يولدىن چىققان ئايال 🧡 61-قىسىم

文摘   2024-10-14 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم
66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم81-قىسىم
82-قىسىم83-قىسىم84-قىسىم
85-قىسىم86-قىسىم87-قىسىم
88-قىسىم89-قىسىم90-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

قەيسەر گۈلزىرەنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بايا يۇيۇپ چىققان چاچلىرىنى قۇرتۇپ قويدى.

شۇ تاپتا گۈلزىرە  باشقا بىر ئىش ئويلاۋاتاتتى.

ئۇ بايا دادىسىنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى، نېمىلەرنى دېيشكەندۇ؟

ئۇ نېمىشقا شۇ تاپتا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدۇ؟

-گۈلزىرە كەيپىياتىڭىز ياخشى ئەسمۇ؟

قەيسەر گۈلزىرە چىراي ئىپادىسىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز سورىدى.

گۈلزىرە چېچىنى قۇرتۇپ بولاي دەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، قەيسەرگە قاراپ:

-قەيسەر،  سىزگە دەيدىغان بىر ئىش بار ئىدى.

قەيسەر ئۇنىڭ ئەستايىدىل چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ، بېلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:

-بولىدۇ، دەڭە.

گۈلزىرە ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ:

-توردا يەنە نۇرغۇن سەلبىي خەۋەرلەرنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم، سىز ئىلگىرى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ دېگەن، شۇڭا مەن ئەينى چاغدىكى قورقۇشۇمنى يېڭىپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئالدىدا تۇردۇم.شۇڭا سىز مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەڭ، بولمىسا، مەن بۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن!

قەيسەر ئۇنىڭ جىددىيلەشكەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭلى ئىختىيارسىز يېرىم بولدى، ئۇ ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ:

-گۈلزىرە، مەن دېگىنىمنى قىلالايمەن.ماڭا ئون كۈن ۋاقىت بېرىڭ، ئون كۈندىن كېيىن، مەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ سىزنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئىشىڭىزنى دەستەك قىلىپ سىزنى ھاقارەتلىمەيدىغانلىقىغا كاپالەت بېرىمەن، يەنە كېلىپ، مەڭگۈ بۇنداق بولمايدۇ!

-راستمۇ؟

-راست، مەن چوقۇم قىلالايمەن!

ئۇنىڭ كەسكىن گەپلىرىنى ئاڭلاپ، نېمىشقىكىن، گۈلزىرەنىڭ تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭغا ئىشەنگۈسى كەلدى.

ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ:

-بولىدۇ، ئۇنداقتا مەن سىزگە ئىشىنىمەن، -دېدى.

-گۈلزىرە، بىراق بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن سەلبىي خەۋەرلەر بولۇشى مۇمكىن، سىز پەرۋا قىلماڭ، يان تېلېفون مىكرو بىلوگىغا قارىماڭ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ سىزگە دېگەن سەت گەپلىرىنى ئاڭلىماڭ. پەقەت ماڭا تولۇق ئىشىنىڭ، ئون كۈنلۈك مۆھلەت بەرسىڭىز بولدى.

گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتىپ:

-بولىدۇ.

ئىشقىلىپ، نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈردى، ئۇنىڭ ئايرىلىپ قېلىشتىن قورققۇدەك ھېچنېمىسى يوق.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان كەلگۈسى بەك گۈزەل، ئۇمۇ ئاشۇ كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ.

كىيىم - كېچەك كۆرگەزمىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شەمسىيە تەرەپ - تەرەپتىن جالالنى ئىزدەپ، ئاندىن ئۇنىڭ بۇرۇنلا كېتىپ قالغانلىقىنى بايقىدى.

ئۇنىڭ كۆڭلى بارغانسېرى ئۈمىدسىزلىنىپ بىئارام بولدى، بۈگۈن ئۇ ھەقىقەتەن كىيىم - كېچەك لايىھەلەش كەسپىدىكى بىر نەچچە داڭلىق كىشلەر بىلەن كۆرۈشتى، ئەپسۇسكى، ھەممىسى ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنمەس بولۇۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىئاراملىقى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە يەتتى.

شەمسىيە ماشىنا ھەيدەپ ئۆيىگە قايتتى. ئاپىسى ئۇنى كۆرۈپ، چىرايى سەل تاتىرىپ :

-بالام،  قارا، گۈلزىرە دېگەن پاسكىنىنىڭ يەنە نامى چىقىپتۇ، مەن ئالدىنقى قېتىم ساڭا نېمە دېگەن، ئۆزۈڭنى بېسىۋال، دېدىم،  سەن كونا ئۆيگە بېرىپ ئۇنىڭ ئاياغ ئاستى بولغىننى كۆرۈپ كېلىمەن، دەپ تۇرۇۋالدىڭ، نەتىجىدە بالاڭ يوق بولدى، ئەمدى ھەممىسى يوق بولدى.

- ئۇنى بىرىنىڭ كېلىپ قۇتقۇزۋالدىغانلىقىنى نەدىن بىلەي!- بۇنى ئويلىسىلا ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلىدۇ.

- ، ئۇنداق چىرايلىق ئايالنى، ئەر كىشى بولغان بولسام، مەنمۇ قۇتقۇزاتتىم!-ئاپىسى ئۇنىڭغا كاللىسىنى كۆرستىپ تۇرۇپ، ــ كاللا ئىشلەت، قەيسەر گۇرۇھى ئۇنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرمەكچى ئەمەسمۇ؟ ئەمىسە ئۇنىڭ ئەينى يىللاردىكى بارلىق ئىشلىرىنى ئاشكارلا!ئالدىدا پاراڭلاشقان گەپلەرنىمۇ چىقار، ئەگەر باشقىلار يەنە ئۇنى تىللىمىسا، سەن پۇل بېرىپ ئۇنى تىللات!

-ئاپا، ئەر كىشى ئۇنىڭ تۈلكە جىندەك تۇرقىنى كۆرسىلا، چوقۇم ياخشى كۆرىدۇ.

شەمسىيە جەزىملەشتۈرەلمىدى.

-بەك دۆت ئىكەنسەن، كۆپچىلىككە ئەگىشىش پىسخىكىسىنى بىلەمسەن؟ئەگەر ھەممە ئادەم بىر تەرەپكە ئېغىسا، سېنىڭچە ئۇ ئەرلەر ئۇ تەرەپتە تۇرالامدۇ؟بىزگە كېرىكى پەقەت پىتنە ئېغۋا، .ئىشىنىمەنكى، قەيسەرمۇ ئۇنداق دۆت ئەمەس، يەنە داۋاملىق  سېسىق نامى پۇركەتكەن ئايالنى قانات ئاستىغا ئالمايدۇ.

-ئاپا، مەن چۈشەندىم!-شەمسىيەنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.

گۈلزىرە سەھنىگە چىقىپ سەھنىگە چىقىپ ئۈچىنچى كۈنى، توردا يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قىزغىن مۇنازىرە قوزغالدى.

سەۋەبى،  شەمسىيە گۈلزىرە ئىككىسىنىڭ ھېلىقى كۈنى كۆرۈشۈشتىن بۇرۇنقى پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى تورغا يوللىدى.

شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەم گۈلزىرەنىڭ يەتتە يىل بۇرۇنقى ھېلىقى ئەرنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدى.

خەۋەرنىڭ ھەقىقەتەن ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئاشكارىلىغۇچىلار يەنە گۈلزىرەنىڭ شۇ كۈندىكى سۈرىتىنى يوللىدى.

گۈلزىرە ئاشۇ ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرغاندىن تارتىپ، بىر ئايال بىلەن پاراڭلاشقانلىقىنىڭ ھەممىسى بار ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن سۇ شەھىرىدىكى گۈلزىرەنىڭ نۇرغۇن ساۋاقداشلىرى زىيارەت قىلنىدى، نۇرغۇن كىشىلەر گۈلزىرەنى شەخسىي تۇرمۇشى قالايمىقان، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە ئوغۇل بالا بىلەن ئارىلاشقان، دېيىشتى.

ناھايىتى ئوخشىتىپ سۆزلىگەن بولۇپ، خۇددى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك ئىدى.

يەتتە يىل ئىلگىرى گۈلزىرە باشقىلار بىلەن دو تىكىپ ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ئۇ ئەر بىلەن بىرگە بولۇشقا ماقۇل بولغان، شۇڭا، ئۇ ئەرنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەي، باشقىلار بىلەن كارىۋاتقا چىققان دېيشىتى.

گۈلزىرە تورغا چىقمىغاچقا، بۇ ئىشلاردىن قىلچە خەۋەرسىز ئىدى.

ئۇ بۇ بىر نەچچە كۈندە، ئىزچىل يېڭى ناخشا مەشىق قىلىۋاتىدۇ.

ئۇ ھەر كۈنى قەيسەرنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ ئۆي ۋە ئۈن ئېلىش زالىغا باراتتى.

بىراق قەيسەر تورنىڭ ئەھۋالىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدى.

ئۇ ھاقارەتلەرنى كۆرگەندە، ھەتتا ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقان بارلىق كىشىلەرنى پارە - پارە قىلىۋەتكۈدەك دەرجىدە ھاياجانلىنىپ كەتتى، لېكىن يەنىلا چىداپ تۇردى.

چۈنكى، ئۇنىڭ قىلماقچى بولغىنى بۇ سەلبىي خەۋەرلەرنىڭ توپلىنىپ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىشىنى كۈتۈش ئىدى.

ئەمەلىيەتتە، شەمسىيەدەك بۇنداق ئادەملەر ياخشى پايدىلانسا، ئەكسىچە بىر شاھمات ئۇرۇقى بولۇپ قالىدۇ.

ئىلھام قەيسەرنىڭ قانداق ئويلىغانلىقىنى بىلەلمەي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ، ئۇنى يىغىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

قەيسەر تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ يېقىندىن بۇيان سەلبىي خەۋەرلەر سەۋەبىدىن ئىككى نۇقتا،  بىر لىنىيەدە تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئىچى سىقىلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلاپ،  ئىلھامنىڭ تەكلىپىگە ماقۇل بولۇپ، گۈلزىرە بىلەن ئەلدارنى ئېلىپ ئۇچرىشىشقا بارماقچى بولدى.

بۇ ئارلىقتا رەنا بىلەن گۈلزىرە تونۇشلۇق بېرىشىپ، ئۈنداردا پاراڭلاشقان ئىدى.

گۈلزىرە قەيسەرنىڭ تېلېفونىنى ئېلىپ،  سەلبىي خەۋەرنىڭ سەۋەبىدىن رەنابىلەن تېخى رەسمىي كۆرۈشۈپ باقمىغانلىقىنى ئويلىدى، دەل بۈگۈن قەيسەر بار، ئۇمۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىن قورقمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەنانىمۇ تەكلىپ قىلدى.

قەيسەر خوتۇن - بالىلىرىنى ئېلىپ ئىمپىرىيە كۇلۇبىغا كەلگەندە، ئىلھام بىلەن دىلھايات بالدۇرلا كېلىپ بولغان ئىدى.

ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرەي دەپ تۇرغاندا، رەنا ئىشىك ئالدىغا كەلدى.

ئۇ گۈلزىرەنى كۆرۈپ، كۆزلىرى قىزىرىپ، بىر نەچچە سېكۇنت ئۆرە تۇردى، ئاندىن ئېتىلىپ باردى.

ــ گۈلزىرە، سېنى بەك سېغىندىم!

ئۇ ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدى.

ــرەنا، مەنمۇ سېنى بەك سېغىندىم!

گۈلزىرە ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ:

- ئىلگىرى سەن بىلەن ئالاقىلاشمىغانلقىمنى كەچۈر!

-ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار!-دېدى رەنا.

-مېنىڭمۇ شۇ.

گۈلزىرە كۆزلىرى قىزارغان ھالدا بېشىنى لىڭشىتتى.

يېنىدا ئەلدار بېشىنى كۆتۈرۈپ قەيسەرگە قاراپ:

-دادا، مېنىڭچە ئاپام بۇ دوستىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلىدۇ؟سىلەر ئۇزاق ئايرىلىپ قايتا ئۇچراشقاندا ئۇ سېنى تونۇيالمىدى، لېكىن ئۇ دوستلىرى بىلەن ئۇزاق ئايرىلىپ قايتا ئۇچراشقاندا يىغلاۋاتىدۇ!

قەيسەر بۇنى ئاڭلاپ، چىرايى قارىداپ كەتتى.

- دادا، بىر ئايال كىشىچىلىكمۇ بولالماپسەن، تىرىشقىن!

-سەن نېمىنى بىلەتتىڭ؟-قەيسەر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، -ئۇ مېنى ياخشى كۆرمىسە، سەن قەيەردىن كەلدىڭ؟ئۇ بۇ ئايالنى ياخشى كۆرسە، نېمىشقا ئۇ ئايالغا بالا تۇغۇپ بەرمەيدۇ؟!

ئەلدار بۇ گەپنىڭ داۋلىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بىر ئازدىن كېيىن:

-دادا، ئەگەر ئايال كىشى توي قىلسا، بالا تۇغالامدۇ؟ ئۇنداقتا ئىككىسى بىردىن ئىككى بوۋاق تۇغامدۇ؟

قەيسەر بۇ بالىسغا نېمدەپ جاۋاب بېرىشىنى بىلەلمىدى.

-ئاكا، يامانغۇ سەن، بۇ شۇمتەكنى راستنىلا دادا دېگۈزدىڭمۇ؟-دېدى ئېلھام.

-كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ قوياي، بۇ مېنىڭ ئايالىم گۈلزىرە، بۇ مېنىڭ ئوغلۇم ئەلدار!سىلەر ئۇنىڭ ئەلفىرە بولغان ھالتىنىمۇ كۆرگەن!

بۇنى كۆرۈپ مەيداندىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى جايىدا قېتىپ قالدى.

دىلھايات بىلەن ئىلھام قەيسەرنىڭ بىردەمدىلا خوتۇن-بالىلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ھەۋەس قىلىپ، پات ئاردىلا تويىنى قىلىۋېتشنى پىلانلىدى.

...

قەيسەر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ كېچلىكگە بىر كۈن قالغان كۈنى قەيسەر بىلەن چىمەنگۈل ئەتىگەندىلا ئايرودرومغا ئائىلىسىدىكىلەرنى ئالغىلى باردى.

قەيسەرنىڭ مومىسى چىمەنگۈلنى كۆرگەندە، كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئاقتى.

-جېنىم بالام، مېنىڭ چىمەنگۈلۈم، سەن ئاخىرى قايتىپ كەلدىڭ!

ئۇ ئۇنىڭ ئەڭ كىچىك قىزى تۇرسا، قانداقمۇ ئىچى ئاغرىمىسۇن؟ئەينى چاغدا چىمەنگۈل شۇنداق بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ئۇ ناھايىتى ئاز قايتىپ كەلدى،  ياخشى كۆرمىگەنلىكى ئەمەس، بەلكى بەك ياخشى كۆرگەچكە، ئۇنىڭ ئۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى قوبۇل قىلالمايدىغان دەرىجىدە ئىدى.

-شۇنداق، مەن قايتىپ كەلدىم، دادا، ئاپا، ئاكا، يەڭگە سىلەرنى ئەنسىرىتىپ قويدۇم!

قەيسەرنىڭ بوۋىسى چىمەنگۈلنى قۇچاقلاپ:

-قايتىپ كەلگەن بولساڭلا بولدى قىزىم...

قەيسەر ئۇلارنى چوڭ ئۆيگە ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇردى، ھەمدە گۈلزىرە ئىككىسىنىڭ ئىشىنى ئەتە بىراق ئاشكارلايدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ نەق مەيدانغا بېرىشىنى ئۆتۈندى.

ئەتىسى.

جالال تەكلىپ قىلنىغان مېھمان بولۇپ، ئىككىنىچى رەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى، ئۇ سەل تاساددىبيلىق ھېس قىلدى.

-كۆپچلىك، ھەممىڭلارنىڭ قەيسەر مەدەنىيەت تارقتىش چەكلىك شېركىتىمىزنىڭ كېچلىكىگە كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز!

رىياسەتچىنىڭ سۆزى بىلەن كېچلىك باشلىنىپ كەتتى، ئالدىنقى ئىككى نۇمۇر بەك ياخشى ئورۇنلاندى، رىياسەتچىنىڭ «نىلۇپەر» نىڭ مەيدانغا چىققانلىقىنى جاكارلىشىغا ئەگىشىپ، سەھنە ئاستىدىكى تاماشىبىنلار قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدى.

بۇ يېقىنقى ئون كۈندىن بۇيانقى ئەڭ تالاش-تارتىش قوزغىغان شەخس.

ئۇنىڭ ئۈستىگە پروگرامما تىزىملىكى ئەمدىلا ئېلان قىلىنىشىغا، توردا يەنە بىر توپ قارا مەستانلەر قەيسەر مەدەنىيەت تارقتىش چەكلىك شېركىتىنىڭ كېچلىكىدە ئەگەر گۈلزىرە سەھنىگە چىقسا، بۇنىڭدىن كېيىن قەيسەر مەدەنىيەت تارقتىش چەكلىك شېركىتىنىڭ سەنئەتكارلىرىنى قەتتئىي قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گەرچە ھەممە ئادەم دېگۈدەك تىللاۋاتقان بولسىمۇ، بىراق،  قەيسەر مەدەنىيەت تارقتىش چەكلىك شېركىتى تەرەپتە ئازراقمۇ شەپە يوق ئىدى.

شۇ تاپتا، كۈمۈش رەڭلىك چىراغ نۇرى سۈتتەك بولۇپ،  گۈلزىرە يەر ئاستى سەھنىسىدىن ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى، ئاق رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەك نەق مەيداندىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

مەيلى توردا قانداق تىللاشلار بولسۇن، مەيلى ئۇنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى قالايمىقان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، شۇ تاپتا، نەق مەيداندىكى بارلىق كىشىلەر ،  تېلېۋىزور، يان تېلېفون ئالدىدىكى كىشىلەر بولسۇن، ھەممىسى سەھنىدىكى گۈلزىرەنىڭ خۇددى ئاسماندىكى تولۇن ئايدەك گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

گۈلزىرە ناخشىسىنى تاماملىدى.

رىياسەتچى:

-گۈلزىرە خانقىز، بۇ ناخشا بەك يېقىملىق ئىكەن،  سىزنىڭ يېڭى ناخشىڭىزمۇ؟

گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتىپ:

-شۇنداق، مەن كېلەر ئاينىڭ 1 - كۈنى پىلاستىنكامنى ئېلان قىلىمەن، ئىچىدە يەنە نۇرغۇن يېقىملىق ناخشىلار بار، كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

-گۈلزىرە خانقىز شۇنداق چىرايلىق، ناخشىنى بەك ياخشى ئېيتىدۇ، مېنىڭچە نەق مەيداندىكى ۋە تور سىرتىدىكى مەستانىلەر ئۇنى چوقۇم بەك ياخشى كۆرىدۇ!-رىياسەتچى شۇنداق دېگەچ كەينىگە بۇرۇلۇپ، -تۆۋەندە خىزمەتچى خادىملىرىمىز ئېكراندىكى كۆرۈنۈشنى شۇ تاپتا بىۋاسىتە كۆرسىتىشكە يۆتكىمەكچى، نەق مەيداندىكى مەستانىلىرىمىزنى بىر زىيارەت قىلىپ باقايلى، كۆپچىلىك گۈلزىرە خانقىزنىڭ يېڭى ناخشىسىغا تەقەززا بولۇۋاتامسىلەر؟

شۇ ھامان ئىككى تەرەپتىكى LED چوڭ ئېكرانىدىكى كۆرۈنۈش بىردىنلا نەق مەيدان زىيارىتىگە ئۆزگەردى، ئورنى قەيسەر مەدەنىيەت تارقتىش چەكلىك شېركىتى كېچىلىكىنىڭ سىرتىدا ئىدى.

شۇ تاپتا، سىرت ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ، رىياسەتچى مىكروفوننى قولىغا ئېلىپ ئۆزىگە يېقىنراق بولغان مەستانىلىرىگە:

-سوراپ باقسام، بايا كۆپچىلىك مەيداندىكى چوڭ ئېكراندا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆردى، سىلەر نىلۇپەرنىڭ ئېيتقان ناخشىنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟

-يوقال!

- يۈزسىز بۇزۇق سەھنىدىن چۈشسۇن!

-چىرايلىق بولغاننىڭ نېمە پايدىسى؟

-بىز بۇنداق ئىستىلى دۇرۇس بولمىغان ئاياللارنى قوبۇل قىلماسلىقىمىز كېرەك!

-ھازىر چولپانلارنىڭ ھەممىسى يۈزسىز بولۇپ كەتتىمۇ؟

-مۇشۇنداق ئىشنى قىلىپ تۇرۇپ يەنە سەھنىگە چىقىشقا پېتىندىڭمۇ؟!

ـــ شۇنداق، ئۇ يوقالسۇن!

-بۇنداق ناخشىچىلارغا قەتئىي قارشى تۇرايلى!

-قەيسەر مەدەنىيەت تارقتىش چەكلىك شېركىتى كەڭ مەستانىلەرگە جاۋاب بېرىشى كېرەك!

رىياسەتچى سەل ئوڭايسىزلاندى.

ئۇ يېنىك يۆتىلىپ:

-كەچۈرۈڭ، گۈلزىرە خانقىز، مېنىڭچە ھازىرقى چوقۇنغۇچىلار سەل ھاياجانلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، -ئۇ شۇنداق دېگەچ يەنە، -ئۇنداقتا قەيسەر مەدەنىيەت تارقتىش چەكلىك شېركىتىنىڭ مىكرو بىلوگى ۋە گۈلزىرە خانقىزنىڭ مەستانىلىرىنىڭ قانداق سۆز قالدۇرغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

شۇ ھامان ئېكراندا چوڭايتىلغان مىكرو بىلوگ ئوبزور بېتى پەيدا بولدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章