كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم 第10部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
68 | 67 | 66 | ||
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
69-قىسىم
69-قىسىم
دىلنار مۇلايىملىق بىلەن كۈلۈپ قويۇپ:
- بىلىمەن، بىراق ھازىر، مەن ئۆزۈمنى ھەقىقىي قويۇپ بېرىشكە ئامالسىز... ئەپۇ قىلىشتىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ... - دېدى.
ئېنىقكى دىلنار بۇ يەردە ئەپۇ قىلىش دەپ ئەنسەرنى دەۋاتقاندەك قىلاتتى.
- ئۇنداق بولسا ئۇنى بىر ئۆمۈر كەچۈرمەي، قالغان ئۆمرىڭىزنى خورىتامسىز، ئۇ بىر ئۆمرىنى سەرپ قىلىپ قايتۇرۇپ بەرسۇنمۇ؟ - دېدى رەنا.
دىلنار بېشىنى چايقاپ:
ـ ئوخشىمايدۇ ... - دېدى.
ـ بۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە يەنە تارتىشقانلىقىڭىزنىڭ ئىپادىسى. ئۇنىڭ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا قانچىلىك كەمتەر، ئېھتىياتچان ئىكەنلىكىنى كۆرۈشكە كۆزىڭىز قىيمايدۇ، لېكىن ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل ئەپۇ قىلىشىڭىزغا يېتەرلىك سەۋەبمۇ يوق دەپ قارايسىز. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، كۆڭلىڭىزدە، ئۇنى ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىسىز. ئۇنىڭغا كۆڭلىڭىز بار، ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولسا ئىچىڭىز ئاغرىيدۇ، - دېدى رەنا.
دىلنار كۆزىنى يۇمۇپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ:
ـ شۇنداق بولسا كېرەك... مەن بەزىدە ئويلاپ قالىمەن... ئەگەر ئۇ باشقىلارنى ياخشى كۆرۈپ قالسا قانداق ياخشى بولاتتى دەپ... - دېدى .
ھازىرقى بۇ ئەھۋالغا سېلىشتۇرغاندا، دىلنار ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشنى، تېخىمۇ ئاسان دەپ ئويلايدۇ!
رەنا بېشىنى چايقىدى، ئۇ قىزىنىڭ گاڭگىراپ قالغانلىقىنى بىلەتتى، لېكىن، ھېسسىيات ئىشىدا، ئۇ قانداقمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن قارار چىقىرىپ بېرەلىسۇن؟
ھەممە ئىشتا، ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە بويسۇنۇشى كېرەك.
دىلنار يېنىك ئۇھ تارتىپ قويۇپ، نەزىرىنى يەنە بالىلارغا قاراتتى.
نەتىجىدە، بوۋاقنىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى كۆردى، ئەمما يەنىلا جىمجىت ياتاتتى، يىراقتىن ئۇنىڭغا قارىغاندەكمۇ قىلاتتى، يەنە بىر قارىسا ئۇنداق ئەمەستەكمۇ قىلاتتى.
ئەمما بالىنىڭ كۆزلىرىدە ھېچقانداق ھېسسىيات ئىپادىسى يوق بولۇپ، بۇ تەرىپى ئىليارغا بەك ئوخشايتتى.
ئۇ تۇرۇپ قېلىپ، بالىنىڭ كۆزىنىڭ يەنە باشقا يەرگە يۆتكەلگەنلىكىنى كۆردى.
ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ساندۇقنىڭ سىرتقى بەلگە نومۇرىغا قاراپ، ئۇنىڭ ئاكىسى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.
ئالدىغا ئىككى قەدەم مېڭىپ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى.
رەنامۇ كۆرگەندەك بولدى، ئىختىيارسىز چۆچۈپ:
ـ ئۇ ئويغاندى ... - دېدى.
ئويغانسىمۇ شۇنداق جىمجىت، ھەقىقەتەن تۇغۇلۇشىدا سوغۇققان كۆرۈنەتتى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشۇ كۆزلىرى ئىليارنىڭكى بىلەن بىر قېلىپتىن چىققاندەكلا ئوخشايتتى.
دىلنار ئېڭىشىپ، قولىنى سوزۇپ ئاۋايلاپ كۆتۈردى.
بالا يەنىلا بەك كىچىك بولغاچقا، كۆزلىرى يۇمۇلۇپ قالغانىدى، كىچىككىنە يۆگەكنىڭ ئىچىدە بېشىنى يېنىك سىلكىدى، كىچىك قوللىرى يەنىلا تۈگۈلگەن ھالەتتە بولۇپ، بىلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەتتا يۆگەكنىڭ سىرتىغىمۇ يەتمەيتتى.
كىچىك بىچارە.
گەرچە ھازىر بەك يۈز بەرمىگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن بايا ھەقىقەتەن كۆزىنى ئاچتى.
رەنا تېخىچە تاتلىق ئۇخلاۋاتقان چوڭ ئەۋرە قىزىغا قاراپ، ئاندىن دىلنارنىڭ قۇچىقىدىكى ئوغۇل ئەۋرىسىگە قاراپ قويدى.
كۆتۈرۈپ بېقىشقا ئالدىرىدى.
دىلنار بۇنى كۆرۈپ، بالىنى يەڭگىل ھالدا ئۇنىڭ قۇچىقىغا قويدى.
رەنامۇ ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن كۆتۈردى، بوۋاق يەنىلا يىغلىمىدى.
ـ گەرچە مەن نۇرغۇن قېتىم ئېيتقان بولساممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئۇنىڭ بەك چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتماي تۇرالمىدىم. ئۇنىڭغا ئىسىم قويدىڭلارمۇ؟ - دەپ سورىدى.
دىلنار بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ:
ـ بۇنى بىلمەيمەن، بىردەمدىن كېيىن دىلارەدىن سوراپ باقسام بولىدۇ. - دېدى.
- ئۇنداقتا ئاۋۋال كىچىك ئىسىم قويۇش كېرەكتۇ؟ - دېدى رەنا.
ـ سەل ساقلاپ تۇرۇڭلار!
ئىشىك ئالدىدا تۇيۇقسىز موماينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
ـ بالىنىڭ ئىسمى توغرىسىدا، بىز ياخشىراق مەسلىھەتلىشەيلى... - دېدى.
رەنا دىلنارغا بىر قاراپ قويۇپ، ئامالسىز كۈلۈپ قويدى.
قوشكېزەكنىڭ ئاكىسى كۆزىنى ئاچقانلىقى ئۈچۈن نەق مەيداندىكى بىر قانچە ئادەم ئۇنى نۆۋەتلىشىپ كۆتۈردى.
بىردەمدىن كېيىن، سىڭلىسىدىن نازۇك يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى.
شۇ تاپتا موماينىڭ قۇچىقىدا تۇرغان ئاكىسى يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يەنە كۆزىنى ئاچتى، كىچىك بېشىنى مىدىرلىتىپ بىر نەرسە ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى.
دىلنار ئېڭىشىپ ئۇنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ پەس ئاۋازدا بەزلىدى.
ئاكىسى سىڭلىسىنىڭ يىغا ئاۋازىنىڭ بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ھېچكىمنى كۆرەلمىسىمۇ، قېشىنى مىدىرلىتىپ يىغلاپ كەتتى.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ھەرقانداق كەيپىياتنى يىغا ئاۋازى بىلەنلا ئىپادىلەيدۇ.
قوشكېزەكلەر بۇنداق غەلۋە قىلىپ، بىر نەچچەيلەن بىر ئاز پايپېتەك بولۇپ كېتىشتى.
ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى بالا ئايرىم-ئايرىم ھالدا رەنا ۋە موماينىڭ قولىغا كەلدى، ئىككىيلەن يەنىلا سوغۇققان بولدى، بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن سىڭلىسىنىڭ يىغىسى توختىدى.
شۇندىن كېيىن ئاكىسىنىڭ يىغىسىمۇ بارا-بارا پەسەيدى.
بىر نەچچەيلەن ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويۇپ:
- بۇنىڭدىن كېيىن ئۆي قىزىپ كېتىدىغان بولدى. - دېيىشتى.
موماي خۇشال ھالدا بېشىنى لىڭشىتىپ:
ـ شۇنداق، شۇنداق، قىزىپ كېتىدىغان بولدى، ۋاييەي، قاراڭ، بىزنىڭ دىلارە نېمە دېگەن ياخشى، بىردەمدىلا ماڭا ئىككى چىرايلىق ئەۋرە تۇغۇپ بەردى! مەن راستتىنلا ئالدىنقى ئۆمرۈمدە قانداق ياخشى ئىش قىلغانلىقىمنى بىلمەيمەن ھا ھا ھا ... - دېدى موماي.
مۇماي بۇ گەپنى قىلغاندا يېنىدىكى بوۋاي لېۋىنى چىڭ يۇمۇپ قويدى، چىرايىمۇ تەبىئىي بولمىدى.
ھازىر ئۇ بۇ ئىككى ئەۋرىسىنى كۆرۈپ، ئەمەلىيەتتە پەرغانەنى كۆرگەندىن باشلاپ، تۇيۇقسىز بۇرۇنقى بىر قىسىم جاھىللىقنىڭ ئانچە مۇھىم ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغانىدى.
ھەممىسى يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئادەملەر، ئۇ بۇ ئۆمرىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، ئائىلىسىنىڭ ئۇلىنى ساقلاپ قالدى، شۇنداقلا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئەۋلادلىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى، بۇنىڭدىن كېيىن شىركەت ياخشى-يامان بولسۇن،ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تاللىشى. بوۋاي كۆزىنى يۇمۇپ، ھېچنېمە دېمىدى.
ئادەمنىڭ ئۆمرى مۇشۇنچىلىكلا تۇرسا، كېيىنكى نەچچە ئون يىل ھەتتا نەچچە يۈز يىللىق ئىشلاردىن ئەندىشە قىلىپ نېمە قىلىدۇ؟
ئۇ ھازىر پۈتۈن زېھنىنى ئەۋرىسىگە قارىتىشنى ئويلىدى.
قانداق قىلغاندا ئۇلارنى ساغلام، خۇشال-خۇرام چوڭ قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاش ئەڭ مۇھىم.
بۇ چاغدا گۈلباھار ئالدىغا ئۆتۈپ نەۋرىلىرىنى قولىغا ئېلىپ ھاياجاندىن كۆزلىرىگە ياش كەلدى.
ياتاقتا، ئىليار باشتىن-ئاخىر دىلارەنىڭ كارىۋىتىنىڭ يېنىدا ھەمراھ بولدى. بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدى.
دىلارە كارىۋاتتا جىمجىت يېتىپ ئۇخلاپ قالدى، چىرايى بۇرۇنقىدەكلا تاتىرىپ تۇراتتى.
ئىليار بۇ ئۆمرىدە كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىنى، يەنە دىلارەنىڭ ھازىرقى جانسىز چىرايىنى ئۇنتۇپ كېتەلمەيدۇ.
سېسترا ئىككىنچى قېتىم ياتاققا كىرىپ دىلارەنىڭ دورىسىنى ئالماشتۇردى، ئىليارنى كۆرۈپ، ھەم ھەۋەس قىلدى ھەم تەسىرلەندى.
ئۇ تۇغۇت ئۆيىدىن چىققاندىن تارتىپ ئايالىنىڭ يېنىدا تۇردى، قوشكېزەك بوۋاقلىرىغا ھازىرغىچە قاراپمۇ قويمىدى.
ئىككىنچى كۈنى سەھەردە، دىلارە ئويغاندى.
ھەشەمەتلىك ياتاقنى كۆرۈپ، بىر ئاز ھاڭۋىقىپ قالدى.
تاكى يېنىك ھەرىكەت قىلغاندا، ئاستىدىن ئاغرىق كەلگەندە، تۇيۇقسىز ئېسىگە كەلدى.
ئۇ قولىنى سوزۇپ قورسىقىنى سىيلىدى، ئەسلىمىسى ئۇنىڭ ۋەھىمىسىنى ئاستا-ئاستا باستى.
تۈنۈگۈن ئاخشام ئۇ يەڭگىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاكا-سىڭىل، ئىككىلىسى ناھايىتى ساغلام ھەم چىرايلىق.
پېشانىسىگە ئىللىق قول يېپىلغاندىن كېيىن، كۆزىنى بۇراپ، ئۆزىگە مۇلايىملىق بىلەن قاراۋاتقان ئىليارنى كۆردى.
يېنىك كۈلۈپ تۇرۇپ:
ـ بالىلارچۇ؟ - دەپ سورىدى.
- ئۇلار ناھايىتى ياخشى، ئاۋۋال شورپا ئىچىۋېلىڭ، مەن بىردەمدىن كېيىن ئۇلارنى ئەكىلىمەن. - دېدى.
دىلارە ئېغىز ئېچىپ رەت قىلماقچى بولدى، ئەمما ئىليار ئۇنىڭ گېپىنى ئالدىن بۆلۈۋېتىپ:
ـ ئىككىسى، 14 جىڭغا يېقىن كېلىدۇ، ئۇلارنى كۆتۈرگۈدەك كۈچىڭىز بارمۇ؟ - دېدى.
دىلارە ئىليارنىڭ چىرايىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، رەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي، مەخسۇس ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان دوختۇر-سېسترالارنىڭ شورپا ئەكېلىپ بېرىشىنى كۈتتى.
ئىليار شورپىنى ئېلىپ، ئۆز قولى بىلەن ئىچكۈزدى.
شورپىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئىليار ئۇنىڭغا قاراپ:
ـ تويدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
دىلارە ئارقا-ئارقىدىن بېشىنى لىڭشىتىپ:
ـ تويدۇم، - دېدى.
قاچىنى بىر ياققا قويۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ:
ـ ئارتۇقچە سوراپتىمەن، - دېدى.
ھازىر پەقەت بالىنى كۆرۈشنىلا ئويلاپ، بەلكىم سۇ ئىچسىمۇ تويدۇم دېيىشى مۇمكىن.
دىلارە كۈلۈپ قويۇپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتقىنىچە ئۇنىڭغا ئۈمىد بىلەن قارىدى.
- ئىليار... بالىلارنى... كۆرگۈم بار... - دېدى دىلارە.
ئىليار ئۇنىڭ قاشلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، بىچارە قاراپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ كۆڭلى بىر ئاز يېرىم بولۇپ قالدى.
ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە ئىليار قانداقمۇ چىدىيالىسۇن؟ لېۋىنى چىڭ يۇمۇپ يېنىدىكى ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىغا قاراپ قويدى.
ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتىپ بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى.
دىلارە ئىچ - ئىچىدىن خۇشال بولدى.
تاقەتسىزلىك بىلەن ئىليارنىڭ قولىنى تۇتۇپ:
ـــ بالىلار سىزگە ئوخشامدىكەن؟ ياكى ماڭا كۆپرەك ئوخشامدىكەن؟ - دەپ سورىدى.
ئىليار قايتىدىن ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ:
- دوختۇرنىڭ دېيىشىچە بەك چىرايلىق ئىكەن چوقۇم سىزگە ئوخشايدۇ. - دېدى.
دىلارە كۆزىنى چىمچىقلىتىپ قويۇپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ قالدى.
ئىليار ئەمدى ئازراق كۆتۈرۈلۈپ دىلارەنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ :
ـــ جاپا چەكتىڭىز، - دېدى پەس ئاۋازدا.
دىلارە ئاستا لېۋىنى مىدىرلىتىپ:
ـــ ئۇلارغا ئىگە بولۇشتىنمۇ ئارتۇق بەخت يوق.- دېدى.
ئىليار ئۇنىڭ لېۋىنى يېنىك بىرنى چىشلەپ، قىيدىغانلىقىنى روشەن ئىپادىلىدى.
دىلارە پەس ئاۋازدا ۋايجانلاپ كۆڭلىدە ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرىقى چېلىندى.
ـــ سىز پەقەت مېنىڭ. - ئىليارنىڭ پەس ئاۋازى زومىگەرلىككە تولغان بولۇپ تەھدىت ئىچىدە يەنە ئازراق ئۇۋالچىلىق چىقىپ تۇراتتى.
بۇ گەپلەرنى دېسىمۇ پەقەت ئۆزى بىر ئادەملا ئىشىنىدىغانلىقى ئۆزىگىمۇ ئايان.
لېكىن يەنىلا نىيىتىدىن يانمىدى.
دىلارەنىڭ قەلبى ئىللىپ ئىليارنىڭ نازۇك كەيپىيات ئۆزگىرىشىنى ئېنىق ھېس قىلىپ، ئاستا بېشىنى لىڭشىتىپ:
ـــ بۇنى بىلىمەن. - دېدى.
ئىليار كۈتمىگەن جاۋابقا ئېرىشىپ، قاشلىرىنىڭ ئۇچى ئازراق يىمىرىلىپ، مەمنۇنلۇق كۈلكىسى پەيدا بولدى ئەمما كېيىنكى بىر سېكۇنتتا دىلارە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
- بالىلارمۇ، مەنمۇ سىزنىڭ شۇڭا مەن بالىلار بىلەن سىزنى ئوخشاش ياخشى كۆرسەم بولىدۇ شۇنداقمۇ؟ - دېدى.
ئىليارنىڭ ئەمدىلا باشلانغان كۈلكىسى تۇيۇقسىز توختاپ قالدى.
بۇ چاغدا سىرتتىن شەپە ئاڭلاندى. دىلارە ئىتتىكلا بۇرۇلۇپ ئىشىككە قارىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىليارنى بىر تەرەپكە يېنىك ئىتتىرىپ قويدى.
ئىليار نېمە قىلارىنى بىلەلمىگەندەك قاراپ قويدى.
گۈلباھار بىلەن دىلنار بىرسى بىردىن بالىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى.
قانچىلىك خۇشال ئىكەنلىكىنى دېمەيلا قويايلى.
دىلنارنىڭ چىرايىدىكى مەمنۇنلۇق كۈلكىسى دىلارەنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ ئېسىدە قالغان ئاپىسىنىڭ بارلىق كۈلكىلىرىنى يىغىپ كەلسىمۇ، ھازىرقى كۈلكىسىگە يېتەلمەيتتى.
دىلارە ئورنىدىن تۇرۇشقا تىرىشىپ تېپىرلاپ كەتتى. بۇنى كۆرگەن دىلنار قوشۇمىسىنى تۈردى ئورنىدا جىم تۇرۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەر بىلەن قارىدى.
گەرچە ھەممە ئىشلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يۈز بەرگەن بولسىمۇ لېكىن دىلارە يەنىلا ياۋاشلىق بىلەن كارىۋاتتا مىدىرلىماي يېرىم ئولتۇردى.
دىلنار شۇندىلا كۆزىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، قۇچىقىدىكى بالىغا قاراپ قايتىدىن چىرايلىق كۈلۈمسىرەپ، كېسەل كارىۋىتىغا قاراپ ماڭدى.
گۈلباھار قۇچىقىدىكى بالىنى يېنىك تەۋرىتىپ ئېگىلىپ دىلارەنىڭ ئالدىغا قويۇپ:
ـــ بۇياق ئاكىسى، قاراڭ ئىليارغا ئوخشامدىكەن؟ - دېدى.
دىلارە ئاخىرى كۆڭلىدە كېچە - كۈندۈز ئويلاپ كەلگەن بالىسىنى ئۆز قۇچىقىدا ياتقانلىقىنى كۆرەلىدى كۆز چانىقى ھاياجاندىن ھەش ـ پەش دېگۈچە قىزىرىپ كەتتى.
ئالدىنقى قېتىم گۈلباھار ئۇنىڭغا ئىليار بىلەن ئىلزاتنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى سۈرىتىنى كۆرسەتكەن ئىدى شۇڭا بىر قاراپلا بوۋاقنىڭ ئىليارنىڭ كىچىك ۋاقتى بىلەن بىر قېلىپتىن چىققاندەك ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
-ھىم! ئوخشايدىكەن... ‐ دېدى دىلارە.
ئاۋازى بىر ئاز بوغۇلۇپ چىقتى.
گۈلباھارمۇ ئۇنىڭغا قاراپ، ئوخشاشلا بۇرۇنى ئېچىشىپ:
ـــ بۇرۇنى سىزنىڭكىگە ئوخشايدىكەن، - دېدى.
دىلنارمۇ قۇچىقىدىكى بالىنى يېنىغا قويۇپ:
- بۇياق سىڭلىسى كۆزىنىڭ ئىزناسىغا قاراڭ سىزنىڭكىگە ئوخشايدىكەن. ــ دېدى.
گۈلباھار بېشىنى لىڭشىتىپ :
- قاراڭ بۇ بالىلارغا، ئىككىڭلارنىڭ ئەڭ چىرايلىق يەرلىرىڭلار ئېرىسىيەت قاپتۇ، - دېدى.
دىلارە ئىنچىكە بارماقلىرى بىلەن يۆگەكنىڭ گىرۋىكىنى بوش باستى، مېھرىنى ئۈزەلمىگەن ھالدا ئىككى بالىنىڭ يۈزىگە قارىدى.
ئىككى تەرەپكە قاراپ، يېتىشەلمەيلا قېلىپ:
- قوزىلىرىم، يېنىمغا كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمەن، - دېدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar