كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم 第10部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
91 | 90 | 89 | 88 | 87 |
92 |
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
93-قىسىم
93-قىسىم
تونۇشىدىغان ناتونۇشلار
دىلنار دېرىزە سىرتىغا بىردەم تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، يېنىك پىخىلداپ كۈلۈپ قويۇپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ بىر كىتابنى ئېلىپ، خالىغان بىر بەتنى ئېچىپ، داۋاملىق ئوقۇشقا باشلىدى.
باشقا ساۋاقداشلار ئارقا-ئارقىدىن سىنىپقا كېلىپ پارتا-ئۈستەللەرنى تاللىدى، ئۇ باشتىن-ئاخىر كۆزىنى ساڭگىلىتىپ، مەڭزىنى تۇتۇپ كىتاب ئوقۇدى.
ئۇ شۇنچىلىك سوغۇققان، چىقىشماق تەس تەسىر بەردى، شۇنچە كۆپ ئادەم بىر-بىرلەپ ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشتى، ئەمما ئۇ باشتىن-ئاخىر بېشىنىمۇ كۆتۈرمىدى، باشقىلارغا كۆز ئىشارىتى قىلىشتىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايتتى.
ئۇنىڭ بىلەن ئورۇن تالىشىشنى دېمەي تۇرايلى، ھەتتا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر نەچچە ئورۇنمۇ بوش قالدى.
ئەمما دىلنارنىڭ يېنىدىكى ئورۇنغا ئەنسەر كېلىپ ئولتۇرغان چاغدا، سىنىپتىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى پۇشايماننىڭ تەمىنى ھېس قىلدى.
دىلنار خېلى ئۇزۇن كىتاب كۆردى. كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرگەندە ئەنسەرنىڭ تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشتى.
دىلنار ئۇنىڭغا سۇس قاراپ قويدى، ئاندىن ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتتى. قاراشقا خۇددى ئەنسەرنى پەقەتلا تونۇمايدىغاندەك، ئۇنى كۆرۈپمۇ ھېچقانداق ئىپادىدە بولمىغاندەك تەسىر بېرەتتى.
ئەنسەر سەل ئۈمىدسىزلىنىپ قالدى.
دىلنار ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن ئازراق بىئارام بولغان بولسىمۇ، ئەنسەر خۇشال بولۇپ قالاتتى.
ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئازراق ئورنۇم بولسىمۇ باركەن، پۈتۈنلەي ناتونۇش ئادەم ئەمەسكەنمەن دەيتتى.
دىلنار زادى قانداق قىلىپ بۇنداق قىلالىدى؟
دىلنار بولۇشقا مۇناسىپ، ۋىجدانسىز...
ئەنسەر نېپىز لەۋلىرىنى يۇمۇپ، كۆزىنى قايتۇرۇۋالدى.
يەنىلا بۇرۇنقى دىلنارنى كۆرگەندەك بولدى...
ئەنسەر ئەسلىدە پۇرسەت تېپىپ ئۇنىڭغا گەپ قىلماقچى بولغانىدى.
ئۇنىڭدىن شۇنچە يىللاردا ياخشى ئۆتكەن ياكى ئۆتمىگەنلىكىنى سورىسا، دىلنارنىڭ قانداق پوزىتسىيەدە بولۇپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى تامامەن تەسەۋۋۇر قىلالايتتى...
- چوقۇم دىلنار ھازىرقى سوئالىڭىز بەك ئەخمىقانە ئەمەسمۇ؟ دەيدۇ.
ھىم، ئۇ ھازىر ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ، ساق-سالامەت ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئوبدان تۇرغانلىقىنى بىلدۈرمەمدۇ.
لېكىن بۇ سوئالدىن باشقا، ئەنسەر يەنە ئۇنىڭغا نېمە دېيىشى كېرەك؟
تاپالمىدى.
ئەمەلىيەتتە، ئەنسەر ئەينى يىلى دىلنارنىڭ قەستەن باشقىلارغا تاغدىن چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلغاندەك خاتا تۇيغۇ بېرىپ، ھەممە ئادەمنى ئالدىماقچى ئەمەس، پەقەت ئۇنى ئالداش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.
دىلنار ئېيتقاندەك، راستتىنلا ئۇنىڭدىن قۇتۇلماقچى.
توققۇز يىلدا ئۇ دارىلئېتام بىلەن، ئۇ يەردىكى ھەممە ئادەم بىلەن ئالاقە قىلمىدى.
بۇ بىر كۈنلۈك ئوقۇش ئاخىرلاشقاندا، دىلنار ئاخىرى ئورنىدىن تۇردى.
بىر قولىدا كىتابنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولىدا يانفوننى قۇلىقىغا يېقىپ، ئۇنىڭ يېنىدىن يەڭگىل ئۆتۈپ كەتتى، ئاۋازى تېخىمۇ يەڭگىل بولۇپ:
- ھە، ھازىرلا چىقىمەن، ھە... ئەتكەن چاي ئىچكۈم بار ... - دېدى.
ئوخشاشلا كەتمەكچى بولغان ئەنسەرنىڭ بەدىنى تۇيۇقسىز قېتىپ قالدى.
خېلى ئۇزۇندىن كېيىن، ئۇ ئاستا بېشىنى بۇراپ، سىنىپنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەن دىلنارغا قارىدى.
ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە ‹ ‹ ئەتكەن چاي ئىچكۈم بار › › دېگەن گېپىنى قانداق ئاڭلىسا، ئىچىدە بىر خىل ئەركىلەش تۇيغۇسى باردەك بىلىندى.
ئەنسەر ئۇنى ئەركىلەپ يۈرىدىغان يېشىدا تونۇيتتى، لېكىن ئۇنىڭ ئەركىلىگىنىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدى.
تەسەۋۋۇرلىرىدا دىلنارنىڭ ئەركىلىگەن ھالىتىنى بىر قېتىممۇ ئويلىيالمىغان.
ھازىر، گەرچە ناھايىتى سۇس بولسىمۇ، لېكىن ئەنسەر يەنىلا سېزىپ قالدى.
لېكىن قەلبىدىن ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمىدى.
دىلنار ھېچبىر تارتىشماستىن ئىشىك ئالدىدىن كېتىپ قالدى، ئەنسەر ئورنىدىن تۇردى، ئۇنىڭ ئېگىز، ئورۇق بەدىنى، ئاق كۆڭلەك كىيگەن ھالىتى ئادەتتىن تاشقىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.
بىر توپ قىزلارنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا، ئەنسەر چوڭ قەدەم بىلەن سىنىپتىن ئايرىلدى.
ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، دىلنارنىڭ قولىدىكى بىر نەچچە كىتابنى خالىغانچە بىر ياش يىگىتنىڭ ئۈستىگە تاشلىغانلىقىنى كۆردى، ئاندىن ئۇ يىگىت سۇنغان قەغەز ئىستاكاننى ئېلىپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، بىر يۇتۇم ئىچتى.
بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى مۇرات بولۇپ مۇرات دىلنارنىڭ كەم ئۇچرايدىغان رازى بولغان ھالىتىگە قاراپ، كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ھەر قېتىم بۇ چىراي ئىپادىڭىزنى كۆرگەندە، دەسلەپتە قانداق ياقتۇرمىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ قالىمەن. ھازىرچۇ ياقتۇرغانسىز ؟ - دېدى.
دىلنار بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي:
- بۇنى ئىچىشنى ياخشى كۆرىمەن دېمىدىم. - دېدى.
مۇرات يا كۈلۈشىنى، يا يىغلىشىنى بىلەلمەي:
- ئۇنداقتا بۇ نېمىگە ھېساب؟ ياخشى كۆرمىگەن ئادەم مۇشۇنداق قانائەت ھېس قىلىپ كېتەمسىز، - دېدى.
- كىم ئۇنى ئىچىپ رازى بولغان ئادەم چوقۇم ئۇنى ياخشى كۆرۈشى كېرەك دەپ بەلگىلەپ قويۇپتۇ؟ - دېدى دىلنار.
ئاندىن يەنە بىر يۇتۇم ئىچتى، ئىككىيلەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغىچە يانمۇ-يان ماڭدى، مۇرات چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋېلىپ:
- سىزنىڭ بىر تالاي ئەگرى-توقاي قائىدىلىرىڭىز بار، گەپتە تەڭ كېلەلمەيمەن، - دېدى.
- ئەگرى - توقاي بولسىمۇ، قائىدىگە چۈشىدۇ، - دېدى دىلنار.
مۇرات بۇ قېتىم گەپ قىلمىدى.
دېگىنىمۇ توغرا، شۇنچە يىلدىن بۇيان، ئۇ دىلنارنىڭ كۆپ قېتىملىق قائىدىگە چۈشمىگەن گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلىدى، ئەمما ھەر قېتىمدا كاللىسى دىلنار تەرىپىدىن يۇيۇلۇپ ماڭدى.
- ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشى قانداقراقكەن؟ - دەپ سورىدى مۇرات.
- شۇ ئورۇن ئالماشتۇرۇپ كىتاب كۆرگەنلىكقۇ، يەنە قانداق بولاتتى؟ - دېدى دىلنار.
مۇرات بۇ قېتىم ئاغزىنى يۇمدى، ئەمدى ئۇنىڭغا گەپ قىلغۇسى كەلمىدى.
دادىسى ئاپىسى ئىككىسىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەندىن باشلاپ، دىلنار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگىلى شۇنچە يىل بولغان بولسىمۇ،مۇرات ئەزەلدىن دىلنارنىڭ ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغان بىرەر نەرسىسى بارلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.
ياق.
ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغان ئەمەس، ئادەتتىكىدەك ياخشى كۆرىدىغان نەرسىسى بار دېيىشكىمۇ بولمايتتى.
خۇددى ئارزۇسى يوق ، ئېھتىياجى يوق، پەقەت تىرىشىدىغان، نەتىجە يارىتىدىغان ئادەمگىلا ئوخشايتتى.
- ياخشى كۆرۈشنى ئېتىراپ قىلىش شۇنچە تەسمۇ؟ - دەپ سورىدى مۇرات.
بۇ مەسىلىنى شۇنچە يىللاردىن بېرى يۈز قېتىمدىن ئارتۇق سوراپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىم ھەقىقىي جاۋابقا ئېرىشەلمىدى.
بۇ قېتىممۇ نەتىجىسى ئوخشاش بولدى.
- ياخشى كۆرسەملا ئېرىشىشنى ئويلايمەن، ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ، گۆدەكلەرچە مەنىسىز ئىشلارنى قىلىمەن، شۇنىڭغا سەرپ قىلغان ۋاقىتنى پاي چېكىنى تەتقىق قىلسام، كۆپ پۇل تاپىمەن، ئۇنى يەپ-ئىچىش، كۆڭۈل ئېچىشقا سەرپ قىلسام ياخشى ئەمەسمۇ؟ - دېدى دىلنار.
مۇرات چوڭقۇر ئۇھ تارتتى، مەيدىسى قاتتىق سىقىلىپ:
- قالتىس، - دېدى.
ئىككىيلەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە، دىلنارنىڭ قولىدىكى ئەتكەن چايمۇ قۇرۇقدىلىپ، قۇتىسىنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىدى، مۇرات مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىكى ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ماشىنىغا چىقىشىنى كۈتتى.
ئەنسەر مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ، كىچىك ۋاقتىدا دارىلئېتامدىن ئايرىلغان ۋاقىتقا ئوخشاش، ماشىنىنىڭ ئاستا-ئاستا كېتىپ قالغانلىقىغا قاراپ تۇرۇپ قالدى.
ئۇلار ئىككىسىنىڭ يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشى، ناھايىتى تەبىئىي ئىدى.
خۇددى ئۇنى ناتونۇشقا چىقىرۋەتكىنىگە ئوخشاش تەبىئىي.
ئەنسەر ئەسلىدە دىلنارنىڭ ياخشى ياشاۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈۋالساملا رازى بولىمەن دەپ ئويلىغان ئىدى.
لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنىڭغا ئۇنداق قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بەردى.
رازى بولۇپ، قانائەت قىلىش ئۇنىڭدىن يىراق ئىدى.
ھەتتا تېگى يوق ئازگالغا ئوخشاش، مەڭگۈ تولدۇرغىلى بولمايدىغاندەك قىلاتتى.
كەچلىك تاماق ۋاقتىدا، مەمەت تاغا خۇشال ھالدا ئوغلى مۇراتقا ئوخشاش :
- ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشى قانداقراقكەن؟ - دەپ سورىدى.
دىلنار بىر ئىستاكان ئەتكەن چاي بىلەن قورسىقىنى تويغۇزۋالغاچقا، تاماقتىن ئاران ئىككى قوشۇقلا يەپ.
- ھەر ھالدا بولىدىكەن. - دېدى .
بۇ جاۋاب مۇراتقا بەرگەن جاۋابقا قارىغاندا كۆپ ياخشى بولدى.
دىلنارنىڭ مىجەزىگە كۆنۈپ قالغان مەمەت تاغا بۇ جاۋابىدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ:
- رازى بولمىغان تەرەپلەر بارمۇ؟ بولسا ئەتە مەكتەپ تەرەپكە دەپ قوياي. - دېدى.
دىلنار بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن:
- بولىدىكەن، - دېدى.
مۇرات ئۇنىڭغا قاراپ قويدى.
كەچلىك تاماقتىن كېيىن دىلنار مېھمانخانىدا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈۋاتاتتى، مۇرات ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ:
- مەكتەپتە بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
دىلنار مالىيە-ئىقتىساد قانىلىنى كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىسىغا ئالماشتۇرۇپ، خۇپسەنلىك قىلماي:
- چوڭ ئىش ئەمەس، مەن ئانچە ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن بىر سىنىپقا كىرىپ قاپتىمەن، - دېدى.
مۇراتنىڭ كۆزلىرى چاقناپ:
‐ ئەنسەر؟ - دېدى.
دىلنار تېلېۋىزوردىن كۆزىنى ئۈزمەي - :
- ھىم. - دېدى.
مۇرات كۆزىنى قىسىپ ئۇنىڭغا خېلى ئۇزاققىچە تىكىلىپ:
- چوڭ ئىش ئەمەسمۇ؟ سىنىپ ئالماشتۇرامسىز؟ - دەپ سورىدى.
- ھىم بولدى. -دېدى دىلنار قانال ئالماشتۇرۇپ، - مېنىڭ ئورۇن تېپىشىممۇ ئاسان ئەمەس. - دېدى.
- قارىماققا ھەقىقەتەن چوڭ ئىشتەك قىلمايدۇ، بىر ئورۇنچىلىكمۇ مۇھىم ئەمەسكەن. ئەلۋەتتە بالىلىق چاغلىرىڭىزدا بىللە ئويناپ، ئۇزاق ئايرىلىپ، قايتا جەم بولۇش ئويۇنىغۇ دەيمەن؟ - دېدى مۇرات.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان دىلنار پۇتىنى ئېگىپ، بىلىكىنى تىزىغا قويۇپ، بىر پەس چوڭقۇر ئويغا پاتتى.
ئىككىنچى كۈنى ئوخشاش بىر جايدا دىلنارنىڭ سىماسىنى كۆرگەن ئەنسەر ئۇھ تارتىپ قويدى.
ئۇ دىلنارنى ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، يوقاپ كېتىشنى تاللايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى.
ھېلىمۇ ياخشى، ئۇنداق قىلماپتۇ.
بىراق، ئۇھ تارتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆڭلىدە ئانچە خۇشمۇ بولمىدى.
دىلنارنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشىمايدىغان تەپەككۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتىنمۇ مۇھىم ئىشى باردەك قىلاتتى.
ئەمما نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەلمىدى.
دىلنار ئەزەلدىن يالغۇز يۈرەتتى، باشقىلارنىڭ يېقىنلىشىشقا ئورۇنمۇ قالدۇرمايتتى.
ئەنسەرمۇ شۇنداق، قىزلار كېلىپ گەپ قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىدى.
ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئۇ ئىككىسى سىنىپتىكى ئۆزگىچە ئىككى مەنزىرىگە ئايلىنىپ قالدى.
كىچىك ۋاقتىدىكىگە ئوخشاپ قېلىشتى.
پەقەت كىچىك ۋاقتىدىكىدەك ئاددىي بولالمىدى، نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ قەلبىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى.
تۇرمۇش قېلىپقا چۈشكەندەك تەرتىپلىك بولۇپ، ھەر كۈنى ئاندا-ساندا يېڭى ئىشلار يۈز بەرسىمۇ، لېكىن ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيتتى.
ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئالاقە بولمىدى.
مۇرات دىلنارنى ئەنسەر بىلەن ئۇچراشقانلىقى ئۈچۈن باشقىچە ئىپادىدە بولىدۇ، دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، نەتىجىدە يەنىلا ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى.
بۇ ئايالنىڭ خاراكتېرى ھەقىقەتەن بەك كۈچلۈك ئىكەن.
كىچىكىدىنلا تونۇشىدىغان ئىككى ئادەم ئىككى ئاي بىر سىنىپتا تۇرۇپ، بىر قېتىممۇ سالاملىشىپ باقمىدى، بۇنىڭغا كىم ئىشىنىدۇ؟
ئەنسەر بىلەن دىلنارنىڭ ھەقىقىي پاراڭلىشىدىغان يېرىمۇ بېشىنى كۆتۈرسىلا كۆرۈپ تۇرالايدىغان مەكتەپتە ئەمەس.
بەلكى ھەپتە ئاخىرىدا ،مەكتەپكە تۆت-بەش بېكەت كېلىدىغان كۇتۇپخانىدا كۆرۈشۈپ قالدى.
مەركىزى شەھەردە بۇ كۇتۇپخانىنىڭ نامى بار، بىردىنبىر ئورنىنى باسقىلى بولمايدىغان كۇتۇپخانا.
ئەنسەرمۇ بۈگۈنكى مەنزىلنىڭ كۇتۇپخانا ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتتى، بولمىسا، ئۇنىڭ مەكتەپتىن چىقىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى، مەكتەپ كۇتۇپخانىسىمۇ ئەمەلىيەتتە يامان ئەمەس.
ئۇ بىرىنچى قەۋەتتىكى تاتلىق تۈرۈملەرگە قىزىقمىغاچقا، ئۇدۇل ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ كىتاب ئىزدىدى.
پۇل مۇئامىلە مەخسۇس رايونىدىن خالىغانچە بىر كىتاب ئېلىپ، بىرەر جاينى تېپىپ ئولتۇرماقچى بولدى، نەتىجىدە، ئىستىراھەت رايونىدىكى پولنىڭ ئۇدۇلىدىكى دېرىزىنىڭ بۇلۇڭىدا بىر ئەينەك ئۆي بارلىقىنى، ئىچىدە نۇرغۇن تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن گۈللەرنىڭ بارلىقىنى، كۈنگەي تەرەپكە تىزىلغانلىقىنى، ئوتتۇرىسىغا بىر يۈرۈش ئاددىي ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنىڭ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.
بىراق ئۈستەل-ئورۇندۇقلاردا ئادەم يوق بولۇپ، راھەتلىكنى ئىزدەپ، بېرىپ ئەينەك ئىشىكنى ئاچتى.
ئەمدىلا كىرىشىگە، پولنىڭ ئۇدۇلىدىكى دېرىزە يېنىدىكى يەرگە ئاق رەڭلىك مامۇق ئەدىيال سېلىنغانلىقىنى، ئۈستىدە ئىككى سافا بارلىقىنى كۆردى، يەنە بىر قىز ئېرىنچەكلىك بىلەن يېتىپ، ئۇزۇن چاچلىرىنى كۆك رەڭلىك سافا رەختىگە خالىغانچە يېيىپ، ئۇنىڭغا ئارقىسىنى قىلىپ، جەينىكىنى ئېگىپ بېشىنى تىرەپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى، بۇ چاغدا كىتابنىڭ بەت ئۆرۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
دەل شۇ پەيتتە باشقىلارنىڭ كىرگەنلىكىنى سېزىپ، سافادىكى قىز ئىختىيارسىز بېشىنى بۇراپ، ئۇزۇن چاچلىرىنى بىر تەرەپكە يىغدى، ئاشۇ ئوچۇق كۆرۈنگەن چىراي يېقىندىن بۇيان ئەنسەرگە ناھايىتى تونۇش ئىدى.يەنى بۇ دىلنار ئىدى.
بۈگۈن دىلنار ئۇزۇن چاچلىرىنى ئەركىن قويۇۋەتكەن بولۇپ، ئىلگىرىكى ئېگىز بۇغۇۋالغان چاغلىرىدىكىگە قارىغاندا سەل مۇلايىم كۆرۈندى.
دىلنار ئەنسەرنى كۆرۈپ بىردەم تۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭ بىر جۈپ سۈزۈك كۆزى ئوڭ-سولغا بۇرۇلدى، ئەمما تۇرۇش ھالىتى ئۆزگەرمەي:
- خاتا كىرىپ قالغان ئوخشايسىز. - دېدى . ئاندىن تەبىئىي ھالدا بېشىنى بۇراپ، - چىقىپ كەتكەندە ئىشىكنى يېپىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. - دېدى.
ئەمما بىر ھازاغىچە، ئىشىكنىڭ ئېچىلىپ يېپىلغان ئاۋازى ئاڭلانمىدى.
دىلنار چوڭقۇر ئۇھسىنىپ، خەتكۈشنى كىتابنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ، كىتابنى يېپىپ، ئەينەك ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ بولغان ئەنسەرگە قاراپ:
- بىرەر ئىش بارمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئەنسەر ئۇنىڭ ئېرىنچەك ھالىتىگە تىكىلىپ تۇرۇپ:
- سىز راستتىنلا ئاخىرغىچە تونۇشلۇق بەرمەسلىكنى ئويلىدىڭىزمۇ؟ - دېدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar