كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
76 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
77-قىسىم
77 – قىسىم كۆڭۈل ئازادىلىكى ئەڭ مۇھىم
- بىلىمەن، لېكىن مەن ھازىر چىرايغا قاراپ باھا بەرمەيمەن. - دېدى مۇنىرە.
پەزىلىيە كۆڭلىدە ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىگە دىمىغىدا كۈلۈپ قويدى، بۇ ئەرنى تاللىغىنىنىڭ ئۆزى تاشقى قىياپىتىگە قاراپ باھا بەرگەنلىك ئەمەسمۇ، بۇنداق كېلىشكەن ئەرلەر ئاز ئۇچرايدۇ...
- بەلكىم سىز دېگەندەك، بىز ئاخىرغىچە ماڭالماسلىقىمىز مۇمكىن، لېكىن مەن قەتئىيلىك بىلەن قەدەم ئالمىسام، چوقۇم مۇناسىۋىتىمىز باشلانماي تۇرۇپلا ئاخىرلىشىدۇ. - دېدى مۇنىرە يەنە گەپ قىلىشنى خالىماي، ئورنىدىن تۇرۇپ، - باشقا ئىش بولمىسا، مەن ماڭاي. - دېدى.
- توختاڭ، - دېدى پەزىلىيە ئۇنى توسۇپ، - بۇنىڭدىن كېيىن، يولدا ئۇچرىشىپ قالساق، سالاملىشامدۇق؟ - دېدى.
مۇنىرە ئۇنىڭغا بىر سېكۇنت تىكىلىپ قاراۋېتىپ، دەرھال چېكىنىپ:
- ئەگەر سىز ماڭا سالام قىلسىڭىز، مەنمۇ چوقۇم سىزگە قول پۇلاڭلىتىمەن. - دېدى .
ئىككىيلەن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ، سۆھبەتنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى، ئاۋۋال سىرتقا چىقىپ ساقلاپ تۇرغان ئىككى ئەر ئەھۋالنى كۆرۈپ، چىرايى باشقىچە تۈسكە كىردى، مۇرات ئېغىز ئېچىپ:
- كۆڭلىڭىزدىكى گەپنى دېدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
پەزىلىيە مۇنىرەگە قارىدى.
- يۈرۈڭ. - دېدى نادىر بۇ قېتىم ئۇنى مازاق قىلماي، - ھەممىنى دەپ بولغاندىكىن. - دېدى.
- ھىم، - دېدى مۇنىرە بېرىپ ئۇنىڭ قولىدىن تارتتى-دە، بارمىقىنىڭ ئۇچىغا تېگىشى بىلەنلا تۈگۈۋالدى.
نادىر قالغان ئىككىيلەنگە بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، مۇنىرەنى تارتىپ كېتىپ قالدى.
ئىشىكتىن چىقىشىغىلا، خوجايىن كۈلكىسىنى باسالماي، قولىدىكى قەدىمىي كىتابنى قىزغىنلىق بىلەن پۇلاڭلىتىپ:
- كېلەر قېتىم كەلسەڭلار، يەسىمەن گۈلى ئىچىشكە تەكلىپ قىلىمەن~ - دېدى .
گۈزەل مۇلازىم قىز ھېسابات قىلىپ بولۇپ، ئىككى يۈرۈش چىنە-چەينەكلەرنى يىغىشتۇردى.
مۇرات غېرىبسىنىپ قالغان پەزىلىيەگە قاراپ، پەس ئاۋازدا:
- سىزنى ئاپىرىپ قويايمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- ھاجىتى يوق. - دېدى سوغۇق ئاۋازدا. پەزىلىيە ئۆزى يالغۇز مېڭىپ، - مەن سەل گاڭگىراپ قالدىم، ئۆزۈم يالغۇز بىر مەزگىل تىنچلانغۇم بار. - دېدى.
ماشىنا چايخانىنىڭ يېنىدىكى بوش يەرگە توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، ئاپتاپتا ماشىنىنىڭ ئىچى قىزىپ ئولتۇرغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىگە بېرىپ قالغانىدى.
نادىر ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويۇپ، مۇنىرەنى ئېلىپ ئالدى تەرەپتىكى دەرەخ سايىسىگە بېرىپ ساقلىدى.
مۇنىرەنىڭ چايخانىدىن چىققاندىن باشلاپ روھى چۈشۈپ، ھارغىن بولۇپ قالدى.
- پۇشايمان قىلدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى نادىر.
- ياق.. - دېدى مۇنىرە چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، - مەن ھازىر ناھايىتى يېنىكلەپ قالغاندەك، يەنە بىر نەرسەم كەمدەك ھېس قىلىۋاتىمەن. - دېدى .
ئۇ تۇرمۇشنىڭ مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
- نادىر ئەپەندى، - دېدى مۇنىرە گەپنى سوزۇپ ئېيتىپ.
نادىر ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ :
- نېمە قىلىۋاتىسىز؟ - دېدى.
مۇنىرە ئىككى بىلىكىنى كەڭ ئېچىپ، ‹ ساددا › دېگەن خەت يېزىلغان ئەخمىقانە يۈزىنى كۆتۈرۈپ:
- قۇچاقلاپ قويۇڭ. - دېدى.
- ھىم. - نادىر پىخىلداپ كۈلۈپ كېتىپ، - بۇرۇن يالغاندىن دۇرۇس قىياپەتتە كىرۋاپتىكەنسىز، - دېدى.
كېيىنكى كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا، ساختا دۇرۇس مۇنىرە ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپ، بېشىنى مۈرىسىگە قويدى، قىزىق بىر پارچە ئوت ئۇرۇلغاندەك ئەزەلدىن يازدىمۇ مۇزدەك تۇرىدىغان نادىر قىزىشقا باشلىدى .
نادىر ئۇنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ:
- مەن بۇرۇنلا بىلگەن، ياراملىقىڭىز چاغلىق، - دېدى.
مۇنىرە گەپ قىلالماي، ئەگىپ يۈرگەن يېشىنى كۆز چانىقىدا ئايلاندۇرۇپ، قايتىدىن سىڭىپ كېتىشىنى كۈتتى.
- تاۋى - نازۇك. - دېدى نادىر.
قۇرۇق گەپ، مۇنىرە بۇنىڭغا قايىل ئەمەس، قىزلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق، بۇ ئېنىقلا مۇھەببەت دەپ ئاتىلىدۇ.
- توغرا، نادىر ئەپەندى. - دېدى مۇنىرە بىلىكىنى قويۇۋېتىپ، ئۇنىڭ مۇرات بىلەن سىرتتا نېمە دېيىشكەنلىكىگە قىزىقىپ قالدى، شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتا بىر - بىرىگە قارىشىپلا ئولتۇرغىلى بولمايدۇ، - مۇرات دىرېكتور بىلەن نېمە دېيىشتىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
يەنە سورىغۇدەك يۈزى بار ئىكەن ھە.
نادىر ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ، ئىچ - ئىچىدىن كۈلۈپ تۇرۇپ، سوغۇق گەپتىن بىرنى قىلدى:
- سىزنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇپ، يورۇقلۇققا قايتىش جەريانىڭىزنى پاراڭلاشتۇق، - دېدى.
مۇنىرە، تۈگەشتىڭ...
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قايغۇ-ھەسرەتنىڭ ھەممىسى قىسقا مۇددەتلىك بولىدۇ، بەزى كىشىلەر كۈن بويى غەمكىن يۈرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا، ئۇنىڭ قايغۇ-ھەسرىتى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ خالاس.
بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، مۇنىرە ھاياتىي كۈچىنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كۈن بويى ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىكى تەبەسسۇم بىلەن بازار ئارىلاپ يۈرۈپ، كىشىنى بىزار قىلدى.
مەسىلەن، ئەخمەت، يېقىنقى بىر مەزگىلدە يەنە بۇرۇنقى خانىمى بىلەن تالاش-تارتىش قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر قانچە كۆزەتسىمۇ نادىرنىڭ گېپىنىڭ مەنىسىنى بىلەلمىدى، يەنە كېلىپ مۇنىرەنىڭ ھەر كۈنى گۈلدەك ئېچىلىپ كۈلۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ھالىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىداپ تۇرالمىدى.
يىل ئاخىرىدا شۇنچە كۆپ مۇكاپات بېرىدىغان بولغاندىكىن، بۇ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان كىچىك كاتىپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىسۇن، شۇندىلا ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى كەسپىي ھاياتىغا ھەسسە قوشقىلى، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئەتراپلىق تەربىيەلەپ يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ!
- نەچچە كۈندىن بۇيان كۆزىتىپ باقتىم، شىركەتنىڭ ئەسلىدىكى خىزمەتچىلەر قوللانمىسى شىركىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا يېتىشەلمەيۋېتىپتۇ، سىز ھەر قايسى تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، قايتىدىن بىر نۇسخا رەتلەپ ماڭا بېرىڭ، يەنە ھېلىقى مەھسۇلاتنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىمۇ بار، ئىلگىرىسى ئالا-بۇلىماچ ، ئېشىپ كەتكەن يەرلىرى كۆپ، ئالدىنقى قېتىم باستۇرغان مالمۇ تۈگەي دەپ قالدى، سىز تېخنىكا، سېتىش تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، قايتىدىن تۈزۈپ چىقىڭ. - دېدى ئەخمەت.
ئۆزىنىڭ قەستەن جازالانغانلىقىنى بىلمىگەن مۇنىرە ئەخمەتنىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق خىيالغا كېلىپ قالغانلىقىنى چۈشەنمىسىمۇ، ئەمما قىلغان گېپىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
قولىدىكى خىزمەتچىلەر قوللانمىسى بىلەن مەھسۇلات چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى بىر نەچچە يىل ئاۋۋالقى نۇسخا، خىزمەتچىلەر قوللانمىسىنى دېمەيلا قويايلى، مەھسۇلات چۈشەندۈرمىسىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مەھسۇلات پارامېتىرىدا ئۆزگىرىش كۆپ بولدى، يېڭى مەھسۇلاتلارمۇ كۆپەيدى، شۇڭا قاتلىما شەكىلدىكى چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىنى يەنە بۇرۇنقىسىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
مۇشۇلارنى ئويلاپ دەرھال ماقۇل بولۇپ:
- بولىدۇ، مەن ئاۋۋال دەسلەپكى نۇسخىسىنى رەتلەپ چىقىپ، ئاندىن سىزنىڭ كۆرۈپ چىقىشىڭىزغا تاپشۇراي. - دېدى مۇنىرە.
ئەخمەت پەقەت مۇنداقلا قۇسۇر تېپىپ قويدى، شۇڭا بۇنداق ئۇششاق ئىشقا ئارىلىشىپ قېلىشىنى خالىماي، دەرھال مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىپ:
- ماڭا بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، باش دىرېكتورنىڭ ئۆلچىمىگە يەتسىلا بولىدۇ، ئۇ بولدى دېسە مۇشۇ بويىچە باستۇرۇپ تەييار قىلسىڭىز بولىدۇ، - دېدى .
مۇنىرە ھەر كۈنى ئالدىراشچىلىقتا بېشى قېيىپ كەتكەن باش دىرېكتورنى ئويلاپ، ئۈن-تىنسىز ئىچى ئاغرىپ:
- بولىدۇ. - دېدى.
- ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ. - دېدى ئەخمەت، ئۇنى كۆرگۈسى كەلمەي، - چىقىپ غۇنچەمنى چاقىرىپ قويۇڭ، - دېدى.
بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان بەزى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بىلەن بولۇپ، كۈلۈمسىرەشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئەخمەت غېمى يوق پىراكتىكانت قىزغا قاراپ ئۆزىگە تەسەللىي تاپماقچى بولدى.
مۇنىرە ماقۇل بولدى، ناھايىتى تېزلا غۇنچەم ئۇنىڭ ئورنىغا كىرىپ:
- باش مۇدىر، مېنى ئىزدەپتىكەنسىز؟ - دېدى .
باش مۇدىر بېشىنى لىڭشىتىپ، بارمىقىنى ئۈستەلگە چېكىپ قويۇپ، گەپ قىلىشقا ئالدىرىمىدى.
غۇنچەم سەۋرچان بولۇپ، ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئۇدۇل خىزمەت ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ كۆرسەتمىنى كۈتتى.
- سىز... سىز چىقىپ نادىر بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىڭ، ئىككى كۈن ئىچىدە ۋاقىت چىقىرىپ مەن بىللە تاماق يېيىشكە دېيىشىپ قويۇڭ، نومۇرىنى مۇنىرەدىن ئېلىڭ... بولدىلا مەن دەپ بېرەي. - دېدى ئەخمەت قولىغا قەلەم ئېلىپ، بىر قاتار نومۇرنى يېزىپ، - سىز ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلەشكەندە سۆزگە دىققەت قىلىڭ، ئۇنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئاساس قىلىڭ. - دېدى.
گەرچە خوجايىن ئۆزى بىر تېلېفون بىلەنلا ھەل قىلالايدىغان ئىشقا ئۆزىنى ئوتتۇرىغا قىستۇرۋالغانلىقىغا قىزىققان بولسىمۇ، لېكىن غۇنچەمنىڭ باشقىچە ئوي-پىكرى يوق ئىدى، بۇ ئۇنىڭغا ئاران تەستە كەلگەن كۆڭۈلدىكى ئادىمى بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا ئالاقىلىشىش پۇرسىتى تۇرسا، خۇش بولسا توغرا بولىدۇ.
غۇنچەم ھېلىقى قەغەزنى ئېلىپ، خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى.
مۇنىرە خىزمەتتە ئاكتىپ قول سېلىپ ئىشلەشنى ئاساس قىلىدۇ، قولىدا يەنە ئىككى تۈرلۈك ماتېرىيالىنى رەتلەپ بولالمىغانلىقتىن، بۈگۈندىن باشلاپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ۋەزىپىنى تېزدىن تاماملاشنى قارار قىلدى.
ئالدى بىلەن تېخنىكا ۋە سېتىش تارمىقىغا بېرىپ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىنى ئۆزگەرتىش بۇيرۇقىنى يەتكۈزۈپ، تېخنىكا تارماقلىرى ئەڭ يېڭى مەھسۇلات ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى، سېتىش تارماقلىرى كونا نۇسخىدىكى چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدىكى نۇقسانلارنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇ ئۆزىمۇ قولىدىكى خىزمەتنى تېزلىتىپ، ئىككى تارماق ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىقنى تاماملىغان ۋاقىتتا، يوچۇقسىز ئۇلاپ بىرلەشتۈرۈشنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى.
ئۇ يەنە ۋاقىت چىقىرىپ نادىرغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش قارارىنى ئۇقتۇردى.
مۇنىرە: [خىزمەت سەل كۆپ، مەن بۈگۈن كەچ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيمەن] دەپ ئۇچۇر يوللىدى.
نادىر كومپيۇتېر ئالدىدا بولغاچقا، ئۇچۇرنى ناھايىتى تېز قايتۇردى.
چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [سائەت قانچىگىچە ئىشلەيسىز؟] دەپ سورىدى.
مۇنىرە: [سائەت توققۇزغىچە ] - دېدى.
كەچ قالىدىكەنغۇ...
نادىر يېنىدىكى مۇھەببەتلىشىش ۋە كاماندىروپكىغا چىقىش سەۋەبىدىن بېسىلىپ قالغان بىر دۆۋە ھۆججەتلەرگە قاراپ قويۇپ ئۇچۇر قايتۇردى.
چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپ مېنى ئالغىلى كەلمەڭ، ئىشىڭىزنى قىلىۋىلىڭ] - دېدى.
مۇنىرە:[ ھە ] دېدى.
مۇنىرە پاراڭلىشىش رامكىسىنى ئېتىۋېتىپ، ئاغزىنى پۈرۈشتۈردى، ئەسلىدە كەچلىك تاماقنى يەنىلا بىللە يېيەلەيتتى.
ئۇھ تارتىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى.
غۇنچەم بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، يانفونىنى ئېلىپ ئىشخانىدىن چىقتى.
تېلېفونىنى تىترىگەن نادىر بىر قاراپ قويۇپ، تېلېفوننى ئېلىپلا:
- كىم بولىسىز؟ - دېدى.
تاش تاشقا ئۇرۇلغاندەك قاتتىق ئاۋازى رادىيو دولقۇنىدىن ئۆتۈپمۇ يۇمشاپ قالمىدى، غۇنچەم دەككە-دۈككىدە ئۆزىنىڭ مەيدىسىگە ئۇرۇپ، ئىمكانقەدەر سىلىق تەلەپپۇزدا:
- نادىر ئەپەندى ياخشىمۇسىز، مەن كۆكلەم پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئىشخانا كاتىپى غۇنچەم، ئىلگىرى بىر قېتىم ماشىنىڭىزنى چىقىۋالغان، ئېسىڭىزدە بارمىكىن... - دېدى.
بۇ ئاۋاز مۇنىرەنىڭكىدىنمۇ بەك ياسالما ئىكەن، ھەقىقەتەن كېيىن چىققان مۈڭگۈز بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن ئېشىپ كېتىپتۇ، دەپ ئويلىدى نادىر.
بىلىكىدىكى ئۆرلەپ كەتكەن توخۇ ئەتلىرىنى بوش سىلاپ قويۇپ:
- نېمە ئىشتى؟ - دەپ سورىدى.
ئۇنىڭ پەرۋاسىز ئىپادىسى غۇنچەمنى سەل ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى:
- باش مۇدىرىمىز سىزنى بىللە تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلماقچى، سىزگە قاچان قولايلىق بولسا، بىزمۇ ھەر ۋاقىت تەييار، يەنىلا سىزنىڭ ۋاقتىڭىزغا قارايمىز، - دېدى.
- ۋاقتىم يوق. - دېدى نادىر.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar