گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم87-قىسىم _مېنى قۇتقۇزۇۋېلىڭ

文摘   小说   2025-01-15 14:06   新疆  


 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات10-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ



داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  12-بۆلۈم 192  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  102  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم   第10部

قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65  64  63 6261
 70 69686766
 75 74 73 72 71
  80 7978 77 76
   85  8483 82   81
        86






گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29

29282726
3433323130
3938373635
 65  64  63 6261
 44 43 4241 40
494847 46 4 655
54535251
50
5958575655
6463626160
6968676665
7473727170
7978777675
8483828180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
109108107106105


112111110





گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات10-بۆلۈم

87-قىسىم

  



 



87-قىسىم


 مەمەت تاغا، ۋە دارلىئىتام باشلىقى  نىمە دىسۇن دىلنار ئۆزۈم تاغقا چىقىشىم كىرەك دەپ تۇرىۋالدى. ئۇ ئەنسەرگە كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئۆزى سەبىرەنى قۇتقۇزۇپ كەلمەكچى ۋە يەنە پۇرسەت تېپىپ ئايرۇستىن بىلەيزۈكىنى ئېلىۋالماقچى بولغان ئىدى. بىلەيزۈكنىڭ ئىشىنى مەمەت تاغا بىلىپ قالغۇچە قولىغا ئېلىۋېلىشى كىرەك ئىدى.

بۇ چاغدا ساقچىلارنىڭ ئۆزئارا چاقىرىدىغان ئۈسكۈنىسى تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى، دىلنار ئۇنىڭ بىر تەرەپلىمە سۆزلىرى ئارقىلىق، قارا نىيەتنىڭ بويسۇندۇرۇلغانلىقىنى، سەبىرەنىڭ تاغ چوققىسىدىكى دەرەخ شېخىغا يامىشىپ چىقىپ، تاش يېرىقى ئارىسىغا قىسىلىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدى.

يوچۇق كىچىك بولغاچقا، چوڭلار كىرەلمەيدۇ، دەرەخ شېخىمۇ ئاڭلىماققا بىر قۇرامىغا يەتكەن ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغاندەك قىلاتتى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر يامغۇر يېغىپ،  دەرەخ شاخلىرىمۇ شامالدا قاتتىق پۇلاڭلاپ تۇرىدۇ، سەبىرەنىڭ شۇنچىكىن يۈرىكى بىلەن دەرەخ شېخىنى قۇچاقلاپ يىغلاشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.

ساقچى  ۋاقتىنچە ھېچقانداق چاتاق چىقمايدىغان ئامال تاپالمىغانلىقىنى قايتا ـ قايتا جەزملەشتۈردى.

دىلنار ئۇدۇلدىكى يامغۇر پەردىسى ئاستىدا قالغان تاغقا قاراپ ، خېلى بىر ھازاغىچە ئويلىنىپ،  ئاستا ئېغىز ئېچىپ :

  -   مەن باراي. - دېدى. 

- چوڭ خانقىز! قالايمىقان جۆيلىمەڭ! -  مەمەت تاغا ھەقىقەتەن خاپا بولدى، بۈگۈن زادى نېمە ئىش يۈز بەردى؟

  -   ئاساسلىقى يەنىلا مۇشۇ باھانىدا تاغقا چىقىشنى ئويلىدىم. سەبىرەگە كەلسەك، ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالسام، ئۇلار بىلەن بولغان بۇ ئاۋارىچىلىك ئىشلاردىنمۇ ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلىمەن.  - دېدى دىلنار.

دىلنار بۈگۈن بۇ يەرگە كەلمەسلىكى كېرەك ئىدى،  ئىشقىلىپ ئۇلارنى نەس باستى.

  

نەق مەيدانغا بارغاندا، دىلنار ھېلىقى قارا نىيەتنىڭ يارىلانغانلىقىنى كۆردى.

ئۇنى كۆرۈپ، بىر جۈپ كۆزى  دارىلئېتام دەرۋازىسى ئالدىدا كۆرگەن قىياپىتىدىنمۇ ياۋۇزلىشىپ كەتكەنىدى.

دىلنارنىڭ تېنى سەل سەسكىنىپ، تاتىرىپ كەتكەن چىرايىدىن ئىنتايىن سۇس كۈلكە چىقىپ تۇراتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ نەزىرىنى يىغلىغان ئاۋاز ئاڭلانغان يەنە بىر تەرەپكە قاراتتى.

ئەينى چاغدا ھېلىقى ساقچىنىڭ تەسۋىرلەپ بەرگىنىنى ئاڭلىغاندا، زادى قانداق مەنزىرە ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغانىدى.

دەرەخ شېخىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاش يېرىقىنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى ئەمدى چۈشەندى.

دەرەخنىڭ يىلتىزى بىر پارچە قورام تاشنىڭ ئاستىدىن تېشىپ چىقىپ، يەنە يېڭىدىن شاخلاپ چىققانىكەن.

دەرەخ شاخلىرى تاش يېرىقىنىڭ سىرتىغا قاراپ ئۆسۈپ، ئاستى تەرىپى تىك يار ھېسابلانمىسىمۇ، ئەمما يانتۇلۇقى ناھايىتى تىك بولغان ھالەت شەكىللىنىپتۇ.

ئۇنىڭ تېلېفوندا ئاڭلىغىنىغا ئوخشاش  يوچۇق تار، دەرەخ شاخلىرى چۈرۈك  ھەم ئىنچىكە بولۇپ، قاتتىق شامالدا يامغۇر بىلەن تەڭ يۈزگە ئۇرۇلۇپ ئاغرىق ھېس قىلدى.

سەبىرە تۇيۇقسىز ۋارقىراپ يىغلىدى، يىغا ئاۋازىدا دىلنارنىڭ بېشىنى ئاغرىشقا باشلىدى.

بىر نەچچەيلەن ۋاقىتلىق تاپقان بىر نەچچە تال ئارغامچىنى  بىر-بىرىگە ئۇلىدى، سەبىرەنىڭ ئورنىغا ئاساسەن، ئېلىپ كېلىنگەن  ئارغامچىلاردىن  يەتكۈدەك قىلىپ پەقەت بىرنىلا ياسىغىلى بولدى.

ساقچى كەسكىن قىياپەتتە يەنە بىر تال ئارغامچا تېپىپ كېلىشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن ئەتراپىدىكىلەر سەل تەڭلىكتە قېلىشىپ:

  -   كېلىدىغان چاغدا ئەكەلگىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلدۇق... - دېدى. 

- ئەمىسە كىرلىك بولسىمۇ ئېلىپ كېلىڭلار!  - دېدى  ساقچى ئەمەلدارى ئاچچىقلاپ.  ئەمما دىلنار تەمكىن تەلەپپۇزدا:

  -   ھاجىتى يوق. ئوشۇقچە ۋاقىتمۇ قالمىغاندەك قىلىدۇ، يەنە كەينىگە سۈرسەك، شامال يەنە ئازراق كۈچىيىپ كەتسە، ئادەمنى قۇتقۇزغىلى بولمايدۇ.  - دېدى.

سەبىرە چىقىۋالغان ئەڭ يىراق دەرەخ شاخلىرى ئېگىلگەن بولۇپ، ھەربىر قېتىم شامال ئۇرۇلغاندا دەرەخ شاخلىرى قاتتىق تەۋرىنىپ، ھازىرلا سۇنۇپ كېتىدىغاندەكلا كۆرۈنەتتى. .

ئاخىرىدا دىلنار ئارغامچىنى بېلىگە باغلىدى، ئىشتىنىڭ پۇشقىقى شامالدا پۇلاڭلاپ، ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلغاچقا، ئېڭىشىپ ئىشتىنىنى   تىزىغىچە تۈرۈۋالدى.

مەمەت تاغا بىر چەتتە تۇرۇپ خاتىرجەم بولالماي:

   -  خانقىز، يەنىلا مەن باراي! - دېدى.

  -   سىز ئادەم قۇتقۇزغىلى بارامسىز ياكى  ئۇنى ھاڭغا تاشلىغىلىمۇ، دەرەخ شېخى سىزنى كۆتۈرەلەمدۇ.  ؟  - دېدى دىلنار.

مەمەت تاغا بۇ قېتىم گەپ قىلالمىدى. 

دىلنار ئىشتاننىڭ پۇشقىقىنى تۈرۈۋاتقاندا، مەمەت تاغا ھەيرانلىقتا:

   -  خانقىز! تىزىڭىز قانداق قىلىپ يارىلاندى؟ !  - دەپ سورىدى.

  -   ھېچقىسى يوق.  - دېدى دىلنار.

ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، يىراقتىكى دەرەخ شېخىنى قۇچاقلاپ يىغلاۋاتقان سەبىرەگە ، يانتۇ يەر شەكلىگە  قاراپ قويدى، ئاندىن يەنە كۆزىنى چىڭ يۇمدى.

 چوڭقۇر نەپەس ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن بېلىنى ئېگىپ، دەرەخ شېخىغا ئاستا يامىشىپ چىقتى.

تىزىنى پەقەت شاخقىلا تىرەپ تۇرالايتتى، يامغۇر سۈيى بىلەن يارا ئېغىزىغا شاخنىڭ سۈركىلىشى ۋە قەلبىدىكى كونترول قىلغىلى بولمايدىغان قورقۇنچ قوشۇلۇپ، ھەقىقەتەن جاپالىق ھەم ئازابلىق بىلىندى.

تۈز يەردە تۇرغان بىر نەچچە ئادەم ئارغامچىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭغا كۆزىنى ئۈزمەي تىكىلىپ قارىدى.

دىلنار سەبىرەگە بارغانسېرى يېقىنلاشتى، سەبىرەمۇ ئۇنى ئېنىق كۆردى.

شۇ تاپتا دىلنارنىڭ دارىلئېتامنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا دېگەن گەپلىرىگە، ئۇنىڭغا قانچىلىك ئۆچ بولۇپ كەتكىنى بىلەن كارى بولمىدى، ھازىر پەقەت  قورقۇنچلۇق ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشنىلا ئويلاپ:

  -  دىلنار ئاچا، مېنى قۇتقۇزۇۋېلىڭ...   قورقۇۋاتىمەن... ھە، ئا... - دېدى . 

دەل مۇشۇ پەيتتى شامال چىقىپ، شاخلار قاتتىق سىلكىنىپ  سەبىرە يەنە بىر قېتىم قاتتىق چىرقىرىدى.

سەبىرەنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى سەۋەبىدىن، ئەسلىدىنلا جىددىيلىشىپ ، جېنى چىقاي دېگەن دىلنار قورققىنىدىن جايىدا توختاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىترەپ تۇرغان بەدىنىنى مۇقىملاشتۇرماقچى بولۇپ:

  -   ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ!  - دېدى.

سەبىرە دىلنارنىڭ تىللىشىدىن تېخىمۇ قورقۇپ:

   -  دىلنار ئاچا...  قورقۇۋاتىمەن...   مېنى قۇتقۇزۋېلىڭ.... ئۈھۈ.... - دېدى.

يامغۇر بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى، دىلنار يامغۇر پەردىسىدىن ئۆتۈپ سەبىرەنىڭ لېۋىنىڭ بۇرجىكىدە يارا ئىزى، سول يۈزىدە شاپىلاق ئىزى بارلىقىنى كۆردى.

قارىغاندا  ھېلىقى قارا نىيەت ئەر تەرىپىدىن تاياق يېگەندەك قىلىدۇ.

دىلنار ئاغزىنى چىڭ يۇمۇپ، يەنە ئالدىغا بىر نەچچە قەدەم ياماشتى.

كەينىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەسكەرتىشى ھاجەتسىز، ئۆزىمۇ دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئەگمىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭىيىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

يامىشىشنى توختاپ، سەبىرەگە قاراپ:

   -  مەن تەرەپكە  ئازراق يامىشىپ سىناپ بېقىڭ، - دېدى. 

سەبىرە قورققىنىدىن بېشىنى چايقىدى، دەرەخ شېخىنى قۇچاقلىۋالغان قولى تېخىمۇ كۈچىيىپ:

  -  ياق، ياق! چۈشۈپ كېتىمەن، دىلنار ئاچا ... قورقىمەن ... - دېدى.

دىلنار چىشىنى چىشلەپ، ئىختىيارسىز يەرگە بىر قارىۋېتىپ، ئاستىدىكى قاپقارا بىر پارچە قاراڭغۇلۇقتىن سوغۇق ئەندىكىپ دەرھال كۆزىنى چىڭ يۇمدى.

بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئالدىغا ئازراق يۆتكەلدى.

-  خانقىز! ئەمدى ئالدىغا ياماشسىڭىز بولمايدۇ! - دەپ ۋارقىرىدى مەمەت تاغا.  نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، قولىنى قاتتىق ئۇۋۇلىدى.

دىلنارمۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ توختاپ، يەنە بىر قېتىم سەبىرەگە قاراپ:

   -  بۇ ياققا قاراپ ئۆمىلەڭ، مىدىرلىماي تۇرۇۋالسىڭىز، بىردەمدىن كېيىن،  دەرەخ شېخى سۇنۇپ كەتسە،  يامىشىپ چىقىمەن دېسىڭىزمۇ پۇرسەت يوق! ھاڭغا چۈشۈپ كىتىشنى كۈتۈپ تۇرىسىڭىزمۇ ئىختىيارىڭىز!   - دېدى.

سۇغا چۈشۈپ كەتكەندەك ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىككىيلەننىڭ بەدىنى ئوخشاشلا يارىلانغان بولۇپ، ھېچقايسىسىنىڭ ھالى ياخشى ئەمەس ئىدى.

سەبىرە بەلكىم دىلنارنىڭ سۆزىدىن تەسىرلەنگەن بولۇشى مۇمكىن، خېلى ئۇزاقتىن كېيىن، ئاستا ئۆمىلىمەكچى بولدى.

ئۇنىڭ ئورنى دەرەخ ئۇچىغا ئەڭ يېقىن ئورۇندا بولغاچقا، ئازراقلا مىدىرلىسا، ھەرىكىتى ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق سىلكىنىش پەيدا قىلاتتى.

  -   قورقماڭ! ئاز-ئازدىن ئۆمىلەڭ، مەن بۇ يەردە سىزنى ساقلايمەن!  - دېدى دىلنار.

سەبىرە ئۆكسۈپ يىغلاپ، يۈزىدىكى يامغۇر بىلەن ياشنى پەرق ئەتكىلى بولماي، لېۋىنى چىڭ چىشلەپ، ئاستا-ئاستا يۆتكەلدى.

ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ھەقىقەتەن دىلنارنىڭ سەۋرچانلىقىغا جەڭ ئېلان قىلغانلىق بولدى.

سەبىرە ئاخىرى دىلنارغا يېقىنلاشقاندا، پۇت - قوللىرى يۇمشاپ جان قالمىدى.

دىلنار ئۇنىڭغا سوغۇق قاراپ قويۇپ، مىدىرلىماڭ دېدى، ئاندىن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، بېلىدىكى ئارغامچىنى يېشىپ سەبىرەنىڭ بەدىنىگە باغلىدى.

سەبىرە ئۆزىنى سەل بېسىۋېلىپ، ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ،  نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدى.

بايا دىلنار ئېنىقلا سەبىرەگە قاراپ خوپ بوپتۇ دەپ قويۇپ كېتىپ قالغان. شۇنچە يالۋۇرىشىغىمۇ  پەرۋا قىلمىغان . مانا ئەمدى قۇتقۇزغىلى كەپتۇ. يەنە شۇنچە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىۋاتىدۇ. 

  -  دىلنار ئاچا، ئارغامچىنى ماڭا بەرسىڭىز ، سىز قانداق قىلىسىز؟  - دەپ سورىدى سەبىرە.



دىلنار ئارغامچىنىڭ چىڭ باغلانغانلىقىنى قايتا تەكشۈرۈپ جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، يۈزىدىكى يامغۇر سۈيىنى سۈرتۈپ:

  -  ماڭا نېمە بوپتۇ؟ سىز ئەتىۋارلىق ئادەم تۇرسىڭىز، سىزگە بىرەر ئىش بولسا، ئەنسەر مېنى بوش قويۋىتەمدا. يەنە كېلىپ، ماڭا بىرەر ئىش بولسىمۇ ھېچقىسى يوق، سىز خەتەرگە يۇلۇقسىڭىز بولمايدۇ، - دېدى.

بۇ گەپنى دەپ بولغاندىن كېيىن، دىلنار   يەنىلا سوغۇق ھېس قىلىپ، پۈتۈن بەدىنى تىترەپ:

- مەن ئالدىدا ماڭىمەن، سىز كەينىمدىن ئەگىشىپ مېڭىڭ. - دېدى. 

سەبىرە ئارقا-ئارقىدىن بېشىنى لىڭشىتىپ:

   -  ھىم، ھىم!  - دېدى.

ئۇ بېلىدىكى ئارغامچىغا بىر قاراپ قويۇپ، يامغۇر پەردىسى ئارقىلىق تاغقا قارىدى.

 ئارغامچىنىڭ ئۈستىدىكى ئادەملەرنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ، ئاندىن چوڭقۇر ئۇھ تارتتى.

بايىقى تىترەش، ئېھتىياتچانلىققا قارىغاندا،  خېلىلا يېنىكلەپ قالغاندەك قىلاتتى.

بىر تال ئارغامچىنىڭ سەۋەبىدىن پىسخىكا جەھەتتە ئاسمان-زېمىن ئۆزگىرىش بولدى.

دەل مۇشۇ كىچىككىنە ئۆزگىرىش كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بايىقى ئېھتىياتچانلىقتىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ھازىرقى ھەرىكىتى سەل ئىختىيارىي، يۈرەكلىك ھەرىكەت قىلىش ھالىتىگە ئۆتتى.

دەسلەپتە ئۇ ئۆمىلەپ كېلىشكە ئۇنىمىغاچقا، دىلنار ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا مەجبۇر بولغان.

شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككىلىسى ھازىر دەرەخ شېخىغا يېقىن جايدا تۇرۇپ قالدى.

سەبىرەنىڭ ھەرىكىتى پۈتۈن شاختا تۇيۇقسىز چوڭ تەۋرىنىش پەيدا قىلدى.

دىلنارنىڭ چىرايى بىردىنلا تامدەك تاتىرىپ، شاخنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ:

   -  مىدىرلىماڭ!  - دېدى.

ئۆتكۈنچى شامال يامغۇر سۈيى بىلەن ئۇرۇلۇپ، دەرەخ شېخى تېخىمۇ قاتتىق سىلكىندى.

  -   دىلنار ئاچا ... - سەبىرە دىلنارنىڭ بەدىنىنىڭ قاتتىق سىلكىنىشىگە قاراپ، بەدىنىدە ئارغامچا بارلىقىنى بىلگەچكە، بىر قولىنى چىقىرىپ ئۇنى تۇتتى.

ئۇ ئۆزىمۇ ھەش-پەش دېگۈچە تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، ۋارقىراپ كەتتى.

ئارغامچىنى تارتىپ تۇرغان بىر نەچچە كىشى ئارغامچىنىڭ چىڭ تارتىشقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئىختىيارسىز   كۈچەپ تارتتى.

 تاراس قىلغان ئاۋاز بىلەن  تەڭ دەرەخ شېخى سۇندى.

بىر نەچچە ئادەم ئارغامچىنىڭ ئۇچىدىكى ئادەمنى قايتۇرۇپ كەلگەندە، پەقەت قورقۇپ كەتكەن سەبىرەنىڭلا بارلىقىنى كۆردى.

يىراققا نەزەر سېلىپ، يېرىلىپ كەتكەن شاخنىڭ يەنىلا شۇ يەردە ساڭگىلاپ تۇرغانلىقىنى، ئەمما ئۈستىدە ھېچقانداق ئادەمنىڭ يوقلىقىنى كۆردى.

مەمەت تاغىنىڭ كاللىسى غۇڭۇلداپ، بەدىنى تىترەپ كەتتى،  يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدىغان ئېچىنىشلىق ئاۋازدا:

   -  خانقىز! !  - دەپ ۋارقىرىدى.







ئاڭلاۋاتقىنىڭلا  كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章