بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 44-قىسىم (ئەپچىدە 70قىسىم)

文摘   2024-10-05 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-ئەمىسە ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىڭ..

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالدىم.

- بۇ قانداق گەپ ھەدە؟! بايا تېخى قارشى تۇرىۋاتقانتىڭىزغۇ؟!

- تۇيۇقسىز ئويلاپ قالدىم. ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلەشسىڭىز توردىكى قىزىق تېما تېخىمۇ ئاشقۇدەك، ئىككىڭلارغىمۇ پايدىسى بولغۇدەك..

- ياق. مەن مۇھەببەتلەشمەيمەن. مەن ھەرقانداق گېپىڭىزنى يىرمايمەن. لېكىن بۇ تەلەپكە قوشۇلمايمەن..

- گېپىمنى ئاڭلاڭ. بۇنى خاتا دېگىلى بولمايدۇ.. ئەگەر سىلەر تۈنۈگۈن راست يېقىن بولغان بولساڭلار مۇشۇ ئەڭ توغرا ئۇسۇل..

- لېكىن مەن ئۇنى بىر نەرسە دېيەلمەيمەن.. مەسىلەن ئۇ ماڭا چېقىلمىغان بولسىچۇ.. ئۇ چاغدا مەن ئۇنى ئالدىغان بولمامدىم؟!

- مەن سىزنى ئالداڭ دېمىدىم.. ئەگەر ئۇ سىزگە يېقىنچىلىق قىلىپ توي قىلايلى دېسە ماقۇل دەڭ دېمەكچى..

- ھەدە، ئۇ مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ.. بىزنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتىمىز يوق..

- ياخشى كۆرگۈزسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭغا يېقىن مۇئامىلە قىلسىڭىز بولىدۇ.. ئۇ بىزگە نۇرغۇن خېرىدار ئەكېلىپ بېرىدۇ..

- بۇ مېنى ئوتقا ئىتتىرگىنىڭىز بولماي نېمە؟! ئۇنىڭ نۇرغۇن قەرزى بار..

- سىز دۆتمۇ نېمە؟! ئەگەر ئىككىڭلار توي قىلىپ تورغا چىقساڭلار بىللە فىلىم ئىشلىسەڭلار ئۇنىڭ قەرزىنى تۆلىگىلى بولماسمۇ؟!

 بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇرۇپ قالدىم. بۇ ناھايىتى ئىپلاس پىلان بولسىمۇ لېكىن نۇرغۇن پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ئىش ئىدى.

- مېنى پۇل ئۈچۈن ھەممىنى قىلىدىكەن دەپ قالماڭ. ھازىر بۇرۇنقى يولدىشىڭىز بىلەن مۇخبىردىن ئۆچ ئېلىش، ھەم سودىمىزنى تۇتۇپ قېلىشنىڭ ئەڭ توغرا چارىسى مۇشۇ..

- لېكىن مەن ئەردىن زېرىكتىم ھەدە، توي تۇرمۇشىدىن زېرىكتىم..

- مەنمۇ زېرىكتىم دەپ ۋاز كەچكەن.. ھازىر بالام يوق.. تۇرمۇشۇم يوق.. ھېچنېمەم يوق.. ئەگەر باشتا ماڭا ئۇچرىغان ياخشىراق بىرىنى تۇرۇپ توي قىلغان بولسام ھېچ بولمىسا بالام بولاتتى.. سىزنىڭ بالىڭىز ئۇلار تەرەپتە، ھازىر تېخى ياش، تۇغالايسىز.. ھامان بىرسى بىلەن مۇھەببەتلىشىسىز، بۇ ئادەم نېمىشقا ئۇ بولسا بولمىغۇدەك؟!

 ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرغۇم بار ئىدى. لېكىن ھېچنېمە دېيەلمىدىم. ئۇنىڭ كۆرسەتكەن ئامالى توغرا ئامال بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئامال ماڭا زىيانسىز ئەمەس ئىدى. ھېچ بولمىسا مەندەك ھازىر پۇلغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئايالغا نىسبەتەن پۇل تېپىش ئەڭ مۇھىم ئىش ئىدى.

- سىز بازار چۆگلەپ باقتىڭىزمۇ؟

- ھەئە. تۈنۈگۈن ئېگىز پاشنىلىق ئاياق ئالغىلى چۆگلىدىم..

- باھانى مەن دېمىسەممۇ ئۆزىڭىز كۆرگەنسىز.. بوپتۇ سىز ئۇ قىممەت كىيىملەرنى كەيمىدىڭىزمۇ دەيلى، ئادەتتىكى تۇرمۇش بويۇملىرىمۇ قىممەت.. ئۇلارنى ئېلىشقا پۇل كېتىدۇ.. سىزدەك ئۆيى يوق ئادەم ھامان باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇرىسىز، بۇنىڭغا پۇل كېتىدۇ.. سىزچە 2000 3000 شۇنىڭغا يېتىپ قولىڭىزغا ئاشامدۇ؟!

- بىلمەيمەن. بۇرۇن يېتىدۇ دەپ ئويلايتتىم. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا تىل ئاڭلىساممۇ يولدىشىمنىڭكىنى خەجلىگەچكە بىلمەيدىكەنمەن.. ھازىر قارىسام بازاردىكى نەرسىلەر راستىنلا قىممەتكەن..

- شۇڭا پۇل تېپىش بەك مۇھىم. بۇنداق دېسەم خاتا ئويلىماڭ. بۇ يېشىڭىز، بۇ شارائىتىڭىزدا توي قىلىش ئاسانغا توختىمايدۇ.. ئەگەر ئۇ سىزگە ئىگە بولاي دەپ قالسا ھەرگىز رەت قىلماڭ.. پۇل تاپقان ئادەم قەرز بولسا ھېچقىسى يوق. ئۇلار قايتۇرالايدۇ.. بۇنىڭدىن ئەنسىرىمەڭ..

ئىككىلىنىپ تۇرۇپ كەتتىم.

- لېكىن ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن.. مېنىڭ ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن توي قىلغۇم بار ئىدى..

- نادان قىز. بىر ئاجراشتىڭىز.. 30دىن ئاشتىڭىز، مۇھەببەت دېگەننى ئارقىڭىزغا تاشلىۋېتىڭ.. بۇ ياشتا مۇھەببەت يوق. پەقەت ماس كېلىش بار.. ئۇ سىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغان نامزات..

- مەن ئويلىشىپ باقاي ھەدە..

- ئويلىشىمەن دېمەي. ماقۇل دەڭ. ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈڭ.. ھازىر ئۇنىڭ بىلەن كېچىنى ئۆتكۈزگەن يېرىڭىز باركەن.. سىز پەقەت ماڭا چېقىلدىڭ دېسىڭىزلا ئۇ سىز تەرەپكە بولىدۇ..

_ئۇنى ھازىر بىلگىلى بولمايدۇ.. يەنە كېلىپ بىز بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كېتىشكە ۋەدە بەردۇق..

- ئۇنى قولغا كەلتۈرىمەن دېسىڭىز يول چىقىدۇ.. ئۇ ھازىر سىزگە قەرزىم بار دېگەن بىلەن قولىدا خېرىدارى كۆپ.. ئاشخانا ئاچىدىغان ئادەملەرنىڭ بۇ ساھەدە تونۇشى كۆپ بولىدۇ.. بىز پەقەت ئۇلارنىڭ سودىسىنى ئالساقلا بولدى..

- مەن تىرىشىپ باقاي ھەدە. ھازىرلا جاۋاب بېرىڭ دېمەڭ بولامدۇ؟!

- ماقۇل. ئىشىنىمەن. سىز چوقۇم مېنىڭ نېمە دېمەكچىلىكىمنى بىلىسىز..

- ئەمىسە، ھازىر ئاۋۇ ھەدەمگە يۇيۇش سۇيۇقلۇقى تەييارلىشىپ بېرىپ ئۆيگە قايتاي..

مالچى ھەدەمنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقىپ ئۇدۇلدىكى سافادا ئۈمىدسىز ھالەتتە ئولتۇرغان ياردەمچى يىگىتكە قارىغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم. ئۇ مەندىن كۆزىنى يۆتكىۋالدى.

- بىز يۇيۇش سۇيۇقلۇقنى تەييار قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يېنىغا بارايلى..

ئۇنىڭ نېمە دېگىنىنى ئاڭلىمايلا ئاشخانىغا ئۆتۈپ كەتتىم. ئۇنىڭغا يۈزلىنىشتىن يۈزۈم كۆيەتتى. لېكىن يۈزلەنمەي ئامالىم يوق ئىدى.

 ئايروپىلاندا ئۇچرىغان ئايال لىمونلارنى ئاقلاپ ئولتۇراتتى. ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم.

- ھەدە، سىزنى ھۆرمەت قىلسام، نېمىشقا مېنىڭ ئىشىم بىلەنلا قالىسىز؟

- سىزگىلا دېقەت قىلغىنىم يوق. ئانچە مۇنچە دەرىزىدىن قاراپ قالىمەن.. شۇڭا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى..

- ئەمدى مېنى كۆرۈپ قالسىڭىزمۇ گەپ قىلماڭ بولامدۇ؟!

- ۋاي. نېمانچە قىلىسىز، سىز بىر 19 ياشلىق كىچىك قىز بالا ئەمەسقۇ.. بىر ئەر بىلەن ئارلاشسىڭىز يوشۇرغۇدەك نېمىسى بار..

- مەن ئارلاشمىدىم.. قالايمىقان گەپ قىلماڭ..

ئۇنىڭغا قارىماي ئىشىمنى قىلىۋەردىم. يېقىندىن بېرى ئۇنىڭغا گەپ قىلىشتىن زېرىكىپ قالغانىدىم.

تۇڭدا مەھسۇلاتنى تەييار قىلغاندىن كېيىن زالغا چىقتىم.

- ھەدە چىلاپ قويدۇق. ئەتە تەييار بولىدۇ.. ئېلاننى ئەتە ئاپارغۇچە ئىشلىسەك بولامدۇ؟

- مەيلى ئەمىسە، ئېلاننى مالنى ئاپارغاندا ئىشلەڭلار..

- ھازىر قايتسام بولاتتى..

- ياردەمچىم ئاپىرىپ قويسۇن..

- ياق بولدى..

ياردەمچى يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا قارىدى.

- مەن ئاپىرىپ قوياي.. ئۆزۈمنىڭمۇ سىرتتا ئىشىم بار ئىدى..

ئامالسىز ئۇنىڭغا بىلەن لېفىتقا چىقتىم.

 - تۈنۈگۈن چىرايلىق بوپ كېتىپتىكەنسىز.. بۈگۈن ئەرلەردەك كىيىنىۋاپسىز..

- ھە.. ھازىر ئەركىن ئازادە كىيىش مودىكەنغۇ..

ئۇ ماڭا قاراپ بوشقىنە كۈلۈپ قويدى.

- بوپتۇ. مۇشۇنداق كىيىنسىڭىز كىچىك قىزلارغا ئوخشاپ قالىدىكەنسىز..

ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماشىنىغا چىقتىم.

- تۈنۈگۈنكى توي قىزىدىمۇ؟

- بولىدۇ. لېكىن تازا ئېچىلالمىدىم..

- توردىكى سىنلاردا كۆردۈم. بالدۇرلا چىقىپ كېتىپسىز..

- شۇنداق. خىيالىمدا ئۇزۇن ئولتۇرۇپ بالام بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ ئويلىغان. لېكىن مۇمكىن بولمىدى..

- ھېلىقى خوجايىن بىلەن كەتتىڭىزما؟

- شۇ.. شۇنداق.. ئۇ ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويدى.. - يالغان سۆزلىگەچكە ئاۋازلىرىم تىترەپ كېتىپ باراتتى.

- ئادرىسنى يوللاپ بەرمىدىڭىز..

ئادرىسنى ئۇنىڭغا يوللىۋەتتىم.ئۇ ماشىنىنى جىمجىتقىنە دادامنىڭ ئۆيى تەرەپكە ھەيدىدى. ئۇ تۈنۈگۈنكىدەك جىق گەپ قىلمايتتى. تۈنۈگۈن ئۇنىڭ گەپ قىلغىنىدىن ئوڭايسىزلانسام، بۈگۈن ئۇنىڭ گەپ قىلمىغىنىدىن ئوڭايسىزلىنىۋاتاتتىم.

- تۈنۈگۈن بەك سەت بولدى، سىزنى كەتتىمىكىن دەپتىمەن..

- ھېچقىسى يوق. تۈنۈگۈن باشقا ئىشىم يوق ئىدى. شۇڭا ساقلاپ تۇرغان.. سىزنى ئاپىرىپ قويىدىغان ئادەمنىڭ بارلىقىنى بىلسەم ساقلىماسكەنمەن..

- ئۇمۇ شۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپتىكەن..

- چۈشەندىم. مۇشۇ يول شۇغۇ ھە..

ئۇ قەستەن گەپنى ئەگىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بىر نەرسىلەرنى بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تۇراتتىم.

مەھەللە ئالدىغا كەلگەندە ماشىنىدىن چۈشمەكچى بولۇپ دادامنى كۆرۈپ توختاپ قالدىم. دادام ماڭا بىر سەت قارىۋەتكەندىن ئۆتۈپ كەتتى. ئۆيگە كىرسەم تىل ئاھانەت ئاڭلىشىم ئېنىق ئىدى.

 - ئۇ دادىڭىزما؟ سىزگە بەك قاراپ كەتتى..

- ھەئە.. دادام شۇ.. ماڭا ئوخشامدىكەن؟

- شۇنداق. مەن چۈشۈپ سالاملىشىپ قويايمۇ؟!

- بولدى. ھاجىتى يوق.. سىزگە رەھمەت..

ماشىنىدىن چۈشۈپ دادامنىڭ ئارقىسىدىن ئۆيگە كىردىم. ئۆگەي ئاپام ئۆيدە يوق ئىدى. ياتاق ئۆيگە كىرىشىم بىلەن دادام ئىشىكنى تاقىدى.

- تۈنۈگۈن كېچىدە نەگە باردىڭ؟

- دادا توي بەك كەچ تۈگىدى شۇنىڭ بىلەن ئايال باشلىقىمنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدىم..

- ھاھا.. شۇنداقمۇ؟! مېنى ساراڭ كۆرىۋاتامسەن؟

دادامنىڭ شاپىلىقى بىلەن يىقىلىپ كارىۋاتنىڭ قىرىغا ئۈسسىدىم.

- مېنى نېمىشقا ئۇرىسەن؟

- تۈنۈگۈن كۆينەك بىلەن كەتكەن ئادەم ئەركىشىنىڭ كىيىمى بىلەن ئەركىشىنىڭ ماشىنىسىدا كېلىۋاتىسەن..

- ئۇ دېگەن خىزمەتدىشىم..

- ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىدا سەن، مەن قانداق قىلىشنى بىلمەي قالدىم..

- خەق نېمىنى دېمەيدۇ دادا.. ئىشىنىۋېرەمسەن؟

- سەن بۇزۇق، نېمىشلارنى قىلىپ يۈرگىنىڭنى بىلگىلى بولمايدۇ.. ئەتىگەن چىقىپ كەچ كېلىسەن.. تۈنۈگۈنكىدەك كىرمەسلىكىڭ بار تېخى..

- توي بەك كەچ تۈگىدى دادا.. شۇڭا كەچتە سىلەرنىڭ ئارامىڭلارنى بۇزماي دېدىم..

- مېنىڭ ئارامىمنى بۇزماي دەرمىش.. ئۆزەمنىڭ كۆڭۈل خوشۇم بىلەن بولدۇم دېگىنە..

- نېمە دېسەڭ دە.. مەن ئۆزۈمگە پاك..

- تاپساڭمۇ تۈزۈك ئادەم تاپمامسەن؟! بۇرۇنقى ئېرىڭ شۇنداق باي تۇرسا ئاجرىشىپ، ئانىڭدەك يالاڭتۈشنى تاپتىڭما؟ ماشىنىسىمۇ شۇنداق كونىكەن..

 دادامنىڭ بۇ گېپى ئەجەپلەنگۈدەك ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ كېچىسى كىرمىگىنىم ئۈچۈن ئەمەس، ماشىنىسى ئاددىي كەمبەغەلرەك يىگىتنىڭ ماشىنىسىدا كەلگىنىم ئۈچۈن ئاچچىقلىنىۋاتاتتى. بۇنداق بولغاندا مەن تاپقان ئادەم بۇرۇنقى يولدىشىمدەك ئۇنىڭغا پۇل قەرز بېرىپ تۇرالمايتتى.

- سېنىڭ باشقىلارنى ئۇنى بۇنى دەيدىغان ھەققىڭ يوق.. ئۇ دېگەن مېنىڭ خىزمەتدىشىم.. ئۇنىڭ ماشىنىسىنى زاڭلىق قىلغۇدەك سەن كىمتىڭ؟

- ھېلى بىكار، ئاغزىڭنى يىرتىۋېتىمەن..

- ئۇلار كۈندە شۇ ماشىنىدا مال توشۇيدۇ.. شۇڭا مېنى ئەكەپ قويدى.. ئۆزۈڭ تۈزۈك ئىشلىمەي باشقىلارنىڭ ماشىنىسىنى زاڭلىق قىلما..

- مېنىڭ كارىم يوق. ئەمدى ئۇنىڭ ماشىنىسىدا كەلگۈچى بولما.. خەقنىڭ ئالدىدا يۈزۈم تۆكۈلىدۇ..

ئېغىر بىرنى تىنىپ قويۇپ يانچۇقۇمدىكى 100 يۈەننى دادامغا تەڭلىدىم.

- بولدى دادا. سەن بىلەن تالاشقۇم يوق. پۇل تاپسام بۇ ئۆيۈڭدىن چىقىپ كېتىمەن.. ماۋۇ ئىككى كۈندىن ساتقان مالنىڭ پۇلى..

- ئاران 100ما؟ نەچچە كۈندە 100 يۈەن تاپىدىغان ئىشنى قىلىپ نېمە قىلىسەن؟

- مائاشىم ئاي ئاخىرىدا چىقىدۇ. بۇ پەقەت سودىنىڭ پۇلى..

دادام بىردەم پۇلغا بىردەم ماڭا قاراپ قويۇپ يانچۇقىغا سالدى.

- بالدۇراق پۇل ئەكىرسەڭ مۇشۇ جىدەل يوق.. سوداڭ ياخشى بولسا كۈندە بېرىپ تۇر..

بېشىمدىكى يارىنى قەغەز بىلەن سۈرتۈپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.

- چىقىپ تاماق ئېتىپ قوي، ھېلى ئاپاڭ كېلىدۇ..

ھېرىپ ئېغىرلىشىپ كەتكەن پۇت قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئاشخانىغا چىقتىم. قاچىلار دۆۋىلىنىپ كەتكەن بولۇپ يۇيماي تۇرۇپ تاماق ئەتكىلى بولمايتتى. ئامالسىز قاچا يۇيۇشقا باشلىدىم. قاچىدىكى سۇمۇ ياكى مېنىڭ يېشىممۇ بىلمەيتتىم. قولۇم كۈندىكىدىن ئاستا ئىدى.

 چارچىغانىدىم. تىل ئاھانەت، خورلاشتىن ماغدۇرۇم تۈگىگەنىدى.

ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ كۆردۈم. مۇشۇ ئۆي، مۇشۇ ئاشخانا، كۈنلىرىم يىغلاش، تىل ئاھانەت بىلەن ئۆتۈپ كەتكەنىدى. يا دادامنىڭ تايىقىدىن قېچىپ مۇشۇ ئۆيگە مۆكىنىۋالاتتىم. ياكى ئاپام تاياق يەپ تۇرالمىغاندا مۇشۇ تەكچىگە ئورۇندۇق قويۇپ تاماق ئېتەتتىم. ھاياتىمدىكى خوشاللىق ۋاقىتلار پەقەت دادام كەلمىگەن كۈنلەردە ئاپام بىلەن تاماق ئېتىپ يېگەن، دادام كەلمىگەن كېچىلەردە ئاپامنى قۇچاغلاپ ئۇخلىغان شۇ ساناقلىق كۈنلەر ئىدى. لېكىن ئۇ شۇنچىلىك ئاز ئىدىكى، بۇ ئۆيگە ھەر دەسسىگىنىمدىكى ئازابلىق تۇيغۇ شۇ خوشاللىق تۇيغۇلارنى بېسىپ، خۇددىي بۇ ئۆيدە بىر كۈنمۇ خوشال بولۇپ باقمىغاندەك ھېسسىياتقا ئەكېلىپ قوياتتى.

 تاماقنى ئېتىپ تەييار قىلىپ قويغاندىن كېيىن كارىۋاتقا كېلىپ ياتتىم. تۈنۈگۈن ماشىنىدا ئۇخلىغاچقا پۇت بەدەنلىرىم سىقىراپ ئاغرىۋاتاتتى.

 ئاستا يانفوننى ئېچىپ سىن قانالغا قارىدىم. توينىڭ فىلىمى يەنە ئالقىشلىق فىلىملەر قاتارىدا ئىدى. ئىنكاس رايونىدا مېنى تىللىغانلار يەنىلا كۆپ ئىدى. ئىنكاسلارنى ئاختۇرۇپ مېنى ئاقلىغان ئىنكاسنى يەنە ئۇچرىتىپ قالدىم. يەنە ھېلىقى باش سۈرەت ئىدى.

«نېمىشقا ھەممىڭلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئادەمنى قارىلاپ، ۋاپاسىزلىق قىلىپ باشقىلارنى ئالغان ئادەمنى، باشقىلارنىڭ ئۆيىنى بۇزغان ئادەمنى ماختايسىلەر؟!» ياردەمچى يىگىت يەنە مېنى ئاقلاۋاتاتتى. ئاستىدا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى تىللىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ يەنە مېنى ئاقلاشتا چىڭ تۇراتتى. ئۇ بۇنداق قىلغانسىرى ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلاتتىم.

 ئەگەر مۇھەببەتنى ئەركىن تاللاش ھوقۇقۇم بولغان بولسا قانچە ياخشى بولار ئىدى ھە، ئۆتكەن كۈنلىرىمنى، ئازابلىق ئەسلىمەمنى يۇيغىلى بولغان بولسا قانچە ياخشى بولار ئىدى ھە. ئۇ چاغدا ياردەمچى يىگىت بىلەن توي قىلىپ ئاددىي ساددا لېكىن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن بولاتتىم. لېكىن ئەمەلىيەت بۇنىڭغا يول قويمايتتى.

 تۇيۇقسىز ئاشخانا خوجايىنىدىن ئۇچۇر كەلدى.

« ئۇخلىدىڭىزمۇ؟»

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章