تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 62-قىسىم_ ئېغىر ۋەزىپە

文摘   小说   2025-01-05 14:04   新疆  


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق 107-قىسىم توپلام تامام 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
45
44434241
5049484746
5554535251
 60   59  58 57 56
 60   59  58 57 56




 61 


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

62-قىسىم

   



 


62 - قىسىم   ئېغىر ۋەزىپە


- ئاۋۋال بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ. - دېدى مۇنىرە يېنىدىكى چوڭ سومكىسىدىن  ھۆججەتنى ئاختۇرۇپ، ئىككى قولى بىلەن سۇندى، نادىرنىڭ ئاپىسى كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ:

   -  بۇ  ... - دېدى.

مۇنىرە چۈشەندۈرۈپ:

   -  بۇ مەن تۈزگەن كۈنتەرتىپ پىلانى، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن كۆرۈپ بېقىڭ، ۋاقىت ۋە لىنىيە جەھەتتىن تەڭشەشكە بولىدۇ. - دېدى. 

نادىرنىڭ ئاپىسى ۋاراقلاپ،  شەھەرنىڭ چوڭ خەرىتىسىدىكى ھەر قايسى مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بەلگە سېلىنغانلىقىنى كۆردى، ھەر بىر مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ سىرتىغا سوزۇلغان ئوخشىمىغان رەڭلىك لىنىيەلەرگە ئەگرى-بۈگرى ھالدا سان-سىپىرلار يېزىلغان بولۇپ، بىر قاراپلا ناھايىتى قالايمىقان ۋە چۈشەنمەك تەس ئىدى، لېكىن ئىنچىكىلەپ قارىسا، ھەر بىر ساننىڭ ئوخشىمىغان لىنىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، ھەر بىر خىل رەڭلىك لىنىيەنى بىر ئايلىنىپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى، ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى بايقىغىلى بولاتتى.

مۇنىرە سەل خىجىل بولۇپ:

  -  ئالدىراشچىلىقتا تەييارلىغانلىرىم ئانچە تولۇق بولماي قالدى، بىراق مەن مۇشۇ يەرلىك، قەيەرگە بارماقچى بولسىڭىز ماڭا بىۋاسىتە دەڭ، مەنمۇ ئومۇمىي جەھەتتىن پىلان تۈزەلەيمەن، يولغا بەك كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋەتمەيمەن، - دېدى. 

نادىرنىڭ ئاپىسى كۈنتەرتىپ پىلانىنى قويۇپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى، مۇنىرەنىڭ جىددىي مۇداپىئە ھالىتىدىن تەسىرلىنىپ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ:

- بۇ بالىنىزە... - دېدى.

مۇنىرە نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەي چۆچۈپ كەتتى.

  -   ئەستايىدىل  ھەم جاھىلكەنسىز. - دېدى نادىرنىڭ ئاپىسى. 

خاتا ئاڭلاپ قالدىمۇ؟ چوقۇم خاتا ئاڭلاپ قالمىدى.

مۇنىرە يۈزىنى ئېتىۋالدى، بايا ئاڭلىغان گەپلىرى  ئۆزىگە پەقەت ماس كەلمەي قالدى، بۇنى  خىيالىي تۇيغۇ دەپ ئويلىدى.

نادىرنىڭ ئاپىسى ئوغلىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ قىزنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى ئاخىرى چۈشەندى، بۇ ئىككى بالىنىڭ قانداقلىقىنى بىلدى، ئىككىلىسىنىڭ كاللىسى بەزى ئىشلارغا ئىشلىمەيدىكەن .

- مۇنىرە،  بىز يەنە بىر ئادەمنى بىللە ئېلىپ بارىمىز. - دېدى   نادىرنىڭ ئاپىسى كۈلۈپ تۇرۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، بىراق پىلاننى يەنىلا ئىجرا قىلىش كېرەك، گۈلپەرىنىڭ ھۇجرىسى تەرەپكە قاراپ،   -  گۈلپەرى، تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟؟ - دەپ توۋلىدى. 

مۇنىرە ئىختىيارسىز قارىۋىدى، ئۇدۇلدىن كۆرگىلى بولىدىغان مېھمانلارغا تەييارلاپ قويغان ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، ئىچىدىن سۇس سۆسۈن رەڭلىك كۆينەك كىيىۋالغان بىر قىز چىقتى.

قاپقارا ئۇزۇن چاچلىق، گازىر  يۈزلۈك، پورەكلەپ ئېچىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان قىزچاق ئۇلارغا قاراپ كەلدى.

مۇنىرەنىڭ كۆزلىرى يوغان ئېچىلىپ قالدى، نېمىدېگەن چىرايلىق ...

گۈلپەرى < ئېغىر ۋەزىپە> نى زىممىسىگە ئېلىپ، بېشىنىڭ ئاغرىقىغا چىداپ، ئىككىنچى ھاممىسىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن مۇنىرە تەرەپكە قاراپ ماڭدى، يامان تەستە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

   -  ياخشىمۇسىز، ئەمدى بىزنى ئايلاندۇرۇپ كەلسىڭىز بولىدۇ، ئاۋارە قىلدۇق، - دېدى. 


   -  ئاۋارە بولىدىغان ئىش يوق، قانداق يەرگە بارغۇڭىز بولسا دېسىڭىز بولىدۇ، - دېدى مۇنىرە. 

نادىرنىڭ ئاپىسى چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويدى، نېمىشقا ئازراقمۇ ئىنكاس بولمايدۇ، گۈلپەرى بىلەن نادىرنىڭ چىرايى ئوخشاپمۇ كەتمەيدىغۇ.

نادىرنىڭ ئاپىسى كەيپىياتىنى ۋاقتىنچە ئوڭشاپ، كۈلۈپ تۇرۇپ:  

 -  كۈننىڭ تېخى ئىسسىپ كەتمىگەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تېزراق سىرتقا چىقايلى، -  دېدى. 

مۇنىرە ھەيدىگەن ماشىنا، نادىرنىڭ ماشىنىسى  ئىدى، بىرىنچى بېكەت شەرقىي جەنۇب تەرەپتىكى  تاغ بولدى.

تاغ  بۇ شەھەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مەنزىرە نۇقتىسى بولۇپ، تاغ چوققىسىدا چىققۇچە ئۇزۇن پەلەمپەيدىن چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.  ھەر 30 پەلەمپەيدە يەنە بىر  < سېغىنىش سۇپىسى>  ياسالغان، ھەر بىر تاش سۇپا يۈزىدە ھەر خىل قاپارتما نەقىشلەر بار، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ھەر خىل مەنزىرىلەرگە قەدىمى كىتابلاردا كۆپ چىقىدىغان نەقىللەر ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۆزگىچە خاس مەنىگە ئىگە .

مۇنىرە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇلارنى سۈرەتكە تارتىپ قويدى.

ئاۋۋال سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىنىڭ قانداقلىقىنى دېمەي تۇرايلى، ئىشقىلىپ ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى ئىشلەتتى.

ئارىلىقتا سۇ، كۈنلۈك سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن مۇنىرەنىڭ ئىچ كىيىملىرى چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتى.

گۈلپەرى نېمىشقىدۇر پەرۋاسىز تۇرغان نادىرنىڭ ئاپىسىغا قاراپ، چىداپ تۇرالماي:

   -  شۇنچە كۆپ پەلەمپەيدىن چىقىپ بەك ھېرىپ كەتتىم، ھامما،  بىردەم ئارام ئېلىۋالايلى ، - دېدى. 

ئەلۋەتتە،  بۇ گەپنىمۇ نادىرنىڭ ئاپىسى ئالاھىدە تاپىلاپ قويغانىدى.

 نادىرنىڭ ئاپىسى بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇنىرەنىڭ يېتىشىۋېلىشىنى ساقلىغاندىن كېيىن، ھارغىن چىراي ئىپادىسىگە بىر قاراپ قويۇپ، گېلىنى قىرىپ:

    -  ئەمىسە ئورۇن تېپىپ ئولتۇرايلى، مۇنىرە  بېرىپ ھەر خىل رەڭلىك شارپىلاردىن ئېلىپ كەلسۇن، بۇ يەردە رەڭلىك شارپىلار بىلەن سۈرەتكە چۈشسە چىرايلىق چىقىدۇ، - دېدى. 

رەڭلىك شارپىلارنى ئىشىك ئالدىدا ساتاتتى، مۇنىرە بۇيرۇققا بىنائەن دەرھال يۈگۈرۈپ ماڭدى.

ئۇ كېتىشى بىلەنلا گۈلپەرى دەرھال يېنىغا كېلىپ:

   -  ئىككىنچى ھامما جېدەل قىلمىسىڭىز قانداق، قارىسام مۇنىرە ئاچام بەك ھېرىپ كېتىپتۇ، ئۇ بىردەم ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋالسۇن. - دېدى. 

  -  مەن لايىقىدا ئىش قىلىمەن، - دېدى نادىرنىڭ ئاپىسى. ئۇنىڭمۇ مۇنىرەنى قىيناپ قويۇشقا كۆزى قىيمايدۇ، نېمىلا بولسۇن ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى كېلىنى ، قىيناپ قويسا قانداق بولىدۇ؟ ئۇ پەقەت بۇ قىزنىڭ قەيسەرلىكىنى كۆرۈپ، يەنە ئۇنىڭ ئۆز ئوغلىغا زادى كۆڭلى بارمۇ-يوق، بىلىپ باقماقچى.

نادىرنىڭ ئاپىسىنىڭ كۆڭلىدە چوت بارلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، نېمە چوت سوقۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلەلمىگەن مۇنىرە  رەڭلىك شارپا سېتىۋېلىپ، بىر-بىرلەپ ئۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ:

-  بۇ يەردە سۈرەتكە چۈشسەڭلار چوقۇم چىرايلىق چىقىدۇ، - دېدى. 

نادىرنىڭ ئاپىسى كۈلۈپ تۇرۇپ:

   -  مېنىڭ  باشقا تەلىپىم يوق، پەقەت نادىرنىڭ چىرايلىق سۈرەتلەرنى كۆرۈپ قىزىقىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، - دېدى.

بۇ ئۇنى تەڭقىسلىقتا قويغىنى ئەمەسمۇ...  مۇنىرەنىڭ كۆڭلى پەرىشان بولۇپ، ۋىجدانىغا خىلاپ ھالدا:

 - نادىر ئەپەندىنىڭ كۆزى ئۆتكۈر چىرايلىق سۈرەتلەرنى كۆرۈپ چىقىدۇ، - دېدى. 

شۇنىڭ بىلەن نادىرنىڭ ئاپىسى گۈلپەرىنى تارتىپ كېلىپ، ھەرخىل قىياپەتتە سۈرەتكە چۈشتى.

 - نادىر كىچىكىدىنلا زېرەك، ئاق كۆڭۈل، مېھرىبان، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ، ئەمدىكى ئىشى بالدۇرراق ئۆيلىنىپ ئۆي - ئوچاقلىق بولۇشلا قالدى. ئەگەر بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشسا، بېشىمغا كۆككە تاقىشاتتى، - دەپ گۈلپەرىگە نەچچە قاراپ قويدى.  

گۈلپەرى ئىچىدە <ھەرگىز ئۇنداق ئىش ئەمەس، راست دەپ ئويلاپ قالماڭ> دېدى.

مۇنىرە نادىرنىڭ ئاپىسىنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىگە قاراپ كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ قويدى.

 چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان بۇ ھەدەش بەك تېز ئۆزگىرىدىكەن دېسە...  تۈنۈگۈن تېخى ئۇنى ياخشى كۆرىمەن دەپ يۈرەتتى... 

بىراق، بۇ قىزچاق كىم، نېمىشقا نادىر   ئەپەندىنىڭ ئۆيىدە يېتىپ قوپىدۇ؟

بەلكىم ئۇرۇق-تۇغقىنى بولۇشى مۇمكىن.

گۈلپەرى مۇنىرە بىلەن ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ، ئازراق ئۇچۇر بېرەيمۇ  دەپ ئويلىدى، بىراق ئۇ ئىككىنچى ھاممىسىدىن قورقۇپ، گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدى، پەقەت يان تەرەپكە ئۆتۈپ:

   -  مۇنىرە ئاچا، سىزنىمۇ چىرايلىق سۈرەتكە تارتىپ قوياي، - دېدى. 

مۇنىرە بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:

   -  بولدى، سىزنى ئاۋارە قىلماي، - دېدى. 

گۈلپەرى بۇنى چۈشەنمەي:

  -  بۇ قىيىن ئىش بولمىسا، چىرايلىق سۈرەتلىرىڭىزنى كۆڭلىدىكى ئادەمگە ئەۋەتىپ بەرسىڭىز مۇھەببەتلىشىپ قالامسىز تېخى... - دېدى.  

  -  لېكىن بەك ئاچكۆز بولۇپ كەتسەم بولمايدۇ، -  دېدى  مۇنىرە كۈلۈپ كۆزىنى قىسىپ قويدى. 

  -  بىراق، بۇمۇ پەقەت  تەلەپ قىلىش خالاس، قانداقسىگە ئاچكۆزلۈك بولىدۇ ، - دېدى گۈلپەرى. 

مۇنىرە ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ:

   -  ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم بولغاچقا، ناھايىتى چوڭ پەرق بارلىقىنى بىلىمەن، - دېدى. 

گۈلپەرى تىت-تىت بولۇپ:

   -  بىراق، ھېسسىياتتا قانداقسىگە پەرق بولىدۇ، پەقەت ئامال قىلىپ قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرسىلا بولدى. مۇنىرە ئاچا مىجەزىڭىز شۇنداق ياخشى ھەم بەك چىرايلىق ئىكەنسىز، تىرىشمىسىڭىز ھەقىقەتەن مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن. - دېدى.

مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن... مۇنىرەنىڭ يۈرىكى بىر قىسما بولۇپ قالدى، ئۇ تېخى نادىرنىڭ ئاپىسىنىڭ ئالدىدا خىجىل بولماي بىر قەۋەت دېرىزە قەغىزىلا قالدى دەپ يۈردى!

  -   ھىم، -  مۇنىرە بېشىنى كۆتۈرۈپ،  -   شۇنداق  مەن بارلىق ئاماللار بىلەن ئۇنى ئىگىلىۋېلىشقا تىرىشتىم! - دېدى. 

نادىر   ئەپەندىنىڭ ماشىنىسى ئۇنىڭ قولىدا بولسىلا، نادىرنىڭ بارلىق  مۇساپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بىلىپ تۇرىدۇ، يەنە پات-پات بىللە تاماق يەپ ، بىللە تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ...  ئۇ چوقۇم نادىرغا نىسبەتەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق  ئەڭ ئالاھىدە ئايال بولالايدۇ!

نادىر بىلەن نۆل ئارىلىقتا يېقىنلىشالامدۇ-يوق، بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس، خام خىيال قىلمىغىنى ياخشى.

…… نادىرغا ئوخشاش   قارلىق تاغدىكى قار لەيلىسىدەك ئادەمدە ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ كاللىسىدىكى ئىللىق ئائىلە قۇرۇشتەك كىچىك ئىشلارنىڭ بولۇشى  ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

گۈلپەرى مۇنىرەنىڭ كۆزلىرىدىن چاقناپ تۇرغان ئۈمىد نۇرىدىن ئايلىنىپ قالغىلى تاس قالدى، ئۇ كۆڭلىدە <ئەسلىدە مۇنىرە ئاچامنىڭ مۇشۇنداق ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بار ئىكەندە،  بۇ يەردە ئاكامنىڭ ئىشى يوقكەن... >دەپ ئويلىدى...  ئۇ ئاكىسىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلاي دەپ تۇرۇشىغا، نادىرنىڭ ئاپىسى كۈلۈمسىرىگەن ھالدا يېنىغا كەلدى.

  -   گۈلپەرى قاراڭ، ئاۋۇ ساياھەتچىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، سىزنى بەك چىرايلىقكەن دەپ ماختاپلا كەتتى، - دېدى. 

- شۇنداقمۇ؟ ئادەمنى خىجىل قىلىپ ، - دېدى گۈلپەرى. 

بىر چەتتە تۇرغان مۇنىرەنىڭ تەبەسسۇمى يەنىلا بۇرۇنقىدەك بولۇپ، ئازراقمۇ خاتالىق كۆرۈلمىدى.

نادىرنىڭ ئاپىسى كۈلۈمسىرىگەن ھالىتىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، كۆڭلىدە ئۇھ تارتتى، ئازراقمۇ ئىچى تارلىق قىلماي،  ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقتى.

مۇنىرە ئاخىر كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق ساياھەتنى داۋاملاشتۇرغانلىقىدىن كۆڭلى ئارام تاپتى.

بۇ تېخى  بىر مەنزىرە نۇقتىسى. بارىدىغان  يەرلەر، كۆرىدىغان مەنزىرىلەر بەك كۆپ. 

مۇشۇنداق ئاپىسى بار يەردە ، نادىر ئەپەندىنىڭ  قېرىغۇچە يالغۇز ئۆتۈپ كېتىش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېرىشىشى تەستەك قىلىدۇ.







 


 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章