كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم 第10部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
77 | 76 |
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
72-قىسىم
78-قىسىم
گەرچە ئۇلارنىڭ بىلىدىغانلىرى بەك كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار تېخى ئەمدىلا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان، ئاران يەتتە ياشقا كىرگەن بىر بالىنىڭ قەلبىنى قاراڭغۇ دەپ ئويلىيالىغۇدەك دەرىجىگە يەتمىدى.
دارىلئېتامدىكى باشقا بالىلارمۇ ئۇلاردىن پەرقلەنمەيدۇ.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق ھېس قىلىشىدۇ.
لېكىن زادى ئوخشىمايتتى.
سەبىرە ھەمىشە ئۆزى يالغۇز بۇلۇڭدا ئولتۇراتتى، دەرس ۋاقتىدا جىمىغۇر، ياۋاش بولاتتى، دەرستىن چۈشكەندىمۇ شۇنداق، ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ، باشقا كىچىك دوستلارنىڭ خۇشال ھالدا ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرەتتى، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەيدۇ.
يۈرەكتە داۋالغۇش بولمىسا، خۇددى بىر پارچە ئۆلۈك كۆلگە ئوخشاپ قالاتتى.
بەلكىم سەبىرە ئۆزىنى ئۇلارغا بەك ئوخشايمەن دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن، ياكى بولمىسا چىدىيالمىغان بولۇشى مۇمكىن، ۋە ياكى ئەنسەرگە بولغان قىزىقىشى قويۇقلاشقان بولۇشى مۇمكىن.
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەنسەرنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بىر ئادەم كۆپەيدى.
شۇ چاغدىن باشلاپ، ھازىرغىچە ... سەبىرە ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىن ئورۇن ئالدى.
ئىناق ئۆتۈش جەريانىدا، سەبىرەنىڭ ساددا قىز ئىكەنلىكىنى بىلدى، گەپ قىلغاندا مۇلايىم، باشقىلارغا ئەستايىدىل ھەم سەمىمىي مۇئامىلە قىلاتتى، ھەتتا كېيىنكى بىر نەچچە يىللىق ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، ئۇ ئازراقمۇ ئۆزگىرىپ باقمىدى، قارىماققا مۇلايىم ھەم ئاجىز كۆرۈنسىمۇ، لېكىن قەيسەر ھەم جاھىل تەرىپى بار ئىدى.
قارىماققا ئاجىز بىر ئادەم ھەر ۋاقىت قوغداشقا موھتاج بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا جاھىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىياتتى، باشقىلارنىڭ قوغدىشىغا موھتاج بولمايلا قالماستىن، ھەتتا باشقىلارنى قوغدىيالايتتى.
بۇنداق قىزلار ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ ئاسانلا ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلەيدۇ.
مۇلايىم، ئەستايىدىل، ساددا، ئاق كۆڭۈل، باتۇر، جاھىل ھەم قەيسەر.
ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئادەملەر ئۇنىڭ ئۆسۈپ چىقىۋاتقان قاپقارا چاچلىرىغا ئوخشاش كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى.
ھىم، قىز بالىغا دەرۋەقە ئۇزۇن چاچ يارىشىدىكەن.
دىلنار كىچىكىدىن ئۆزى بەك چىرايلىق، لېكىن مىجەزى بەك سوغۇققان. شۇڭا باشقىلار ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلاشمايتى.
باشتىن-ئاخىر ئۇنىڭ يېنىدا پەقەت ئەنسەرلا قالدى.
ئۇمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلمىدى.
پەقەت كېيىن تۇيۇقسىز يالغۇزلۇقنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلغان ۋاقتىدا، بەزى ئىشلارنىڭ مۇقىملىشىپ بولغانلىقىنى بايقىدى.
ئەنسەر ئاساسىي دەرسلەرنى ئۆگىنىشتىن باشقا، يەنە دەرسلىك كىتابتىن خېلىلا چوڭقۇر مەزمۇنلارنىمۇ ئۆگىنەتتى، بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشقا كۆپ ۋاقىتى چىقماس بولدى.
ھەمراھ بولۇش؟
ئۇ ئىلگىرى ئەنسەرنىڭ يېنىدا ھەمراھ بولغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
پەقەت قاچاندىن باشلانغانلىقى ئېسىدە يوق، ئەنسەرنىڭ ۋاقتى سەبىرەگە چېچىلىپ كەتكەندەك قىلاتتى.
ئۇلار ئەتىگەنلىك، چۈشلۈك، كەچلىك تاماقنى بىللە يەيدىغان ۋاقىتتىن باشلىنىپتۇ.
ئەنسەر بىلەن دەرس ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىشتا ئاندا-ساندا ئۇچرىشىپ قالغاندىن باشلاپ، سەبىرە ئىككىيلەن گۈللۈكنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا بىللە ئولتۇراتتى.
ئۇلارنىڭ بىرى گۈرجەك بىلەن ئورەك كورلىسا، يەنە بىرى ئېھتىيات بىلەن گۈلسامساق ئۇرۇقىنى ئورەككە سالاتتى.
دىلنارمۇ باشتا باشقىچە ھېس قىلمىدى.
پەقەت، سەبىرە كۆزىگە سىغماي قالدى.
ئاندىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ھەمىشە بىلىپ-بىلمەي سەبىرەگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىكەن ياكى دۈشمەنلىك قىلىدىغان بولۇپ قالدى.
دارىلئېتامدىكى باشقا كىشىلەرمۇ بۇنى كۆرۈپ، ئاستىرتىن قالايمىقان گەپ قىلدى، ئۇمۇ ئالاھىدە ھېچنېمىگە رەددىيە بەرمىدى.
چۈنكى ئۇ ئۆزىمۇ بۇنىڭ ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
ئۇنداقتا زادى قاچاندىن باشلاندى؟
بەلكىم شۇ ۋاقىتتىن باشلانغان بولۇشى مۇمكىن، شۇ يىلى گۈللۈكتىكى گۈلسامساق ئادەتتىن تاشقىرى چىرايلىق ئېچىلىپ كەتكەنىدى، بىللە ئولتۇرغان ئىككى سايىمۇ ناھايىتى گۈزەل كۆرۈنەتتى.
ئاندىن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن سەھەردە، سىرتقا چىققاندا گۈللۈكتىكى گۈلسامساقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىدى.
ئۇ ئەمدى قايسى نەرسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقىدى.
گۈللۈكتىكى رەڭگارەڭ گۈللەر، پۈتكۈل دارىلئېتامىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەنزىرە ئىدى.
ھازىر گۈل بەرگىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نابۇت بوپتۇ، گۈل بەرگىلىرى يەرگە تۆكۈلۈپلا قالماي، يوپۇرماقلىرى دەسسىلىپ ، گۈل غوللىرىمۇ سۇنۇپ كەتكەنىدى.
بۇنداق ئىش ئادەتتە دارىلئېتامدا كىچىك ئىش ھېسابلانمايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىلمىشى ھەقىقەتەن قەبىھ ئىدى.
دارىلئېتام باشلىقى بۇ ئىشنى تەكشۈردى.
بۇ پەقەت ئاددىي قىلمىش بولۇپلا قالماي، دۈشمەنلىك بىلەن تولغان، ئادەمنى تېپىپ چىقىپ، ۋاقتىدا تەربىيە قىلىپ، كېيىن ئەگرى يولدا مېڭىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
- دىلنار قىلدى! ئەينى چاغدا ئۇرۇق سېلىپ نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، ئۇنىڭ گۈللۈكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ نېمىلەرنىدۇر ئويلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدىم، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ قولىدا گۈرجەك بار ئىدى.
- مەنمۇ كۆرگەن، گۈل مايسىلىرى ئۆسۈپ چىققاندىن كېيىنمۇ، بىر كۈنى ئەتىگەندە ئۇنىڭ گۈرجەكنى ئېلىپ گۈللۈكتە گۈل مايسىلىرىنى ئوتاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
- مەن يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭ گۈللۈككە تىكىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆپ قېتىم كۆردۈم، ئۇنىڭ كۆزلىرى بەك قورقۇنچلۇق، خۇددى... خۇددى كىچىك سەبىرەگە قارىغاندىكى كۆزلىرىگە ئوخشايدۇ.
- ئۇ كىچىك سەبىرەنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ھەممىمىزگە مەلۇم، گۈلسامساقنى ئېنىقلا كىچىك سەبىرە تېرىغان، شۇڭا چوقۇم دىلنار گۈللەرنى ۋەيران قىلدى...
بالىلار ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ئۇنى قىلدى دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى.
ئۇمۇ پەقەتلا كۈلۈپلا قويدى.
سەبىرە ئۇرۇق سالغاندا، بىر ئورەككە بىر تاللا ئۇرۇق سالغان بولغاچقا، مايسا ئۈنۈپ چىقىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى، ئۇ پەقەت بىر نەچچە تال ئۇرۇقنى ئارتۇق تولۇقلاپ قويدى خالاس.
گۈل مايسىلىرى ئۆسۈپ، بىر نەچچە تۈپ مايسا بىر يەرگە يىغىلىپ بەك زىچ بولۇپ كەتكەنلىكتىن، ئۇ ئېشىپ قالغان مايسىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈشى ئۈچۈن، ئارتۇق مايسىلارنى ئېلىۋېتىپ شالاڭلىتىپ قويغان.
كۆپچىلىك گۈل بېقىشتىكى بۇ ساۋاتلارنى چۈشەنمەي، ئەكسىچە ئۇنى بۇزغۇنچىلىك قىلدى دەپ تۇرۇۋالدى، ئۇلارنىڭ نادانلىقى ئۇنى تېخىمۇ ئامالسىز ۋە كۈلكىلىك ھېس قىلدۇردى.
سەبىرە ھېچنېمە دېمىدى، پەقەت گۈللۈكنىڭ يېنىدا ھەسرەت بىلەن زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، يەرگە چۈشۈپ كەتكەن گۈل بەرگىلىرىنى بىر-بىرلەپ تېرىپ، كۆز يېشى قىلدى.
سەبىرەنىڭ كۆز يېشى، ئۇنىڭغا تىكىلگەن كۆزلەرنى تېخىمۇ نارازىلىق پەيدا قىلدى.
لېكىن، كۆپچىلىكنىڭ كۆزلىرىگە سەبىيلىك ۋە نادانلىق ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئارتۇقچە پەرۋا قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.
- سەبىرەنى ياخشى كۆرۈش ياكى بىزار بولۇش توغرىسىدا سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، دېيىلگەن مەقسەت - مۇددىئا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، مەن ئەمەس. - دېدى دىلنار.
دارىلئېتام باشلىقىمۇ تەبىئىي ھالدا بىر نەچچە بالىنىڭ گېپى بىلەن دىلنارنى بىۋاسىتە ئەيىبلىمىدى، ئەكسىچە سەبىرە ئاددىي بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا قايىل بولدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ گۈلسامساقنىڭ ھازىرقىدەك ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ كۆپ قىسىم تۆھپىنىڭ يەنىلا دىلنارنىڭ تۆھپىسى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.
بۇ ئىش ۋاقتىنچە تۈگىگەندىن كېيىن، دىرىلئېتام باشلىقى بۇ ئىشنى داۋاملىق تەكشۈردى، ئاخىرىدا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئادەمنى تاپالىدىمۇ-يوق بىلمىدى، خۇپىيانە تەربىيە ئىشلىدى.
ئەنسەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان گۈللۈككە بېرىپ باقمىغان بولۇپ، بۇ ئىشقا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغاندەك قىلاتتى.
پەقەت ئەتىسى چۈشتىن كېيىنكى قول ھۈنەر دەرسىدە، ئۇ ناھايىتى تەستە پەيدا بولدى.
ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا پەيدا بولغاچقا، سەبىرە باشقىلار بىلەن ئولتۇرۇپ بولغانىدى. دىلنار ئۆزى يالغۇز بىر ئۇزۇن ئۈستەلنى ئىگىلىۋالغان.شۇڭا ئەنسەر تەبىئىيلا ئۇنىڭ بىلەن بىر گۇرۇپپا بولۇپ قالدى.
دىلنار قولىدىكى رەڭلىك قەغەزنى قاتلىدى، ئەنسەرنى كۆرگەندە پوزىتسىيەسىمۇ تەبىئىي بولۇپ:
- كەم دىدار بولۇپ كەتتىڭىز... - دېدى.
ئەنسەر قولىغا ئېلىۋالغان بىر نەچچە كىتابنى ئۈستەلگە قويدى، شۇنچە كىچىك تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇشقا ئائىت كىتابلارنى كۆتۈرۋالغانىدى، دەسلەپتە دىلنارنىڭمۇ بېشى ئاغرىدى، لېكىن كېيىن كۆنۈپ قالدى.
ئۇ مۇنداقلا قاراپ قويۇپ، يېنىكلىك بىلەن:
- بۇ بىر نەچچە كىتابنى كۆرۈپ بولغانغۇ ... - دېدى.
ئەنسەر گەپ قىلماي، كىتابنى قولىغا ئېلىپ، بىرنەچچە قېتىم سىلكىدى، كىتابتىن پارچە-پارچە رەڭگارەڭ نەرسىلەر لەيلەپ چۈشتى.
بىر قانچە كىتابنى قاققاندىن كېيىن، دىلنار ئۈستەلنى قاپلىغان رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ بەرگىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆردى.
كىتاب ئارىسىغا قىستۇرۇلۇپ تەكشىلىنىپ، رەڭگىمۇ ئوچۇق قېنىقلىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
كۆڭلى تۇيۇقسىز غەش بولۇپ قالدى.
بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدى، كۆزلىرى نۇرسىز، لەۋلىرى سەل كۆتۈرۈلۈپ، پەرۋاسىز قىياپەتتە:
- ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇ گۈل بەرگىلىرىنى سەبىرە تەرگەن، - دېدى.
ئەنسەر ئۇنىڭغا سۇسقىنە قاراپ قويۇپ، ئۈستەلنىڭ يېنىدا تۇردى، بويى ئۈستەلدىن ئانچە ئېگىزمۇ ئەمەس ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆزى قارىماققا بەك كۆپ نەرسىنى يوشۇرغاندەك كۆرۈنەتتى، بۇ چاغدا خۇددى يۈزىگە بىر قەۋەت قىرو سۈركەپ قويغاندەك سوغۇق ئىدى.
- سىز بۇلارغا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيدىغاندەك قىلىسىز. - دېدى ئەنسەر.
دىلنار گۈل بەرگىگە بىر قاراپ قويۇپ، يېنىك كۈلۈپ:
- سىزنىڭچە مەن ئۇلارغا قانداق قارىسام بولاتتى؟ - دەپ سورىدى.
ئەنسەر ئۇنىڭغا بىر نەچچە سېكۇنت تىكىلىپ قاراپ:
- دەرۋەقە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سەبىرە تېرىپ كەلگەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىر كۈن يىغلىدى. - دېدى.
دىلنار بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، رەڭلىك قەغەزنىڭ ئارتۇق قىرلىرىنى قول بىلەن يىرتىۋېتىپ:
- شۇڭا مەنمۇ يىغلىشىم كېرەكمۇ؟ - دېدى.
- ھازىر قارىماققا ناھايىتى خۇشالدەك كۆرۈنىسىز. - دېدى ئەنسەر.
دىلنار ئەنسەر بىلەن پاراڭلىشىش ئۇسۇلىغا كۆنۈپ كەتكەندەك قىلاتتى.
ئۇلار بىر-بىرى بىلەن مەڭگۈ گەپنى بەك ئوچۇق-ئاشكارا قىلمايدۇ، لېكىن ھەمىشە بىر-بىرىنىڭ نېمىنى ئىپادىلىمەكچى ئىكەنلىكىنى ئاسانلا چۈشىنەلەيدۇ.
دىلنارنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇپ، نەپەس ئالالمىغاندەك قىينىلىپ:
- مېنىڭ خۇشال بولۇشقا سالاھىيىتىم توشمامدۇ؟ - دېدى.
ئاندىن بىر سېكۇنت تۇرۇۋېلىپ:
- سىزنىڭچە بۇ نەرسىلەرنى مەن قىلدىممۇ؟ - دېدى.
ئەنسەر قولىنى كۆتۈرۈپ گۈل بەرگى ئۈستىگە سىزىق سىزىپ:
- مېنىڭ ئۇنداق غەزىرىم يوق دېمىگەنمىدىڭىز؟ - دېدى.
دىلنار تۇيۇقسىز قېتىپ قالدى، يۈرىكى پوك-پوك بولدى.
غەزىرىم يوق؟ بەلكىم باردۇ، يوشۇرۇنچە ، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن.
ئۇ ھەقىقەتەن سەبىرەنى ياقتۇرىمەن دېيەلمەيدۇ، تېرىغان گۈلسامساقمۇ ھەقىقەتەن كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.
سەۋەبى...
ئۇ تېخى بۇنىڭ سەۋەبىنى دەپ بېرەلمەيدۇ....
بىر ئوي قەلبىنىڭ مەلۇم يېرىدە يىلتىز تارتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋېلىپ، بۇ مەسىلىدىن بىۋاسىتە ئۆتۈپ كەتتى.
- شۇنداق، مېنىڭ ئۇنداق قىلىدىغان غەرىزىم يوق، نېمىشقا مەندىن گۇمانلىنىسىز؟ - دەپ سورىدى دىلنار.
ئەنسەر سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ:
- بىر ئادەم كۆزىڭىزگە سىغمىسا، ئۇنى قىيناپ قويۇشنىڭ سەۋەبى بولامدۇ؟ - دېدى.
دىلنار ئاچچىقىدا كۈلۈپ كەتتى، بىراق دېگىنىمۇ توغرا.
كۆزىگە سىغماسلىق ئەڭ چوڭ سەۋەب.
لېكىن ...
- ئۇ نېمىشقا كۆزۈمگە سىغمىغۇدەك؟ - دېدى دىلنار.
ئەنسەر ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ:
- مەندىن سوراۋاتامسىز؟ - دېدى.
دىلنار لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
- شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ پەقەت ئېھتىماللىق مەسىلىسى، سەبىرە كۆزىگە سىغمايدىغانلار كۆپ تۇرسا، سىز نېمىشقا مېنى قىلدى دەپ قارايسىز؟ - دېدى.
ئەنسەر بىر پارچە يېشىل رەڭلىك قەغەزنى چىقىرىپ، گۈل بەرگىلىرىنى يېلىم بىلەن چاپلىدى، ئۇنىڭ ئاشۇ گۈل بەرگىلىرى بىلەن گۈلسامساقنى قايتىدىن قۇراشتۇرۇۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى.
دىلنار سوغۇق نەزەردە ئۇنىڭغا قارىدى.
……
ئاشۇ سائەتلىك قول ھۈنەر دەرسىدە، دىلنار ھېچنېمە ياساپ چىقالمىدى، ئۈستەل ئۈستىدە بىر دۆۋە كېرەكسىز قەغەزلا قالدى.
ئەنسەر سەۋرچانلىق بىلەن گۈل بەرگىلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، بىر دەستە رەڭگارەڭ گۈلسامساق گۈللىرىنى رەڭلىك قەغەزگە ئوراپ، سەبىرەگە سوۋغا قىلدى.
- قايتىپ بېرىپ ئۇلارنى ھىم ئېتىلگەن بوتۇلكىغا سېلىپ قويۇڭ، قانچىلىك ۋاقىت ساقلىغىڭىز كەلسە شۇنچىلىك ۋاقىت ساقلىيالايسىز. - دېدى ئەنسەر.
گەرچە تەلەپپۇزى يەنىلا سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا مۇلايىم بولۇپ كەتتى.
سەبىرەنىڭ كۆزلىرىدە خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، ھەم ھەيران قالدى ھەم مىننەتدار بولۇپ:
- بەك چىرايلىقكەن، رەھمەت سىزگە. - دېدى.
ئەنسەر بېشىنى لىڭشىتتى، لەۋلىرىدە سۇس تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.
يېشى بەك كىچىك بولغاچقا، دىلنار يۈرىكىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاغرىيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.
ئەينى چاغدا ئەنسەرنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلىكىدىن ئۇۋالچىلىق ھېس قىلغانىدى.
ئۇنىڭ كۆڭلى-كۆكسى تار بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلىدىمۇ؟
ھى...
ئەمما ئۆزىنى ناھايىتى پاك دەپ قارايدۇ.
ئەنسەرنىڭ نەزىرىدە شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئەنسەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى قالمىدى.
ئۇمۇ بۇنداق كۆزى قارىغۇ، كۆڭلى قارىغۇ ئادەم بىلەن دوست بولۇشىغا موھتاج ئەمەس.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar