تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 66-قىسىم_قانداقسىگە بۇنداق ئادەم بولىدۇ

文摘   小说   2025-01-09 14:00   新疆  


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق 107-قىسىم توپلام تامام 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
45
44434241
5049484746
5554535251
 60   59  58 57 56
 60   59  58 57 56
6564 63  62  61 


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

66-قىسىم

   



 

 



66 -قىسىم قانداقسىگە بۇنداق ئادەم بولىدۇ


خۇددى ئۇ ئالدىن ھۆكۈم قىلغىنىدەك، مۇرات بىلەن ئەمەت پەقەتلا ئوخشىمايتتى، كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنىڭ ئۆزىدىلا پەرق بار، مۇرات باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، يولسىزلىق قىلمايدۇ.

  -  بىلدىم، - دېدى مۇرات تەمكىن ھالدا،    -  سىزگە ئۆزۈمنىڭ بىر مۇنچە ئويلىغانلىرىمنى ئېيتقانلىقىمدىن تولىمۇ خىجىلمەن ، - دېدى.

مۇنىرە خۇشاللىق بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ:

- سىزنىڭ كەچۈرىمىڭىزنى قوبۇل قىلدىم.  - دېدى.

مۇرات كۈلۈپ تۇرۇپ:

 - سىز راستتىنلا تۈزۈت قىلمامسىز، - دېدى.

- تەكەللۇپنى  تاماق قىلىپ يېيىشكە بولمايدۇ، ـ  دېدى مۇنىرە ئۇدۇللا، قولىنى سوزۇپ يان تەرەپتىكى سومكىسىنى ئېلىپ، -  بىراق بۇ بىر ئىستاكان قەھۋەگە  سىز مېھمان قىلىڭ، - دېدى.

  -  ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمەن، - دېدى مۇرات ئەدەپ بىلەن مېھمان قىلىش ئىشارىتى قىلىپ.  مۇنىرە كۈلۈپ قويۇپ، سومكىسىنى ئېلىپ ماڭدى، ئەمدىلا ئىككى قەدەم مېڭىشىغا،- مۇنىرە، سىز بىلەن مەن مۇشۇ يەردە توختاپ قالدۇق، لېكىن پەزىلىيەنىڭ مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت،  باش قاتتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.   بۇ مېنىڭ خاتالىقىم، لېكىن مەن سىزنىڭ چېتىلىپ قېلىپ ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىزدىن قورقىمەن. - دېدى.

بۇ  باشقا ئامالى يوق ئىش ئىدى، مۇنىرە بۇ ئىشقا ئىقرار بولمىسا بولمايدۇ، قولىنى پۇلاڭلىتىپ، داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىپ:

  -  بىلدىم، ھەممىمىز تىرىشىپ باقايلى، - دېدى.

قولىنى پۇلاڭلىتىپ، يېنىك بۇلۇتتەك ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى.

ئۈچەيلەن ئوتتۇرىسىدىكى ياسالمىلىق ئاخىرى ئاخىرلاشتى.

قەھۋەخانىدىن چىققاندىن كېيىن، مۇنىرە يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، تىت-تىت بولغان ھالدا چېچىنى قاماللىدى، ھازىرقى تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ چاچلىرى چۈشۈپ، چاچ كۆچۈرۈش ئورنىغا بېرىشى ھامان بولىدىغان ئىشتەك قىلىدۇ.

تېلېفوننى ئېلىپ ۋاقىتقا قاراپ، سائەت ئالتىدىن ئەللىك سەككىز مىنۇت ئۆتكەنلىكىنى كۆردى.

بۇ يەر بىلەن R رايوننىڭ ھېچقانداق كۆپ ۋاقىت پەرقى يوقلىقىنى ئويلىغان مۇنىرە دەرھال يېڭى ئۆيگە كېلىپ، گۈل-گىياھلارنى سۈرەتكە تارتىپ ئەۋەتتى، بۇنىڭ بىلەن يەنە نادىر ئەپەندى بىلەن مۇڭدىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ!

مۇنىرە بۇ بىر دۆۋە گۈل توغرىسىدا غۇنچەمنىڭ پىكرىگە قۇلاق سالماي، تەشتەكنى پۈتۈنلەي ئالماشتۇرمىدى، ئۇ ئالايىتەن گۈل بازىرىغا بېرىپ، يايمىچىلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىر نەچچە تەشتەك گۈلنىڭ توپىسىنى ئالماشتۇردى، ئاجىزراقلىرىغا ئالدىراپ ھەرىكەت قىلىشقا پېتىنالمىدى، پەقەت يايمىچىلارنىڭ ئۇسۇلى بويىچە كۆڭۈل قويۇپ باقتى، بۈگۈنمۇ كېلىپ، مەخسۇس تەكشۈردى.

مۇنىرە بىر ئايلىنىپ، بىر تەشتەك كەترەن گۈلىنىڭ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى كۆردى.

 گۈل تەشتىكىنى بۇلۇڭغا سۆرەپ ئەكىرىپ  يوشۇرۇپ قويدى، ئاندىن ئۆلەي دەپ قالغان بىر نەچچە تەشتەك گۈلنى ئەڭ چېتىگە سۆرەپ ئاپىرىپ، ئاندىن يانفونىنى كۆتۈرۈپ ھەر تەرەپتىن جانلىق ئۆسۈۋاتقان گۈللەرنى سۈرەتكە تارتتى.

ئاندىن تارتىلغان سۈرەتلەرنى بىرەر قۇر ياساپ، رەڭ تەڭشەپ، نادىرنىڭ ئايرىمخانىسىنى  ئېچىپ،  يوللىدى.

نومۇس قىلىپ، نەچچە كۈندىن ياقى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشمىغانىدى، ھازىر بېشىنى قاتتۇرىدىغان ئىشقا يولۇقۇپ يەنە يۇقىرىغا ئېسىلماقچى بولدى...  مۇنىرە يۈرىكى پوك - پوك بولغاچقا، ئۆزىنى سەل يۈزسىزلىك قىلغاندەك ھېس قىلىپ قالدى.

ئۇ قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، كۈلۈمسىرىگەن چىراي ئىپادىسىنى ئەۋەتتى، ئاندىن يانفونىنى ئىلەڭگۈچكە قويۇپ، بېشىنى ساڭگىلىتىپ دۈم يېتىۋالدى.

نادىر ئەپەندى  چوقۇم بىر قاراپلا بۇ يەردىكى ساختىلىقنى  كۆرەلەيدۇ.

ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن ساقلىدى، لېكىن تېلېفون ئۇنىڭدىن بەكرەك سەۋرچان بولۇپ، ئازراقمۇ شەپە كەلمىدى.

يېرىم سائەتتىن كېيىن، مۇنىرە تېلېفونىنى ئېلىپ، مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزۈپ، ئاۋايلاپ ئاچتى.

نادىر ئەپەندى تېخىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقانمىدۇ.

 مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى نادىرنىڭ قاپىقى تۈرۈلۈپ، گالىستۇكىنى بوشىتىپ، قولىدىكى ھاراقنى ئىتتىردى. قارشى تەرەپ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇپ، خۇلاسە شەكلىدە يەنە بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ، ئاخىرى ئادەمنى قويۇپ بەردى.

نادىر مېھمانخانىغا قايتىپ كېلىپ، ھۆججەت سومكىسىنى ئۈستەلنىڭ بۇلۇڭىغا قويۇپ، مۇنچىغا كىردى.

ھارارىتى مۇۋاپىق بولغان ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇپ، ھارغىنلىق تۇيغۇسى سۇسلاپ، سان-سىپىرلار بىلەن تولغان كاللىسىدا ئاخىرى بوشلۇق پەيدا بولۇپ، يىراقتىكى قىزغا قالدۇرۇپ قويدى.

دېرىزە قەغىزى بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان گەپمۇ؟

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ھېچقانداق ئۇچۇرى كەلمىدى، شۇ كۈنى كەچتە تېلېفوننى قويۇۋەتكەندە شۇنداق كەسكىن بولغان. مانا ئەمدى ئۇچۇرىمۇ يوق.

نادىر  ئۇھسىنىپ قويدى.

راستتىنلا كۆزى كور بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ.

بىر سائەتكە يېقىن ۋاننىغا چىلىنىپ چىققان نادىر مۇنچا كىيىمىنى كىيىپ چېچىنى قۇرۇتتى، سائەت ئون بولاي دېگەنىدى.

 بىر ئىستاكان چاي قۇيۇپ، خاتىرە كومپيۇتېرىنى ئاچتى، ئاندىن قولىنى سوزۇپ ھۆججەت سومكىسىدىكى يانفوننى  ئالدى، كىچىككىنە كۆرسەتكۈچ ئۇچۇرىغا بىر قاراپلا، ئوقۇلمىغان ئۇچۇرنىڭ بارلىقىنى بىلدى.

ئېكران يورۇغاندا، نادىرنىڭ بارمىقى توختاپ، كۆزلىرى ئايرىمخانىنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان ئىسىمغا چۈشۈپ، ئۇزۇنغىچە ئۈن-تىنسىز كۈلۈپ كەتتى.

كارىۋاتتا جىلە بولۇپ ياتقان مۇنىرە نادىر ۋە  خوجايىنى ئەخمەتنىڭ  بارلىق ئەجدادلىرىغا لەنەت ئوقۇپ، ئاخىرى يان تېلېفوننىڭ تىترىگىنىنى ئاڭلاپ، ئىتتىكلا كارىۋات بېشىدىكى ئىشكاپتىكى يان تېلېفوننى ئالدى.

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [گەپ قىلىڭ] دەپ ئۇچۇر قايتۇرغانىدى.

مۇنىرە ئۇنىڭ ئىخچام، مەزمۇنلۇق پوزىتسىيەسىگە پىسەنت قىلماي، بۇ تەرەپتە خېلى ئۇزاق غۇلغۇلا قىلغان كەيپىياتىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتى.

مۇنىرە [ ئۈھۈ... نادىر ئەپەندى، گېپىمنى ئاڭلاڭ، بۈگۈن مۇرات دىرېكتور  ماڭا كۆڭۈل ئىزھار قىلدى! ] دېدى.

نادىر كۆڭلىدە  ئەجەبا بۇ قەۋەت دېرىزە قەغىزى مەۋجۇت ئەمەسمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار دوستمۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلىدى.

مۇنىرە: [ مەن ئەڭ يېقىن دوستۇمدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بولدۇم ] دېدى.

ئۇ راستتىنلا ئازابلاندى.

نادىرنىڭ چىرايى جىددىي تۈسكە كىرىپ،  ئېكرانغا بىر نەچچىنى چەكتى.

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [ سىزنىڭ خاتالىقىڭىزمۇ؟] - دەپ سورىدى.

مۇنىرە بىر ئاز ئويلىنىپ، ئۇنداق ئەمەستەك ھېس قىلدى.

مۇنىرە :[  مەن خاتا قىلمىدىم] دېدى.

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم:  [ئۇنداقتا  نېمىشقا خاتىرجەم بولالمايسىز] - دەپ سورىدى.

مۇنىرە : [ چۈنكى پەزىلىيە ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ئارلىق بارغانچە يىراقلاپ كېتىۋاتىدۇ، بۇرۇنقىدەك يېقىنلىشالمايدىغان بولۇپ قالدۇق.] دېدى.

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [ ئەگەر شۇنداق بولسا، سىز بايا ئەكسىچە گەپ قىلدىڭىز... ئەمەلىيەتتە پەزىلىيە ئەڭ يېقىن دوستىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بولدى ، سىز بۇنداق ئويلىمامسىز... 

 نېمىگە بۇنداق ھودۇقۇپ كېتىسىز... ] دېدى.

توغرا، مەن نېمىگە ئالدىراپ ھودوقۇپ كېتىمەن...  مۇنىرە كەينىدىكى نېپىز يۆلەنچۈكى بار كارىۋاتقا يۆلەندى، ئەمما ئۇمۇ يېقىن دوستىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايدۇ، بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە قاراپ تۇرالمايدۇ.

مۇنىرە : [ مېنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقىدەك ئۆتكۈم بار ] دېدى.

مۇنىرە بۇ گەپنى قىلغاندىن كېيىن ئۇزۇنغىچە جاۋاب قايتمىدى، سىگنال تولۇق بولغان يان تېلېفونىنى كۆتۈرۈپ كارىۋاتتا ئۇياقتىن-بۇياققا دومىلاپ يۈرۈپ، ئاخىرى بىلىكىنى كارىۋاتتىن 50 سانتىمېتىر يىراقلىققا كۆتۈرگەندە جاۋاب ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالدى.

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [ گەرچە سىزنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايتۇرۇپ كېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمىساممۇ، بىراق مېنىڭچە سىزمۇ بۇنداق قىلالمايسىز ] - دېدى.

مۇنىرە چىشىنى غۇچۇرلىتىپ: [ نادىر ئەپەندىنىڭ چەكسىز سېھرىي كۈچى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن] دەپ جاۋاب بەردى.

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [ ئۇنداق بولسا سىز يەنىمۇ تىرىشىپ دوستىڭىز بىلەن ياخشىراق پاراڭلىشىپ بېقىڭ ...  لېكىن بىر نۇقتىنى ئەستە تۇتىشىڭىز كېرەك] دېدى.

مۇنىرە : [نېمىنى؟] دېدى.

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [ بۇ قېتىم دوستىڭىز ئۆزى ھۆكۈم چىقارسۇن ] دېدى.

مۇنىرە چۈشەندى، نادىر بۇ سۆزىدە ئۇنى پەزىلىيەنىڭ قارارىغا بويسۇنۇش ئەمەس، بەلكى پەزىلىيەنىڭ ئىپادىلىگەن پوزىتسىيەسىگە ئاساسەن كەسكىن تاللاش قىلىڭ دېمەكچى.

بىر چاغدا مۇنىرە پەزىلىيەنىڭ ئازراق بولسىمۇ غەيرەتكە كېلىشىنى، ياكى ئۆزىنىڭ ئازراق غەيرەتكە كېلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى.

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم:[ ياراملىقراق بولۇڭ] دېدى. 

يەنە تېپىۋالدى...  مۇنىرە دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ، تاراقلىتىپ بىر قاتار خەت ئۇردى.

[ يىراق ئەلگە چىقىپ مەنىۋى مەدەنىيەت تارقاتقان نادىر ئەپەندىگە ھۆرمەت بىلدۈرىمەن!] دېدى.

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [بۇ يۆنىلىش ئېنىق بولدىمۇ؟] دېدى.

مۇنىرە< ئېنىق بولدى >جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆڭلىدە ئازراق گۇمان پەيدا بولدى، نادىر ئەپەندى نېمە ئۈچۈن بۇنداق سوئال سورايدۇ؟

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [ئۇنداق بولسا يەنە بىر ئىشنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ] - دېدى.

مۇنىرە: [ نېمىنى؟؟؟ ] دېدى.

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [مېنىڭ كەترەن گۈلۈم نەگە كەتتى ] دېدى.

مۇنىرەنىڭ تېلېفوننى تۇتقان قوللىرى تىترەشكە باشلىدى، ئۇ نېمە ئۈچۈن ھەر قېتىملىق ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى تورغا ئاتىدۇ....

ئىككىنچى كۈنى.

مۇنىرە ئوتتەك قىزىق ئاپتاپتا،  كۈنلۈك كۆتۈرۈپ ئون مىنۇتقا يېقىن پىيادە مېڭىپ، پەزىلىيەنىڭ ئۆيى بار كىچىك داچا رايونىنىڭ ئالدىغا كەلدى.

گەرچە ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى ئوخشاش تۈردىكى داچىلار ئىچىدە ئانچە چوڭ ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن ھويلا-ئاراملار ناھايىتى ئۆزگىچە،  ياز كۈنلىرى يەنىلا رەڭگارەڭ گۈللەرگە پۈركەنگەن، بولۇپمۇ تام تۈۋىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قاتار-قاتار كاناي گۈللىرى زىلۋا، چىرايلىق كۆرۈنەتتى.

پەزىلىيەنىڭ ئۆيدىكىلىرى ئەمدىلا مۇشۇنداق چوڭ ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن چاغدا، كىچىككىنە مۇنىرە كۆڭلىدە ھەسەت قىلىپ، <دوستۇم نېمىدېگەن بەختلىك ھە، شۇنچە كۆپ پۇلى بار ئىكەن، چوڭ ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، قانداق ئويۇنچۇق سېتىۋالغۇسى كەلسە شۇنداق ئويۇنچۇق سېتىۋالىدۇ، يەنە تېخى نۇرغۇن چىرايلىق كىيىملىرى بار> دەپ ئويلىغانىدى.

ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئەتىۋارلاپ، نەچچە يىل ئەتراپلىق غەمخورلۇق قىلغاندىن كېيىن، كۆڭلىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلگەن.

مۇنىرە ھوشىنى يىغىپ، ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستى.











 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章