كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
63 | 62 | 61 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
64-قىسىم
64-قىسىم
مەن ھازىر سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن
گۈلپەرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قولىنى كۆتۈرۈپ پۇلاڭلىتىپ:
- ۋاز كېچىڭ. - دېدى.
نادىر قاپىقىنى تۈرۈپ:
- گەپ بولسا ئۇدۇللا قىلىڭلار، - دېدى.
شۇنىڭ بىلەن نادىرنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا بىر قارىۋېتىپ، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ مۈرىسىدىكى يوق چاڭ-توزانلارنى قېقىپ ، ياقىلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، سەل-پەل خۇرسىنىپ:
- ئۇ قىزدىن ۋاز كەچكىن، سەندە ئۈمىد يوقكەن، - دېدى.
ئەسلىدە مۇنداق ئىش ئىكەن.
نادىر ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
- مەن سىزگە بۇ ئىشقا ئارىلاشماڭ دېگەنتىمغۇ، - دېدى.
- بۇ ئارىلىشىش - ئارىلاشماسلىق مەسىلىسى ئەمەس. - دېدى نادىرنىڭ ئاپىسى قايغۇرۇپ، - ئۇ قىز ساڭا پۈتۈنلەي قىزىقمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتتى، ھەتتا سەندىن بىزاركەن، سەن نېمىشقا چوقۇم بۇ دەرەخكە ئېسىلىۋالىسەن؟ - دېدى.
ئۇلار بۇ بىر كۈندە زادى نېمىلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلگەندۇ؟
نادىر گەپ-سۆزى قىلمىدى، ئۇلارنىڭ قالايمىقان قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى سوراشنىمۇ خالىمىدى.
ئۇنىڭ گەپ قىلىشىنى كۈتمەيلا، نادىرنىڭ ئاپىسى يەنە ئۆز-ئۆزىگە:
- سېنى ئىنكار قىلغىنىم ئەمەس، ئەگەر سېنىڭ شارائىتىڭ قىزچاقنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىدىن كۆپ ياخشى بولسىمۇ ئۈمىد بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن مەن قىزچاقتىن ئاڭلىغىنىمدا، قارشى تەرەپ ئىقتىدار جەھەتتە سەن بىلەن تەڭ تۇرىدىكەن، ئەمما مىجەزى سېنىڭدىن كۆپ ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلار بىر-بىرىگە قىزىقىپ قېلىپ، ئوتتۇرىدا دەرىزە قەغىزىنى يېرتىپ، گەپنى ئېنىق دېيىشمىگەن يېرىلا قاپتۇ، سەن نېمەڭ بىلەن باشقىلاردىن تالىشىسەن؟ - دېدى.
ئۇ ھەر كۈنى مۇنىرەنى ئۆزىگە باغلىۋېلىپ، باشقىلارغا پۇرسەت بەرمىگەن تۇرسا، ئۇ نېمىشقا بۇ ئىشلارنى بىلمەيدۇ؟
- ھەييي. - دېدى نادىرنىڭ ئاپىسى ئۇھ تارتىپ، - بولدى، بۈگۈنكى ئاخباراتنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردىم، ئەگەر نىيىتىڭدىن يەنە يانمىساڭ، ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى سىناپ باق، - دېدى.
مۇراتنىڭ قانداقلىقىنى ئېنىق بىلگىلى بولمىدى، ئۇنى پەقەت تەقى-تۇرقى كېلىشكەن، ئىقتىدارلىق، مىجەزى ئۆزىدىن ئوچۇق-يورۇق بولسا كېرەك دەپلا ئويلايتتى، لېكىن ئاپىسىنىڭ ئالدىدا مۇنىرەنىڭ ئادەمنى تونۇغۇسىز دەرىجىدە ماختاپ ئۇچۇرۇۋەتكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قالدى.
- ئاڭلىشىمچە بوي ئېگىزلىكى بىر مېتىر 85 سانتىمېتىر كېلىدىكەن، ئۆزى ئورۇق، بەش ئەزاسى سوغۇققان بولسىمۇ، لېكىن كۆڭلى ياخشى ئىكەن، يىراق ئەلدىن قايتىپ كەلگىنى بىلەن يامان ئادەتلەرنى يۇقتۇرۋالماپتۇ! - نادىرنىڭ ئاپىسى سۆزلەۋېتىپ، قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى، خېلى ئۇزاقتىن كېيىن خۇلاسە چىقىرىپ، - ئىشقىلىپ شارائىتى سېنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدىكەن، - دېدى.
نادىر گەپ قىلمىدى.
ياق، ئۇ ئەكسىچە ئۆزىنى دەۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالدى...
- بىراق باشقىلار بىلەن سېنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقىڭ شۇكى، قارشى تەرەپ سوغۇققان كۆرۈنسىمۇ، ئىللىق مۇئامىلە قىلىدىكەن، ئۆزى كۆيۈمچان، مۇلايىم، كەڭ قورساق، سەۋرچان ئادەمكەن. - دېدى نادىرنىڭ ئاپىسى يەنە قەددىنى رۇسلاپ، نادىرغا بىزارلىق بىلەن قاراپ قويۇپ، - سەندەك سوغۇققان، سۈرلۈك، ھەممە ئادەمگە قەرزدارغا قارىغاندەك قارايدىغان ئادەمدىن نەچچە ئون مىڭ ھەسسە ياخشىكەن، باشقىلار ئۈمىدسىزلەنگەندە ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىدىكەن، بۇنى بىلەمسەن؟ - دېدى.
نادىر يەنە گەپ قىلمىدى.
ئانا-بالا ئىككىسى بىر - بىرىگە قارىشىپ، ئىككى جۈپ ئوخشىشىپ كېتىدىغان كۆز تەڭلا قىسىلدى.
نادىر بۇرۇلۇپ كېتىپ قېلىۋىدى، نادىرنىڭ ئاپىسى چاۋاك چېلىپ:
- بىر يەرلىرىنىڭ غەلىتە بىلىنگەنلىكى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن! - دېدى.
گۈلپەرى تېخى چۈشەنمەي، جىددىيلەشكەن ھالدا:
- ئىككىنچى ھامما، قەيەرى غەلىتەكەن؟ - دەپ سورىدى.
كىتابخانىنىڭ ئىشىكى ئاستا يېپىلدى، نادىر كىرىپلا دېرىزىنى ئاچتى، ياز ئاخشىمىدىكى شەپەق نۇرى بىر بۇلۇڭغا چۈشۈپ، سەل-پەل دىمىق بىلىندى.
تېلېفوندىكى دۈت - دۈت قىلغان ئاۋاز بەش قېتىم سايرىغاندىن كېيىن ئۇلاندى.
قارشى تەرەپتىن كەلگەن ئاۋازدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى:
-نادىر ئەپەندى ... - دېدى مۇنىرە.
نادىرنىڭ نېپىز لەۋلىرى يېنىك مىدىرلىتىپ:
- ئارىمىزدىكى دېرىزە قەغىزى قاچان تېشىلىپ كېتىدۇ؟ - دېدى.
مۇنىرەنىڭ قوللىرى تىترەپ كەتتى، تاۋۇز ئۇيۇپ يەۋاتقان قوشۇق چۈشۈپ كېتىپ، كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كەتتى.
- رەنجىتىپ قويدۇممۇ، - دېدى مۇنىرە.
- خەير - خوش! - دېدى نادىر.
دۈت - دۈت، تېلېفون ئۈزۈلۈپ كەتتى.
نادىرنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇيقۇسى قاچتى.
كۆزنى يۇمسىمۇ ئۇخلىيالمىدى، ئاچسىمۇ ئۇخلىيالمىدى، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەتسىمۇ ئوخشاشلا ئۇخلىيالمىدى.
قوڭغۇراقلىق سائەت جىرىڭلاپ توختىمىغۇچە ئازابلانغان مۇنىرە يەنىلا كارىۋاتتا ئوڭدىسىغا يېتىپ، ئۆزىنىڭ تۇيۇقسىز گاس بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزى يۈزلىنىشنى خالىمايدىغان بارلىق ئىشلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئويلىدى.
پو ئېتىپ قارشى تەرەپ تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىشتىنمۇ ئېچىنىشلىق ئىش يوق.
مۇنىرە ھەم قايغۇردى، ھەم ھەسرەت چەكتى، ئۇنىڭ قەدەممۇ-قەدەم تىرىشىش پىلانى تېخى يولغا قويۇلماي تۇرۇپلا، مانا مۇشۇنداق بەربات بولدى.
ئۇنىڭ بۇنداق بالدۇر شاللىنىپ قالغۇسى يوق .
مۇشۇلارنى ئويلاپ ساراڭ بولاي دېدى.
شۇ كۈنى ئاخشىمى سان-ساناقسىز مۇمكىنچىلىكلەرنى تەسەۋۋۇر قىلدى، ھەر خىل قىياپەتتىكى نادىر كۆز ئالدىدا كېلىۋالدى.
- ئارىمىزدىكى دېرىزە قەغىزى قاچان تېشىلىپ كېتىدۇ؟
- بولمىسا ھازىرلا بولسۇن.
- يۈزىڭىزنىڭ قېلىنلىقى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ. لايىق ئىزدەشتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان باھانىنى ئويلاپ چىقىپسىز. مېنىڭ بىلىپ قېلىشىمنى ئويلىمىدىڭىزمۇ؟ كېلەر قېتىم بۇنداق تۆۋەن دەرىجىلىك خاتالىق سادىر قىلماڭ.
بىرمۇنچە ئېھتىماللىقلارنى ئويلاپ بېشى يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالدى.
مۇنىرە تەمكىنلىك بىلەن قوڭغۇراقلىق سائەتنى ئۆچۈرۈپ، يالاڭ ئاياغ پولنى دەسسەپ، تاپىنى قىزىرىپ كەتتى.
تازىمۇبىر، بولدىلا ، كىم كىمدىن قورقىدۇ!
بىرىنچى كۈنىگە ئوخشاش نادىرنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چەككەن مۇنىرەنى نادىرنىڭ ئاپىسى كۈتىۋالدى، ئۇ تەمكىنلىك بىلەن ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى، لېكىن نادىرنىڭ قارىسىنى بايقىمىدى.
گەرچە ئوغلىنىڭ بۇ قىز بىلەن مۇناسىۋىتى قالمىغان بولسىمۇ، نادىرنىڭ ئاپىسى بۇ ئىش سەۋەبلىك مۇنىرەگە بولغان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتمىدى، يەنىلا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، ئۇنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ:
- نادىر سائەت ئالتىدە ئايرودۇرۇمغا قاراپ يولغا چىقتى، تۈنۈگۈن كەچتە ۋاقىتلىق ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋېلىپ، كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتتى. - دېدى.
مۇشۇنداقلا كەتتىمۇ؟
مۇنىرە خۇش بولدىمۇ ياكى چۈشكۈنلىشىپ قالدىمۇ بىلمىدى، سەل ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قېلىپ:
- كاماندىروپكىغا بارامدىكەن؟ - دەپ سورىدى.
نادىرنىڭ ئاپىسى كۈلۈپ تۇرۇپ:
- بىلەمتىڭىز؟ بىر ئايدا قايتىپ كېلىمەن دەيدۇ، يەنە مېنى قايتىپ كېتىشكە ئالدىراتتى. - دېدى .
- شۇنداقمۇ؟ - دېدى مۇنىرە ئىختىيارى ھالدا ، كېيىن نادىرنىڭ ئاپىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېغىز سۆزىدە نېمە دېگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، دەرھال ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ، - نادىر ئەپەندىمۇ ئۆزى بولمىسا سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم چىقماسلىقىدىن ئەنسىرىگەندۇ؟ - دېدى.
ھى ھى، ئېنىقلا مېنىڭ سىزنى بوزەك قىلىشىمدىن قورقتى...
نادىرنىڭ ئاپىسى ئىچىدە شۇنداق دەپ كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلماي، ئوتتۇرىدىكى توخۇ تۈرمىلىنى مۇنىرەنىڭ ئالدىغا ئىتتىردى.
گۈلپەرى ئۆيدىن كۆزىنى ئۇۋۇلىغىنىچە چىقىپ، مۇنىرەگە سالام بەردى-دە، يۈز-كۆزىنى يۇدى، نادىرنىڭ ئاپىسى يېنىدىكى بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ئۆزى ئەتكەن ناشتىلىقنى چىشلەپ ئولتۇرغان قىزغا قاراپ، ئۈن-تىنسىز ھالدا كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى.
بېشى قوشۇلمىسا بوپتۇ، زورلىغىلى بولمايدۇ.
كېيىنكى ئىككى كۈندە نادىرنىڭ ئاپىسى ۋاسىتىسىنى تاشلاپ، ئەركىن بولۇپ، گۈلپەرىنى ئېلىپ بىر نەچچە مەنزىرە نۇقتىسىغا باردى، تاماق يەپ بازار ئايلىنىپ، بىر مۇنچە نەرسە سېتىۋالدى، يەنە مۇنىرەگە بىر تال قىممەتلىك بۇلاپكىنى ئۇلارنى كۈتۈۋالغانلىقىغا خاتىرە بۇيۇمى سۈپىتىدە سوۋغا قىلدى.
مۇنىرە ئالغىلى ئۇنىمىدى، بۇ قېتىم بايلىققا مەپتۇن بولماي، قەتئىي رەت قىلدى.
ئۇ ئۈچ ھەسسە ئارتۇق مائاش ئېلىپ بولدى، بۇنداق ئاچكۆزلۈك قىلسا بولمايدۇ.
نادىرنىڭ ئاپىسىنىمۇ ئۇزىتىپ قويدى، نادىرمۇ سىرتقا كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتتى، مۇنىرەنىڭ تۇرمۇشى بىردىنلا ئىزىغا چۈشۈپ، نورمال ئىشقا بېرىپ-كېلىپ، كۈنلىرى زېرىكىش ئىچىدە ئۆتتى.
- ھەي.
مۇنىرە ماتېرىياللارنى قاتلاپ، ئېڭىكىنى بىلىكىگە قويۇپ، روھسىز ئولتۇراتتى.
ئاينۇر بارمىقىنى چىقىرىپ:
- بۈگۈنكى 13 قېتىملىق ئۇھ تارتىشى، -دېدى.
- مۇنىرە ئاچا، بىرەر ئىشقا يولۇقتىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى غۇنچەم كۆڭۈل بۆلۈپ.
- مېنىڭچە كۈيلەپ قالدى، - دېدى ئاينۇر.
مۇنىرە يەنە بىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ:
- نېمە دېگەن زېرىكىشلىك، - دېدى.
ئاينۇر غۇنچەمگە قاراپ مۈرىسىنى قىسىپ تۇرۇپ:
- قاراڭ. دېگىنىمدەك چىقتى، - دېدى.
غۇنچەم قوشۇمىسىنى يېنىك تۈرۈپ، ئارقىدىنلا كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئۇنداقتا ئوغۇل دوست تېپىڭ، مەسىلەن، بىزنىڭ سېتىش بۆلۈمىمىزدىكى مۇرات... ھىم، ھىم. - دېدى.
- غۇنچەم! - مۇنىرە ھېچنېمە دېمەي تۇرۇپلا، ئاينۇر ئورنىدىن تۇرۇپ، كۆزلىرىنى قىسىپ ئىشارەت قىلىپ، - بۇنى تىلغا ئالماڭ. - دېدى.
غۇنچەمنىڭ چىرايىدىن ئۇۋالچىلىق چىقىپ تۇراتتى، مۇنىرە دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:
- ھېچقىسى يوق، ھەممىسى ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار، تىلغا ئالسىمۇ ھېچقىسى يوق، ئەمدى تىلغا ئالمىسىلا بولىدۇ، - دېدى.
تىلغا ئالسىلا ئوڭايسىزلىنىپ قالىدۇ، باشقا ئىشىمۇ يوق.
ئاينۇر دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ:
- سىزگە ھېچ ئىش بولمىغىنى بىلەن، ماڭا بار!- دېدى. ئۇنىڭ قانداقسىگە بۇنداق بوزەك خىزمەتدىشى بولىدۇ!
مۇنىرە كۆڭلىدە ئاينۇرنىڭ ئۆزىنى ئەخمەق دەپ تىللايدىغانلىقىنى بىلەتتى.
- مۇنىرە ئاچا، سىزگە باشقا بىرسىنى تونۇشتۇرۇپ قويسام قانداق؟ - دېدى غۇنچەم كۈلۈپ تۇرۇپ، بېشىنى سەل قىيسايتىپ، - مېنىڭ بىر ئاكام بار، بۇ يىل 26 ياش، ئۆزى بەك كېلىشكەن. - دېدى.
غۇنچەمنىڭ ئاكىسى... مۇنىرە بىلەن ئاينۇر بىر-بىرىگە قارىشىپ قالدى، يامان بولدى ، يېڭىچە جانلىنىش كۆرۈلگەندەك قىلىدۇ.
ئاينۇر بۇنى بىر پۇرسەت دەپ ئويلاپ:
- ئۇنداق بولسا.... - دېدى .
- ھاجىتى يوق! - دېدى مۇنىرە.
ئاينۇر ھەققانىيەت يولىدا رەت قىلغان مۇنىرەنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى، شۇنداق ياخشى پۇرسەتنى ئۆتكۈزۋېتەمدۇ!
مۇنىرە قولىنى پۇلاڭلىتىپ:
- لازىم ئەمەس، كۆڭلۈمدىكى ئادىمىم بار، - دېدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar