كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم 第10部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
81 |
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
82-قىسىم
82-قىسىم
دىلنار چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، پەرۋاسىزلىق بىلەن تاماق ئۈستىلىنىڭ يېنىغا كېلىپ، بايىقى سومكىسىنى مۈرىسىگە ئارتىپ، ئەنسەرگە ۋە يېنىدىكى سەبىرەگە بىر ھازا قارىۋەتكەندىن كېيىن، كۈلۈپ تۇرۇپ:
- شۇڭا، مەندەك ئەمدى كۆۈڭلارغا پۇتلىشىپ يۈرمەيمەن - دېدى.
گېپىنى تۈگىتىپلا، پۇتىنى كۆتۈرۈپ ئاشخانىنىڭ ئىشىكى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
ئۇنىڭ گەپلىرى ئەنسەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى، پۈتكۈل ئاشخانا ئادەتتىن تاشقىرى جىمجىتلىققا چۆكتى.
مەمەت تاغا ئىشىك ئالدىدا، ھۆرمەت بىلەن ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى.
دارىلئېتام باشلىقىمۇ ئېسىنى يىغىپ، دەرھال ئېغىز ئېچىپ:
- كۆپچىلىككە دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بۈگۈن ساۋاقداش دىلنارنىڭ بىزنىڭ پاراۋانلىق ئورنىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، كېلىڭلار، بىز بىرلىكتە ساۋاقداش دىلنارنىڭ مەركىزىمىزدىن ئايرىلغانلىقىنى تەبرىكلەيلى، بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئۆيى بولىدۇ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ساغلام، خۇشال-خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. - دېدى.
بىر نەچچە مۇئەللىمدىن باشقا ھېچكىم ئىنكاس قايتۇرمىدى.
ئۇ يەر - بۇ يەردىن كۆتۈرۈلگەن ئالقىش سادالىرى ئاڭلىماققا ھەقىقەتەن بىر ئاز سوغۇق ئىدى.
ئەمما دىلنار بۇنىڭغا قىلچە پىسەنت قىلمىدى، ئۇنىڭ ئورۇق سىيماسى ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە، مەمەت تاغا ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ، يوشۇرۇنچە ھۆرمەت بىلەن قارىدى.
- ھە؟ دىلنار بۇ يەردىن كېتەمدىكەن؟
- ھەئە، بايا دارىلئېتام باشلىقى دېدىغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بۇ تۇرقىدىن قارىغاندا، راستتىنلا كېتىدىغاندەك قىلىدۇ.
- بۈگۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، ئۇ بىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەنلىكىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كەتمەكچى بوپتۇ - دە؟
- بۇ ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلى، بولمىسا بۇ يىل بۇنداق ياخشى تورتنى يىيەلمەيتتۇق ...
- بىراق ئۇنىڭ كەتكىنىمۇ ياخشى بولدى، ئەمدى ئۇنىڭدىن قورقمىساقمۇ بولىدۇ.
- بىراق بىز بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق تەملىك تورتنى يېيەلمەيمىز.
- بۈگۈن ئاچچىقى كېلىپ بۇ يەردىن كېتىشنى ئويلىغانمىدۇ ياكى بۇرۇنلا كېتىشنى ئويلاپ قويغانمىدۇ؟
- بۇنى بىلمەيدىكەنمەن...
ئايرۇس ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ چىقىپ، دىلنارنىڭ سومكىسىنى تۇتۇپ، پەس ئاۋازدا:
- دىلنار، كېيىن سىزنى يەنە كۆرەلەمدىم؟ - دېدى.
- كۆرۈشمىگۈدەك بولسىلا كۆرۈشمەيلى، سىز ۋە مەن ئۈچۈن ياخشى ئەمەس. - دېدى دىلنار.
ئايرۇس لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ:
- سىز راستتىنلا مۇشۇنداقلا كېتەمسىز؟ سىز ئىلگىرى ئەنسەرنى بۇ يەردە بىردىنبىر دوست ھېسابلايدىغان ئادىمىڭىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقانتىڭىز، بۇنداق ئەھۋالدا ئايرىلىپ كەتسەڭلار... - دېدى.
دىلنار سومكىسىنى ئاستا تارتىپ، كەينىگە قاراپمۇ قويماي:
- مېنىڭچە ئۇ خۇش بولۇۋاتىدۇ، ئاخىرى ھېچكىم ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلىنى ئۇ- بۇ دېمەيدىغان بولدى، ئەڭ مۇھىمى، ئەمدى ھېچكىم ئۇنىڭ ئامراق سىڭلىسىنى بوزەك قىلمايدىغان بولدى. - دېدى.
ئايرۇس ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ كەينى سېماغا قاراپ، كۆڭلىدە دىلنارغا ھەۋەس قىلدى.
ئەمەلىيەتتە باشتىن-ئاخىر ھەۋەس قىلىپ كەلدى.
ئۇنىڭدىكى ئاشۇ خىل نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان سوغۇققان مىجەزنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئۇنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتىنى ، ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان ھالىتىنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئۇنىڭ بارلىقىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، مەستانە بولۇپ قالدى.
ئۇنىڭ دىلناردەك ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، ھەممە يەردە ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەم بولغۇسى بار.
ئەنسەر ئۆز ئورنىدا خېلى ئۇزاققىچە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى، ئاندىن تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى ھېس قىلىپ، كەينىگە ئۆرۈلۈپلا قوغلاپ چىقتى.
مەمەت تاغا ماشىنىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرۇپ، ئىشىكىنى ئېچىپ، دىلنارنىڭ ماشىنىغا چىقىشىغا قاراپ تۇراتتى.
- دىلنار! - ئەنسەر يۇقىرى ئاۋازدا چاقىردى، ئاۋازىدىن مىسلىسىز غەزەپ چىقىپ تۇراتتى، بەلكىم باشقا كەيپىياتلارمۇ ئارىلىشىپ كەتكەن بولسا كېرەك.
دىلنار بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاپ، ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەردە قاراپ قويدى.
مەمەت تاغا ئىشىكنى ياپماقچى بولدى، ئەمما قولى ئەنسەر تەرىپىدىن قاتتىق تۇتۇۋېلىندى.
دىلنار ئۇنىڭغا يانچە قاراپ:
- نېمە؟ سىڭلىڭىز ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپ، كۆڭلىڭىز پاراكەندە بولۇپ، مەن بىلەن ھېساب - كىتابنى ئېنىق قىلىۋەتمەكچى بولۇپ كەلدىڭىزمۇ؟ - دېدى.
ئەنسەر ئۇنىڭغا قاراپ:
- نېمىشقا بۇ يەردىن كېتىسىز؟ بۇ قېتىم تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى سەبىرەگە دەپ بەرگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ ياكى ئالدىنقى قېتىملىق ئىشىڭىزنى خاتا چۈشىنىپ قالغانلىقىم ئۈچۈنمۇ؟ - دەپ سورىدى.
دىلنار چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئورۇندۇققا يۆلىنىپ، ئۇنىڭغا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، قاپىقىنى تۈرۈپ:
- ھەممىسى بار، بۇ يەر بەك مەنىسىز بىلىنىپ قالدى. - دېدى.
گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەن بىر دەم تۇرۇپ قېلىپ، ئۆزىنى سەل مەسخىرە قىلغاندەك كۈلۈپ قويۇپ:
- سىز مېنىڭ دارىلئېتامدا نەچچە يىل تۇرۇشتىكى غەيرىتىمنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى چۈشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغىنىمنى ئويلىساملا، ھاقارەتكە ئۇچرىغاندەك تۇيغۇنىڭ مېنى قاتتىق بىئارام قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن. بولۇپمۇ سىز بىلەن سەبىرەنى كۆرگىنىمدە، تېخىمۇ شۇنداق ھېس قىلىپ... كۆڭلۈم ئېلىشىپ كېتىدۇ، - دېدى.
ئەنسەرنىڭ ماشىنا ئىشىكىنى تۇتقان قولى قېتىپ قالدى، ئەمما تېخىمۇ چىڭ سىقىپ:
- سىز ئالدىنقى ئايدىن باشلاپ كېتىشنى ئويلىدىڭىز، شۇنداقمۇ؟ - دەپ سورىدى.
دىلنار ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى، چىرايىدىكى كۈلكە ئازراقمۇ پەسەيمەي:
- بەلكىم شۇنداقتۇ. بۇلارنى سوراشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ خۇش بولغان بولسىڭىز كۈلۈڭ، ئەمدى سىزنىڭ ئامراق سىڭلىڭىزنى بوزەك قىلىدىغان ئادەم يوق، كۆز ئالدىڭىزدا ھىيلە ئىشلىتىپ كۆڭلىڭىزنى ئىلەشتۈرىدىغان ئادەممۇ يوق، نېمە دېگەن ياخشى؟ - دېدى .
- سىز... - دېدى ئەنسەر.
- ئەگەر سەبىرە ئۈچۈن ناھەقچىلىككە قارشى تۇرماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ھازىرلا ئەدىپىمنى بېرىپ قويۇڭ، ئەگەر يەنە قول سېلىشنى ئويلاشمىغان بولسىڭىز ، ئۇنداقتا نېرى تۇرۇڭ! - دېدى دىلنار.
چىرايى بىردىنلا سوۋۇدى، كەيپىياتىدا ھېچقانداق داۋالغۇش بولماي، ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمايتتى.
- مەن سىزنى ئۇرمايمەن - دېدى ئەنسەر.
ئۇ زادى نېمە ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە، ئەنسەرنى سەبىرە ئۈچۈن ئۆزىگە قول سالىدۇ دەپ ئويلاپ قالدى.
- ئۇرمىغانكەنسىز، ئەمدى سىزگە پۇرسەت چىقمايدۇ. مەمەت تاغا، ئىشىكنى يېپىڭ. - دېدى دىلنار.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەمەت تاغا ماقۇل بولۇپ، ئېڭىشىپ ئەنسەرنىڭ قولىنى تارتىۋالماقچى بولدى، لېكىن ھەر قانچە قىلىپمۇ ئاجرىتالمىدى.
- دىلنار، مەن نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا سىزدىن كەچۈرۈم سورىدىم، سىزمۇ قوبۇل قىلدىڭىز. - دېدى ئەنسەر.
- قوبۇل قىلمىدىم... مېنىڭچە بەرىبىر ئىكەن. چۈنكى سىزنى كەچۈرمەسلىكنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى بارلىقىنى بىلەلمىدىم... ئاساسلىقى يەنىلا مەنىسىز ھېس قىلدىم. كېيىن بۇ يەردە نېمە ئۈچۈن جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋېلىشىمنىڭ سەۋەبىنى بىلمىدىم، - دېدى دىلنار.
ئەنسەرنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.
دىلنار بىردەم سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن، يەنە بېشىنى بۇرىدى، ئەمما ئۇنىڭ كۆزى ئەنسەرنىڭ كەينىدىكى سەبىرەگە چۈشۈپ:
- ھويلىدىكى ھېلىقى گۈلسامساق ئەنسەرنىڭ ماڭا بەرگەن كەچۈرۈم سوراش سوۋغىسى، سىز تېخىمۇ ياخشى كۆرىسىڭىز كېرەك، مەن ئۇلارغا ئانچە قىزىقمايمەن، سىزگە سوۋغا قىلاي. - دېدى.
سەبىرە ئېغىزىنى ئاچتى، گەپ قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا، دىلنار نەزىرىنى قايتۇرۇۋالدى.
ئۇ پۇتىنى كۆتۈرۈپ ئەنسەرنىڭ بىلىكىگە بىرنى تەپتى، ئەنسەر ئاغرىق دەستىدىن دەرھال قولىنى تارتقاندا، پاڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى يېپىۋالدى.
ئەنسەر ئىنكاس قايتۇرۇپ، يەنە ماشىنا ئىشىكىنى تارتماقچى بولدى، ئەمما ئىچىدىن قۇلۇپ سېلىنغان ئاۋاز ئاڭلاندى.
ئۇ چىشىنى چىڭ چىشلەپ، ماشىنىنىڭ دېرىزىسىگە كۈچەپ ئۇرۇپ:
- دىلنار! - دەپ ۋارقىرىدى.
مەمەت تاغا ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ، ئامالسىز بېشىنى چايقاپ، ئايلىنىپ ئۆتۈپ ماشىنىغا چىقتى.
تاكى ماشىنا قوزغىلىپ كەتكۈچە، ئەنسەر دېرىزىنى قانداق ئۇرسۇن، دىلنارنىڭ كۆرۈش سىزىقى ئازراقمۇ ئېغىپ قويمىدى.
ئەنسەر ھەتتا ماشىنىنى خېلى يىراققىچە يۈگۈردى، نەتىجىدە پەقەت يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ دىلنار ئولتۇرغان ماشىنىنىڭ بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar