كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
64 | 63 | 62 | 61 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
65-قىسىم
65 - قىسىم خاتا چۈشىنىش
! ! ! !
ئاينۇر نەچچە چامداپلا ئېتىلىپ كېلىپ:
- ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى دېگەنتىڭىزغۇ؟ يەنە نېمىشقا ئۇنتۇپ كېتەلمەيسىز! - دېدى.
- خاتا چۈشىنىپ قاپسىز. - دېدى مۇنىرە ئۇنىڭ قولىنى كۈچەپ تارتىپ يۈزىنى چىقىرۋېلىپ:
- مەن باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرسەم بولمامدۇ، ئەخمەق ئادەملا بوينى مايماق بىر تۈپ دەرەخكە ئېسىلىپ قالىدۇ، - دېدى.
نەچچە سائەتلىك مۇساپە سىرتىدىكى نادىر قىلچە بىشارەتسىز چۈشكۈرۈپ، قاپىقىنى تۈردى.
ئاينۇر پىچىرلاپ:
- ئۇنداقتا ئۇ زادى كىم ، سىزنىڭ شامال يۆنىلىشىڭىزنى شۇنچە تېز ئۆزگەرتىۋەتكەن؟ - دەپ سورىدى.
مۇنىرە چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇپ:
- ھەممىمىز قۇرامىغا يەتكەنلەر، تاۋىنازۇكلۇق قىلىشنىڭ ئورنىنى يوق، - دېدى. ئەجەبا ئەرزىمەس ئادەم ئۈچۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆتۈپ كەتكەن ياشلىقىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ياشلىقىنى ئىسراپ قىلىشى كېرەكمۇ؟
غۇنچەم بىر ئاز ئويلاندى، بېشىنى تۆۋەن قىلغاندا كۆزلىرى تۇتۇقلىشىپ كەتتى.
خۇددى مۇنىرە ئېيتقاندەك، ھەممىسى قۇرامىغا يەتكەن ئادەم، تاۋىنازۇكلۇق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇمۇ بۇنداق قىلمايدۇ.
شىركەتتىن ئىشخانا بىناسىنىڭ ئاستىغىچە، مۇرات ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى، ئۇ كەينىگە بۇرۇلغاندا كۈلۈپ تۇرۇپ:
- مەن تېخى سىزنى كۆرمەسكە سېلىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن. - دېدى.
مۇنىرەنىڭ بېشى قاتتىق ئاغرىپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ مەقسىتىنى بىلەلمىدى، بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاۋۋال سىناپ بېقىش ئۈچۈن:
- مۇرات دىرېكتور پەزىلىيە ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرىڭلاردا، مەن ياردەم قىلغۇدەك ئىش بارمۇ؟ - دەپ سورىدى.
مۇرات بېشىنى چايقاپ:
- ئىككىمىز پاراڭلىشىپ باقايلى. - دېدى.
مۇنىرە كۈلۈپ قويۇپ، كەينىگە بىر ئاز يېنىپ ئارىلىق قالدۇرۇپ:
- پەزىلىيە بولمىسا، بىزنىڭ پاراڭلاشقۇدەك گېپىمىز بولامدۇ، - دېدى.
مۇنىرەنىڭ كۆپ سۆزلىگۈسى يوق ئىدى، مۇرات ئۇنىڭ ئامالنىڭ بارىچە گۇماندىن ئۆزىنى قاچۇرۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالدى، ئەسلىدىمۇ ئۇنى تەڭقىسلىقتا قويغۇسى يوق ئىدى، بىراق بۇ مۇنىرەنىڭ چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن چىقارغان قارارى، شۇڭا مۇرات دەماللىققا بىئاراملىق ھېس قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا بىر قېتىم سۆزلىشىشتە چىڭ تۇردى.
- چۈنكى گەپ بەك ئۇزۇن، شۇڭا بىر ئاز ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. - دېدى مۇرات چۈشەندۈرۈپ،- ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن پەزىلىيە بىلەن پاراڭلىشىپ بولدۇم. سىز بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم پاراڭلىشىمەن. - دېدى.
دېمەكچى بولغىنى، ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن ئىشنى پەزىلىيە بىلىدۇ، ھەم يول قويدى شۇنداقمۇ.
مۇنىرە قوشۇمىسىنى تۈردى، ئۇ يەنىلا بۇ لاي سۇغا شۇڭغۇشنى خالىمىدى، چۈنكى مۇرات پەزىلىيە ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئەسلىدىمۇ قىسىلىپ قالدى، ھازىر يەنە مۇشۇنداق قىلسا، چىدىيالماي قېلىشى مۇمكىن.
20 نەچچە يىل بىر يوتقاندا يېتىپ يېتىلدۈرگەن دوستلۇقى مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشسا، ئىچى ئاغرىيدۇ.
- مەن ئاڭلىماسلىقنى تاللىسام بولىدۇ. - دېدى مۇنىرە.
مۇرات ئۇنىڭ جاۋابىنى بۇرۇنلا پەرەز قىلىپ، ئاچچىق كۈلۈپ تۇرۇپ:
- سىزنىڭچە پاراڭلاشمىغانلىق ھېچ ئىش بولمىغانغا باراۋەر بولامدۇ؟ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىمىز خالاس، بەلكىم تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇل بىلەن ئاخىرلاشتۇرغىلى بولۇشى مۇمكىن، - دېدى.
لېكىن مۇنىرە بۇرۇنلا چېكىنىپ چىققان.
ھازىرقى ئەھۋالدىن ھەقىقەتەن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئۇلار ھازىر ئىككىلىسى ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىۋاتىدۇ.
- ئۇنداقتا پاراڭلىشايلى.
جىمجىت قەھۋەخانىدا، ئىككى تەرەپنىڭ چىراي ئىپادىسى ناھايىتى تىنچ بولۇپ، مۇرات پەس، يېقىملىق ئاۋازدا:
- مەن ئىلگىرىمۇ بىر قېتىم دېگەن، سىزنى كۆرۈشتىن بۇرۇنلا سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلىغان. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كاتىبات باشقارمىسىغا يېڭىدىن بىر قىزچاق كەلدى، ئاينۇردەك ئاسانلىقچە چىقىشىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ئادەم بىلەنمۇ ئەپ ئۆتىدۇ، دېيىشتى.
بۇنداق گەپلەرنى كۆپ ئاڭلاۋېرىپ، سىز بىلەن كۆرۈشكۈم كەلدى، ئويلىمىغان يەردىن شىركەتكە تەستە قايتىپ كەلدىم، لېكىن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈپلا قەھۋە بىلەن كىيىمىڭىزنى مەينەپ قىلىپ قويدۇم. - دېدى.
ناھايىتى گۈزەل بىر باشلىنىش بولدى، مۇنىرە ئۇنىڭ تەسىرىدىن ئۆزىنى سەل قويۇۋېتىپ، سەمىمىيلىك بىلەن:
- مېنىڭچە يامان بولمىغان، - دېدى.
گەرچە بىر ئىستاكان قەھۋە ئۈچۈن نادىردىن تىل ئاڭلىغان بولسىمۇ.
ئۇ چاغدا نادىر ئەپەندىگە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى.
مۇرات كۈلۈپ تۇرۇپ:
- يامان بولمىغان، كېيىن سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويدۇم، يول بويى بۇ قىز بەك گەپدان، كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان يۈزى بەك ئوماقكەن دەپ ئويلىدىم، - دېدى.
مۇنىرە بۇ ئىشنى ئەسلەپ بېشىنى چايقىدى.
لېكىن ئۇ بەك قورقۇپ، نادىرنىڭ ئاچچىقلاپ كېتىشىنى كۆرۈپ نېمە قىلارىنى بىلەلمىگەن!
- دەسلەپتە، مەن سىزنى پەزىلىيە بىلەن ئازراقمۇ ئارىلاشتۇرۋالمىدىم، ئەينى ۋاقىتتا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئادىمىم دەل سىز . - دېدى مۇرات ئاچچىق كۈلۈپ تۇرۇپ، - ھازىر بۇ گەپلەرنى قىلىشتىن خىجىل بولىمەن، - دېدى.
مۇنىرەمۇ سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى، ئەمما نېمىشقىكىن، جىددىي روھى ھالەتتىن ئەركىن قويۇۋېتىپ:
- ھازىر ئاڭلىماققا سەل غەلىتە تۇيۇلىدىكەن، - دېدى.
- ناھايىتى غەلىتە. - دېدى مۇرات بېشىنى چايقاپ، - پەزىلىيە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەن سىز بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۇنچە كۆپ ئورتاقلىق بارلىقىنى ھېس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنىڭ پەزىلىيەنى ئۇنتۇپ كېتەلمىگەنلىكىمدىن گۇمانلىنىپ قالدىم، مۇھەببىتىمنى سىزگە يۆتكىدىممۇ بۇنىمۇ بىلمىدىم.
مەن ئۆزۈمدىن گۇمانلىنىۋاتقان ۋاقىتتا، سىز تېخىمۇ سەزگۈر كەسكىن بولدىڭىز، پەزىلىيە ئەمدى پەيدا بولۇشىغا، كەسكىن قارار چىقىرىپ مەن بىلەن چەك-چېگرىنى ئېنىق ئايرىدىڭىز. راستىنى ئېيتسام، شۇ چاغدا كۆڭلۈم بەك يېرىم بولغان - دېدى .
مۇنىرە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قېلىپ، گۇمانلىنىپ:
- نېمە ئۈچۈن، مۇرات دىرېكتور ... كۆڭلىڭىز نېمىشقا يېرىم بولىدۇ؟ - دەپ سورىدى.
مۇرات بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئىلاجسىزلىق ئىچىدە:
- چۈنكى مەن قىلچە رەھىم قىلىنماي تاشلىۋېتىلدىم، سىز ئازراقمۇ تىركەشمەيلا دوستلۇقنى تاللىدىڭىز، بۇنىڭدىن مېنىڭ قەلبىڭىزدىكى ئورنۇمنىڭ ئانچە مۇھىم ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما ئۇنچە ئۇزۇن ئازابلانمىدىم. - دېدى.
مۇنىرە بېشىنى لىڭشىتىپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
- چۈنكى پەزىلىيە قايتىپ كەلدى. - دېدى.
- شۇنداق، مەن شۇنچە يىل سۆيگەن قىز قايتىپ كەلدى. - دېدى مۇراتمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، - ئايرىلىپ كەتكەن نەچچە يىلدىن بۇيان، مەن چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ئايرىلىپ كېتىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئارىمىزدا ئەڭ ئاخىرىدا ئايرىلىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەر قايسى تەرەپلەردىكى مەسىلىلەرنى راستتىنلا ئۇنتۇپ قاپتىمەن، - دېدى.
مۇنىرە جىممىدە ئاڭلاپ، ئىنسان ھىسىسىياتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى، مۇھەببەت-نەپرەتنىڭ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.
- ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، ئەينى يىلى پەزىلىيەدىن ئايرىلىپ كېتىشىم بۇ سىرتقى كۈچنىڭ توسقۇنلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي مىجەزىمىزنىڭ ماس كەلمەسلىكىدىن بولغان. ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىنى تارازىغا قويۇپ، بەدەل تۆلەش ۋە ئېرىشىشكە كۆڭۈل بۆلىدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن ھېسابلىشىمەن... لېكىن سىز، - دېدى مۇرات.
گەپ تۇيۇقسىز مۇنىرەنىڭ ئۈستىگە چۈشتى، ئۇ سەل-پەل قەددىنى رۇسلاپ، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى.
- سىلەر ئىككىڭلار بىر-بىرىڭلارغا ئوپمۇ-ئوخشاش دېدىڭلار، لېكىن ھازىر مەن قارىسام، سىلەرنىڭ مىجەزىڭلار ئوخشىمايلا قالماستىن، بەلكى بىر-بىرىڭلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايسىلەر. بەلكىم سىز ئۆزىڭىزمۇ بايقىمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، سىز پايدا-زىيانغا ئەسلا پەرۋا قىلمايسىز. سىز ئېرىشىش-يوقىتىشقا دىققىتىڭىز بەرمىگەچكە، ئالدىراقسان، پەرۋاسىزلىق قىلدى دېيىشكە بولىدۇ. - دېدى مۇرات ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراپ، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ، - مەن دەل سىزنىڭ مۇشۇ تەرىپىڭىزگە مەپتۇن بولۇپ قالدىم. - دېدى.
ئۇ ئىپادە بىلدۈردى، يەنى كۆڭۈل ئىزھار قىلدى.
مۇنىرە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرماي، كۆز ئالدىدىكى بۇ ئادەمگە قايتىدىن سەپسالدى. مۇرات ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىپ، ئادەمنى بىزار قىلىدىغان بۇنداق بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلدى، لېكىن مۇنىرە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئېغىر-بېسىقلىقنى ساقلىدى، ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاچچىقلىنىشنىڭ ئورنىغا، كۆڭلىدىكى غەزەپمۇ پۈتۈنلەي يوقاپ كەتتى.
ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئوغۇل بالا، ئىككى قىزنىڭ ئارىسىدا تەۋرىنىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا ناھايىتى ياخشى، مۇنەۋۋەر بالىدەك ھېس قىلدى.
مۇنىرە نۇرغۇن چاقماق قەنت قوشۇلغان قەھۋەنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ، كۈلۈپ قويۇپ:
- رەھمەت سىزگە، لېكىن مەن ھازىر سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن. مەن سىزدىن ياخشى، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. - دېدى.
مۇراتنىڭ تەييارلىقسىز ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قېلىشى ئىچىدە، مەلۇم بىر كىشىنى تىلغا ئالغان مۇنىرەنىڭ قاش - كۆزلىرى ئېچىلىپ، روھى كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.
- ئۇ ناھايىتى ئاقكۆڭۈل ئادەم، ئۇنى قەۋەتلا ياخشى كۆرىمەن! - دېدى مۇنىرە.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar