كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
74 | 73 | 72 | 71 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
75-قىسىم
75 - قىسىم مۇناسىۋەتنى ئېنىق قىلىش
- ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر، ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان باشقا ئادىمى بار. - دېدى مۇرات. بەلكىم ئۇ مۇنىرەنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوبيېكتنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن.
مۇرات ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ قويۇپ:
مەن ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، ئەمەلىيەتتە پەقەت سىزلا مېنى ئۇنتالمايسىز، - دېدى.
بىر ئايدىن كۆپرەك جىمىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىككىيلەن ئۆز خىيالىدىن يېنىپ چىقىپ، تۇنجى قېتىم ئۈچ ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا يۈزمۈيۈز پاراڭلاشتى، پاراڭلاشقانسېرى مەزمۇندىن چەتنەپ كەتتى، چەتنەپ كەتكەنسېرى مۇنىرەنىڭ يىراقلارغا قاراپ ماڭغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي تارتىپ، چىڭ تۇتۇۋېلىپ قويۇپ بەرمىگەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلىدى.
چايخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى لەۋھە قارىماققا ناھايىتى ئىسىل كۆرۈنەتتى، ئۈستىگە ئالتۇن ھەل بېرىلگەن <ئېسىل چاي چايخانىسى> دەپ يېزىلغانىدى.
شۇنداق ئاددىي، تىنچ، - مۇنىرە پىچىرلاپ، كىرىشنى خالىمىدى.
چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا چايخانىدا نېمە بار، ئۇنىڭ گۆش يېگۈسى بار ئىدى.
نادىر ئۇنىڭ بوينىدىن تۇتۇپ، ئىتتىرىپ دېگۈدەك ئېلىپ كىردى.
ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭمۇ تۇنجى قېتىم كېلىشى، لېكىن بۇنداق چايخانىنىڭ بارلىقىنى تۇنجى قېتىم بىلىشى ئەمەس. بۇ چايخانا ئېچىلغىلى خېلى يىللار بولدى، چوڭلار كېلىپ سودا توغرىسىدا سۆزلەشكەندە، بۇ چايخانىغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن. ئەسلىدە ئۇمۇ ئالاھىدە كېلىشنى ئويلىمىغان، پەقەت يېقىن ئەتراپقا كېلىپ قالغاچقا، كىرىپ كۆرۈپ بېقىشنى ئويلىدى.
چايخانا جىمجىت، مېھمانلارنىڭ ئاۋازىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئىشىكتىن كىرىشىگىلا قويۇق چاي پۇرىقى كېلىپ، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكەتتى.
مۇنىرە دەرھال ئېغىر-بېسىق بولۇپ، قەدەملىرىمۇ بوشىشىپ كەتتى.
چاچلىرى ئاقارغان، ئەمما تېرىسى يەنىلا قىزىل، پارقىراق كەلگەن خوجايىن بېشىنى لەرزان كۆتۈرۈپ قارىدى، ئىچىدىكى مۇلازىم كېلىشتىن بۇرۇن:
قانچە ئادەم؟- دەپ سورىدى.
- ئىككى ئادەم. - دېدى نادىر.
قانداق چاي ئىچىسىلەر؟ - دەپ سورىدى خوجايىن.
پۇئېر چاي ، - دېدى نادىر.
قانداق ئىچىسىلەر؟ - دەپ سورىدى خوجايىن.
ئۆزىمىز دەملەپ ئىچەيلى، - دېدى نادىر.
خوجايىن كۈلۈپ قويۇپ، بېشىنى لىڭشىتىپ:
قارىسام سىلەرمۇ چاي ئىچىشنى بىلىدىكەنسىلەر، ئۆزۈڭلار ئورۇن تاللاپ ئولتۇرۇڭلار، سىڭلىم، ئۇلارغا بىر تەخسە ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىپ، قىزچاقنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇڭ، - دېدى. بۇ يەردىكى ئەتىرگۈل تەبىئىي ھالدا ئەتىرگۈل گۈلى ئارىلاشتۇرۇلغان تورتنى كۆرسىتىدۇ، پەقەت شۇ بۇ چايخانىنىڭ مەدەنىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ياخشى ئىسىم قويۇلغان خالاس.
مۇنىرەنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىدى، ئۇ نېمىشقا قورسىقىنى تويغۇزۇڭلار دەيدۇ، ئەجەبا نادىر ئەپەندىنىڭ يېيىشىگە يول قويمامدۇ؟
كۆڭلىدە گۇمان پەيدان بولغان بولسىمۇ، لېكىن گەپ قىلمىدى، نادىرغا ئەگىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىككى ساھىبجامال چاي ۋە سوۋغا قىلغان پېچىنە-پىرەنىكنى كەينى-كەينىدىن ئېلىپ، ئۈن-تىنسىز چىقىپ كېتىشتى.
چايخانا ھەقىقىي ياغاچ بىلەن يېرىم ئوچۇق كىچىك بۆلۈمچىلەرگە ئايرىلغان بولۇپ، كىرىش ئېغىزىنىڭ يېرىمىغا بامبۇك پەردە ئېسىلغانىدى.
مۇنىرە بۇنداق كىچىك بوشلۇقنى ناھايىتى يېڭىچە ھېس قىلدى، ئىللىق سېرىق چىراغقا سىرتتىن كىرگەن ئازراق سوغۇق ھاۋا قوشۇلۇپ، بىر خىل تەسۋىرلىگۈسىز ھۇزۇر بېغىشلىدى.
نادىر سۇ قاچىلانغان مىس چەينەكنى ئېلىپ سۇ قاينىتىشقا باشلىدى.
بۇ سۇ كۆپ قېتىم دېزىنفېكسىيەلەنگەن تۇرۇبا سۈيى ئەمەس، چايخانا خوجايىنى ھەر كۈنى سىرتتىن ئېلىپ كەلگەن بۇلاق سۈيىنى ئىشلىتىدۇ، بۇلاق سۈيى تاتلىق بولۇپ، چاي دەملەشكە ئىشلەتسە تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
مۇنىرە قوللىنى سوزۇپ بىر پارچە ئەتىرگۈل تورتىنى ئالدى، قارىماققا ئالا-بۇلىماچ رەڭلىك كۆرۈنمەيتتى، ئاددىيسى گۈل بەرگىگە ئوخشاش قېلىپتا ياسالغان بولۇپ، يېگەندە باشقىچە تەمنى ھېس قىلدى.
تەمى ناھايىتى سۇس، سەل يېپىشقاق، گۈل پۇرىقى قويۇق، تاتلىق تەمى ئالاھىدە، بىر خىل تەدرىجىي ھالدا تىل ئۇچىدىن تارقىلىپ چىققان تۇيغۇ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى تاتلىق ئەمەس. مۇنىرە تېتىپ بېقىپ، تورتنى گۈل چاي تورتى دەپ ئاتاش كېرەككەن دەپ ئويلىدى.
نادىر ئەپەندى سىزمۇ يەمسىز؟ - دەپ سورىدى مۇنىرە.
نادىر مۇنداق بىر قاراپ قويۇپ:
- ياق، بۇنى قىزچاقنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن بەرگەن، - دېدى .
مۇنىرە كۈلۈپ قويۇپ:
- يىمىسىڭىز مەيلى، - دېدى.
بىر تەخسىدە تۆت پارچە تورت بار بولۇپ، مۇنىرە ئۈچىنچى پارچىسىنى يەۋاتقاندا سۇ قاينىدى، نادىر قول سېلىپ، چاي دەملىمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، مۇنىرە ئاغزىدىكى تورتنى يۇتۇۋېتىپ، ئالدىراپ-تېنەپ قولىغا ئېلىپ:
مەن قىلاي، مەن قىلاي ، - دېدى.
نادىر ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى، قولىنى بوشىتىپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزدى.
مۇنىرە تۈز ئولتۇرۇپ ئالدىغا سەل-پەل ئېڭىشىپ، ئىنچىكە ئاپئاق بوينىنى سوزۇپ، ئىككى قولىدا مىس چەينەكنى تۇتۇپ، ئېسىدە قالغىنى بويىچە تەرتىپلىك ئېلىپ باردى.
چاي يوپۇرمىقىنى قىزىق چاي قاچىسىغا سېلىپ، قايناقسۇ بىلەن يۇغاندا يۇيۇش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولدى، ئىستاكانلارنى ئىككى-ئۈچ قېتىم چايقىغاندىن كېيىن قاينىتىلغان سۇنى تۆكۈپ، ئىستاكاننى دېزىنفىكسىيەلىدى. ئۇلارنىڭ چېيى خام پۇئېر بولغاچقا، مۇنىرە پەقەت بىر قېتىم يۇيۇپلا بولدى قىلىپ، چاي دەملەشكە باشلىدى.
ئۇ بىر قولىدا قايناق سۇنى ئېگىز كۆتۈرۈپ سورۇپ قۇيۇپ، ھەرىكىتىنى سەل كونترول قىلالماي قالدى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ماھارىتىنىڭ ئادەتتىكىچە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولغاچقا، قوللىرىمۇ ئەپلەشمەي قالدى، بىراق كەينىدىكى قۇم چەينەككە قۇيۇشلىرىدىن ئەسلىدىكى سېزىمىنى تېپىۋالغاندەك بولدى، شۇندىلا چاي سەنئىتىنىڭ گۈزەللىكىنى نايامان قىلالىدى.
ئاخىرىدا، يەڭگىل ھەرىكەتلىرى بىلەن چەينەكتىكى چاينى چاي ئىستاكانىغا قۇيۇپ ئىستاكاننى ھۆرمەت بىلەن سۇنۇپ:
مەرھەمەت. - دېدى.
ئالدىدىكى چاينىڭ رەڭگى سارغىيىپ، سۈزۈك پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى.
ئىچمىسىمۇ ياخشى چاي ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.
نادىرنىڭ قولى سوزۇپ، ئىستاكاننى ئاستا سىلاپ قويۇپ:
- بۇنداقمۇ ھۈنىرىڭىز باركەن، - دە، - دېدى.
مۇنىرە بىرئاز كۆرەڭلەپ، ئاپئاق چىشلىرىنى چىقىرىپ:
سىز مېنى مىشچانلاردىن دەپ قالماڭ، بوۋام تۈگەپ كېتىشتىن بۇرۇن، بىزمۇ ئوقۇمۇشلۇق ئائىلە ھېسابلىناتتۇق. ئاتا-بوۋىسىنىڭ ياخشى تەربىيەلىشى بىلەن، بوۋام گەرچە چاي ساتقۇچى بولسىمۇ، لېكىن چاي دەملەش ھۈنىرىگە كەلسەك، ئۇنى ئۇستا دېيىشكە بولىدۇ. كىچىك ۋاقتىمدا باشقا كىچىك دوستلار پىيانىنو، شاھمات، خەتتاتلىق، رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى باراتتى، ئاپام پۇل تېجەش ئۈچۈن مېنى بوۋامدىن چاي مۇراسىم سەنئىتىنى ئۆگىنىشكە بۇيرۇغان، خېلى ئۇزاق ئۆگەنگەندىم، ئەپسۇس بوۋام تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئالەمدىن ئۆتتى، شۇنىڭدىن كېيىن چاي دەملەپ باقمىدىم، - دېدى.
شۇڭا ئۇنىڭ مىجەزىدىكى تىنچ، ئەركىن، ئاقكۆڭۈللۈكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىن باشلاپ چاي سەنئىتىنى ئۆگىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
نادىر مۇنىرەنىڭ ئاپىسىدەك مەنمەنچى، جاھىل ئايالنىڭ مۇنىرەدەك بالىنى قانداق تەربىيەلەپ چىققانلىقىغا ھەيران قالغان ئىدى، ھازىر قارىسا، بۇ ئەزەلدىن يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان بوۋىسىنىڭ تۆھپىسى ئىكەن.
نادىر چايدىن بىر يۇتۇم ئوتلىدى، چاينىڭ پۇرىقى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتى، گالدىن ئۆتكەندە تەمى تاتلىقلىشىپ:
يامان ئەمەس. - دەپ ماختاپ كەتتى.
ھەي، مەن پەقەت ئازراق ئۆگىنىپ توختىتىپ قويۇپ، بوۋامنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويدۇم. - دېدى مۇنىرە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ئالەمدىن ئۆتكەن بوۋىسىنى ئەسلىگىنىدە دائىم ھەسرەت چېكەتتى، - بوۋام ئۆزىنىڭ چاي مۇراسىمى سەنئىتىدە ئىز باسارلىرىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى، پەقەت پۇل خەجلەپ چاي سەنئەت ئۆگىنىشنى خالىمايدىغان ئاپامدىن باشقا، قالغان ئىككى تاغامنىڭ ھېچقايسىسى بالىسىغا بۇنى ئۆگىتىشنى خالىمىدى، - دېدى.
چاي مۇراسىم سەنئىتىنى ئۆگەنگەننىڭ نېمە پايدىسى، ئاشۇ بىر ئەۋلاد ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزىرىدە، ماتېماتىكا ئولىمپىك سىنىپىغا قاتناشقىنى ياخشى.
بوۋام كېتىپ قالغاندىن كېيىن، مەنمۇ تاشلاپ قويدۇم، ئۇ چوقۇم مەندىن خاپا ، - دېدى مۇنىرە.
نادىر گەپ قىستۇرماي، جىم ئولتۇرۇپ چاي ئىچتى.
تۇنجى قېتىم دەملەنگەن چاي ئىچىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن، نادىر مىس چەينەكنى ئېلىپ ئىككىنچى قېتىم سوغۇق سۇ چۈشۈردى، ھەرىكىتى راۋان، سۈرئىتى ئاستا بولدى، ئازراق تېز كەتسە، بۇ يەرگە ماس كەلمەيدىغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. ئەگەر بايا مۇنىرەنىڭ دەملىگىنى چاي بولسا، ئۇنىڭ دەملىگىنى دەل ساپا.
ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى سۇس، ئەمما چاينىڭ پۇرىقى بەك چوڭقۇر بولۇپ، بوشلۇقتىكى ھەر بىر يوچۇقنى تولدۇردى.
مۇنىرە بىردىنلا قىزىرىپ، ئىستاكاننى چىڭ سىقىمداپ تۇتتى.
ھەي ... بۇ ئادەمنى بارغانچە ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتاتتى.
ئىز باسار يوقمۇ ئەمەس. - دېدى نادىر.
مۇنىرە خىيال ئىچىدە قايمۇقۇپ، ئېسىنى يىغىپ بولالماي:
ھىم؟ - دېدى.
نادىر كۈلۈپ قويدى، ئۇنىڭ سوغۇققىنە ئاۋازى ئىسسىق ھارارەتتىن ئۆتۈپ :
- مەن دەملىگەن چايمۇ يامان ئەمەس، - دېدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar