ئۇھ تارتىپ قويۇپ، كومپيۇتېردىن بىر پارچە دوكلاتنى ئېچىپ رەتلەشكە باشلىدى، ئۇدۇلدىكى غۇنچەم قولىنى سوزۇپ، ئۇنىڭ ئېكرانىنىڭ ئۈستىگە يېنىك چەكتى.
غۇنچەم گەپ قىلىشقا تەمشىلىپ تۇرغاندا، مۇنىرەنىڭ ئىچىدىكى خۇشاللىقى چىرايىغا چىقىپ:
- نېمە بولدى؟ - دەپ سورىدى.
- بايىقى... بايىقى ئايال نادىر ئەپەندىنىڭ تۇغقىنىمۇ؟ قارىسام بىر ئاز تونۇشتەك كۆرۈندى، - دېدى غۇنچەم.
بۇ ئۇنىڭ شۇمۇ ئەمەسمۇ دەپ جەزملەشتۈرمەكچى بولغانلىقى ئەمەسمۇ!
مۇنىرە كۆڭلىدە ھەممىنى بىلىپ بولدى. بىراق ئۇ غۇنچەمنىڭ نادىرغا قىزىقىپ قالغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ ئالدىدا نادىرنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى، شۇڭا بۇ قېتىممۇ كۈلۈپ قويۇپ:
- ئېنىق بىلمەيمەن، ئۇ ۋە باش مۇدىرمۇ ئېنىق ئېيتمىدى. - دېدى.
- ھە شۇنداقمۇ؟ - غۇنچەم ئورنىدا ئولتۇرۇپ ئويلىنىشقا باشلىدى.
مۇنىرە، ئېيتىپ بېرىشنى خالىمايۋاتامدۇ؟
ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن مۇنىرە ماشىنىنى ھەيدەپ بېرىپ نادىرنى ئېلىپ، يول بويى ئادەتتىكىدەك گەپلەرنى قىلىپ، نادىرنىڭ ئاپىسىنى تىلغا ئالمىدى، پەقەت بىنانىڭ ئاستىغا كەلگەندە، نادىر ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ:
- چىقىپ تاماق يەپ كەتمەمسىز؟ - دېدى.
- بولدى، بولدى! - دېدى مۇنىرە بېشىنى چايقاپ، يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ، - بېسىم بەك ئېغىر، يېيەلمەيمەن. - دېدى.
نادىر ئۇنىڭغا مۇلايىملىق بىلەن قاراپ:
- بىر نەچچە قېتىم يېسىڭىز كۆنۈپ قالىسىز. - دېدى.
مۇنىرە بۇ قېتىم قولىنى كۆتۈرۈپ، يىغلىغۇدەك بولۇپ:
- ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشۈم ئۈچۈن يەنىلا بولدى قىلاي ... - دېدى.
- يارامسىز. - دېدى نادىر ئىشىكنى ئېچىپ ماشىنىدىن چۈشتى، ئاندىن سەل ئېغىر ياپتى.
مۇنىرە ئۇنىڭ كەينىدىن ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويدى، ياراملىق بولسا قانداق قىلاتتىكىن!
نادىر ئەتكەن تاماقنى يېيەلمىگەچ، مۇنىرە ئۆزىنىڭ ئىجارە ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئىشكاپتىن بىر قۇتا تەييار چۆپنى چىقىرىپ، قايناق سۇغا چىلاپ، بەش مىنۇتتىن كېيىن ئاغزىنى ئاچتى، ئۈستەلنىڭ ئالدىدىكى كالا گۆشى قېقى كۇرۇپكىسىغا قاراپ قويدى.
- ھەيي... مۇنىرە ئېڭىكىنى تىرەپ ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى، ئاندىن ئىككى پارچە قۇرۇتۇلغان كالا گۆشىنى ئېلىپ يېدى.
ئاپىسىمۇ ئوغلىغا ئوخشاش قالتىسكەن، ئۇنىڭ بارماقلىرىغا بىرەر قېتىم ئاپتاپ ياكى سۇ تەگمىگەندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەجىر قىلىپ ئۆزىنى ئاسرىغانلىقى كىشىنى قايىل قىلىدۇ.
دىڭ - دۇڭ ئۇچۇر كەلدى.
مۇنىرە تەييار چۆپنى تەستە يۇتۇپ، يان تېلېفونىنى ئېلىپ تۇرۇپلا قالدى.
چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ھەدەش: [ مۇنىرە ... ] دەپ ئۇچر يازغانىدى.
ئانامەي... مۇنىرەنىڭ دۈمبىسى مۇزلاپ، پۈتۈن بەدىنىگە توخۇ ئەت ئۆرلەپ، بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى.
چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ھەدەش: [ئەتە مېنى H شەھەر ئەتراپىدا ئايلاندۇرۇپ كەلسىڭىز قانداق ] دېدى.
رەت قىلىمەن...
مۇنىرە كۆڭلىدە ئۆز - ئۆزىگە مەدەت بېرىپ:
- رەت قىل، چوقۇم رەت قىل - دېدى!
چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ھەدەش: [ خوجايىنىڭىز سىزگە ئۈچ ھەسسە مائاش بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى~ ] دېدى.
مۇنىرە: [ بولىدۇ،] - دېدى.
ئا، تۈگەشتىم تۈگەشتىم، دەرھال قايتۇرۋالاي! ئىختىيارسىز ئەقلىدىن ئازغان مۇنىرە ئېسىنى يىغىپ، دەرھال ئاخىرقى ئۇچۇرنى قايتۇرۇۋېلىشقا تەمشەلگەندە، نادىرنىڭ ئاپىسىنىڭ ئۇچۇرى يەنە كەلدى.
چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ھەدەش: [ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، ئەتە ئەتىگەن سائەت 8 دە كۆرۈشەيلى] دېدى.
تۈگەشتى، تۈگەشتى.
مۇنىرەنىڭ بارماقلىرى بىر قەدەملا كېچىپ، ۋاقتىدا قايتۇرالمىدى.
كېيىنكى سېكۇنتتا تەييار چۆپنى تاشلاپ قويۇپ، يان تېلېفونىنى ئېلىپ دېرىزە تەكچىسىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ:
- چاتاق بولدى، نادىر ئەپەندى ... - دەپ تېلېفون قىلدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar