تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 80-قىسىم_ ئاددىي تۇرمۇش

文摘   小说   2025-01-18 14:05   新疆  


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق 107-قىسىم توپلام تامام 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
45
44434241
5049484746
5554535251
 60   59  58 57 56
 60   59  58 57 56
6564 63  62  61 
  70 69  6867  66 
 75  74  7372  71 
    7978  77  76 


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

80-قىسىم

   



 

 

 

80 – قىسىم

 ئاددىي تۇرمۇش



مۇنىرەنىڭ ئۆيى

دادىسى قاچا - قۇچىلارنى يۇيۇپ بولۇپ، گازىر چېقىپ ئولتۇرغان ئايالىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، تىزىغا قويۇۋالغان گازىر خالىتىسىنى ئېلىپ:

  - بولدى چاقماڭ، ئىسسىقىڭىز ئېشىپ كېتىدۇ، - دېدى. 

- گازىر چاققانغا نېمە بولاتتى، - دېدى ئاپىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ قولىدىن بىر سىقىم گازىرنى تارتىۋېلىپ، ئېرىنچەكلىك بىلەن سافاغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرگەچ،  - قاراڭ، ھازىرقى تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىدا ئۈزۈم بىلەن سۇمۇرغ مۇھەببەتلىشىپ چىقىدىكەن، -دېدى. 

دادىسى  بىر قاراپ قويۇپ:

  - ھەي، نېمە، ئۇ  ئۈزۈم ، سۇمۇرغ دېگەن، ھەممىسى يالغان، بىمەنىلىكقۇ بۇ...   ،  - دېدى. 

 -  بۇ دىگەن كارتون،  نېمىگە كۆرەڭلەيسىز، - دېدى ئاپىسى. 

 -  بۇ نەدىمۇ قىزىقارلىق بولسۇن. -  گەپ تۈگىمەيلا، يان تېلېفونى سايرىدى، ئاپىسى سافانىڭ يوچۇقىغا كىرىپ قالغان يان تېلېفوننى تېپىپ:

- ھەي  ئاچا، تاماق يېدىڭىزمۇ، ھازىر باغچىدىمۇ؟  تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈۋاتىمەن، ھەي دېمەيلا قويۇڭ، خېلى قىزىق يەرلىرى چىقىۋاتىدۇ...  بولىدۇ، مەن ھازىرلا باراي.  - دېدى.

 تېلېفوننى قويۇۋېتىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىراپ-تېنەپ سىرتقا قاراپ ماڭدى.

 - نەگە بارىسىز؟  - دەپ سورىدى دادىسى.

 -  قوشىنىلار باغچىدا ياخشى ئىش بار دەيدۇ، دەرھال بېرىشىمنى ئېيتتى. - دېدى ئاپىسى ئايىغىنى كىيگەچ،-  مەن بېرىپ قاراپ باقاي، سەل تۇرۇپ قايتىپ كېلىمەن. - دېدى.

ئۇ  كېتىۋىدى، دادىسى دەرھال پەن-مائارىپ قانىلىغا ئالماشتۇرۇپ، ھايۋاناتلار دۇنياسى پىروگراممىسىنى كۆردى.

بىر توپ ھايۋان سۈپەتلەرنىڭ مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى كۆرگەننىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن، ھەقىقىي ھايۋاننىڭ ئوۋ ئوۋلىغاندىكى ھەيۋىسىنى كۆرگەنگە يەتمەيدۇ.

باغچە مەھەللىگە يېقىن، ئاپىسى يەتتە-سەككىز مىنۇتتىلا يېتىپ كەلدى، باغچىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا، قوشنىسى ئۇنىڭغا قول پۇلاڭلىتىپ، ئالدىغا كېلىپ كۈتۈۋېلىپ:

 - سىڭلىم، بۇ قېتىم ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بار.  - دېدى.

مۇنىرەنىڭ ئاپىسى كۈلۈپ تۇرۇپ:

  - مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟  قانداق ياخشى ئىشتى؟  - دەپ سورىدى.

قوشنىسى ئۇنى يېنىك ئىتتىرىپ قويۇپ:

  - پەرەز قىلىپ بېقىڭە، - دېدى. 

 - ۋاييەي،  تاپالمىدىم. - دېدى مۇنىرەنىڭ ئاپىسى.

قوشنىسى باغچىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ:

  - ئۇ يەر، ئۇ يەردىكى ئىشلار.  - دېدى.

ئۇنىڭ قاش - كۆزلىرى ئېچىلىپ كەتتى، مۇنىرەنىڭ ئاپىسى كۆرسەتكەن بۇلۇڭغا قاراپ، نەچچە سېكۇنت ئويلىنىپ ئاندىن بېشىغا بىرنى ئۇردى، ھەي،  بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قالغىنى قارا.

ئالدىنقى بىر مەزگىلدە ئۇ مودىغا ئەگىشىپ، قىز-يىگىت ئۇچرىشىش بۇلۇڭىغا مۇنىرەنىڭ تەرجىمىھالىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن سۈرىتى چاپلىمىغان، پەقەت بوي ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقى، تەقى-تۇرقى، ئوقۇش تارىخى، ئائىلە ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئاساسەن تولدۇرغان. بەلكىم سۈرەت چاپلىماي سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ياكى ئادەتتىكى ئائىلىنىڭ قىزى بولغاچقا جەلپ قىلىش كۈچى بولمىسا كېرەك، بىر قېتىممۇ  تېلېفون تاپشۇرۇپ ئالمىدى،  دەسلەپكى ئىككى كۈندە ئۇ يەرگە بارغان بولسىمۇ ھېچكىمنىڭ كۆزى چۈشمىدى، كېيىن مۇنىرەنىڭ سىرتتا ئادىمى بارلىقىنى بايقاپ، بۇ ئىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانىدى.

 - ئېسىمگە كەلدى، قانداق بولدى؟  - دەپ سورىدى مۇنىرەنىڭ ئاپىسى.

قوشنىسى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

  - بايا، بىرسى سىلەرنىڭ مۇنىرەنى ياقتۇرۇپ قالدى!  - دېدى .

ئاپىسى بۇنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ ئويلاپ، دەرھال:

  - بولدىلا، بولدىلا، مۇنىرە تېپىپ بولدى، مەن ئۇنتۇپ قالمىغان بولسام،  تەرجىمىھالىنى يىرتىۋەتكەن بولاتتىم، - دېدى . 

 - ھەي، نەچچە كۈندىلا مۇۋاپىق ئادەم تېپىتىمۇ؟  - دېدى قوشنىسى ئانچە قوشۇلماي، - بەلكىم ئەپلەپ ـ سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ھازىرقى بالىلارنىڭ ھىيلە ـ مىكىرلىرى بىر ـ بىرىدىن كۆپ، سىز ئېنىق جەزملەشتۈرۈڭ، ئالدىنىپ قالماڭ. 

 ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئانا-بالا ئىككىيلەننى كۆردۈم، ھەقىقەتەن ياخشى ئادەملەركەن، ئىككىمىز تېخى ئۇزاق پاراڭلىشىپ چىقىشىپ قالدۇق، - دېدى . 

قوشنىسى ئۇنى ئىتتىرىپ ماڭغاچقا، دەماللىققا قۇتۇلالمىدى.

قوشنىسىنىڭ ئاغزىدىكى ئانا-بالا ھەقىقەتەن بار ئىكەن، قارشى تەرەپنىڭ ئاپىسى قولىدا بىر كىچىك دەپتەر ئېلىپ تېلېفون نومۇرىنى خاتىرىلەۋاتاتتى، يەنە تېخى 12345 دەپ رەت نومۇر قويۇپ تىزىملاپ قويدى. ئوغۇل بالىنىڭ بويى ئېگىز ئەمەس، قارىماققا قاش-كۆزلىرى قويۇق، تېرىسى ئاق ، سۈزۈك كۆرۈنەتتى.

قوشنىسى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن:

  - ھەي، ئەسقەرنىڭ ئاپىسى، بۇياق مۇنىرەنىڭ ئاپىسى، سىز بايا ئۇنىڭ قىزىنى قارىماققا يامان ئەمەستەك قىلىدۇ دېگەنتىڭىز، مانا ئۆزى كەلدى،  پاراڭلىشىپ بېقىڭلار، - دېدى. 

ئەسقەرنىڭ ئاپىسىنىڭ قاراشلىرىدىن، مۇنىرەنىڭ ئاپىسى ئۆزىنى كۆكتات بازىرىدا تاللاشقا چۈشۈپ قالغان يېسىۋېلەكتەك ھېس قىلىپ، ناھايىتى بىئارام بولدى.

ئەسقەرنىڭ ئاپىسى بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن كۈلۈپ تۇرۇپ:

  - سىز مۇنىرەنىڭ ئاپىسىمۇ، مەنمۇ بايا كۆردۈم، قىزىڭىزنىڭ شارائىتى خېلى بولىدىكەن، گەرچە مائاشى يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن خېلى مۇقىم ئىكەن، بىز قىز تەرەپنىڭ كۆپ تېپىپ كېتىشىنىمۇ ئۈمىد قىلمايمىز، بىزنىڭ ئۆيدە پۇل بار، ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلسىلا بولدى، - دېدى. 

بۇ گەپنىڭ ئىچىدە تىكىنى باردەك قىلاتتى، ئىككىلىسىنىڭ تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشى تۇرسا، تەلەپپۇزىدا نېمىشقا بۇنداق يۇقىرى-تۆۋەن دەپ ئايرىلىدۇ؟

مۇنىرەنىڭ ئاپىسىنىڭ مىجەزى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، دەرھال كەينىگە يېنىپ:

 - پۇل بولمىسا نېمە بوپتۇ، ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان ئىش بولسىمۇ يالغۇز بىر ئادەم چىقماس، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىم ئۆزى لايىق تېپىپ بولدى، باشقىلار بىلەن بۇ يەردە تاللىشىپ يۈرمىسەممۇ بولىدۇ، سەت بولدى.  - دېدى.

ئەسقەرنىڭ ئاپىسى قارىماققىلا ئۇنداق ئاسان چىقىشىپ ئۆتكىلى بولىدىغان ئادەمدەك قىلمايتتى:

  - ۋېييەي، ئىقتىدارسىز ئادەملەر مۇشۇنداق پۇل بولمىسا ھېچقىسى يوق، دېيىشكە جۈرئەت قىلالايدۇ،  لايىق تاپقان بولسا كۆرسىتىپ باقمامسىز، يەنە كېلىپ تاپقان بولسا بۇ يەردە پالاقلاپ يۈرمەيتتىڭىز، نېمە دېگەن كۈلكىلىك. - دېدى.

كەچ سائەت يەتتىدە باغچىنىڭ قىز-يىگىت ئۇچرىشىش بۇلۇڭى ناھايىتى قىزىپ، ئادەملەر توپلىشىپ قالىدۇ.

20 مىنۇتتىن كېيىن، مۇنىرە  دادىسىدىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلدى، تېلېفوندا  ئاپىسىنىڭ باغچىدا بىرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەھۋال ئىنتايىن جىددىي بولۇپ، تەرەققىي قىلىپ بىر-بىرىنىڭ چېچىنى تارتىپ قويۇۋەتمەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىپتۇ. 

 مۇنىرە بىلەن نادىر   ماشىنا ھەيدەپ، 10 مىنۇتتىلا يېتىپ كەلدى.

بۇ چاغدا كىشىلەر  ئۇرۇشقان مەيدانغا  ئولىشىپ قېلىشقانىدى، كىشىلەر توپى ئارىسىدىن ۋارقىرىغان - چىرقىرىغان ئاۋازلار قۇلاققا بىگىز سانجىلغاندەك ئاڭلاندى.

 -  يول بېرىڭلار، يول بېرىڭلار. - مۇنىرە پۈتۈن كۈچى بىلەن كىشىلەر توپىغا قىستىلىپ كىردى، - نادىر  ئەپەندى، سىز سىرتتا مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ، قىستىلىپ كىرمەڭ، - دېدى. 

ئەسلىدە ئاپىسىنىڭ خەقنىڭ ئالدىدا ئۇرۇشقاندەك بۇنداق قاملاشمىغان ئىشنى نادىرغا كۆرسەتكۈچى يوق ئىدى، پەقەت ئىلگىرى كۆپ سورىمايدىغان ئادەم بۇ قېتىم ئاخىرىغىچە سوراشتا چىڭ تۇرۇۋالغاچقا ياۋاشلىق بىلەن دەپ بەردى ھەمدە ئۇنىمۇ بىللە ئېلىپ كەلدى.

نادىرنىڭ بۇنداق ئىچكى-تاشقى ئىشلارنى ئايرىماسلىقى ھەقىقەتەن ئادەمنى ئامالسىز قالدۇرىدۇ.

ئىچىدىكى ئىشلار يەنىلا كەسكىن بولۇپ، كىيىملىرى قالايمىقان ئىككى ئايال بىر-بىرىگە چەكچىيىشىپ، بىر مىنۇتمۇ بوشاپ قالمىدى. مۇنىرەنىڭ ئاپىسىنىڭ يېنىدا  ئىچى ئاغرىۋاتقان سىپايە دادىسى تۇراتتى، ئەسقەرنىڭ ئاپىسىنىڭ يېنىدا چوڭ قىزى بىلەن كۈيئوغلى، كىچىك ئوغلى بىلەن ئېرى بار ئىدى، سەپ شەكلىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بەشى ئىككىسىگە چىقىپ، ئاپىسى ئۈزۈل-كېسىل ئۇتتۇرۇپ قويغاندەك قىلاتتى.

لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئاپىسى ئۆزى يالغۇز تۆتىسىنى ئەدىپىنى بېرىپ، بىرنى يېرىم جان قىلىپ، دادىسىغا  تاشلاپ بېرىپ، سەپتىن چۈشۈپ قالمىدى.



  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章