كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم 第10部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
94-قىسىم
94-قىسىم
ئوخشاش پاراڭلار
دىلنار قېشىنى ئېتىپ قويۇپ، ياندىكى ئەتكەن چاينى ئېلىپ بىر يۇتۇم ئىچىپ:
- ئاساسلىقى مېنىڭمۇ سىزگە دەيدىغان گېپىم بولۇشى كېرەك، - دېدى.
- ماڭا دەيدىغان گېپىڭىز يوقمۇ؟ - دېدى ئەنسەر.
دىلنار ئۇنىڭغا بىر قارىۋېتىپ، كۈلۈمسىرەپ قويۇپ، سافادىن تۇرۇپ، قولىنى سوزۇپ پېشانىسىدىكى چاچلارنى بىر يەرگە يىغدى، ئاپئاق تولغان پېشانىسى تەبىئىي چېچىلغان چاچلىرى بىلەن يەنە بىر ئاز توسۇلۇپ قالدى.
بىر جۈپ كۆزلىرىدىن مەسخىرە چىقىپ تۇراتتى.
ئەنسەر لەۋلىرىنى چىڭ يۇمدى، ئۇ دىلنارنىڭ بۇ خىل ئىنكاستا بولىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا بىلەتتى.
- شۇڭا، دەيدىغان گەپ يوق. - دېدى دىلنار.
ئەنسەر ئۇنىڭغا جىمجىت قاراپ تۇرۇپ:
- بۇ يىللارنى قانداقراق ئۆتكۈزدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
دىلنار ئۇھ تارتىپ قويۇپ، بىر تەشتەك ئېچىلغان چىرايلىق مودەنگۈلنىڭ يېنىغا كېلىپ، قايچا بىلەن يېنىدىكى ئارتۇق شاخلارنى كېسىپ:
- ناھايىتى ياخشى، ۋىجدانسىزلارچە ياشىسا ھارمايدىكەن. - دېدى .
ئەنسەر جىددىيلىكتىن سەل يېنىكلەپ:
- مەن تېخى سىزنى مېنى پۈتۈنلەي تونۇمايدىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن. - دېدى.
دىلنار بېشىنى لىڭشىتىپ:
- مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان، ئەمما كېيىنكى ئىشلارنىڭ بەك ئاۋارىچىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. - دېدى.
قايچىنى قويۇپ، سۇ پۈركۈگۈچنى ئېلىپ گۈل بەرگىگە ئازراق چېچىپ:
- مەن بەزىدە ناتونۇش كىشىلەرگىمۇ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويىمەن ... ئەگەر سىزنى ناتونۇش ئادەم دەپ قارىسام، ئانچە - مۇنچە گەپ قىلىشتىن چوقۇم ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ھازىرقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئېنىق دەپ قوياي، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ناتونۇش ئادەملەرنىڭكىدىن ناچارراق بولۇشى مۇمكىن. - دېدى.
ئەنسەرنىڭ كۆزلىرى چاقناپ:
- ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشقىمۇ بولمايدىغان دەرىجىدىمۇ؟ - دېدى.
دىلنار كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ، تەمكىنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ:
- ھازىر ئويلىساممۇ، ئون ياش ۋاقىتىمدىكى ئىشنى توققۇز يىل كۆڭلۈمدە ساقلاپ يۈرۈپتىمەن، بۇ ھەقىقەتەن بىر ئاز گۆدەكلىك. لېكىن، شۇنچە يىل بەرداشلىق بېرىپ، ھازىر تۇيۇقسىز يېنىكلەپ قالدىم، شۇنچە يىل بەرداشلىق بېرىشنىڭ ئازراقمۇ ئەھمىيىتى يوقتەك ھېس قىلدىم. - دېدى.
ناتونۇش ئەمەس. ناتونۇش ئادەمدىنمۇ ناچار مۇناسىۋەتتە.
بۇ خىل پوزىتسىيە ھەقىقەتەن ئادەمنى ئامالسىز قالدۇراتتى.
- قانداق قىلسام بولىدۇ؟ - دېدى ئەنسەر دىلنارنىڭ ئىچىدىكىنى پۈتۈنلەي بىلەلمەي.
دىلنار بېكىتكەن ئىشنى تۇتۇپ قېلىشقا ياكى ئۆزگەرتىشكە ھەقىقەتەن ئىمكانىيەت يوق.
بۇ ئەھۋال ئەنسەرنى پۈتۈنلەي ئامالسىز قالدۇردى.
- مېنىڭ سىز بىلەن ناتونۇش ئادەم بولغۇم يوق، ناتونۇش ئادەمدىنمۇ ناچار مۇناسىۋەتتىمۇ بولغۇم يوق. - دېدى ئەنسەر.
دىلنار ئۇنىڭغا قاراپ، قوشۇمىسىنى سۈزۈپ:
- ئۇنداق بولسا قانداق قىلىمىز؟ - دېدى.
- ئىلگىرىكى ئىشتا، مەن خاتالىقىمنى تونۇدۇم، ھەم كەچۈرۈم سورايمەن. ئەمما، سىز ماڭا ئازراقمۇ ئىمكانىيەت قالدۇرمىدىڭىز... - دېدى ئەنسەر.
شۇنداق دېگىنىچە ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى، ئۇ ئىككىسىنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئىزچىل ئوخشاش نىسبەتتە ئۆسكەندەك قىلاتتى، كىچىك ۋاقتىدىمۇ شۇنداق ئىدى، ھازىرمۇ شۇنداق.
ئۇ كۆزىنى قىسىپ تۇرۇپ:
- ھەممە ئادەم خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر قېتىم ئەپۇ قىلىشقا موھتاج... مۇشۇنداق بولغاندا ئاندىن ئادىل بولىدۇ. - دېدى.
دىلنار بىردەم سۈكۈتكە چۆمگەندىن كېيىن، كۈلۈپ تۇرۇپ:
- بۇ گەپلەرنى قىلىشتىن نومۇس قىلمامسىز؟ - دېدى.
ئەنسەر باشتىن-ئاخىر تەمكىن قىياپەتتە:
- مېنىڭ باشقا ئامالىم يوق. - دېدى.
- ئەگەر مەن قوشۇلمىسامچۇ؟ - دېدى دىلنار.
- بۈگۈن ماڭا سەمىمىي بولۇشىڭىزدىكى سەۋەب، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئىشنىڭ ئۈزۈلمەي، سۆرىلىشىدىن قورققانلىقىڭىزدىن ئەمەسمۇ؟ - دېدى ئەنسەر.
دىلنار خېلىغىچە گەپ قىلالماي:
- توققۇز يىل ۋاقىت ئىچىدە، سىزنىڭ بىر مۇتتەھەم بولۇپ يېتىلىشىپ چىقىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن! - دېدى .
ئەنسەر كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
- ئەمما سىز ئۆزگەرمەپسىز، - دېدى.
دىلنار دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ:
- كىم بىلىدۇ؟ - دېدى .
- مۇرات؟ - ئىككىيلەن بىر نەچچە سېكۇنت سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن، ئەنسەر تۇيۇقسىز ئېغىز ئاچتى.
دىلنار بېشىنى ئېگىپ، كىتابنى سافاغا قويۇپ:
- نېمە؟ - دېدى.
- ئۇ مەمەت تاغىنىڭ ئوغلى بولغاچقا، نەچچە يىلدىن بۇيان بىرەر قېتىممۇ كۆرۈپ باقماپتىمەن، بىلىشىمچە مەمەت تاغام ئىزچىل يالغۇز سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، - دېدى ئەنسەر.
دىلنار بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن:
- بىر قېتىمدىلا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولمايدىغان ئىشلارمۇ بار، - دېدى .
- سىلەر ھازىر بىللە تۇرىسىلەر. - دېدى ئەنسەر.
- ھەئە. - دېدى دىلنار.
- شۇنچە يىللاردىن بېرى، ئۇ سىزگە ھەمراھ بولۇپ كەلدىمۇ؟ - دەپ سورىدى ئەنسەر.
- سىز نېمە دېمەكچى؟ - دېدى دىلنار.
ئەنسەر ئۇنىڭغا بىردەم تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ئاخىرى بېشىنى چايقاپ:
- سىزنىڭ بۇ بىر نەچچە يىللىق تۇرمۇشىڭىزغا قىزىقىپ قالدىم، - دېدى.
- ناھايىتى ياخشى. - دېدى دىلنار ئاددىيلا قىلىپ، باشقىلار ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا دەخلى قىلغاچقا، كەيپىياتىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى.
كەينىگە يېنىپ ئەتكەن چاينى قولىغا ئالدى، ئېشىپ قالغىنى كۆپ ئەمەس ھەم سوۋۇپ قالغاچقا ئىچكۈسى كەلمىدى.
شۇڭا كىتاب ۋە ئېشىپ قالغان ئەتكەن چاينى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
ئەنسەر ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ:
- ئەتكەن چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلاي. - دېدى.
دىلنار گەپ قىلمىدى.
ئەنسەرنىڭ ھېلىلا ئاخىرغىچە چاپلىشىۋالىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن مىجەزىگە ئاساسلانغاندا، دىلنار بىر ئېغىز ئارتۇق گەپ قىلسىمۇ قۇرۇق گەپ بولۇپ قالاتتى.
ئىككى ئادەم بىرىنچى قەۋەتكە چىققاندا، دىلنار قەھۋە ئىچمەكچى بولدى.
ئەنسەر ئۇنىڭغا قاراپ :
- يېقىندىن بۇيان سىزنىڭ ئەتكەن چاي ئىچكىنىڭىزنى كۆپ كۆردۈم، - دېدى.
- بۈگۈنكى قەنت مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتتى. - دېدى دىلنار ئۇھ تارتىپ، ئامالسىز قالغاندەك، - سەمرىپ كەتسەم بولمايدۇ. - دېدى.
كەينىدىكى بىر ئېغىز گېپى ئەنسەرنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى.
ئەسلىدە ئۇمۇ قىزلارنىڭ باش ئاغرىتىدىغان ئىشلىرىغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بوپتۇ.
ئىككى ئادەم نومۇر ئېلىپ ئورۇن ئىزدىدى، ئەمما ئۇدۇلدىن گۇمان قىلغاندەك ئاۋازى ئاڭلاندى.
- ئەنسەر ئاكا؟
دىلنار يانغا بۇرۇلۇپ قارىدى، يېنىدىكى ئورۇندا تۇرغان قىزنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى يەلكىسىگە چۈشۈپ تۇراتتى، تېرىسى ئاپئاق، بەدىنى زىلۋا بولۇپ، بىر قاراشقىلا چىرايلىق ۋە سالاپەتلىك كۆرۈنەتتى.
شۇ تاپتا ئاق-قارىسى ئېنىق ئايرىلغان كۆزلىرى ئۇنىڭغا قاراپ ئىزدىنىش ۋە چۈشەنمەسلىك چىقىپ تۇراتتى.
ئەنسەر دىلنارغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، كۆڭلىدە ئازراق جىددىيلەشتى، ئەمما يەنىلا:
- سەبىرە. - دېدى.
دىلنارنىڭ چىرايىدا ئۆزگىرىش بولماي، بېشىنى لىڭشىتىپ:
- ھە، ئېسىمدە. - دېدى.
ئۇنىڭ چىرايلىق چىرايى، جەلپكارلىقى، تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز سالاپىتى سەبىرەنىڭ كۆزىنى ئاستا-ئاستا يوغانتىپ:
- دىلنار ... ئاچا... - دېدى.
- دىلنار، - دېدى دىلنار ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ، سەبىرەنىڭ ئاغزىدىن چىقىپ كېتەي دەپ قالغان گەپنى ئاڭلاپ، سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى، يەنە كېلىپ سەبىرە ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندەك كۆرۈنۈپ قالدى.
لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۆزى بەك ياخشى ئىدى.
بىكاردىن بىكار ئادەمنى ئۇنداق ئەسكى دەپ ئويلىسا بولمايدۇ.
سەبىرە تېخىمۇ ھەيران قېلىپ:
- قانداقسىگە ... - دېدى.
دىلنارنىڭ بۈگۈنكى سەۋر-تاقىتى تۈگەيلا دەپ قالغاندەك قىلاتتى، دەرۋەقە، باشتىن-ئاخىر شۇنداق بولدى، كەلسە ھامان بىر جۈپ بولۇپ كېلەتتى.
باشقا ئورۇنمۇ تاپالماي سەبىرەنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇردى.
ئۈستەل ئۈستىگە بىر نەچچە خىل تورت تىزىلغانىدى.
سەبىرە ئەنسەرگە بىر قاراپ قويدى، ئىككىسىمۇ ئولتۇردى.
سەبىرە سەل ئارىسالدى بولۇپ، دىلنارغا نېمە دېيىشنى بىلمەي:
- ئويلىماپتىمەن... مەن تېخى سىزنى ... - دېدى.
سەبىرەنىڭ گېپىنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، يەنە توختاپ قالدى، دىلنار كۈلۈمسىرەپ قويۇپ:
مىنى كۆز يۇمدى دەپ قارىغانمۇ؟ - دېدى.
سەبىرە ئىتتىكلا لېۋىنى چىڭ چىشلەپ:
- ئەينى يىلى سىزگە كۆپ رەھمەت، ئەگەر سىز بولمىغان بولسىڭىز، مەن ... - دېدى.
- تورت يېيىشلىكمىكەن؟ - دېدى دىلنار. ئۇنىڭ سەبىرە بىلەن ئۆتكەن ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلىشىشىغا ھەقىقەتەن سەۋر-تاقىتى يوق.
كەيپىياتى بۇزۇلغىنى بۇزۇلغان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، شۇنچە يىللاردىن بۇيان، ئۇ نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ قېتىم ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا نېمە ئۈچۈن شۇنچە دۆتلۈك قىلغانلىقىغا ، ئۆزىنى قۇربان قىلىپ باشقىلارنى قۇتقۇزۇشتەك ئەخمىقانە ئىشنىمۇ قىلغانلىقىدىن پۇشايمان قىلغان .
دىلنارنىڭ سۆزىگە سەبىرە قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي قالدى .
بىر ھازا ھاڭۋىقىپ تۇرغاندىن كېيىن بېشىنى لىڭشىتىپ:
- بۈگۈن سىز بىلەن كۆرۈشۈپ قالغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، ھېلىمۇ ياخشى سىزگە ھېچ ئىش بولماپتۇ... - دېدى.
دىلنار يېنىك كۈلۈپ قويۇپ، بىر تەخسە تورتنى تارتىپ، خالىغانچە تېتىپ كۆرۈپ:
- سىز ھەقىقەتەن ماڭا رەھمەت ئېيتىشىڭىز كېرەك، ئەگەر مەن بولمىغان بولسام، بۇنداق تەملىك تورتنى يېيەلمەيتتىڭىز. - دېدى.
دىلنار يەنە بىر قېتىم تورتنى ئاغزىغا سالدى، ئاندىن كۈلۈپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ :
- ئەمەلىيەتتە بۈگۈن مېنى كۆرگەنلىكىڭىزدىن خۇشال بولۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر بۈگۈن مېنى ئۇچراتمىغان بولسىڭىز، مەن يەنىلا سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى قازا قىلغان ئادەم بولاتتىم، بۈگۈنكى تورتمۇ ئوخشاشلا شۇنداق تەملىك تېتىۋېرەتتى... - دېدى.
ئۇنىڭ ھايات-ماماتلىقى، ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەمەلىيەتتە ئازراقمۇ تەسىرى يوق، شۇنداقمۇ؟
لېكىن تورت سەبىرەنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، دىلنارنىڭ چىرايىدا ئىللىق كۈلكە جىلۋىلىنىپ:
- كۆپرەك يەڭ، خىجىللىق ھېس قىلماڭ. ئەمەلىيەتتە، مەن بۇ بىر نەچچە يىلدا سانسىز قېتىم پۇشايمان قىلدىم، ئەينى يىلى بېشىمغا چاقماق سوقۇپ، ئۆزۈمنى پىدا قىلىپ، باشقىلارنى قۇتقۇزىدىغان ئىشنى قىپتىمەن. - دېدى دىلنار.
سەبىرە گەپ قىلالمىدى.
دەرۋەقە دىلنارغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلمەيدۇ.
- بۇ ئاغزىڭىز بەك قاتتىق ئىكەن. - دېدى ئىزچىل سۈكۈتتە تۇرغان ئەنسەر تۇيۇقسىز ئېغىز ئېچىپ.
دىلنار بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قاراپ:
- ھە؟ - دېدى.
- ئېنىقلا ئۇنداق ئەمەس تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش شۇنداق تەسمۇ؟ نېمىشقا ھەمىشە ئاسانلا خاتا چۈشىنىپ قالىدىغان گەپلەرنى قىلىسىز؟ - دېدى ئەنسەر.
دىلنار قېشىنى ئېتىپ:
- مەن ۋىجدانسىز ، كۆڭلى-كۆكسى تار، ھىيلە - مىكرى كۆپ دېگەن سۆزنىڭ كۆپ خىل مەنىسى بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن، - دېدى.
ئەنسەر لەۋلىرىنى چىڭ يۇمۇپ:
- ئەينى يىلى ھەقىقەتەن ئۇقۇشماسلىق بولغان، - دېدى.
- ياخشى ئادەم دىگىلى بولمايدۇ، سىلەرمۇ مېنى ھەرگىز بۇنداق ئويلىماڭلار. ياخشى ئادەم بولسا قانچىلىك چارچايدۇ كىشى؟ ياخشى ئادەم بىر ئىشنى خاتا قىلسا، ۋەيران بولۇپ، تۈمەنلىگەن كىشىلەر تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىدۇ. ئەسكى ئادەم بىرەر ياخشى ئىش قىلغان تەقدىردىمۇ، قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ، يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالىدۇ. ماڭا ھەرگىز ياخشى ئادەم دېگەن قالپاقنى كەيگۈزۈپ قويماڭلار، ھەقىقەتەن بەرداشلىق بېرەلمەيمەن. - دېدى دىلنار.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar