كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
72 | 71 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
72-قىسىم
73-قىسىم بۈگۈندىن باشلاپ غەيرەت قىلىشى كېرەك
دۇڭ دۇڭ دۇڭ دۇڭ
ئىشىكنىڭ ئۇرۇلغان ئاۋازى مۇنىرەنىڭ تاتلىق ئۇيقۇسىنى بۇزدى. ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارغا خاس ئاپىسىنىڭ ئۆتكۈر ئاۋاز ئۇدۇلدىن كەلدى، ئارقىدىنلا دېرىزە پەردىسى ئېچىلىپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قۇياش نۇرى چۈشۈپ:
- قاچانغىچە ئۇخلايسىز؟ ! - دېدى.
يوتقاننى چىڭ يېپىنىۋالغان مۇنىرە قاپىقىنى ئاچتى، كېيىنكى سېكۇنتتا يەنە يۇمۇلۇۋېلىپ، بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئولتۇردى، ئۇزۇن چاچلىرى يۈزىنىڭ يېرىمىنى يېپىۋالدى.
مۇنىرە تاتىرىپ ئاقىرىپ كەتكەن گىرىمسىز يۈزى بىلەن ئاپىسىنىڭ نەزىرىدە ئۇخلاپ قالغان روھىي كېسەلگە ئوخشاپ قالغانىدى.
- ئەتىگەندە نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟ تۈنۈگۈن كەچتە نېمىشقا يەنە ئىچتىڭىز؟ ۋىيەي، مەست بولۇپ قالغاندا ئاندىن ئۆيگە قايتىپ كېلىشنى بىلەمسىز؟ ئاپىڭىزنىڭ كىملىكىنى تونۇيالامسىز؟ - دېدى مۇنىرەنىڭ ئاپىسى.
گەرچە مەست بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا بېشى ئاغرىغاندەك ھېس قىلمىدى، سەل مۈگدەپ قالغىنى راست. مۇنىرە بېلىنى سوزۇپ، قارا باسقان كارىۋاتتىن چۈشۈپ، خېلى روھلىنىپ قالدى.
- مەنمۇ چوڭ بولۇپ قالدىم ئازراق ئىچىپ قويسام نېمە بوپتۇ.- دېدى مۇنىرە.
ئاپىسى قولىنى ھەش-پەش دېگۈچە ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلىكىگە بىر شاپىلاق سېلىپ:
- زىيان تارتقان ۋاقتىڭىزدا ئاندىن يىغلايدىغان ۋاقتىڭىز بولىدۇ! - دېدى.
مۇنىرە ئۆزىنىڭ تېخى ئاشكارىلانمىغان مۇھەببىتىنى ئويلاپ، ئۇنى < ئەپۇ قىلىش> قارارىغا كەلدى.
- بولىدۇ، كېلەر قېتىم دىققەت قىلاي، ئاپا، بۈگۈن ناشتىدا نېمە يەيمىز؟ - دەپ سورىدى مۇنىرە.
ئۇ بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، بىر تەرەپتىن ئېڭىشىپ كارىۋات بېشىغا ئېسىلغان كىچىك سېۋەتنىڭ ئىچىدىكى رېزىنكە بوغقۇچنى ئالدى، بۇغقۇچ قولىغا سەل سالقىن ھەم ئېغىرراق بىلىندى، رېزىنگىگە قېنىق كۆك رەڭلىك كىچىك مونچاق ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئېلاستىك ئىدى.
مۇنىرە ئاستا ئۇزۇن چاچلىرىنى يىغىپ تۈزەشتۈرۈپ، قولىدىكى ناتونۇش بۇغقۇچ بىلەن ئۈچنى ئايلاندۇرۇپ، بوشمۇ ئەمەس، چىڭمۇ ئەمەس ھالەتتە بوغۇۋالدى.
بۇ نادىر ئەپەندى تۈنۈگۈن چېچىنى بوغۇپ قويغان رېزىنكە بۇغقۇچ.
- سائەت توققۇز بولدى، سىز يەنە نېمە ناشتا قىلماقچىمۇ! پۇرچاق سۈتى سوۋۇپ قالدى... سىز يەنە نېمىگە ھاڭۋىقىپ تۇرىسىز؟ ! - دېدى ئاپىسى.
مۇنىرە ئاپىسىنىڭ شۇ دەقىقىدىكى شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقان ئاچچىقىغا قاراپ، ئۆزىنى بىلىپ ھاجەتخانىغا قاراپ يۈگۈردى، ئىشىكنى ياپقاندىن كېيىن ئەينەككە قاراپ بېشىنى تولغاپ خېلى ئۇزۇنغىچە قارىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئەخمەقلەرچە كۈلۈپ قويۇپ، چىش پاستىسىنى سىقىپ چىقىرىپ، چىشىنى چوتكىلاشقا باشلىدى.
بۇ نەرسىنى نادىر ئەپەندى قەستەن تاللىغان بولسا كېرەك.
تاماق يەۋاتقاندا مۇنىرە پىلتا قۇيماقنى چىشلەپ، پوپايكا توقۇشقا كىرىشىپ كەتكەن ئاپىسىغا قاراپ، ئۆزىنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن كۈيۈئوغۇل تېپىۋالغان ئىشىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرىش-بەرمەسلىكنى ئويلىدى.
بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ بىلەن بۇ ئاسماندىكى غازنىڭ شادلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئويلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىلگىرى ئۇنىڭغا نادىر ئەپەندىنىڭ پېيىدا بولماسلىق توغرىسىدا ۋەدە بەرگىنى ئېسىگە كېلىپ، ئۇنىڭغا نادىر ئەپەندى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قالغانلىقىنى دېمەسلىكىنى ئويلىدى، نادىر ئەپەندىنىڭ كۆزى ساقايغاندا، ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ قالسا، يۈزىنى تۆكۈلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ لايىقىدا ئىش قىلىشى كېرەك.
- ئاپا... - دېدى مۇنىرە.
ئاپىسى بېشىنى كۆتۈرۈپ:
- دەڭە، - دېدى.
- توقۇلغان پوپايكىڭىزغا مەن پاتماي قالارمەنمۇ؟ - دېدى مۇنىرە. بولدىلا، يەنىلا چىداپ تۇرغىنى ياخشى، ئەگەر پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە ئاندىن دېسىمۇ ئۈلگۈرىدۇ.
ئۇنى بىرەر گەپنى دەيدىغان بولدى دەپ قارىغان ئاپىسى كۆزلىرىنى ئالايتىپ:
- سىز تېخى قولدا توقۇغان پوپايكانى كىيەمسىز؟ ئاشۇ خىل ماشىنا تىكىلگەن كىيىمنى ياخشى كۆرىسىزغۇ؟ بۇنى نەۋرە ئاچىڭىزنىڭ قورسىقىدىكى بالىغا توقۇۋاتىمەن.
ئويلاپ باقسام، كىچىك بالىلار يەنىلا ئۆز قولىمىزدا تەييارلىغان كىيىمنى كىيسە ياخشىراق بولىدىكەن، ھاممىڭىزمۇ شۇنداق قارايدىكەن، شۇڭا ماڭا ئىككى قۇر كىيىم تەييارلاپ بېرىشنى ئېيتتى، بالا كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرى تۇغۇلىدۇ، ئۇ چاغدا ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، نەقلا كىيەلەيدۇ، - دېدى.
- ھە... - دېدى مۇنىرە.
ئاپىسى بۇ چاغدا قولىدىكى ئىشنى توختىتىپ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ:
- ئەمەتنىڭ ئىشى تۈپەيلىدىن، ھاممىڭىزنىڭ كۆڭلى بىر ئاز ئاغرىپ قالدى، مۇناسىۋەتنى ياخشىلىشىڭىز كېرەك، ئۇ دائىم سىزنى ئويلايدۇ. مومىڭىز تەرەپتە شۇنچە كۆپ نەۋرە بالا تۇرۇپ، ئىككى بالىسىدىن باشقا، سىزگە ئىزچىل ياخشى مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، ۋىجدانسىزلىق قىلسىڭىز بولمايدۇ. - دېدى.
ئۇلارنىڭ ئاچا-سىڭىللىق مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى، مۇنىرەنىڭ ئاپىسى بۇنچىلىك كىچىك ئىش تۈپەيلىدىن ياتلىشىپ كېتىشنى خالىمايدۇ.
- بىلدىم، بالا تۇغۇلغاندا كۆپرەك نەرسە سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىسام بولغۇدەك. - دېدى مۇنىرە. ئادەمگەرچىلىك ئارقىلىق ئاچچىقىنى ياندۇرۇشنى ئۇمۇ بىلىدۇ.
- پۇرسەت كەلدى، بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالمىسىڭىزمۇ، نەۋرە ئاچىڭىز بىلەن كۆپرەك كۆرۈشۈپ تۇرۇڭ، ئۇنىڭمۇ ئىشلارنى بىلگۈچىلىكى بار، - دېدى ئاپىسى.
مۇنىرە پۇرچاق سۈتىنى ئىچىۋېتىپ، تەخسىلەرنى يىغىشتۇرماقچى بولغاندا ئۈستەلنىڭ بۇلۇڭىغا قويۇپ قويغان تېلېفونى سايراپ كەتتى.
ئاپىسى ئۇنىڭ تەخسىنى ئىتتىكلا قويۇپ، يان تېلېفونىنى ئېلىپ ئىككى سېكۇنت ئىچىدە 50 مېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ياتاق ئۆيىگە كىرىپ، ئىشىكنى مەھكەم ياپقانلىقىغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى.
ئىككى مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يەنە قايتىپ چىقتى، ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرى باشقىچە قىزىرىپ كەتكەنىدى، چىراي ئىپادىسى ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى بار ئادەمگە ئوخشاپ قاپتۇ، بەختكە يارىشا تەخسىنى تۇتقان قولى خېلى مۇقىم بولغاچقا، ئاپىسى بەدىنىدىكى دولقۇنلاۋاتقان غەزەپكە بەرداشلىق بېرىپ، قول كۆتۈرمىدى.
مۇنىرە قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئاشخانىنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، خۇددى بىر نەرسە ئىزدەۋاتقاندەك ئۆينى ئايلىنىشقا باشلىدى.
ئاپىسى بىر چەتتە ئۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن قاراپ، تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى سەزگەندەك:
- چاچ بۈدۈر قىلىش تايىقى ئىزدەۋاتامسىز؟ - دەپ سورىدى.
مۇنىرە تەييارلىقسىزلا بېشىنى لىڭشىتىپ، تۇتۇلۇپ قالدى.
ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆز ھەقىقەتەن ئۆتكۈر ئىدى.
ئاخشام شوپۇر ئاۋۋال مۇنىرەنى ئەپكېلىپ قويدى، شۇڭا ماشىنا تەبىئىيلا نادىرنىڭ قولىدا .
مۇنىرە مەھەللىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئىشىك ئالدىدىكى پورسچىغا چىقىپ ئۇياق-بۇياققا قاراپ:
- ئۆزىڭىز ھەيدەپ كەلدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
نادىر كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
- بولمىسا كۆتۈرۈپ كەلمەسمەن، - دېدى.
- مەن ھەيدەي! - دېدى مۇنىرە دەرھال ئۇنىڭ بىلەن ئورۇن ئالمىشىپ، رولنى قولىغا ئېلىپ، ئاندىن ئۇھ دېدى.
ئۇنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا بېرىپ نادىر ئەپەندىنى يوقلىغۇسى يوق.
- نەگە بارىمىز؟ - دەپ سورىدى مۇنىرە.
- ئاشخانا بۇيۇملىرى تاللا بازىرى. - دېدى نادىر.
- ھە. ... - دېدى مۇنىرە.
بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشقا چىقىپ ئەمەلىيەتتە قازان-قومۇچ سېتىۋالدى، نادىر ئەپەندى چاكىنىلىقتىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بەكلا ئاددىي بولۇپ قالدى.
ئەمما دەل مۇشۇنداق قىلغاچقا، ئەسلىدە ھەر جەھەتتىن جىددىيلىشىپ، دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالغان مۇنىرە خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالدى.
بۇنداق نورمال مال سېتىۋېلىشنىڭ، ئالاقزەدە بولغۇدەك يېرى يوق.
نادىرنىڭ نەرسە-كېرەكلەرنى تاللىشى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن ئىنچىكە بولۇپ، يەنە تېخى نۇقسان تېپىپ باشقىلارنى تەڭقىسلىقتا قويۇشنى ياخشى كۆرەتتى.
باھانى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت نوقۇل ھالدا قۇسۇر تېپىش ئۈچۈن خالاس.
- سىز بۇ توك قازىنىنى تەۋسىيە قىلدىڭىز، سەۋەبى ئۇنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى بار. ئۇنىڭغا گەپ قىلساقلا بولىدۇ شۇنداقمۇ؟ - دېدى نادىر.
- شۇنداق، ئەپەندىم، بۇ بەك قولايلىق، ئۆزىڭىز قول سېلىپ مەشغۇلات قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئاۋازلىق گەپ قىلسىڭىزلا بولىدۇ. - دېدى پىركازچىك.
- ئۇنىڭغا گەپ قىلساملا ئۆزى گۈرۈچنى يۇيامدۇ؟ - دېدى نادىر.
- ئۇنداق ئەمەس... - دېدى پىرىكازچىك.
- ئۇنداقتا بۇ ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ نېمە پايدىسى بار؟- دېدى نادىر.
- ھېچقانداق پايدىسى يوقتەك قىلىدۇ، ھى... - دېدى پىرىكازچىك.
مۇنىرە نادىرنىڭ بۇرنىدىن يېتىلەپ كېتىپ قالغان پىرىكازچىكقا قاراپ، بىر قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭ بېلىگە نوقۇپ قويدى، قارشى تەرەپ بېشىنى بۇرىغاندا:
- توك قازىنى ئالامسىز؟ - دېدى.
نادىر ئۇنىڭغا جىمجىت قارىدى.
- مەن ئاۋۇنى تەۋسىيە قىلىمەن. - دېدى مۇنىرە قولىنى سوزۇپ كۆرسىتىپ. بىرىنچى قاتاردىكى توك قازىنى كۆركەم، ھەشەمەتلىك ئىدى، توق قىزىل رەڭلىك ئورالما قاپلىرىدىن بىر خىل مەغرۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى، ئىقتىدار كۇنۇپكىسى كۆپ ئەمەس، ئارتۇقچە ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمۇ يوق، خېلى كەسپىي توك قازىنىدەك كۆرۈندى.
تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ نادىرنىڭ ئۆيىدە ئىشلىتىۋاتقان مەلۇم بىر قازان بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش ئىدى.
نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمىگەن پىرىكازچىك دەرھال ئەگىشىپ:
- بۇمۇ يامان ئەمەس، ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاددىي، ئەمما پىشۇرۇلغان گۈرۈچ ناھايىتى تەملىك، باھاسىمۇ ناھايىتى ئەرزان! - دېدى.
نادىر مۇنىرەگە بىر ھازا قاراپ قويدى، مۇنىرە بەرداشلىق بېرەلمەي قالغاندا نەزىرىنى باشقا تەرەپكە يۆتكەپ:
- ئۇنداقتا كونىسىنى ئىشلىتەي. - دېدى.
- ئۆي كۆچىدىغان بولدىڭىزمۇ؟ ! - مۇنىرە شۇندىلا ئېسىگە كەلگەندەك بولدى، ئۇنىڭ بۇ گەپنى قىلىشتىكى مەقسىتى مەسخىرە قىلىش ئىدى، نادىر تۇيۇقسىزلا بۇ گەپنى قىلىشىدىن، ئاشخانا سايمانلىرىنى تاللاشتىكى مەقسىتىنى خاتا چۈشىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى.
نادىرنىڭ نېپىز لەۋلىرى مىدىرلاپ:
- قاشاڭ. - دېدى.
مۇنىرە ئۇنىڭ بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ پات ئارىدا ئۇنىڭ بىلەن بىر بىنادىكى قوشنىلارغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ ھاياجانلىنىپ:
- قاچان كۆچۈپ كېلىسىز؟ - دەپ سورىدى.
- كېلەر ئاينىڭ ئۈچىنچى كۈنى. - دېدى نادىر.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar