بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 47-قىسىم (ئەپچىدە 73قىسىم)

文摘   2024-10-08 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-توڭلىغان بولسىڭىز ماۋۇ چاپاننى يېپىۋېلىڭ.. - ئۇ ئۈستۈمگە چاپاننى ياپقۇچە يۈزۈمگە قارىدى. ئارىمىزدىكى ئارلىق پەقەت 5 سانتىلا كېلەتتى. ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە ئۇزۇن قاراپ تۇرۇپ كەتتۇق. ئۇ يۈزىنى ماڭا يېقىن ئەكېلىۋاتقاندەك قىلاتتى.

 ئۇنىڭ يۈزىگە يۈزۈمنى يېقىن ئەكېلىپ توختاپ قالدىم. يولدىشىمنىڭ ئاخىرقى قېتىم ماڭا يېقىن كەلگەن ھالىتى كۆز ئالدىمغا كۆرۈنىۋاتاتتى. لېكىن ئالدىمدىكى بۇ كىشى ئۇ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ يۈزىنى بوشقىچە تۇتتۇم.

- قىزىپ قالغاندەك تۇرامسىز نېمە؟!

- شۇنداق.. بىئارام بوپ كېتىپ بارىمەن.. ئىچىم قىزىپ كېتىۋاتىدۇ..

ئۇ مېنى ئالدىغا تارتىشقا باشلىدى. كەلگۈچە ئۇنى قانداق كەلتۈرۈشنى پىلانلىغان بولساممۇ لېكىن بۇ دەقىقىدە يەنىلا ئۇنىڭغا يېقىنلىشالماي تۇراتتىم.

 ئۇنى كۈچەپ ئىتتىرىۋەتتىم.

- قىزىپ قاپسىز، قىزىتمىڭىزنى ياندۇرايلى..

- توڭلاپ تىترەپ كېتىۋاتىمەن.. - ئۇ مېنى قۇچاغلاشقا كۈچەۋاتاتتى. مەن بولسام ئۇنى كۈچەپ ئىتتىرەتتىم. بىردەملىك تىركىشىشتىن كېيىن، ئۇ ھۇشىنى يوقىتىپ ئۇخلاپ قالدى. ئۇنى رەت قىلىپ بولالماي تەرلەپ كەتكەنىدىم.

تەرلىرىمنى سۈرتكەندىن كېيىن شوپۇرلۇق ئورنىدا ئۇخلاپ قالغان ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇنىڭغا قارىغانچە ئىچىم ئاغرىيتتى. ئۆزۈمنىڭ شەخسىي غەرزىمنى دەپ ئۇنى قەستلىمەسلىكىم كېرەك ئىدى.

 بۇ قېتىملىق پىلاندا مەغلۇب بولغانىدىم. لېكىن بۇ مەغلۇبىيەت ئامالسىزلىقتىن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ رايى بويىچە بولغانىدى. چۈنكى ۋىجدانىم بۇنىڭغا يول قويمايتتى. گەرچە خورلۇقتا ياشاۋاتقان بولساممۇ، پۇل يوقلۇقتىن ئىززەت ھۆرمىتىمنى يوقاتقان بولساممۇ، لېكىن يەنىلا غورۇرۇمنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلايتتىم.

ئۇنىڭغا چاپىنىنى يېپىپ قويغاندىن كېيىن،ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتىم. يامغۇر يېغىۋاتقان بولۇپ ئۇ كۆز ياشلىرىمغا قوشۇلۇپ كېتىۋاتاتتى. كۆل بويىغا كېلىپ ۋارقىراشقا باشلىدىم.

- ھەي دۇنيا.. مېنى نېمىشقا بۇنچە قىينايدىغانسەن.. ماڭا توغرا يول بەرگىن بولامدۇ؟! مەنمۇ ئازادە ياشاپ باقاي.. مېنى بۇنداق مەجبۇرلىمىغىن.. مېنىڭ پاكىز ياشىغۇم بار.. ئاھ..

ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ يىغلاشقا باشلىدىم. ئاۋازىمنى گۈلدۈرماما بېسىپ كەتكەن بولۇپ ماشىنىدىكى ئاشخانا خوجايىنى ئاڭلىيالمايتتى. كىيىمىمگە قويۇق قىلىپ چاچقان ئەتتىرمۇ يامغۇردا يوقاپ كەتكەندەك قىلاتتى. قانغۇچە يىغلىغاندىن كېيىن ماشىنىغا قايتىپ چىقتىم. ئارقا ئورۇندۇقتا بىلىكىمنى بېشىمنى قويۇپ كۆزۈمنى يۇمدۇم.

 بىرىنىڭ چېكىشى بىلەن ئازابتا كۆزۈمنى ئاچتىم. ئالدىمدىكىسى ئاشخانا خوجايىنى ئىدى.

- مەن.. مەن نەدە؟- كۆزۈمنى ئېچىپ ماشىنىنى كۆردۈم. بېشىم قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى.

- قىزىپ قالغاندەك تۇرىسىز، تۈنۈگۈن سىزگە ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەديالنى ئېپ بەرسەم بوپتىكەن..

قىينىلىپ ئولتۇردۇم.

- ھېچقىسى يوق.. بىردەمدىلا ياخشى بوپ قالىمەن..

بېشىم توختىماي قېيىۋاتاتتى، كىيىملىرىم ھۆل بولۇپ توڭلاپ تۇراتتىم.

- كىيىملىرىڭىز ھۆلدەك تۇرىدىغۇ، نېمىش بولدى؟

- ھېچ.. ھېچ ئىش يوق..

- تۈنۈگۈن مەن قاچان ئۇخلاپ قالدىم، تۈنۈگۈن بىز پاراڭلاشقانتۇق ھە.. ئارقىسىدىن ماشىنىغا چىقتۇق.. ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئىشلار ئېسىمدە يوق..

- شۇنداق. ماشىنىغا چىقىپلا ئۇخلاپ قالدىڭىز..

- ئارىمىزدا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟!

بۇ سۇئالغا «ھەئە، سىز ماڭا چېقىلدىڭىز» دېگەن جۈملىنى تەييارلاپ قويۇپ كەلگەنىدىم. لېكىن ئاغزىمدىن چىقىرالمىدىم.

- ياق. ھېچ ئىش بولمىدى.. سىز ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئۇخلىدىڭىز، مەن ئارقىسىدا ئۇخلىدىم.. ئارىمىزدا ھېچقانداق ئىش بولغىنى يوق..

 بېشىم توختىماي قاياتتى، توڭلاپ تىترەپ كېتىپ باراتتىم.

- مەن.. مەن بەك توڭلاپ كېتىپ بارىمەن..

ئۇ ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەديالنى ئۈستۈمگە ياپتى.

- مې.. مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇڭ بولامدۇ؟!

- قايسى ئۆيگە؟

- سىز تۇنجى قېتىم بارغان ئۆيگە..

شۇنداق دەپ بولۇپ توختاپ قالدىم. ئۇنىڭ ئازدۇرۇش پىلانىمنىڭ سۇغا چىلاشقىنىنى مالچى ھەدەمگە دېيىشكە پېتىنالمايتتىم.

- بولدى، تۈنۈگۈن مېنى ئېلىۋالغان مەھەللىگە ئاپىرىپ قويۇڭ..

- بۇنداق ئېغىر تۇرۇپ نېمىشقا ئۆيگە بارىسىز، دوختۇرخانىغا بېرىشىڭىز كېرەك..

- ياق ياق، مەن پەقەت زۇكام بوپ قالدىم، ئۆيگە بېرىپ يېتىۋالساملا ساقىيىمەن..

- ياق. بۇ ھالەتتە ئۆيگە بارسىڭىز بولمايدۇ. دوختۇرخانىغا بارايلى..

- مېنىڭ دوختۇرغا بارغۇدەك پۇلۇم يوق. ئۆتۈنۈپ قالاي.ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇڭ..

- مەن ئەپ باراي.. پۇلنى مەن بېرىپ تۇراي..

- ياق بولدى، ھېلىمۇ سىزگە قەرز بوپ كەتتىم، ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇڭ. ئۆتۈنۈپ قالاي.. گەپ قىلغۇدەك ماغدۇرۇم يوق..

ئۇ ماشىنىنى ھەيدىدى. بايىقى ئورنۇمغا كېلىپ يېتىۋالدىم. كۆزۈمنى ئاچالايدىغاندەك قىلمايتتىم.

 بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.

- مەھەللىڭىزگە كەلدۇق.. - ئاستا كۆزۈمنى ئېچىپ قىينىلىپ بېشىمنى كۆتۈردۈم. ئۇ ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىنى ئېچىپ مېنى يۆلىدى.

- بولدى. مېنى يۆلىمەڭ. ئۆزۈم ماڭالايمەن..

ماشىنىدىن چۈشۈپ ماڭماقچى بولدۇم، لېكىن ماغدۇرسىز ئىدىم. ئۇ مېنى يۆلىدى.

- جاھىللىق قىلماڭ. مەن ئەكىرىپ قوياي.. بۇ ھالەتتە تۇرسىڭىز يىقىلىپ چۈشىسىز..

- ئۇنىڭغا نېمىش بولدى؟

تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ دادامغا قارىدىم. ئۇ بىردەم ماشىنىغا بىردەم ئاشخانا خوجايىنىغا قارايتتى.

- تۈنۈگۈن بەك ئىشلەپ كېتىپ ئاغرىپ قالدى..

- ۋاي بالام سىزنى ئاۋارە قىپتىمىز.. ئەمىسە ئۆيگە كىرىڭلار..

دادام مېنى يۆلىمەستىن ئۇنى ئۆيگە باشلىدى. دادامنىڭ مۇئامىلىسى ياردەمچى يىگىتنى كۆرگەندىكى مۇئامىلىگە ئوخشىمايتتى، ئۇ بۇ ئېسىل ماشىنا ھەم سالاپەتلىك يىگىتنى، ئاددىي ماشىنىسى بار ياردەمچى يىگىتكە قارىغاندا بەكرەك ياقتۇرغاندەك قىلاتتى.

 ئاشخانا خوجايىنى مېنى يۆلەپ ئۆيگە ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن ياتاق ئۆيدىكى كارىۋاتتا ياتقۇزدى. ئۇ ئەتراپقا ئەستايىدىل قاراشقا باشلدى. ئۆيۈمنىڭ ئاددىي ھەم قالايمىقانلىقىدىن خىجىل بولىۋاتاتتىم.

- سەت بولدى.. ئۆيۈم بەكلا ئاددىي..

- نېمىلەرنى دەۋاتىسىز، مەن ئېسىقلىق لۆڭگە بارمىدۇ دەپ قاراۋاتىمەن..

- ھېلىمۇ ئەكەپ قويدىڭىز، بولدى، قالغىنىنى ئۆزۈم قىلاي..

دادام بىر تەخسە مېۋىنى كۆتۈرگىنىچە كىردى.

- ۋاي بالام.. مېۋە يەڭ..

 ماڭا ئادەتتە بىرەر قېتىم مېۋە سۇنۇپ باقمىغان دادامنىڭ ئۇنىڭغا مېۋە سۇنىۋاتقىنىدىن ھەيران ئىدىم.

- رەھمەت تاغا.. مەن قايتاي.. ئۆيدە زۇكام دورىسى بارمۇ؟

- ئاۋال مېۋە يەڭە، قالغىنىنى ھېلى قىلىمىز..

دادام مېنىڭ كېسىلىمدىن بەكرەك ئاشخانا خوجايىنىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا كۈچەۋاتاتتى.

- رەھمەت. ئۇنىڭ كېسىلى مۇھىم. دورا بولمىسا مەن ئەكىرىپ بېرەي..

ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن دادام يېنىمغا كەلدى.

- ۋاي، بۇ كىم؟ يىگىتىڭما؟ بايدەك قىلامدۇ نېمە؟!

دادام باينى كۆرگەن خوشاللىقتا مېنى تۈنۈگۈن كەچتە قايتمىغىنىمغىمۇ كۆڭۈل بۆلمەيۋاتاتتى.

- يىگىتىم ئەمەس، خىزمەتدىشىم..

- يالغان گەپ قىلما. خىزمەتدىشىڭ شۇنداق جىقما؟ بۇ يىگىتكە قارىسام ساڭا كۆڭلى باردەك قىلىدۇ.. تۈنۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللىمىتىڭ؟

- دادا، ئارىمىزدىكى دادا-بالىلىق ھۆرمەت بۇزۇلمىسۇن.. تۈزۈك گەپ قىل..

- مەن قارىسام ئۇ بولىدىغاندەك قىلىدۇ. پۇلى باركەن.. ماشىنىسىمۇ ئېسىلدەك تۇرىدۇ.. ساڭا ماس كېلىدىكەن..

- دادا، مەن ئاغرىپ قالدىم، قىزىپ كېتىۋاتىمەن.. ھازىرقى مۇھىم مەسىلە مۇشۇ..

- ۋاي زۇكام دېگەن بىر كۈندە ساقىيىدۇ.. تازىمۇ ئۇششۇقكەنسەن..

دادام چىقىپ كەتكەندە ئۈمىدسىزلىكتە يېتىپ قالدىم. ئۇنىڭ ئۈچۈن باي كۈيئوغۇلنى تېپىش قىزىنىڭ ئاغرىپ قېلىشىدەك مۇھىم ئەمەس ئىدى.

 ئاشخانا خوجايىنى بىر خالتا دورىنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى.

- دورا ساتقۇچى ماۋۇ دورىلارنى تەۋسىيە قىلدى. مەن تەييارلاپ بېرەي..

- رەھمەت. بەك جاپا تارتتىڭىز، دورىنى ئۆزۈم تەييارلاي، تۇرۇپ بىر ئاز نەرسە يەۋېلىپ ئاندىن دورا يەيمەن.. سىز قايتىۋېرىڭ..

ئۇ يېنىمغا كەلدى.

- بىرەر نەرسە لازىم بولسا دەڭ.. مەن ئەكەپ بېرىمەن..

- ياق. لازىم ئەمەس، ساقىيىپ كېتىمەن. ئەنسىرىمەڭ..

ئاشخانا خوجايىنى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قىينىلىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئاشخانىغا كىرىپ ئېشىپ قالغان بىر چىشلەم مومىنى كۆردۈم.

- دادا يېگۈدەك باشقا نەرسە يوقمۇ؟

- ئەتىگەن يەپ بوپتىمىز.. ئاپاڭ ھېلى ئالغاچ كېلەرمىكىن..

ئېشىپ قالغان مومىنى قايناقسۇغا چىلاپ يېيىشكە باشلىدىم. كۆڭلۈم ئېلىشىپ ياندۇرۇشقا ئاز قالدىم. لېكىن ھازىر تېزرەك ساقىيىش نېمە يېيىشتىن مۇھىم ئىدى. تۇيۇقسىز تېلىفونۇم سايرىدى. مالچى ھەدەمنىڭ نومۇرى ئىدى.

- سىز نەدە؟ ئىشقا كەلمىدىڭىزغۇ؟!

- ھەدە.. مىجەزىم يوق.. بۈگۈن ئېغىر زۇكام بوپ كېتىپتىمەن..

- تۈنۈگۈن قانداق بولدى؟

- مەن ھازىر ئۆيدە، گەپ قىلىش ئەپسىز، سىزگە سەل تۇرۇپ قايتۇراي..

- ماقۇل ماقۇل. ئەمىسە ياخشى داۋالىنىڭ.. خوش خەۋىرىڭىزنى ساقلايمەن..

ئۇنىڭ قايسى خوش خەۋەرنى دېگەنلىكىنى بىلەتتىم. ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئەر كەلتۈرۈش ئىشىدا مەغلۇب بولغىنىمنى دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتىم.

دورىلارنى يېگەندىن كېيىن ئاستا يېتىۋالدىم.

- ساڭا دېسەم مۇشۇ يىگىت بولىدىكەن.. ساڭا كۆڭلى باردەك تۇرىدۇ..

- دادا، مېنىڭ ھېچقانداق گەپ ئاڭلىغۇم يوق..

- يېشىڭمۇ بىر يەرگە باردى، بىز بىلەن ياشاۋەرسەڭ بولمايدۇ. توي قىلىشىڭ كېرەك..

- مېنى چىقىرىۋېتىشنىڭ پىلانىنى تۈزىۋاتقىنىڭنى بىلىمەن.. ئەنسىرىمە كېلەر ئايدىن باشلاپ ئىجارە پۇل بېرىمەن..

- سەن چىقىپ كەتسەڭمۇ بەرىبىر ماڭا تۇرمۇش پۇلى بېرىسەن.. مەن بۇنىڭغا قارىتا دېمىدىم..

- مەن كۆزۈڭگە سەت كۆرۈنۈپ، ئاۋۇ ئايالىڭنىڭ ئالدىغا سىغمىغاچقا شۇنداق دەۋاتىسەن..

- ياقەي، پۇلى بار ئادەمنى تاپقاندا چىڭ تۇتۇش كېرەك..

- دادا، بولمىسا مېنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىۋەتكىن.. شۇنداق قىلساڭ پۇل تاپىسەن..

دادام قولىنى كۆتۈرۈپ توختاپ قالدى.

- ئاغرىق بولمىغان بولساڭ ئاغزىڭغىلا ئۇرماقچىتىم.. مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭ؟!

- سەن شۇنداق ئادەمغۇ، ئالدىنقى يولدىشىمنىمۇ بايكەن دەپ شۇنداق ھاياجانلىنىپ كەتكەنتىڭ، ئۇنىڭ مېنى خورلاشلىرى بىلەنمۇ كارىڭ بولمىدى، ئەمدى بىر ئېسىل ماشىنىسى بار ئادەم مېنى ئەكەپ قويۇپ بولغۇچە چىشىڭنى بېلەۋاتىسەن..

- مەن سېنى بېقىۋېرەمدىم.. تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئايالىم ئىككىمىزگە ئاران يېتىدۇ..

- كەلگىنىمچە تېخى بىر ئاي بولمىدى، بۇ ئۆيدە تاماقنى قانچىلىك يەپ كەتتىم.. پەقەت شۇ بىر ياتاق ئۆيدە تۇرىۋاتىمەن.. بېقىپ كەتتىم دەپ تاپا تەنە قىلغۇدەك تۇرۇپ كەتكىنىم يوققۇ..

- ئايال كىشى دېگەن تالانىڭ ئادىمى دەپ ئاڭلىمىغانما؟ توي قىلىپ ئاجرىشىپمۇ دادىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تۇرىۋالىدىغان ئىش نەدە.. .

- چۈشەندىم. ئاۋال چىقىپ كەت. مەن ساقىيىۋالاي..

دادام چىقىپ كەتكەندىن كېيىن كارىۋاتقا كېلىپ يېتىۋالدىم. يۈرىكىمنىڭ ئاغرىقى بەدىنىمنىڭ ئاغرىقىنى بېسىپ چۈشىۋاتاتتى.

 كۈنلەر ئۇزارغانسىرى ئۆزۈمنىڭ ھەممەيلەنگە پايدىلىنىش قۇرالى بولىۋاتقىنىمنى ھېس قىلىۋاتاتتىم. دادام ئۆزىنىڭ پۇل خۇمارى ئۈچۈن مېنى بايغا توي قىلىشقا مەجبۇرلايتتى، مالچى ھەدەم سودا ئۈچۈن مېنى يولى بار كىشىنى ئىندەككە كەلتۈرۈشكە زورلايتتى. ئاشخانا خوجايىنىمۇ ياخشى بولغان بىلەن مەن ئارقىلىق بۇرۇنقى ئايالىنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرۇشنى ئويلايتتى. ھەممەيلەن مەندىن پايدىلىناتتى، لېكىن ئۇلار بۇ ئارقىلىق مەندىن رازى بولمايتتى. پەقەت مېنى ئۆزلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشكە زورلايتتى. پەقەت ياردەمچى يىگىتلا ماڭا كۆيۈنەتتى، ئۇ مەندىن ھېچنېمىنى تەلەپ قىلمايتتى. لېكىن ئۇنى تاللاشقا سالاھىتىم توشمايتتى.

 ئازابتا ئۇخلاپ قالدىم.

 * * *

بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى. ئۆزۈمنىڭ بىر زۇكام بىلەن بۇنچە ئۇزاق يېتىپ قېلىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدىم. بەلكى بۇ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى چارچاپ بىر ئاغرىپ ئورنۇمدىن تۇرالمىغانلىقىمدىندۇر، ۋەياكى مۇشۇ ئاغرىقنى سەۋەب قىلىپ بەزى ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىمىغانلىقىمدىندۇر. گەرچە ھەركۈنى ئاچ توق يۈرۈپ تۈزۈك تاماق يېيەلمىگەن بولساممۇ، لېكىن دورىنىڭ كۈچىدىن يەنە ئۆرە تۇرغىنىمدىن خوش ئىدىم.

 سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئاشخانىغا ئۆتتۈم.

- ئۆيدە تۈزۈك يەيدىغان نەرسە قالمىدى، كەچتە ئالغاچ كېلىڭ..

- بۇ بىر ھەپتە ئىشلىمىدىم، يېنىمدا تۈزۈك پۇل يوق..

- بىر ھەپتە يەپ ياتقاندىكىن قايتۇراسىز.. يوق دەيسىزغۇ.. توردا نەرسە ساتقان پۇلچۇ؟

- تۈزۈك ساتا ساتماي يېتىپ قالدىم.. شۇڭا..

ئۆگەي ئاپام ماڭا قاراپ ئالىيىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئاشخانىنى ئاختۇرۇپ كۆكۈرۈپ قالغان ناننى ئالغاندىن كېيىن ئاغزىمغا تەڭلىدىم. لېكىن پۇراققا چىدىماي ھۆ قىلىشقا باشلىدىم.

 گېلىمدىن ھېچنېمە ئۆتمەي ئامالسىز شىركەتكە قاراپ ماڭدىم.

شىركەتكە كېلىپ ياردەمچى يىگىتنى كۆردۈم. ئۇ يېڭى ماللارنى رەتلەۋاتاتتى.

- بۇ نېمە ماللار؟!

- زاۋۇتتىن چىقارغان يۇيۇش سۇيۇقلۇقى..

- زاۋۇت بىلەن دېيىشىپ بولدۇڭلارما؟ بەك تېزغۇ..

- مال زاكاس قىلغانلار كۆپ.. سىز ئاغرىق بولغاندىكىن زاۋۇتقىلا بەردۇق..

- بۇمۇ بوپتۇ.. زاۋۇت چىقارسا تېخىمۇ تېز چىقىرىدۇ.. - ئوڭايسىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدىم. مەھسۇلاتنى زاۋۇت چىقاردى دېگەنلىك مېنىڭ ئارلىشىشىمنىڭ ھاجىتى يوق دېگەنلىك ئىدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章