تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 61-قىسىم_ مەن بولمىسام بولمايدۇ

文摘   小说   2025-01-04 13:58   新疆  


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق 107-قىسىم توپلام تامام 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
45
44434241
5049484746
5554535251
 60   59  58 57 56






 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

61-قىسىم

   



 

 


61-قىسىم


تاماق ئۈستىلىدىكى ئىككى ئايال بىر - بىرىگە قارىشىپ، چوكىنى قويۇپ نادىرغا قارىدى.

 نادىر ئاپىسىنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ قويۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ تېلېفوننى قوبۇل قىلىپ سىرتقا قاراپ مېڭىپ:

- ھودۇقماڭ، نېمە بولدى؟  - دەپ سورىدى.

 نادىرنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا ئالىيىپ قاراپ قويۇپ:

- تېلېفون ئالىدىغان ئىشقۇ شۇ، مەنمۇ ئاڭلاشنى خالىمايمەن، ئۇنىڭدىن ھېلىقى كىچىك قىزچاق بىلەن پاراڭلاشقىنىم ياخشى، - دېدى. 

گۈلپەرى كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ:

   -  ئىككىنچى ھامما، ئاكام ياخشى كۆرىدىغان قىز بىلەن پاراڭلىشىۋاتامسىز؟- دەپ سورىدى. 

نادىرنىڭ ئاپىسى ماڭلاي چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ:

   -  ئاخىرىدا يەنىلا مەن بولمىسام بولمايدۇ، - دېدى.

گۈلپەرى لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتى، نەۋرە ئاكىسى شۇنچە قالتىس تۇرسا، ئىككىنچى ھاممىسىنىڭ غەم يەپ كەتكىنى قىزىق.

- مۇنىرە ~  ئەتە مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ناشتا قىلامسىز ...  نېمە يېيىشنى ياخشى كۆرىسىز ... دەپ بىرمۇنچە ئۇچۇر يوللىدى.

مۇنىرە بىرىنچى ئۇچۇرىغىمۇ جاۋاب قايتۇرمىدى، ئىككىنچىسىنى ئەۋەتسىمۇ قايتۇرمىدى، ئۈچىنچىسىنى ئەۋەتسىمۇ قايتۇرمىدى، نادىرنىڭ ئاپىسى قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، گۇمان بىلەن ئېڭىكىنى سىلىدى، ئۇنداق ئەمەستۇ، ئەجەبا بىرەر ئىش چىقىپ قالغانمىدۇ؟

بوينىنى بۇراپ، سىرتقا قاراپ، چوڭقۇر ئويغا پاتتى.

ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ نادىر كەتكەن تەرەپكە قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن گۈلپەرى گاڭگىراپ قېلىپ:

 - ئىككىنچى ھامما، سىز... - دېدى.

نادىرنىڭ ئاپىسى بىر بارمىقىنى چىقىرىپ، ھۈش-ھۈش قىلدى.

نادىر دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ، كۆزلىرىنى سەل-پەل ساڭگىلىتىپ، تېلېفوننىڭ ئۇ چېتىدىكى ئادەمنىڭ يىغلىغۇدەك بولغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى.

  -نادىر   ئەپەندى مېنىڭ پۇل-مالغا مەستانە بولغانلىقىمغا ئۆزۈمنىڭمۇ ئەقلىم يەتمەيدۇ، بۇ قېتىم  چوقۇم  ياردەم قىلىڭ، ساياھەت يېتەكچىسى بولۇشتەك بۇنداق تېخنىكىلىق ئىشنى مەن قىلالمايمەن! - دېدى مۇنىرە.

  -  ياردەم قىلمايمەن. - دېدى نادىر.

  -   ئۇنداقتا ماڭا ھالاكەت يولىغا مېڭىشتىن باشقا ئامال قالمىدى... مېنىڭ ھېسسىيات بۆلۈنمەم بەك تۆۋەن، ئاپىڭىزنى ياخشى ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالمايمەن،  ماڭا ياردەم قىلمىسىڭىزمۇ ئۇنىڭ غېمىنى يەپ قويۇڭ! -  دېدى مۇنىرە بىر تىنىقتا ھەممىنى دەپ،  مەيدىسى ئاغرىپ كەتتى.

ئۇ  مەيدىسىگە ئۇرۇپ، يىغلىغۇدەك بولدى.

نەس باستى، راست نەس باستى...

نادىرمۇ يەنىلا پىسەنت قىلمىدى، ھەتتا كۈلۈپ كېتىپ، مۇلايىم تەلەپپۇزدا:

   -  ئۇنىڭغىمۇ خوپ بوپتۇ. - دېدى. 

مۇنىرە چۆچۈپ كەتتى،  راست ۋاپاسىز بالا بوپتۇ.

  -  ئۇنداق قىلماڭ، نادىر   ئەپەندى، - دېدى مۇنىرە  يالۋۇرۇپ،   -  مەن ھەممە ئىشنى بۇزۇپ قويىمەن، شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى قىلغان ئىشلىرىمنى كۆرۈپ، ئانچە - مۇنچە بىلىپ قالدىڭىز، مەن بىر يارامسىز، - دېدى مۇنىرە. 

- مەن ئۇنىڭغا سىزنىڭ يارامسىز ئىكەنلىكىڭىزنى ئالدىن ئېيتىپ قويىمەن.  - دېدى نادىر.

  -  ئۇنداق قىلماڭ!  - دېدى مۇنىرە جىلە بولۇپ، ئۇنىڭغىمۇ يۈز كېرەك!

  -   بولدى، بولدى، ئۇنداقتا سىز ھەدەمنىڭ قىزىقىشىنى ئېيتىپ بېرىڭ،  تىرىشىپ باقاي، - دېدى مۇنىرە. 

تېلېفوننىڭ ئۇ چېتىدىكى قىزنىڭ قانچىلىك روھسىزلىنىپ كەتكىنىنى تېلېفوندىكى ئاۋازىدىن تولۇق ھېس قىلغىلى بولاتتى، نادىر ئۇنىڭ قاپىقىنى تۈرۈپ، ئاغزىنى ئۇچلاپ تۇرغان چىرايىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئىختىيارسىز كۈلۈپ كېتىپ:

- ئۇ چىرايلىق قىزلارنى ياخشى كۆرىدۇ. - دېدى.

مۇنىرە ئىختىيارسىز كەينىگە بىر قەدەم داجىپ، دېرىزە ئەينىكىدىكى ئانچە ئېنىق كۆرۈنمىگەن ئۆزىگە قارىدى، بۇ...  بوپقالىدىغاندۇ؟؟؟

  -  يەنە بارمۇ؟  - دەپ سورىدى مۇنىرە.

- ئۇ قاينام-تاشقىنلىقنى ياخشى كۆرىدۇ.- دېدى نادىر. 

  -  ئېسىمدە تۇتۇۋالدىم!  - دېدى مۇنىرە.

  -  ئاچچىق يېيىشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ئاچچىق يېيەلمەيدۇ، ئۇنىڭ يۇتقۇنچاق ياللۇغى بار.  - دېدى نادىر.

  -  - يەنىچۇ؟- دېدى مۇنىرە.

- چاقچاق قىلىشقا ئامراق، بەزىدە سەل چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بىراق يامان نىيىتى يوق.  - دېدى نادىر.

مۇنىرە ئىختىيارسىز بېشىنى لىڭشىتتى، ئۇ بۇ نۇقتىنى بۈگۈن چوڭقۇر ھېس قىلدى.

  - ئاسانلا  باشقىلارنىڭ رايىغا باقىدۇ، سىز بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلەيدۇ، بېسىم ھېس قىلماڭ، ئۇنى خالىغانچە ئايلاندۇرۇپ كەلسىڭىزلا بولىدۇ. - دېدى نادىر.

  -  قانداقمۇ خالىغانچە ئىش قىلغىلى بولسۇن...  - دېدى  مۇنىرە پەس ئاۋازدا تىت-تىت بولۇپ،  ئون يۈرىكى بولسىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ.

نادىر ئېنىق ئاڭلىيالمىغىنى بىلەن پەرەز قىلدى، ئەمما باشقا گەپ قىلماي:

-   ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدۇ، خاتىرجەم ئارام ئېلىڭ، - دېدى. 

  -   ھە.  - مۇنىرە  تېلېفوننى قويۇۋېتىپ، ئۈستەلگە قايتىپ، ئىسسىق تەييار چۆپتىن بىر يۇتۇم ئوتلىدى.

چۆپى يۇمشاپ، ئىلاستىلىكىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ... مۇنىرە ئىنچىكىلىك بىلەن تېتىپ بېقىپ، خۇلاسە چىقاردى.

 قۇرۇتۇلغان كالا گۆشىگە يېرىم مىنۇت تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، تەييار چۆپنى يىغىشتۇرۇپ، ئۈستەل ئالدىغا قايتىپ كېلىپ، خاتىرە كۇمپىيۇتېرنى ئېچىپ، بارماقلىرىنى ئۇچۇرۇپ كۇنۇپكا تاختىسىنى چەكتى، تور بەتتىن شەھەر خەرىتىسىنى تاپتى، نادىرنىڭ ئۆيىنى ئاساس قىلىپ،  پۈتۈن شەھەرنى پېلەكتەك قاپلىغان يوللارنى كۆردى.

نادىر تېلېفوننى قويۇپ كەينىگە بۇرۇلۇپ، چېكىنىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن  ئاپىسى بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل دوقۇرۇشۇپ قالدى.

 ئاپىسى ئەتراپقا قاراپ قويۇپ، مەردانىلىك بىلەن:

   -  كىمگە تېلېفون قىلىۋاتىسەن؟  - دەپ سورىدى.

  -  بۇمۇ سىزنىڭ باشقۇرۇش دائىرىڭىزدىمۇ؟ - دېدى نادىر بىلىنەر - بىلىنمەس كۈلۈپ قويۇپ، - ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىلىپ تۇرۇپ سوراشنىڭ نېمە  ھاجىتى بار، - دېدى. 

 كۈلكىسىنىمۇ يوشۇرۇپ قالالمىغان  ئاپىسى ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ:

   -  ئەزمىلىك قىلىپ ئولتۇرىسەن شۇنداقمۇ، ئۇنداق بولسا مەن ساڭا ھەرىكەت ئىقتىدارى ئۇقۇمىنى يەنە بىر قېتىم كۈچەيتىپ بېرەي. - دېدى. 

نادىر يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ قولىنى چۈشۈرۋېتىپ،  كۆزىگە تىكىلىپ قارىدى،  كۆزلىرىدىن  ئاگاھلاندۇرۇش چاقناپ،   -  ئۇ ھەممە ئىشقا ئەستايىدىل قارايدۇ، - دېدى.

  -   ھە؟ - دېدى ئاپىسى قولىنى قوۋۇشتۇرۇپ، مەيدىسىنى كېرىپ تۇرۇپ،-  نېمە دېمەكچى، ئېنىقراق سۆزلە، - دېدى. 

نادىر كۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، قاش-كۆزلىرى سەل-پەل سوۋۇپ:

  -   ئۇنى بوزەك قىلماڭ، - دېدى. 

ياتلىق بولغان ئوغۇل يەرگە چاچقان سۇغا ئوخشايدىكەن.

ئاپىسى  يۈرەك باغرىنىڭ ئاغرىقىغا چىدىيالماي قالغاندەك ھېس قىلدى، يولسىز سولتەك، ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ ئانىلىق مېھرىنى خورىتىپ تۈگىتىدىغان بولدى!

ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، يېڭى ئېزىلگەن پۇرچاق سۈتىدىن بىر يۇتۇم ئوتلىغاندىن كېيىن، ئۆتكۈر كۆزلىرىنى  ئاشخانىغا قاراتتى.

ئەتىسى ئاشخانىدىكى نادىر بىر قاچا  كاۋا ئۇمىچىنى ئۇسۇپ مۇنىرەنىڭ ئالدىغا قويۇپ :

  -   ئىچىڭ.  ھەقىقەتەن يارىماس ئىكەنسىز،- دېدى . 

مۇنىرە قوشۇقنى ئۆزى ئېلىپ، ئۇۋالچىلىققا قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:

 - جىددىيلىشىۋاتىمەن، ئۇ دېگەن سىزنىڭ ئاپىڭىز، سىزدىن 20 يىل ئارتۇق تاماق يېگەن!  - دېدى. ئۇ ئۆزى بىر ئاددىي پۇقرا تۇرسا، قانداقمۇ چىشىغا تېگەلەيدۇ.

- ئۇنتۇپ قالماڭ، سىز بۈگۈن پۈتۈن بىر كۈن مەندىن 20 يىل ئارتۇق گۈرۈچ يېگەن ئاپام بىلەن بىللە يۈرىسىز، - دېدى نادىر. 

مۇنىرە بىر قوشۇق ئۇماچنى ئېلىپ ئاغزىغا سالدى، كاۋىنىڭ پۇرىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، تەمى تاتلىق، تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق، بەك ئىچىشلىك ئىدى.  كۆزىنى سەل-پەل قىسىپ قويۇپ ئاغزىنى تامشىتىپ:

   -  ئوخشىمايدۇ، بۇ دېگەن خىزمەت. - دېدى. 

خىزمەتتىكى قىيىنچىلىقنى تەبەسسۇم بىلەن يەڭگىلى بولىدۇ.

  -  تۇرمۇش جەھەتتىكى قېيىنچىلىقنىمۇ تەڭ يەڭەلمەمسىز؟ - دەپ سورىدى نادىر. 

مۇنىرە قولىنى كۆتۈرۈپ يۈزىنى توسۇۋېلىپ:

  -  مەن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشنى تاللايمەن، - دېدى. 

نادىر ئاشخانىنى يىغىشتۇرۇشقا كىرىشىپ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى.

  -نادىر   ئەپەندى ... - دېدى بىردەمدىن كېيىن، مۇنىرە لەۋلىرىنى يالاپ، ئۇماچ قاچىسىنى سۇنۇپ،    -  سىز راستتىنلا ئاپىڭىزنىڭ مەن بىلەن بۇنچە ئۇزۇن بىللە تۇرۇشىدىن خاتىرجەم بولالامسىز؟  - دەپ سورىدى.

  -   سىز ئادەمنى خاتىرجەم قىلمايسىز، بىراق ئاپامنىڭ نورمال ۋاقتى بىر قەدەر كۆپ . - دېدى  نادىر قاچا يۇيىدىغان دەسمالنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ، - چۈشەندىڭىزمۇ؟  - دېدى.

مۇنىرە قولىدىكى دەسمالنىڭ يۈزىگە  تېگىپ قىلىش ئېھتىماللىقىدىن قىلچە گۇمانلانماي، ئىتتىكلا بىر ياققا ئۆتۈپ، ئۇماچنى جىممىدە ئىچتى.

 نېمە دېگىنىنى پەقەت بىلمىگەن مۇنىرەنىڭ كۆڭلى ئۇنىمىدى، ھازىرقى ئەھۋال شۇكى، ئۇ نادىرنىڭ ئاپىسىنىڭ تەلىپىگە باش لىڭشىتسىلا، تېگىشلىك ئورنىغا چىقىش پۇرسىتى بولىدۇ؟  نادىر   ئەپەندى بىردەمنىڭ ئىچىدە تەسلىم بولىدۇ...  ئۇنىڭ غېرىچقا ئېرىشىپ ، غۇلاچقا كۆز تاشلىشىدىن ھەزەر ئەيلىمىسە بولمايدۇ.

ھەيي، بۇ نادىر   ئەپەندى   ھەقىقەتەن ئوغرىدىن ئاگاھ بولۇشنى بىلمەيدىكەن.

ناشتىلىق ۋاقتى بىر دەمدىلا ئۆتۈپ كەتتى، نادىر ئۆزى ئىشقا كەتتى، مۇنىرە بىلەن  ئاپىسى سافانىڭ ئىككى تەرىپىدە ئولتۇرۇپ قالدى.


 

 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章