تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 74-قىسىم_يېڭىچە تۇرمۇش

文摘   小说   2025-01-12 13:59   新疆  


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق 107-قىسىم توپلام تامام 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
45
44434241
5049484746
5554535251
 60   59  58 57 56
 60   59  58 57 56
6564 63  62  61 
  70 69  6867  66 
    7372  71 


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

74-قىسىم

   



 

 

  

 

74-قىسىم   يېڭىچە تۇرمۇش


مۇنىرە تېلېفونىنى چىقىرىپ كالېندارغا قارىدى، يەنە 11 كۈن بار ئىدى  .

  -  بۇرۇن سېتىۋالغان داستىخان، گىلەملەرنى نەگە يىغىشتۇرۇپ قويدىڭىز؟ - دەپ سورىدى نادىر.

  -  مەن ئەسلىدە  ئىشكاپنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويماقچى ئىدىم، كېيىن ئويلىسام ۋاقتىنچە ئۆيۈمدە تۇرغىنى ياخشىكەن، كۆچۈپ كىرگەندە ئاندىن  ئاپىرىپ بېرىمەن. - دېدى مۇنىرە.  ئۆينى بېزەشتىن كېيىنكى  ھاۋالاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن، داستىخان ۋە گىلەملەرنى ئاپارمىغىنى ياخشى. - نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇلارنى ئاپتاپقا سېلىپ قوياي، يېڭى ئۆينى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن جايلاشتۇرۇپ، سېلىپ بېرەي، - دەپ قوشۇپ قويدى.  

ئىككىيلەننىڭ تەلەپپۇزى بەزىدە يېقىن، بەزىدە يىراقلىشىپ قالاتتى، پىرىكازچىك بۇنى ئاڭلاپ گاڭگىراپ قالدى، بۇ ئىككىسىنىڭ زادى قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ، قاتار-قاتار قاچا-قۇچا ئىشكاپلىرىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئىككىيلەن قەدىمىنى توختاتتى، مۇنىرەنىڭ چىرايلىق چىنە-تەخسىلەرگە قاراپ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.

ئۇ ئەزەلدىن قاچا-قۇچىلارنى ئۆزى تاللاپ باقمىغان،  ئاپىسى نېمە سېتىۋالسا شۇنى ئىشلىتىدۇ، ئەمما ئاپىسى ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىسادچىل بولۇپ، نېمىلا سېتىۋالسا ئەمەلىي ئىشلىتىشچانلىقىنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى كۆك گىرۋەكلىك فارفۇر قاچا بولۇپ، ھېچقانداق گۈزەللىك تۇيغۇسى يوق. كۆز ئالدىدىكى بۇ چىرايلىق قاچا - قۇچىلارغا پەقەتلا ئوخشىمايدۇ، بۇلار قارىماققا يېنىك ھەم نازۇك كۆرۈنىدۇ، ئىچىدە ھېچنېمە يوق بولسىمۇ، قارىسىلا ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كېتىدۇ.

ئەگەر بۇ خىل قاچىنى ئىشلەتسە، ئۇ چوقۇم ئىككى قاچا تاماقنى كۆپ يەيتتى.

مۇنىرە رەڭدار، چىرايلىق قاچا-قۇچىلارغا قاراپ ماڭدى، ئەسلىدە باشقا تەرەپكە قاراپ ماڭغان نادىر كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ،  كەينىدە تۇردى.

  -  نېمىدېگەن ياخشى ... - دېدى مۇنىرە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئاھ ئۇردى،  بۇنىڭدىن كېيىن قاچا-قۇچا سېتىۋالسا مۇشۇنداقنى سېتىۋېلىشنى ئويلىدى.

زوقلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ رازىمەنلىك بىلەن كەينىگە بۇرۇلغاندا، نادىرنىڭ ئېڭىكىگە ئۈسسىۋالغىلى تاسلا قالدى. تىنىقلىرى بىردىنلا يېقىنلىشىپ، گاڭگىراپ قالغان مۇنىرە خۇددى تۈنۈگۈن كەچتىكى يېقىنچىلىق قىلغان ۋاقىتقا قايتىپ قالغاندەك بولۇپ، ئالدىراپ-تېنەپ كەينىگە يېنىپ  چىنە-قاچا ئىشكاپىغا سوقۇلغىلى تاس قالدى، نادىر قولىنى سوزۇپ  تەنتەك قىزنى تارتىۋالدى.

بۇ قېتىم مۇنىرەنىڭ بېشى نادىرنىڭ ئېڭىكىگە راسلا تەگدى.

ئۇ باش تەرىپىدىن كەلگەن ۋايسىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى.

پەيلاسوپلارنىڭ <تۇرمۇش كۆز ئالدىدىكى مۇجمەللىكلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئوسال ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرمۇ بار> دېيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن.

بۇ چاغدا مۇنىرە  ئاۋۋال مەزمۇت تۇرۇشى كېرەكمۇ ياكى ئۇنىڭ ئېڭىكىنى سىلاپ ئاغرىقنى پەسەيتىشى كېرەكمۇ دېگەننى ئويلىدى.

ھالقىلىق پەيىتتە نادىر  ئوتتۇرىغا چىقىشى زۆرۈر ئىدى، ئۇ پۇت-قولى قېتىپ قالغان مۇنىرەنى قۇچاقلاپ كەينىگە ئىككى كىچىك قەدەم داجىدى-دە، قولىنى قويۇۋېتىپ ئېڭىكىنى چىڭ تۇتۇۋالدى، ئاغرىقمۇ  بارا-بارا ئۇيۇشۇشقا ئالماشتى.

  -  ھېچ ئىش يوقتۇ!

مۇنىرە ئۇنىڭ روشەن قىزىرىپ كەتكەن ئېڭىكىگە قاراپ، تۇنجى قېتىم پېشانىسىدىن نەپرەتلەندى، ئۇ قانداقسىگە ئادەمنى بۇنداق قاتتىق سوقۇۋېتىدۇ؟

ئۇ ھەم خىجىل بولدى، ھەم ئىچى ئاغرىپ:

  -  كەچۈرۈڭ،  ئېھتىيات قىلماپتىمەن ... - دېدى.

نادىر ئىكىڭىنى سەل-پەل ئۇۋۇلاپ قويدى، پۈتۈن بەدىنىڭ ئۇيۇشىشىدىن ئاغرىقنى سەزمىگەندەك، مۇنىرەنىڭ پېشانىسىگە بىرنى نۇقۇپ:

  -   ھېلىمۇ ياخشى ئىكىڭىمنى ياساتماپتىكەنمەن، - دېدى.

مۇنىرە ئاخىرى ئۇھ دەپ بېشىنى كۆتۈرگەندە نادىرنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچراشتى.

ئۇنىڭ كۆزىمۇ ئالاھىدە چىرايلىق بولۇپ، كۆز قارىچۇقى قېنىق قەھۋە رەڭلىك ، نۇرغا يولۇققاندا ھەمىشە ئىللىق كۆرۈنەتتى، ئەمما ئادەتتە كەم سۆز، كۈلۈشنى ياقتۇرمايدۇ، بىر قارىسىلا ئادەتتىن تاشقىرى سوغۇق كۆرۈنىدۇ.

مۇنىرە مۇشۇ كۆزلەردىن ئۆزىنىڭ سىماسىنى غۇۋا كۆردى.

ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈلمىگەن چىرايى ئىپادىسىنى نايامان قىلغان نادىر چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنى يەنە بىر قېتىم سەگەكلەشتۈرمەكچى بولغىنىدا،  قارشى تەرەپ تېخىمۇ قايمۇقۇپ،  ئېتىلىپ كېلىپ، يارىلانغان ئېڭىكىگە  بىرنى سۆيۈپ قويدى.

مۇنىرە پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ نادىرنىڭ كۆينىكىنى كۈچەپ تارتىپ، ئىشەنچكە تولدى.

نادىر ئەپەندى  مەرتىۋىلىك ھالدا بۇ دۇنياغا كەلگەن بولسا، ئۇمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

بۈگۈندىن باشلاپ، غەيرەت قىلىدۇ.

يۈزى قېلىنلار!

پىرىكازچىكلارنىڭ نەپرەت نەزىرى ئاستىدا، مۇنىرە بىلەن نادىر بىر يۈرۈش يېڭى قاچا-قۇچىلارنى تاللاپ، باشقا نەرسىلەر بىلەن بىللە كېلەر ھەپتە ئاخىرىدا  ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرىشكە ئالدىن كېلىشكەندىن كېيىن، ھەر ئىككىسى چۈشلۈك تاماق يەيدىغان جاي تېپىش ئۈچۈن ئالدىراش بولدى.

بۇ رايون سانائەت رايونىغا يېقىن بولۇپ، ئېچىلغان دۇكانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆي جاھازلىرى ۋە بېزەكچىلىك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق چوڭ بۇيۇملارنى ساتىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا ئانچە ئاۋات بولمايدۇ، يولدا ئادەم ئاز، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ماشىنىلارمۇ كۆپ ئەمەس.

بىراق سانائەت رايونىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا بىر چايخانا ئېچىلغان بولۇپ، زاۋۇت بىناسىنىڭ ئالدىدا يالغۇز قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، سودىسى ناھايىتى ياخشى ئىدى.


مۇراتنى ئىلگىرى بىر خېرىدارى بۇ يەرگە باشلاپ كەلگەن.   بۇ ئۇنىڭ كۆپ يىللىق كەسپىي ھاياتىدا رەت قىلىنغان ھەمكارلىقلىرى ئىچىدە  ئەڭ ئازادىلىك ھېس قىلدۇرغان بىر قېتىملىقى ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بۇ  چايخانىنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ قالدى.

بۇ قېتىم سۆھبەت ئورنىنى مۇشۇ يەرگە تاللاپ، يېقىندىن بۇيان روھى جەھەتتىن جىددىيلەشكەن پەزىلىيەنى ئارام ئالدۇرماقچى بولدى.

چاي ئەسلىدىنلا ئاچچىق، پەزىلىيەنىڭ ئاغزىغا كىرگەندە خۇددى سېرىق نېلۇپەر ئىچكەندەك يۇتۇش تەس كەلدى.

چايخانىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى چوڭ بولغاچ مېھمانلار ناھايىتى تارقاق ئولتۇرغانىدى. يەنە تېخى ئايرىمخانىلارمۇ بار، شۇڭا ئەتراپ جىمجىت بولسىمۇ، ئاۋازىنى بەك تۆۋەن قىلىۋەتمىسىمۇ بولاتتى. ۇ.

   مەن سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن.  - دېدى مۇرات.

پەزىلىيە بېشىنى چايقاپ:

 يۈز كېلەلمىگۈدەك ئىش قىلمىدىڭىز، بىز ئىككى يىل بۇرۇنلا ئايرىلىپ كەتكەن، ئۆزۈم چاپلىشىۋالدىم.-دېدى.

- ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ئادەم مەن. كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتىپلا قالماي، مۇنىرە بىلەن بولغان ھېسسىياتىڭىزغىمۇ تەسىر يەتكۈزدۈم، بايىقى كەچۈرۈم سورىشىمنى قوبۇل قىلمىسىڭىز بولىدۇ، لېكىن بۇ ھەقىقەتەن قەلبىمدىن چىقتى، ھەرگىزمۇ ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىش ئۈچۈن دەپ قويغان گەپ ئەمەس، - دېدى مۇرات.

نەقەدەر رەھىمسىز ئەر.

پەزىلىيەنىڭ كۆز چاناقلىرى قىزىپ كەتتى، ئىششىقى يانمىغان كۆزلىرىدە يەنە ئەگىپ يۈرگەن سۇيۇقلۇق ئېقىنغا ئايلانماقچى بولغاندەك  :

    كەچۈرىمىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن، ھېسسىياتنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ، سىزنىڭ مۇنىرەنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىڭىز تەبىئىي، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇنىڭ مىجەزى ياخشى، ئاقكۆڭۈل، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاچچىقى كەلگەن تەقدىردىمۇ، ماڭا ئوخشاش بۇنداق  سەتلىشىپ يۈرمەيدۇ ...

 ئېنىقكى بىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، بىر - بىرىمىزگە ئوخشىشىپ كېتىمىز، ئەمما  كىچىكىمىزدىن تارتىپ بىر چەمبىرەكتە تۇرغان بولساقمۇ، ئۇ ھەمىشە مەندىن بەكرەك ئالقىشقا ئېرىشىدۇ... كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. 

نېمىشقا؟ ئۇنىڭمۇ مەندىن ئېشىپ چۈشكۈدەك تۈزۈكرەك يېرى يوققۇ...  ئۇ پەقەت ساددا، ئەخمەق خالاس - دېدى پەزىلىيە ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ.

مۇرات كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراپ قويۇپ، مۇنىرەنى ئاقلىمىدى.

مۇنىرەنىڭ ساددىلىق قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىگە ئايان.

ھەقىقىي ساددا ئادەم، ئۇنىڭدەك ئۇنداق كەسكىنلىك بىلەن ئايرىلىپ كېتەلمەيدۇ.

ئەگەر مۇنىرەنى سۈپەتلەش ئۈچۈن، ساددىلىق بىلەن سەل ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئاددىيلىق سۆزى ئىشلىتىسە تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

ئاددىيلىقنى ھەممە ئادەم ياخشى كۆرىدۇ .

   ئەگەر ئەينى چاغدا مەن قايتىپ كەلمىگەن بولسام، سىلەر ئاللىبۇرۇن مۇھەببەتلىشىپ قالغان بولاتتىڭلار، ھازىر مەن چېكىنىپ چىقسام، سىلەر يەنە ئەسلىدىكى ئورنىڭلارغا قايتىپ كېلەلەيتتىڭلار. .. - دېدى پەزىلىيە تۆكۈلگەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ،   مەنمۇ قېيىداپ بۇ گەپنى قىلمىدىم،  سۇ باشقىلارنىڭ ئېتىزىغا ئاقسا بولمايدۇ، مېنىڭ پۇرسىتىم قالمىدى، ئەخمەق مۇنىرەمۇ ماڭا ئوخشاش ئازابلانسا بولمايدۇ. - دېدى.

 ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي تىللىدى، كۆڭلىدە ھەقىقەتەن ئاغرىندى، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆزى بىلەن شۇنچە يېقىن ئۆتكەن بۇ دوستىنىڭ ياخشى كۈن كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مۇرات ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ، بېشىنى چايقاپ:

  -مەن رەت قىلىندىم.  - دېدى.

 -   ئۇ مەن ئۈچۈن شۇنداق قىلدى، - دېدى پەزىلىيە. 

مۇرات بېشىنى چايقاپ:

  - بىرىنچى قېتىم سىز ئۈچۈن قىلغان بولسا، ئىككىنچى قېتىم ئۇنداق ئەمەس. - دېدى . 

پەزىلىيە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قىلىپ:

  - ئۇنداق ئەمەسمۇ؟ - دەپ سورىدى.

 -   بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىم ئەسلىدىنلا قىسقا ئىدى، ئۇ مەن بىلەن چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرىغاندىن كېيىن، باردى-كەلدى قىلىشمىدى، شىركەتتە خىزمەت گىرەلىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، خىزمەت ئىشىنى ئادىل بېجىرىش پوزىتسىيەسىدە بولدى، ئۆزىنى قاچۇرماي، تەمكىنلىك بىلەن ئىش قىلغاچقا، مەنمۇ باشقا خىياللارنى قىلمىدىم.  - دېدى مۇرات.

مۇنىرە دېگەن ئەخمەق قىز...  پەزىلىيە كۆزىنى ئېتىۋېلىپ، ياشلىرىنى توسۇپ،  ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولدى.








 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章