تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 78-قىسىم_ قايغۇ - ھەسرەت

文摘   小说   2025-01-16 13:59   新疆  


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق 107-قىسىم توپلام تامام 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
45
44434241
5049484746
5554535251
 60   59  58 57 56
 60   59  58 57 56
6564 63  62  61 
  70 69  6867  66 
 75  74  7372  71 
     77  76 


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

78-قىسىم

   



 

 


78 – قىسىم  قايغۇ - ھەسرەت


مۇنىرە تېلېفوننى قويۇۋېتىپ، بوش قالغان قولى بىلەن كۇنۇپكا تاختىسىغا قايتىپ كەلدى، تاراق-تۇرۇق قىلغان ئاۋاز بىلەن ئېكراندىكى مەلۇمات جەدۋىلى قاتار-قاتار كۆپىيىپ، ناھايىتى تېزلا نەتىجىگە ئېرىشتى.

غۇنچەم باش مۇدىرنىڭ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدۇرىشىنىڭ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى.

ئىشخانىسىدا ئولتۇرغان ئەخمەت ئىككى قولىنى گىرەلەشتۈرۈپ،  باش بارمىقىنى بىر-بىرىگە سۈركەپ، سەل خاتىرجەمسىزلەندى. غۇنچەمنى ئالماشتۇرسا قىلالايدىغاندۇ...

غۇنچەم سۆزلىشىش خاتىرىسىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى نومۇرغا ھاڭۋىقىپ قاراپ، ئۇياق-بۇياققا نەچچە قەدەم مېڭىپ، ئاخىرى چىشىنى چىشلەپ، ئىشخانىغا قايتىپ:

 - مۇنىرە ئاچا، باش مۇدىر مېنى نادىر  ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ تاماق يېيىشكە دېيىشىپ قويۇڭ دېگەن،  نادىر  ئەپەندى تېلېفوننى قويۇۋەتسىلا قانداق قىلىمەن؟   - دېدى.

دەل شۇ پەيتتە مۇنىرە تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتاتتى، ئۇنىڭ بىر دەم ساقلاپ تۇرۇشقا ئىشارەت قىلدى،  تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن ھەيران بولۇپ:

  - باش مۇدىر سىزنى نادىر  ئەپەندىگە تېلېفون قىلىڭ دېدىمۇ؟ - دەپ سورىدى. 

غۇنچەم كۈلۈپ تۇرۇپ:

  - شۇنداق، تۇيۇقسىز شۇنداق دېدى، بەلكىم سىزنى بەك ئالدىراش دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. مۇنىرە ئاچا، سىز ماڭا نادىر  ئەپەندى بىلەن قانداق پىكىرلىشىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرىڭ، بولامدۇ؟ كېيىن بۇنداق ئۇششاق ئىشلارنى ماڭا تاپشۇرسىڭىز، باشقا ئىشلارغا ۋاقىت چىقىرالايسىز.  - دېدى.

ئەپسۇس مۇنىرە ئۇنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى، قانداق قىلىپ  پۇرسەت ياراتماقچى بولغانلىقىنى بۇرۇنلا بىلىپ بولغانىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ:

  - ھېچقىسى يوق، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىشقا كۆنۈپ قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېلېفون قىلىشىنى ئاۋارىچىلىك ھېس قىلمايمەن، مەن ئالاقىلىشىپ قوياي، - دېدى. 

ئۇ نادىرنىڭ يان تېلېفونىغا تېلېفون قىلغاچ:

 - باش مۇدىر نېمە دەيدۇ، قانداق ۋاقىت بولسا بولىۋېرەمدىكەن؟  قايسى ئاشخانىغا بارىدىغانلىقىنى دېدىمۇ؟ ئۇلار ئىككى ئادەملا يىغىلامدىكەن؟ - دەپ سورىدى. 

 -  ئىككى ئادەم يىغىلىدىغان ئوخشايدۇ... - دېدى غۇنچەم.

غۇنچەم بىر تەرەپتىن تىت-تىت بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ھېچنېمىگە جاۋاب بېرەلمەي تۇرغاندا، تېلېفون ئۇلاندى.

 - نادىر  ئەپەندى، بۈگۈن كەچتە ۋاقتىڭىز بارمۇ؟ باش مۇدىر سىزنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدى. - دېدى مۇنىرە.

نادىر كومپيۇتېر كۇنۇپكىسىنى بېسىپ:

  - ۋاقتىم يوق، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتىمەن.- دېدى. 

 - ئەتە كەچتە قولايلىقمۇ؟  - دېدى مۇنىرە.

 -  قولايسىز.  - دېدى نادىر.

 -  ئۇنداقتا سىزنىڭ قاچان ۋاقتىڭىز بار؟  - دېدى مۇنىرە.

 - سىز قاچان ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىمىسىڭىز، مېنىڭ شۇ چاغدا ۋاقتىم بار، - دېدى نادىر.

 مۇنىرە ئۆزىنى تۇتۇۋالماي، شەرتلىك رېفلېكسلىك كۈلۈپ كېتىپ:

  - ھى... ھى... ھى... ئۇنداق بولسا سىزگە قولايلىق بولغاندا ئالاقىلىشايلى، - دېدى. 

بۇ قېتىم ئۇ ئالدى بىلەن تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

نادىر  ئەپەندى  ھەقىقەتەن ئەسكى ئىكەن.

 - ئۆھۈ... - مۇنىرە يۆتىلىپ مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ، - مەنمۇ ئامالسىز قالدىم، مەن سىزنىڭ باش مۇدىرغا بىزنىڭ مەغلۇبىيىتىمىزنى دوكلات قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىشنى تەۋسىيە قىلىمەن . - دېدى .

ئەسلىدە نادىرنىڭ ئىش ئۈستىدە ھەممە ئادەمگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تېلېفون قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق كايىپ كەتمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقىلەشكەن مۇنىرەنىڭمۇ نەتىجىسىز قالغانلىقىنى كۆرگەن غۇنچەم ئاخىر چوڭقۇر  نەپەس ئېلىپ، خۇشال ھالدا:

 - بىلدىم، مەن يەنە سىناپ باقاي. - دېدى. 

ئۇ يەنە چىقىپ كەتتى، مۇنىرە نادىرغا ئۈندىداردا ئۇچۇر يوللىدى.

مۇنىرە: [نادىر  ئەپەندى، سىز ئۆزگىرىپ كېتىپسىز] - دېدى.

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم:[ سىزمۇ ئۆزگەردىڭىز] - دېدى.

مۇنىرە: [مۇمكىن ئەمەس، مەن يەنىلا شۇ مەن، ئەزەلدىن ئۆزگىرىپ باقمىدىم] - دېدى.

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [سىز ئىلگىرى ماڭا مۇشۇنداق گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلامتىڭىز؟] دېدى .

ئەۋەتىلگەن ئۇچۇرنى مۇنىرە ئېنىق كۆردى.  ئۇ بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، رەت قىلىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى بايقىدى.

شۇنداق، مۇنىرە، ھازىر بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ.

ھازىرقى مۇنىرە، دائىم كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدۇ.

مۇنىرە: [ئاڭلىسام باش مۇدىر بىلەن سابىق خانىمى يېقىندا يەنە ئۇرۇشۇپ قاپتۇ، سىز بەلكىم ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن تاماق يېيىشىڭىز زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن] - دېدى.

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [بۇ ئىشلار تېخى ئاخىرلاشمىدىمۇ؟ ] دېدى.

نادىر ھەيران قالدى، بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال بىر - بىرىگە مۇشۇنداق چاپلىشىۋېلىپ،  راستتىنلا ئايرىلىشنى خالامدىغاندۇ؟

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [بىلدىم] دېدى.

مۇنىرە ئۈندىداردا ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، سىپايىلىك بىلەن مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قۇرۇق پاراڭنى تۈگىتىپ قايتىدىن باش چۆكۈرۈپ خىزمەت قىلدى. گەرچە نادىر  ئەپەندىنىڭ  گېپى چاقچاق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆزىنى بالدۇرراق ئازاد قىلىپ، تېزدىن كېلىشكەن يىگىتىنىڭ يېنىدا پەيدا بولۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى.

ئىشىكتىن چىققان غۇنچەم دېرىزە تۈۋىدە ئون نەچچە مىنۇت تۇرۇپ روھى ھالىتىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، ئاندىن غەيرەتكە كېلىپ نادىرغا تېلېفون قىلىپ:

 - نادىر  ئەپەندى، مەن غۇنچەم، سىز... - دېدى. 

 - بۈگۈن كەچتە ۋاقتىم بار، باش مۇدىرىڭلار ئورۇن زاكاز قىلىپ قويۇپ، سائەت بەش يېرىمدا مېنى ئالغىلى كەلسۇن. - دېدى.

 - ھىم! -  غۇنچەمنىڭ كۆڭلى يايراپ، ۋارقىرىۋەتكىلى تاس قالدى، ئامالنىڭ بارىچە ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئېنىق ئاڭلىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

غۇنچەم يانفونىنى قۇچاقلاپ كۈلۈپ كەتتى، دەرۋەقە، يەنە بىر نەچچە قېتىم تېلېفون ئۇرسا، نادىرنىڭ كۆڭلىنى يۇمشاتقىلى بولىدىكەن.

غۇنچەمنىڭ كۆڭلىدە نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىنى ۋە قانداق ئۇقۇشماسلىقلار بارلىقىغا ھېچكىم كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، لېكىن بۇ خىل ئۇقۇشماسلىقنىڭ رېئاللىقتا قانداق تەسىرلەرنى پەيدا قىلغانلىقى كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ.

بەش يېرىمدا نادىر دەل ۋاقتىدا پەسكە چۈشۈپ، بىر تەرەپتىن چېچىنى ئوڭشىغاچ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلگەن غۇنچەمنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى.

غۇنچەم ئۆزى يېڭىدىن سېتىۋالغان پورسچىنىڭ يېنىدىن كىچىك قەدەملەر بىلەن نادىرغا قاراپ يۈگۈردى، ئۇنىڭ چىرايىدا يەنە بىر ئاز خىجىللىق بار ئىدى:

  - ھېلىمۇ ياخشى  ئىككى مىنۇت بۇرۇن كەپتىمەن، سىزنى ساقلىتىپ قويمىدىم. - دېدى.

ئەسلىدە يولدىن ئۆتكەنلەرنىڭ نەزىرى  ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ قاملاشقان بەدەن شەكلىگە  قانداق تېز  چۈشكەن بولسا، شۇنداق تېز كۆزلىرىنى ئالايتىپ قويۇشتى. قائىدە-يوسۇننى بىلمەيدىغانلار بۇنداق ئادەم ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان خىزمەت بىناسى ئاستىدا مۇھەببىتىنى كۆز-كۆز قىلغان نەدە بار!

 نادىر قاپىقىنى تۈرۈپ:

- سىز بۇ يەرگە نېمە قىلغىلى كەلدىڭىز،  باش مۇدىرنى مېنى ئالغىلى كەلسۇن دېگەنتىم، - دېدى. 

غۇنچەمنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى، ئۇ بايا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ھېلىقى ئېگىز بويلۇق يىگىتنىڭ پىخىلداپ كۈلگەن كۈلكىسىنى ئاڭلىغاندەك بولۇپ، كۆڭلىدە ئوڭايسىزلىنىپ قالدى. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ، ھېچقانداق ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىمىغان، بۇ قېتىم نادىر ئۈچۈن  قاتتىق ئىرادىگە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە چىداپ تۇرالمىدى.

نېمىشقا ئۇنىڭغا بۇنداق سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۆزىنى مۇشۇنداق تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرگىنىمۇ يەتمىدىمۇ؟

 -  مەن... خاتا چۈشىنىپ قاپتىمەن، لېكىن باش مۇدىر ئاۋۋال بېرىپ بولدى، بۇ قېتىم مەن  سىزنى ئاپىرىپ قوياي.- دېدى. 

نادىر ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ:

  - ئاۋارە قىلدىم، - دېدى-دە، بېرىپ ئارقا ئىشىكنى تارتىپ، شوپۇر ئورۇندۇقىنىڭ كەينىدە ئولتۇردى.

ماشىنا يولغا چىققاندا، نادىر قوشۇمىسىنى چىڭ تۈرۈپ، قاتتىق پۇشايمان قىلدى.

غۇنچەمنىڭ بەدىنىدىكى ئەتىر پۇرىقى تار ماشىنىدا يەنە بىر قېتىم تارقىلىشقا باشلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنىغا قويۇلغان ئەتىرنىڭ پۇرىقى قوشۇلۇپ، نادىرنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئېغىر دەرىجىدە بىئارام بولدى. ئۇ تۇغما سەزگۈر بولۇپ، مەيلى پۇراش سېزىمى ياكى ئاڭلاش سېزىمى جەھەتتە بولسۇن، ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپ سەزگۈر، شۇڭا ئۇخلىغاندا شەپە بولسا ئۇخلىيالمايدۇ، سۈنئىي ئۇسۇلدا تەڭشەلگەن ئەتىر پۇرىقى ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر خىل يۈك ئىدى.

غۇنچەم ئىشلەتكەن ئەتىر تەبىئىيلا ئالىي دەرىجىلىك مال، لېكىن ھەرقانچە ئالىي دەرىجىلىك بولسىمۇ، ھەرقانچە ياخشى پۇرىسىمۇ نادىرنىڭ بۇرۇنى بۇنىڭغا  بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئۆزى تېخىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

ئەسلىدە ئۇنىڭ ياردەمچىسىمۇ ئەتىر ئىشلىتەتتى،  يەنە كېلىپ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان پۇراقلارغا ئامراق ئىدى، كېيىنچە بىر قەدەر يېنىك، سۇس  پۇراققا ئۆزگەرتىپ، نۇرغۇن قۇربانلىق بەردى.

 - نادىر  ئەپەندى، سىز غەربچە تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرەمسىز؟ - دەپ سورىدى غۇنچەم.

 نادىر قولىنى كۆتۈرۈپ بۇرۇنىنى ئۇۋۇلاپ قويۇپ :

- بوپقالىدۇ، - دېدى. 

غۇنچەم ئاخىرى ئۇھ دەپ، كۈلۈپ قويدى ۋە ماشىنىنىڭ ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىگە پات-پات قاراپ:

  - ياخشى بولدى، مېنىڭچىمۇ سىز يىراق ئەلدىن قايتىپ كەلدىڭىز، كالا گۆشنى قوبۇل قىلىشىڭىز نىسبەتەن يۇقىرى بولسا كېرەك، شۇڭا مەن غەربچە ئاشخانىدىن ئورۇن زاكاز قىلدىم. ئەمەلىيەتتە مەن يەنىلا يىراق ئەلنىڭ ئايرىم تەخسىلىك تاماقلىنىش تۈزۈمىنى ياخشى كۆرىمەن، شۇنداق بولسا بىر قەدەر پاكىز بولىدۇ ... - دېدى. 

- كەچۈرۈڭ، ماشىنىنى ئەستايىدىل ھەيدەڭ. - دېدى نادىر ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ، - سىز مېنىڭ ۋە ئۆزىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولىشىڭىز كېرەك، - دېدى. 

غۇنچەمنىڭ رولنى تۇتقان قولى ئېغىرلاپ،  رولدىكى قىزىل خۇرۇم قاپ تولغىنىپ كەتتى.

سالاپەت دېسە،سالاپىتى بولمىسا، ياخشى-ياماننى بىلمىسە، ئۇنىڭغا چوقۇم نادىر بولمىسا بولمايدىغان بولۇپ قاپتىمۇ؟


 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章